سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئىماملار ۋە سۇلتانلار

مەزھەپچىلىكنى قامچىلىغان كىتاپ « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » نىڭ ئۇيغۇرچە ئېلكىتابى چىقتى! ( چۈشۈرۈۋېلىڭ)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەرەكەتەھۇ ھايات كىتابىم تورى ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى! جۈمە ئاخشىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن! ھەپتە ئاخىرىدا كۈنۈڭلارنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن « 2015 ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇش يىلى » دا ئوقۇيدىغان كىتاپ تىزىملىكىڭلىگە يەنە بىر يېڭى كىتاپ « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » نىڭ ئۇيغۇرچىسى قېتىلدى! كىتاپنىڭ ھەرخىل تور نۇسخىسىنى توركىتاپ سەھىپىمىزدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ: https://www.facebook.co ...

داۋامى

خاتىمە

خاتىمە   « ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەت ئىدى، كەلدى كەتتى. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋاپكار ئەمەس » ( بەقەرە، 141 ). باشقىلارنىڭ قىلغانلىرى / ئەمەللىرى بىلەن ماختىنىشنىڭ ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق. بۇ خىل پوزىتسىيە پەقەت ئۆزىنى گوللىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىمۇ ئوخشاش، يەنى باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ...

داۋامى

زالىم ۋە پاسىقنىڭ ھاكىمىيىتى

زالىم ۋە پاسىقنىڭ ھاكىمىيىتى « ئۈممەتنىڭ مېلىنى مەشرۇ بولمىغان يوللار بىلەن خەجلىگەن ياكى زۇلۇم بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە ئاللاھ نىڭ ئەمىرلىرىنى تەرك قىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن ھاراملارنى ھالال قىلغان كىشىنىڭ رەھبەرلىكى ( باشقۇرۇشى ) باتىلدۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە ھۆكۈملىرى كۈچكە ئىگە ئەمەس ». ئىمام ئەزەم ئىسلام سىياسەت تارىخىدا ھېچقانداق بىر فاقىھ، كاپىرنىڭ ھاكىمىيىتى توغرىسىدا دەتالاش قىلمىغان. چۈنكى كاپىر ...

داۋامى

ئىجتىھاد ۋە سەلتەنەت – بەيئەت ۋە شەرتلىرى

ئىجتىھاد ۋە سەلتەنەت   بەيئەت ۋە شەرتلىرى   « بىزنى بۇ يەرگە يىغىشىڭىدىكى مەقسەت، بىزنى قورقۇتۇپ سەلتەنەتىڭ ئۈچۈن پايدىلىنىشتۇر. بۇ ئارقىلىق ساڭا ۋاكالەتەن خەلققە تەسىر كۆرسىتىشىمىزنى ۋە قىلمىشىڭلارنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق دەپ كۆرسىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىسەن. سەن، پەتىۋا بېرىشكە لاياقەتلىك ئىككى كىشى بولسىمۇ ھەمپىكىر بولمىغان غەيرى مەشرۇ ( شەرىئەتكە زىت ) يول بىلەن خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇردۇڭ. ھالبۇ ...

داۋامى

ئىسيان ھەققى

ئىسيان ھەققى   « ئاجايىپ ئىش! مۇسۇلمانلار قېنىنىڭ ئىتنىڭ قېنىدەك تۆكۈلىشىگە سۈكۈت قىلغانلار، بۈرگە قېنىنىڭ ھۆكمىنى سورىشىدۇ ». ھەسەن ئەلبەسرى   ئىمام ئەزەم، مۇسۇلمانلارنىڭ پاسىق ۋە زالىم ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۆرىشىنى، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر پەرزىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىغان. ئەبۇ ھەنىفە بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس بولۇپ، ئەمەۋىلەر خەلىپىلىكنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغ ...

داۋامى

ئەمرى بىلمەئرۇف ۋە نەھىي ئەنىلمۇنكەر

ئەمرى بىلمەئرۇف ۋە نەھىي ئەنىلمۇنكەر   بىزگە نەسىھەت قىلمىساڭلار، بىز سىلەرگە قۇلاق سالمىساق، بىز ( ھەممىمىز )دە ياخشىلىق يوق. ھەزرىتى ئۆمەر   ئىنسان، ھەر دائىم نەسىھەتكە مۇھتاج شەكىلدە يارىتىلغان. مىللەتمۇ بۇ ھەقىقەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ، پات – پات ئەلچىلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق توغرا يۆنىلىشتىن قېيىپ كەتكەن ئىنساننى قايتىدىن توغرا يولغا يېتەكلىگەن ۋە كىتاپلار نازىل قىلغان. ئەلچىلەر ...

داۋامى

نوپۇز ۋە ھاكىمىيەت

نوپۇز ۋە ھاكىمىيەت   « مەندىن كېيىن، پاسىق / ئەسكى كىشىلەر دەۋر سۈرىدۇ. ئېيتقانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ، قىلمىغانلىرىنى قىلدۇق دەيدۇ. قىلىشقا بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. كىم ئۇلارغا قارشى قولى بىلەن ئۇرۇش قىلسا، ئۇ مۇئمىندۇر. تىلى بىلەن ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلسا، ئۇمۇ مۇئمىندۇر. قەلبى بىلەن ئۇلارغا قارشى نارازى بولسا، ئۇ كىشىمۇ مۇئمىندۇر. بۇنىڭدىن باشقىلاردا تىرىقچىلىقمۇ ئىمان يوقتۇر ». مۇھەممەد ئەلەيھ ...

داۋامى

5.باپ سىياسەت ۋە ئىمامى ئەزەم

سىياسەت ۋە ئىمامى ئەزەم 1. يېتەكچىلىك دىن ۋە سىياسەت   « كۆرمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى، باشقۇرۇلىشى يالغۇز ئاللاھ قا ئائىتتۇر... »                                                                                     ( نۇر، 42 )   سىياسەتنى قىسقىچە قىلىپ « باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ھەر شەيئى » دەپ ئېنىقلىما بەرسەك، ئىنساننى بۇ ئېنىقلىمىنىڭ سىرتىدا دەپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئىنسان يا ...

داۋامى

مەشرۇئىيەت

مەشرۇئىيەت   راشىد خەلىپىلەر دەۋرىدە مەشرۇئىيەت ( قانۇنىي، شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولۇش ) مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولۇپ، ھاكىمىيەت ئاللاھ رەسۇلى بەلگىلەپ بەرگەن ئاساسلار ئۈستىدە داۋام قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ ئىلاھى تاللاش بىلەن روياپقا چىققان ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، ئۆرنەك تەشكىل قىلىدىغان ئىسلام سىياسىتى، ئۆزىگە خاس تۈزۈلمىسىنى ئاساسەن دېگۈدەك راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر دەۋر ...

داۋامى

مۇستەقىل فىقىھ كېڭىشى

مۇستەقىل فىقىھ كېڭىشى ئەسرى سائادەتتە مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مەسلىلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باراتتى، رەسۇلۇللاھ بىلىدىغانلىرىغا جاۋاپ بېرەتتى، بىلمەيدىغانلىرى ئۇنىڭغا ۋەھىي ئارقىلىق ئۈگىتىلىدىغان بولۇپ، ھەممە ئىش جانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلاتتى. ھېچقانداق بىر نەرسىنى يىغىشقا ياكى يۇشۇرۇپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. يەنى بىلىم بىر « مىراس » ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. بى ...

داۋامى

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش