قۇرئاننى يۈزدىن ئەمەس، يۈرىكىدىن ئوقۇش

ayet

رامىزاننىڭ ئۇلۇغلىقىدىن رامىزاندا ھەر مەھەللىدە قۇرئان مۇقابىلىسى ( بىر ئوقۇسا، يەنە بىرسى كىتاپقا قاراپ ئاڭلاپ بېرىش ) باشلىنىدۇ. ھەر تەرەپنى قۇرئان تىلاۋىتى قاپلايدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ. كۆرۈنىدىغان، كۆرۈنمەيدىغان شۇنداق شەيتانلاركى، ھەممىسى توپ توپى بىلەن باغلىنىدۇ. ئىنسان سىياقىدىكى گالاستۇك تاقىۋالغانلار، تاراتقۇلاردىكى، گېزىتلاردىكى، پۇقرا سىياقىدىكى، رەسمىي ئورگانلاردىكى… ھەر خىل شەيتانلار باغلىنىدۇ.

خەلقىمىز قۇرئان ئوقۇشنى يېڭىدىن ئۆگىنىشنى « يۈزىدىن ئوقۇش » ياكى « يۈزىگە قاراپ ئوقۇش » دەپ ئاتايدۇ. بۇ چىرايلىق ۋە دەل جايىدا ئېيتىلغان سۆز. قۇرئاننى يۈزىدىن ئوقۇش ئاتالغۇسى، يادا ئوقۇشتىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. دېمىسىمۇ يادا ئوقۇش، قاراپ ئوقۇشتىن ئەۋزەل. شۇنداقتىمۇ يۈزىگە قاراپ ئوقۇش، ھېچ ئوقۇمىغاندىن ياخشى. ئەسلىدە ھېچ ئوقۇمىغانلاردىنمۇ تۆۋەن تۇرىدىغانلار بار. ئۇلار « قۇرئانغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلەر » بولۇپ، ئەڭ رەزىل كىشىلەر دەل مۇشۇ « قۇرئانغا قارشى ئىسيان قىلغۇچىلار »دۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.

« يۈزىدىن ئوقۇش » ئۇقۇمى، گەرچە بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلمىسىمۇ، مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئىپادىلىنىشىدۇر. چۈشەنمەستىن ۋە قۇرمۇ – قۇر ئوقۇشنى « يۈزىدىن ئوقۇش » دېسەك، ئۇنداقتا يادا ئوقۇشنى نېمە دەيمىز؟ ئۇ تېگى تەكتىدىن چۈشۈنۈپ ئوقۇش ئەمەس، يۈزەكى ئوقۇش بولىدۇ. قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى ئەمرى بولغان « ئوقۇ » بىۋاستە ئەسلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرسى سىزگە « ئوقۇغىن، چۈشەنمىسەڭمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ » دېسە، ئۇنىڭ چىرايغا « سەن ساقمۇ؟ » دېگەن مەنىدە ھەيرانلىق بىلەن قارىمامسىز؟

ئۇنداقتا، ئاللاھمۇنداق بىر ئىشقا ئىنساننى بۇيرۇمدۇ؟ قۇرئاننى « ئەرەپ تىلىدا » نازىل  قىلغانلىقىنى ئوچۇق قىلىپ ئاللاھ بايان قىلىۋاتىدۇ! ئەرەپ تىلىدا نازىل بولىشى، ئوڭاي چۈشەنسۇن دەپ ئىنسانلار ئىشلىتىۋاتقان بىر تىلدا نازىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئاننى پات – پات « مۇبىن ( ھەم ئوچۇق ھەم چۈشۈنۈشلۈك، ھەم ئوچۇق بايان قىلغۇچى ) » سۈپىتى بىلەن چۈشەندۈرۈگۈچى ئاللاھ تۇر… « قۇرئان ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ » دېگۈچىمۇ ئاللاھ… قۇرئاننى « تەپەككۇر قىلغۇچى قەۋمگە … » ھەدىيە قىلغۇچى دەل ئاللاھ… پات – پات « ھەقىقەتەن ئازغىنىسىدىن باشقىسى قۇرئان ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمايدۇ » دەپ ئاگاھلاندۇرغۇچىمۇ ئاللاھ… يۇنۇس سۈرىسى 100 – ئايەتتە « پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازاپقا گىرىپتار قىلىدۇ » دېگۈچىمۇ ئاللاھ…

يۈزىدىن ئوقۇش ئاتالغۇسى ماڭا تۈركچىمىزدىكى « يۈزىگە قاراپ كۈلۈپ قويۇش » ئىدىيۇمىنى ئەسلىتىدۇ. ھەققىڭىزدە ياخشى نەرسىلەرنى ئويلاپ قويمايدىغان بىرسى ۋەياكى سىز بىلەن يېقىن ئەمەس بىرسى سىزگە تەبەسسۇم قىلسا، بۇنى « ماڭا كۈلدى » دەپ ئاتايسىز. « يۈزىدىن » بولغانلار يۈرەكتىن بولمىغانلاردۇر. « ساتھى ( يۈزەكى ) » ئىپادىسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەن « يۈزەكى » كەلىمىسى: چوڭقۇر بولمىغان، ئەگەر تىگىدىن قاراي دېسىڭىز شامالدا سورۇلۇپ كېتىدىغاندەك مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

