قۇرئان ۋە رامىزان 1

ۋاقىت ۋە ئىنساننى ياراتقان، ۋەھىينى نازىل قىلغان، زامان ۋە ئىنساننى ۋەھىي بىلەن شەرەپلەندۈرگۈچىنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن.

زامانمۇ خۇددى ئىنسانغا ئوخشاش بىر تىلسىم. زامان تىلسىمىنىڭ ئىچىگە نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىنسان، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىنى خاتىرىلەپ ماڭغۇچى، كەلگۈسى ئۈچۈن خىياللار سۈرۈپ، پىلان قىلغۇچى يىگانە مەخلۇقتۇر.

ۋاقىت، ئىنسان ۋە ۋەھىي…

بۇ ئۈچى بىرلەشكەن نوقتا « شاھىتلىق »تۇر.

ئاللاھ زامان ۋە ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى تىلىملار بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ۋەلفەجىر – سۈبھى بىلەن قەسەمكى؛ ۋەششەفاق – شەپەق ۋاقتى بىلەن قەسەمكى؛ ۋەددۇھا – چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى؛ ۋەننەھار – كۈندۈز بىلەن قەسەمكى؛ ۋەللەيلى – قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى؛ ۋەلئەسىر – زامان / ئەسىر ۋاقتى بىلەن قەسەمكى… ۋەھىي بولغان بۇ قەسەملەر، ۋاقتنىڭ ئىنسانغا شاھىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ يەنە بىر نوقتىدىن، ئىنسانغا ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك، توغرا ۋە ئوبدان پايدىلىنىشنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلماقتا. ئەكسىچە بولغاندا، ئىنسانغا ئېھسان قىلىنغان ۋاقىت نېمىتىنى ئۇنىڭ زىيىنىغا شاھىتلىق قىلىدۇ. بۇ كىشىگە ئىككى خىل زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ بىرىنچىسى، ۋاقىت ئامانىتىنى زايا قىلىش. ئىككىنجىسى، زايا قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتنى زىيىنىغا شاھىت قىلىش.

ۋاقىتنى ئىنسانغا شاھىت قىلغان ئاللاھ، ئىنساننى ئۆزىگە شاھىت قىلغان. كەلىمەئى شاھادەت، بۇ شاھىتلىقنىڭ ئەڭ ئىخچام ۋە مەنىلىك ئىپادىسى. ئاللاھ قا شاھىت بولۇشقا چاقىرىلىش بىر شەرەپتۇر، ھەمدە شەرەپنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر. چۈنكى ئاللاھ قا شاھىت بولۇش، گۇۋاھلىقنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ بۈيۈك گۇۋاھلىقتۇ. ئەڭ ئۇلۇغقا شاھىت بولغانلىق، ئەڭ بۈيۈك شەرەپكە نائىل بولغانلىقتۇر. زاتى بىلەن قائىم، ئەۋۋلى ۋە ئاخىرى بولمىغان، مۇتلەق تىرىك ۋە ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا شاھىت بولىشى ئۇنىڭغا ھېچقانداق بىر پايدا يەتكۈزمەيدۇ. ئۇ ئىنساننى ئۆزىگە شاھىت قىلىش ئارقىلىق ئىنساننى شەرەپلىك قىلىشنى خالىغان ۋە ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەقىل ۋە ئىرادە ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئۇپۇقىنى ئاچقان. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئاللاھ زۇل مەئارىج، يەنى تاكامۇل مەرتىۋىسىنىڭ ئىگىسى ( 70:3 ). ئۇ ئىنساننىڭمۇ بۇ مەرتىۋىگە يۈكسىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىمكان ۋە پۇرسەتلەر بەرگەن.

ئاللاھ بەخش ئەتكەن بۇ يۈكسىلىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرلۈش ئىمكانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ باشتا ۋەھىي كۆزىمىزگە چىلىقىدۇ. ۋەھىمۇ خۇددى ۋاقىت ۋە ئىنسانغا ئوخشاش شاھىت. شاھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋەھىي ئۆزىنى مەجىد، كەرىم، ئەزىز … گە ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى « فائىل » ( گۇۋاھچى ) شەكىلدە ئىشلىتىلىدۇ. ئىلاھىي كالام ئىنسانغا نازىل بولغان ۋە ئىنساندىن بۇ ئىلاھىي كالامنى لايىقىدا ئېلىپ ماڭغان – ماڭمىغانلىقى سورىلىدۇ. ۋەھىي، نازىل قىلىنغان ئىنساننىڭ ئۆزىگە قىلغان مۇئامىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. « جانلىق قۇرئان » بولغان نەبىنىڭ « شاھىت » ( شاھىدەن ) بولۇش سۈپىتىدە ئەۋەتىلىشىنى، ۋەھىينىڭ گۇۋاھلىق بېرىش نوقتىسىدىن چۈشەنسەك بولىدۇ.

شۇنداق، كۆرگىنىمىزدەك ۋاقىت، ئىنسان ۋە ۋەھىي ھەر ئۈچى شاھىت بولۇش نوقتىسىدا كېسىشىدۇ. لېكىن، بۇ ئۈچىدىن ۋاقىت ۋە ۋەھىي ئىنسانغا شاھىت، ئىنسان ئاللاھ قا شاھىت بولىدۇ. مانا بۇ ئىنساننى مۇستەسنا قىلغان ئامىل. شۇڭا ۋاقىت ۋە ۋەھىي ئىنسان ئۈچۈن، ئىنسان ئاللاھ ئۈچۈن يارىتىلغان. ئىلاھىي تەرتىپ مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ۋاقىتقا مەھكۇم بولۇش ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىش بۇ تەرتىپنى بۇزغانلىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا « ۋاقىت ئىنسان ئۈچۈن » بولۇشتىن « ئىنسان ۋاقىت ئۈچۈن » گە ئايلىنىپ قالىدۇ. مانا بۇ ئىلاھىي تەرتىپنى، مەخلۇقات دەرىجە تىزىملىكىنى بۇزغانلىق بولىدۇ.

بۇ نوقتىدا مۇنداق بىر سوئال پەيدا بولىشى مۇمكىن: « بۇ تەرتىپتە ۋاقىت ۋە ۋەھىينىڭ ئورنى قەيەر؟ ».

رامىزان مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىدۇ. بۇ جاۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن، رامىزان ئېيىنىڭ ئۆزى قىممىتىنى قەيەردىن ئالغانلىقىنى بايان قىلغان شۇ ئايەتنى ئەسلەش زۆرۈر:

« رامىزان شۇنداق بىر ئايدۇركى، ئىنسانلارغا يېتەكچى بولغان ( ھىدايەت )، بۇ يېتەكچىلىكنىڭ روشەن دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن ( بەييىنات ) ۋە ھەقنى باتىلدىن ئايرىغان ( فۇرقان ) بولغان قۇرئان مانا بۇ ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىدى. سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا، رامىزان روزىسى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە ( يەنى مۇساپىر ) بولۇپ ( تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن ) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، ( ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ نى ئولۇغلىشىڭلارنى، ( ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا ) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ » ( 2:185 ).

