ئۆمرى رامىزان بولغان كىشىنىڭ ئاخىرىتى ھېيىت – بايرام بولىدۇ


رامىزان بەزىلىرىمىزنى خوش ھالدا، بەزىلىرىمىزنى بوش ھالەتتە تاپتى.

رامىزان بوش ھالەتتە تاپقانلىرىنىڭ ئىچىنى توشقۇزاتتى، ناخوش بولغانلارنى خوشال قىلاتتى، ئەلۋەتتە. شۇنداق قىلاتتى، لېكىن بەزىلىرىمىز رامىزاننىڭ ئۆزىمىزنى تولدۇرۇشى ئۈچۈن قەلبىمىزنى ئۇنىڭغا ئاچمىدۇق. رامىزاننىڭ ئىپار ھىدىغا ئۆزىمىزنى تاپشۇرمىدۇق، زېھنىمىزنى رامىزانغا يۇيدۇرمىدۇق.

قەلب ئىشكىنى ئاچمىغانلارنىڭ بەلكىم بىر ئۆزىرى باردۇر. ئىچى ئەخلەت ساندۇقىغا ئايلىنىپ قالغان بىر قەلىبكە « سۇلتان » قېنى مەرھەمەت، دېگىلى بولاتتىمۇ؟ ئۇ شۇنداق قەلىبلەر ئىدىكى، خۇددى دېڭىزنىڭ تېگى ئوخشاش بولۇپ، نېمە ئىزدىسىڭىز بار ( خۇددى ئەخلەت مەيدانى ). تۈرلۈك – تۈرلۈك دۇنيالىقلار، كونىراپ كەتكەن سەۋدالار، ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ھەۋەسلەر، ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان ئارزۇلار، گۇناھلار تامچىلىرى قارايتىۋاتقان لەكىلەر بىلەن تولغان … شۇنداقتىمۇ قەلبلىرىنى ئېچىشى كېرەك ئىدى. ئايلارنىڭ سۇلتانىنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن بولمىسىمۇ، كىرلەنگەن قەلىبلىرىنى پاكلىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئېچىشى كېرەك ئىدى.

رامىزاننىڭ مىسكى ئەنبەر كەبى ھوزۇر بېغىشلىغۇچى ھىدىغا ئۆزىنى تاپشۇرمىغانلار، كىم بىلىدۇ، ئەس – ھۇشىنى تاپالماي قالغاندۇ بەلكىم. ئۇلار، باشقىلارنى ۋە نەرسىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئادرىسىنى، ئىسىم كارتىنى ساقلاپ قويدى، ئەمما ئۆزىنى ئىزدىگەن ۋاقىتتا قانداق تاپىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقتىن، ئەس – ھۇشىغا كېلىشتە قىينالدى.

زېھنىنى رامىزانغا يۇيدۇرمىغانلار، « ئەقىل روزا تۇتمايدۇ » دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، ئەقىلمۇ خۇددى قەلىب، كۆز – قۇلاق، تىل ۋە لەۋ، قول – پۇتقا ئوخشاش روزا تۇتىدۇ. ئەمما ئۇلار، روزىنى « ئاشقازاننى باشقۇرۇش » دەپ ئويلاپ قالدى.

كۆڭۈل ئىشكىنى رامىزانغا ئاچقانلار، رامىزاننىڭ پۈتۈن ئىھتىشامى بىلەن كېلىپ تەخت قۇرغانلىقىنى كۆردى. مېھمان ئون بەرىكەت بىلەن كېلىپ، بىرىنى يەپ توققۇزىنى ساھىپخانغا قويۇپ كېتىدۇ. رامىزان سۇلتانى مىڭ بەرىكەت بىلەن كەلدى، ھېچنەرسىنى يېمەي ھەممىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.

ئۇنى ياخشى كۆرگەنىدۇق، خۇددى جەننەتتىن كەلگەن بىر بادى سابا، بىر سەھەر شامىلى ئىدى ئۇ. كۆڭلىمىزنى سۆرۈنلەتتى ۋە قايتىپ كەتتى. گويا « جەننەتتىن كەلگەن جەننەتكە قايتىدۇ » دېگەندەك قىلاتتى. ھەر نەرسە ئەسلىگە قايتىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ خۇددى « ئەي ئىنسان! سېنىمۇ سۈرگۈن قىلىنغان ماكانىڭ بولغان جەننەتكە چاقىرىمەن » دېگەندەك قىلاتتى. يەنە « ئەي ئىنسان، مەن ھەر يىلى سەن سۈرگۈن قىلىنغان جەننەتنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ كېلىمەن » دەۋاتقاندەك ئىدى. يەنە « شۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادا باغلارغا، باغچىلارغا، باھارغا، گۇل – چېچەكلەرگە، ئورمانلارغا، دەريالارغا، شاقىراتمىلارغا قارىغان ۋاقتىڭدا ھېس قىلغان تۇيغۇلىرىڭ، ئەسلىدە تۇنجى كۆز ئاغرىقىڭ جەننەتكە بولغان سېغىنىشىڭنىڭ بىر پارچىسى. مەن مانا بۇنى ساڭا ھېس قىلدۇرۇش، ئادەم ئاتاڭدىن مىراس ئالغان بۇ پۇراقنى ساڭا ئەسلىتىش ئۈچۈن كەلدىم » دېمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.

مانا ئەمدى ئۇ كېتىۋاتىدۇ، سۇلتان ئەلۋىدا دەۋاتىدۇ.

روزىنى پەقەت ئاشقازىنى بىلەنلا ئەمەس، قەلبى بىلەن تۇتقانلار، بۇ كېتىشكە قەلبتىن ئىنكاس قايتۇرسۇن. روزا تۇتقان، تۇتۇپ قويۇپ بەرگۈسى كەلمىگەن ھەر قەلىبكە، روزا ئېلىپ كەلگەن بەرىكەتنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ بەرىكەت سۇلتانلارنىڭ ھەدىيەسى ئىدى. بۇ بەرىكەت، ئەگەر قەدرىگە يەتكەن ۋاقىتتا بىر يىلنى رامىزان قىلىشقا يېتىدۇ. رامىزان پەقەت بىر ئايلا بولمايدۇ، رامىزان ھەر ئاي بولىدۇ. رامىزان باھارىنىڭ كۈچى كۆڭۈل كۈزىنى، قىشىنى، ياز پەسلىنى، قىسقىسى ھەر پەسىلىنى دائىمى بىر باھارغا ئايلاندۇرىدۇ.

ھەر رامىزاننى مۇشۇنداق ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆمرى رامىزان بولىدۇ، ئەلۋەتتە. رامىزاننىڭ قايتا – قايتا كېلىشىمۇ، ھاياتنى باشتىن – ئاخىرى رامىزان قىلىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ھىجرى كالىندارى بويىچە يىلدىن – يىلغا ئايلىنىپ كېلىشى، زاماننىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈندۇر. بۇ خۇددى ئارقا – ئارقىدىن يەر يۈزىنى قاپىلغان ئەزان ئاۋازى ۋە نامازغا ئوخشايدۇ. زاماننى مۇھاسىر قىلغان رامىزان ھاياتقا ئايلىنىدۇ، يەنى ھايات رامىزان بولىدۇ.

رامىزاننىڭ سەۋەبى ۋەھىي، ۋەھىينىڭ سەۋەبى ئىنسان. رامىزان ۋەھىي ھۆرمىتىگە، ۋەھىي ئىنسان ھۆرمىتىگە نازىل بولغان. رامىزان ۋەھىينىڭ لىباسى، ۋەھىي رامىزان لىباسىنى كەيگەن ۋۇجۇتتۇر. بۇ بەدەننىڭ روھى نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇ « ئىنسان »دۇر، دەيمەن.

ۋەھىي نازىل بولغان كېچە بىر ئۆمۈرگە تەڭ كېلىدۇ ( مىڭ ئاي – 83 يىلغا تەڭ كېلىدۇ ). ۋەھىي نازىل بولمىغان بىر ئۆمۈر بىر كېچىگە؛ ھەبا بولغان، ئىسراپ قىلىنغان بىر ئۆمۈرگە ئوخشايدۇ. بۇ ئەھۋالدا رامىزانغا ئايلانغان بىر ئۆمۈرنىڭ نېمىگە لايىق بولىدىغانلىقىنى سوراشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، جەننەتكە لايىق. ھېيىت، مانا بۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر. ھېيىت، قەلىبنىڭ بۇرنىغا جەننەتتىن بىر پۇراقنىڭ يەڭگىل ئۇرلۇپ ئۆتىشىدۇر.

بۇ كۈنلەردە پەرىشتىلەرنىڭ دۇئاسى مۇنداق بولسا كېرەك: ئۆمرىڭىز رامىزان، ئاخىرىتىڭىز ھېيىت – بايرام بولسۇن!