قۇرئاننى يۈزىدىن ئوقۇشمۇ، قۇرئانغا قاراپ كۈلۈشكە ئوخشايدۇ. قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولغان مۇئمىنلەر، « مۇقابىلە » ھەرىكىتىنى يۈزەكى ئوقۇش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، خانىم – قىزلار ھەر رامىزان مۇقابىلە ئوقۇيدۇ. بەزىلىرى بۇ ئىشنى ئون يىلدىن بۇيان، بەزىلىرى 20، 30 ھەتتا 40 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنچە يىلدىن بۇيان قۇرئاننى « يۈزىدىن ئوقۇغان » بۇ خانىملار، ئۇنى تېگىدىن چۈشۈنۈپ ئوقۇشقا ئىنتىلمىگەن بولسا، دائىم قۇرئانغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، بىر قېتىم ئىچىگە، يۈرىكىگە قاراپ كۈلمىسە، يىراقتىن تونۇشقان قۇرئان بىلەن مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرمىسا، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتمىسا، يۈرەكتىن تونۇشۇشنى سىناپ باقمىسا… قۇرئان ئۇلاردىن رەنجىمەسمۇ؟

قۇرئاننى چۈشىنىشكە تىرىشىش، ئۇنى « تېگىدىن ئوقۇش »، ھەتتا « يۈرىكىدىن ئوقۇش » قا تىرىشقانلىق بولىدۇ. ئاللاھ كەلىمىلەرنىڭ قەلبىگە مەنالار يەرلەشتۈرگەن. كەلىمىلەرنىڭ قەلبىگە نازىل قىلىنغان مەنالار، مۇئمىن ئىنسانلارنىڭمۇ قەلبىگە نازىل بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، قۇرئاننى يۈزەكى ئوقۇش كۇپايە قىلمايدۇ، ئىچىدىن ئوقۇش شەرت. قۇرئانغا قاراپ كۈلۈپ قويغۇچىغا، قۇرئانمۇ كۈلۈپ قويىدۇ. قۇرئانغا يۈرىكىدىن چىقىرىپ تەبەسسۇم قىلغان كىشىگە، قۇرئانمۇ يۈرىكىدىن تەبەسسۇم قىلىدۇ.

ئېغىزىنى ئېچىپ سۆزلىگۈچى ئۆزىنىڭ چۈشىنىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. گۈلنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشى، بۇلبۇلنىڭ سايرىشى، قوزىلارنىڭ مەرىشىمۇ بىر مەنىگە ئىگە. يەنى بۇلار مەلۇم مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. كائىناتتىكى ھەر نەرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر مەنىسى بار. ئۇنداقتا ئىلاھىي ئاۋازنىڭ مەنىسى بولماسمۇ؟ ئاللاھ ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن خالىي. ۋەھىي بىر تىلاۋەت كىتابى ئەمەس، بەلكى بىر « ھايات كىتابى ». بۇ سەۋەپتىن ھاياتقا نازىل بولغان. ئۇ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يەنى ئۆز ئىپادىسى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىنى « قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن » نازىل بولغان.

قۇرئاننىڭ نۇرى ئۇنى چۈشەنگەن بىر ئەقىل ۋە قەلىبكە چۈشىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، « مەن چۈشەنمەيمەن، لېكىن ياشايمەن » دېيىش نېمىدىگەن ھاماقەتلىك؟ ساھابە كىراملار ئون ئايەتنى ئېلىپ، ياخشى چۈشۈنۈپ، ھاياتىغا تەدبىقلاپ، ئاندىن يەنە ئون ئايەت ئۆگىنەتتىكەن. بىز بىر – بىرىمىزگە ساھابىلارنىڭ قۇرئانغا تۇتقان بۇ سەمىمىي مۇئامىلىسىنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا، پالانچىنىڭ بىر كېچىدە قۇرئاننى قانچە قېتىم خەتىم قىلغانلىقىدەك ئاساسى يوق ھېكايىلەرنى ئاڭلىتىمىز. بۇ سەۋەپتىن، قۇرئان تەسەۋۋۇرىمىزمۇ « چۈشۈنۈش ۋە ھاياتىمىزغا تەدبىقلاش » چۈشەنچىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان تەسەۋۋۇر بولۇشتىن زىيادە، « ئاپتۇماتىك قايتىلاش » ئاساس قىلىنغان بىر تەسەۋۋۇر بولۇپ چىقماقتا.

نەتىجە نېمە، دەمسىز؟ نەتىجە ھەممىگە ئايان. قۇرئان دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدىغان، لېكىن ئەڭ ئاز چۈشۈنۈلگەن ۋە ئەڭ ئاز ھاياتقا تەدبىقلانغان كىتاب بولماقتا.

رامىزان مۇقابىلىلىرىنى، قۇرئاننى ھاياتقا ئېلىپ كىرىشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ بىلەيلى. مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۆيدىن يۈكسەلگەن قۇرئان تىلاۋەتى، ئالدى بىلەن چۈشۈنۈش مەقسەت قىلىنغان، ئاندىن ھاياتىمىزغا ئېلىپ كىرىش نىشان قىلىنغان قىرائەتكە ئايلانسۇن. مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۆيدىن پەقەت قۇرئان سادالىرىلا ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قۇرئانى بىر ھايات يۈكسەلسۇن. مانا بۇ ۋاقىتتا رامىزان ھەقىقىي مەنىسى بىلەن كېلىدۇ. كېلىدۇ ۋە ھېچ كەتمەيدۇ. كېلىدۇ ۋە قۇرئاننىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى ھاۋاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئېلىپ كېلىدۇ، ۋۇجۇدىنى خۇددى ئۆلۈك قەلبىنى ئېلىپ يۈرگەن بىر تاۋۇتقا ئوخشاش كەزدۈرۈپ يۈرگەن تىرىك جىنازىلەرگە يېڭىدىن ھايات بېغىشلايدۇ.