رامىزان، ئەگەر ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻳﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ بولالمايتتى
ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ. ﺑﯘ ﻛﯩﺮ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻛﯩﺮ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﺯﯦﮭﯩﻦ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﻯ.
ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ. ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺑﯘ ﻛﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﮪﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺳﯚﺯ، ﭼﯜﺷﻪنچىنى، ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﻛﯩﺮﻟﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺯﯦﮭﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ، ﺯﯦﮭﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺯﻭﻕ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ ﻏﯩﺰﺍﺳﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ.
ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ، ﻗﻪﻟﺐ ﯞﻩ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﻛﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﺵ، ﻛﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻨﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. « ﻳﯘﻳﯩﯟﻩﺗﺴﻪﯓ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ » ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺮ. ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮىدۇر. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ: « ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺪﯗ؟ ».
ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻛﯩﺮ ﯞﻩ ﺩﺍﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. ﯞﻩﮪﯩﻲ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻼﮪﻰ ﺷﯩﭙﺎ ﻏﻪﺯىنىسىدۇر.
ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ، ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻏﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ، ﺧﺎﻻﺱ.
ﺭﻭﺯﯨﻤﯘ ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. ﮪﻪﺭ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﮪﯧﻜﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﻏﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﮪﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﮪﯩﻲ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﺘﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ – ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺴﯩﺰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﮪﯩﻴﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺴﯩﺰ.
ﺭﻭﺯﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ: « ﺋﻰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺯﺍ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ( ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺭﻭﺯﯨﺴﻰ ) ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ». ﺑﯘ ﺋﯩﻼﮪﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻼ ﺭﻭﺯﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﮪﺎﻟﺪﺍ مۇنداق ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ: « ﻟﻪﺋﻪﻟﻠﻪﻛﯘﻡ ﺗﻪﺗﺘﻪﻗﯘﻥ – ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ … ».
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ « ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ » ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ، ﺋﯘﻧﻰ ﮪﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ.
ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ؟
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ… ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺟﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻧﯩﯔ ﺷﺎﮪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺴﻪ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. « ﺗﻪﻗﯟﺍ »ﻟﯩﻖ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘنىڭ ﻗﯘﺭﺋﺎنى ﺋﯩﭙﺎﺩىسىدۇر.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﯓ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺭﻭﮪﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻭﮪﻨﯩﯔ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯗﻟﯩﺸﻰ… ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻳﯩﻨﭽﻪ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ، ﺭﻭﮪ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﮪﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﻰ – ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﯩﺰﺍﻻﻧﺪﯗﺭﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﯩﺰﺍﻻﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﻠﻰ، ﺋﻪﻗﻠﻰ، ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻰ ﻳﻮﺭﯗﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺐ ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ، ﻗﻪﻟﺐ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ، ﻗﻪﻟﺐ ﺑﯘﺭﻧﻰ ﮪﯩﺪﻻﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﻩ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﻩﺑﺒﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﮪﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻩﺑﺒﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮪﯩﻐﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﺑﯘﺩﯨﻴﻴﻪﺕ ( ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ) ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﯩﻦ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯜﺷﻜﯩﻨﻰ ﺭﯗﺑﯘﺑﯩﻴﻴﻪﺕ ( ﺭﻩﺑﻠﯩﻚ ) ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﺑﯩﺮ « ﻣﯩﺮﺍﺝ » ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ « ﻧﯘﺯﯗﻝ » ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯞﻩﮪﯩﻲ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺳوﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯞﺍﭖ بولۇپ، ئۇ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﯞﻩﮪﯩﻲ، ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﮪﯩﺮﺍ ﻏﺎﺭﯨﺪﺍ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ ﯞﻩﮪﯩﻴﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻨﻰ « ﺋﺎﻳﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ » ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘ « ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ » ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﮪﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻴﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ئۇنىڭ ﺋﺎﻳﻼﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩﮪﯩﻴﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺩﯦﻴﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ مەقسەﺕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ:
ﯞﻩﮪﯩﻲ، ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ / ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭﺩﯨﻦ ( ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻱ 83 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ )ﻣﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﮕﻪ، ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻐﺎ، ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ، ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﯖﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﯖﻤﯘ؟
ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ، ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ( ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﮪﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺶ، ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﻪﺵ … ) ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﻪﮪﻤﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﺪﺍ « ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﻣﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﯩﯖﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ! » ﺩﻩﭖ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﯞﻩﮪﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻣﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.
ﺑﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﯞﻩﮪﯩﻲ ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ ﻣﯘﮪﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺧﻮﺵ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ، ﻧﺎﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻞ!