شاراپلىق روزا ياكى « تۈرك مۇسۇلمانلىقى »

 

بەلكىم كۆرگەنسىلەر، بىرسى « يېڭى يىل كېچىسى ھاراق ئىچسەم، روزام قوبۇل بولامدۇ؟ » دەپ سورايدۇ. رەسمى مۇپتى ( غەيرى رەسمىي مۇتىغۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ ): « قەتىئىي ئىچمىسەم بولمايدۇ دېگۈچىلەر، بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنىشى كېرەك » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

بېرىلگەن جاۋاپقا ئۆتۈشتىن بۇرۇن، سورالغان سوئالنىڭ مەنىتىقى ھەققىدە توختىلايلى. بۇ سوئال، ماڭا دۆلەت قوللاۋاتقان « تۈرك مۇسۇلمانلىقى » نەزىرىيىسىنى ئەسلەتتى. تۈرك مۇسۇلمانلىقى ھەققىدە جار سېلىۋاتقانلارنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. لېكىن مېنىڭ ئەقلىمىگە نوئەل ( يېڭى يىل بايرىمى ) بىلەن رامىزاننى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن؛ روزىسىنى ھاراق بىلەن ئاچسا بولىدۇ دەپ قارايدىغان؛ بەدەن مەملىكىتىنىڭ پايتەختى قەلبنى، شەيتان بىلەن پەرىشتە ئىتتىپاقدىن شەكىللەنگەن فىترەتكە يات بىر ھۆكۈمدارغا تاپشۇرغان « غەلىتە ئىمان »لىق بىر شەخسىيەت كېلىدۇ.

بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دېگەن سوئالىڭىزنى توغرا دەپ قارايمەن. مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ۋاقتىڭىزدا، بۇ جەھەتتە ھەقلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئوچۇق ۋە ئېنىق شەكىلدە ئېيتالايمەن. « نەرسىلەرنىڭ تەبىئىتى » دېگەن بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ نەرسىلەرنىڭ تەبىئىيتىگە / فىترىتىگە زىت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن.

سوغۇق بىلەن ئىسسىق، قىش بىلەن ياز، ئوت بىلەن سۇ، ئويمان بىلەن دۆڭنىڭ بىر – بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن. ئىمان بىلەن كۇپۇر، ھەق بىلەن باتىل، پەرىشتە بىلەن شەيتان، ياخشى بىلەن يامان، چىرايلىق بىلەن سەت، توغرا بىلەن خاتا، ساۋاپ بىلەن گۇناھمۇ بىر – بىرى بىلەن زىت. لېكىن، ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەدە « ئاق – قارا »غا ئوخشاش ئىككىسىدىن بىرسى كۈچكە ئىگە بولغان نوقتىدا، ئەمەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەرنى « ئاق ۋە قارا » پرىنسىپىغا سالغان ۋاقتىڭىزدا، ئېنىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغان بىر تۈركۈم مەسلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. شۇڭا بۇ سەۋەپتىن بۇ مەسىلىنى، شىرىك قوبۇل قىلمايدىغان ئەقىدە ساھەسىنىڭ « ئاق ۋە قارا » پرىنسىپىغا سالماي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەمما بۇنداق مۇرەككەپ بىر زېھنىيەتنى، پەقەت « ئەمەلى » بىر ئازغۇنلۇق بىلەن چۈشەندۈرۈگىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئاستىدا باشقا مەسلىلەر ياتىدۇ دەپ قارايمەن.

سوراپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، بۇ سوئالنى سورىغۇچى روزىنى نېمە ئۈچۈن تۇتىدۇ؟ روزا تۇتۇشتىكى مەقسىدى نېمە؟ روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر « ئادەت » مۇ؟ ياكى بىر « ئىبادەت »مۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، مائۇن سۈرىسىدىكى، « شۇنداق ئىبادەت قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! » ئايىتى خىتاپ قىلغان « دىندار (!) مۇشرىكلار »نى ئەسلىتىپ، « دىننى يالغانغا چىقارغان » ھالدا روزا تۇتۇپ، بۇنى ئەنئەنىۋىي مۇسۇلمانلىقنىڭ بىر تەقەززاسى دەپ قارامدىغاندۇ؟ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان « دىننى يالغانغا چىقىرىش »، دىننىڭ بىر پۈتۈن ھايات بەرپا قىلىش پىلانى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇنداق بىر كىشى روزا پەرز قىلىنغان ئايەتنىڭ، بۇ ئىبادەتنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق روزىنىڭ ئىنساندا ئاللاھ قا، ئىنسانلارغا، مۇھىتقا ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن « مەسئۇلىيەت ئېڭى »نى ئويغۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسا، يەنە مۇشۇنداق بىر مەنتىق ئىچىگە كىرىپ قالاتتىمۇ؟ يەنە ئۇ كىشى ھاراق ئىچىشنى چەكلەشتىكى مەقسەتنىڭ « ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەقلىگە زۇلۇم قىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويۇشقا ئۇرنۇش خاھىشى »نى توساشنىڭ مۇددىئاسى بىلەن بولغانلىقى چۈشەندۈرۈلسە، مۇشۇنداق بىر – بىرىگە زىت مەنتىقىنى ئوتتۇرىغا قوياتتىمۇ؟

ھەممىدىن مۇھىمى، بىر ئىبادەتنى ئىبادەت قىلغان ئامىلنىڭ، ئىماندىن ئېتلىپ چىققان بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش، شۇنىڭدەك ساھىبىغا ھەق ۋە مەسئۇلىيەت ئارتقان بىر ئىماننىڭ، ئىنسان بىلەن رەببى ئارىسىدىكى بىر ئەھدە ئىكەنلىكىنى بىلىش بولۇپ، ئەگەر سوئال سورىغۇچى بۇ ھەقىقەتنى بىلگەن بولسا، سورىغان سوئالىنىڭ زىتلىق بىلەن تولغان، ھەتتا ھاماقەتلارچە سورالغان، ئەھمىيەتىسىز بىر سوئال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەسمىتى؟

ئەمدى سوئالغا بېرىلگەن جاۋاپقا قاراپ باقايلى. بېرىلگەن پەتىۋادا، سوئال سورىغۇچىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش چۈشەنچىدىكىلەرنىڭ جاھالىتىگە خاتىمە بەرگۈدەك، ئۆزى چۈشۈپ قالغان بۇ زىتلىقنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم قىلغۇدەك بىر يىپ ئۇچى يوق. ئەكسىچە، سوئالنى ئادەتتىكى بىر سوئال قاتارىدا كۆرگەن قورقۇنچ تەپەككۇر يوقسۇللىقىغا دۇچ كەلمەكتىمىز.

بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرگەن مۇپتىنىڭ ئەھۋالى، يۇقىرىدىكى سەۋەپتىن سوئال سورىغۇچىدىنمۇ خەتەرلىك بولۇپ، تۈركىيەدە رەسمىي « دىن خادىملىرى » ئارىسىدىكى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلە، تىزدىن ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ ئالدىمىزغا چىقىۋاتىدۇ.

بۇ مەسىلە « دىن تەسەۋۋۇرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى » تېمىسى ئاستىدا تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. ھەقىقەتەن بۇ مەملىكەتتە كوچىدىكى ئادەتتىكى بىر كىشىلەرنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە « دىن خادىملىرى » دەپ ئاتالغان تەبىقىنىڭ دىن تەسەۋۋۇرىدا ئېغىر دەرىجىدا بۇزۇلۇش، ئېغىپ كېتىش ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەيدانغا كەلدى.

« يېڭى بىر دىن تىلى » ئەلۋەتتە لازىم. مەۋجۇت دىن تىلى دەۋرىمىز ئىنسانلىرى چۈشىنەلمەيدىغان غەلىتە بىر قۇش تىلىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا كىشىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتالمايۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايۋاتىدۇ. يەتكۈزۈلىشى زۆرۈر بولغانلارنىڭ يەتكۈزۈلمەي، سۈكۈتتە تۇرۇشى كېرەك بولغان نەرسىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بۇ.

لېكىن، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر دىن تەسەۋۋۇرىنىڭ ئۈستىگە، يېڭى بىر دىن تىلى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنسىڭىز نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟

ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ئوتتۇرىغا چىقىدىغان نەتىجە:
« زامانىۋىي چۈشەنچىدىكى شەيخۇل ئىسلام »لىقىغا تۆھپە قوشۇش بولىدۇ، خالاس.