بۇ ئايەت، رامىزان ئېيىنى ئالاھىدە قىلغان سەۋەپنى روشەن ۋە ئېنىق قىلىپ بايان قىلىدۇ. بۇ سەۋەپ قۇرئاننىڭ بۇ ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىنىشى بولۇپ، بۇ ھەقىقەتنى قەدىر سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتى تەستىقلايدۇ. رامىزان قۇرئان تۇغۇلغان ئاي. قۇرئان ۋەھىي تۇغۇلغان كۈنى بولغان قەدرى كېچىسى، رامىزان ئېيى ئىچىدىكى بىر كېچە. بۇ ھەقىقەت بەقەرە سۈرىسىنىڭ 185 – ئايىتى بىلەن قەدىر سۈرىسىنىڭ 1 – ئايىتىنى يان – يانغا قويۇپ ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ، ئەگەر قۇرئان نازىل بولغان قەدىر كېچىسى رامىزان ئېيى ئىچىدىكى بىر كېچە بولمىغان بولسا، رامىزان ئېيىمۇ بۇنداق مۇبارەك ۋە بەرىكەتلىك بولمايتتى، دېگەنلىك بولىدۇ. رامىزاننىڭ بۇنداق مۇبارەك ۋە بەرىكەتلىك بولىشى، ۋەھىي نازىل بولغان كېچىنى ئۆز قوينىدا تۇتقانلىقىدىن بولغان. بۇ ئۇلۇغلىق ۋە بەرىكەتنىڭ چوڭلىقى قەدىر سۈرىسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

« بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق. شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ شەبى قەدرى ( شەرەپ ۋە پەزىلەتتە ) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل / ۋەھىي بىلەن شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن، ( زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان ) ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىگە تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز بىر سائادەتنىڭ ( فورمۇلاسنى ئېلىپ ) كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال تاڭ ئاتقىچە داۋاملىشىدۇ / شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر ».

نازىل بولغان كېچىنى بىر ئۆمۈرگە تەڭ قىلغان ۋەھىي، نازىل بولۇشقا باشلىغان ئاينىمۇ « ئايلار سۇلتانى » قىلغان. رامىزان « سۆزلەر سۇلتانىنى » ئېلىپ كەلمىگەن بولسا، « ئايلار سۇلتانى » بولالمايتتى. بۇ سۈرە خىتاپ قىلىنغۇچىسىدىن شۇنى بىلىشىنى ۋە ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ: « نازىل بولغان كېچىنى بىر ئۆمۈرگە تەڭ قىلغان ۋەھىي، ئەگەر مېنىڭ ھاياتىمغا نازىل بولسا، ھەر كۈنۈمنى بىر ئۆمۈرگە تەڭ قىلىدۇ. ئىچىگە ۋەھىي نازىل بولغان بىر ئۆمۈرنىڭ مۇكاپاتى پەقەت جەننەت بولىشى مۇمكىن! ».

دېمەككى، ئۇلۇغلىق ۋە بەرىكەتنىڭ سەۋەبى ۋاقىت ئەمەس، ۋەھىي. ۋەھىينىڭ سەۋەبى ھىدايەت، يەنى « يېتەكچىلىك ». ھىدايەتنىڭ سەۋەبى، جىمى ۋەھىيلەرنىڭ مەقسىتى بولغان بەييىنات ۋە فۇرقان بولۇش. بەييىنات، « ياقىلىغان ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان روشەن دەلىل » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. فۇرقان، « ياخشىنى ياماندىن، ھەقنى باتىلدىن، توغرىنى خاتادىن، ئادالەتنى زۇلۇمدىن ئايرىيدىغان ئالاھىدىلىك ۋە قابىلىيەت » نى بىلدۈرىدۇ. رامىزان روزىسىنى پەرز قىلغان بەقەرە سۈرىسى 185 – ئايەتتە، قۇرئان مانا بۇ ئىككى سۈپەت بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ بىكاردىن بايان قىلنىمىغان. چۈنكى، ۋەھىي خىتاپ قىلىنغۇچىسىغا يېتەكچىلىك ( ھىدايەت ) قىلىش مەقسىتىنى، بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك سايىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان بەييىنات قۇرئاندا بولغان ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىسىغا سۇنغان ھەقىقەت؛ ئىككىنجىسى بولغان فۇرقان، خىتاپ قىلىنغۇچىسىدا بەرپا قىلغان بىر قابىلىيەتنى، ئەقىلنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت قۇرئان بەرپا قىلغان بىر تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىل فۇرقان ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق بىر تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىل بىلەن ھاياتقا، كائىناتقا نەزەر سالغان كۆز، ئەلۋەتتە بەييىنات دالالەت قىلغان ھەقىقەتنى توغرا ۋە جايىدا كۆرىدۇ ۋە چۈشۈنۈپ يېتىدۇ.

بۇلاردىن كېيىن سوراشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم سۇئال بۇ بولسا كېرەك: قۇرئان تۇغۇلغان ئاينىڭ ئىھياسى نېمە ئۈچۈن روزا قىلىپ بەلگىلەنگەن؟ ياكى قۇرئان تۇغۇلغان ئاي نېمە ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق مۇبارەكلىنىدۇ؟

بۇ ھالقىلىق سوئالنىڭ جاۋابى ۋەھىينىڭ، ئۇنى چۈشۈنۈش ۋە ھاياتقا تەدبىقلاشنىڭ ئاچقۇچى.

پارىسچىدا « كۈن » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « رۇزە » سۆزىنىڭ تۈركچىسى بولغان « ئورۇچ » كەلىمىسى قۇرئاندا « ساۋم » كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ساۋم « تۇتۇش » ۋە « تەرك ئېتىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. كەلىمىنىڭ يىلتىزى « يېمەك – ئىچمەكتىن قېلىش، ئېغىزى يېپىق بولۇش، ئىچىگە قوشۇمچە بىر نەرسە ئالماسلىق » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ساۋم، ئىشتىقاقى ئەكبەر ( ئەرەپچە لوغەت ئىسمى ) دە « مۇتلەق پۈتۈن، كەمتۈكسىز ۋە تولۇق » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىلاھى سۈپەت ئەس – سامەد؛ قىممىتى مۇقىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئالتۇن مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سامىت؛ پۈتۈن ۋە گىگانىت قايا مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سامەد؛ ئېغىزى ئېتىك بولغانلىقى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۇمم ۋە كۈچ – قۇۋۋەت جەلىپ مەركىزى مەنىسىدىكى سامد بىلەن تۇققان سۆزدۇر.

ساۋم، « تۇتۇش » بولۇپ، تىلىمىزدا « ئورۇچ ( روزا ) تۇتۇش » دەيمىز. نامازنى « قىلىمىز »، تەھەرەتنى « ئالىمىز »، زاكاتنى « بېرىمىز »، كەلىمەئى شاھاتى « كەلتۈرىمىز »، ھەجگە « بارىمىز »، روزىنى « تۇتىمىز ». تىلىمىزدىكى « تۇتۇش » روزا مەنىسىدىكى ساۋمنىڭ دەل ئىپادىسى بولۇش سەۋەبىدىن، « روزا تۇتۇش » نىڭ تىلىمىزدىكى ئىپادىسى « تۇتۇشنى تۇتۇش » بولسا كېرەك.

روزا تۇتۇش، ئالدى بىلەن روزىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇش / روزا تەرەپتە تۇرۇش بولۇپ، « مەن روزا تەرەپتارى، مەن روزا تەرەپتە تۇرىمەن! » دېگەنلىك بولىدۇ.

روزا تۇتۇش ئۆزىنى تۇتۇش بولۇپ، بېشىمىزغا كەلگەن پىشكەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىمىزنى تۇتالمىغانلىقتىن كېلىدۇ. گۇناھلارنىڭ سەۋەبى ئاچچىقىنى باسالماسلىق، نەپسىنى يىغالماسلىق، شەھۋىتىنى تىزگىنلىيەلمەسلىك، تىلىنى يىغالماسلىققا ئوخشاش سەۋەپلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. كىشى روزىنى قانچىلىك تۇتسا، روزىمۇ كىشىنى شۇنچىلىك تۇتىدۇ. كىمكى روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتسا، روزىمۇ ئۇنىڭ بېشىنى تىك تۇتىدۇ. روزا كىشىنى ئىنسانغا قۇل بولۇشتىن قوغدايدىغان قالقان، بەندىنى قۇل قىلىشتىن ساقلايدىغان بىر ئەقىل بولىدۇ. بۇ مەنىسى بىلەن روزا، « ئاچ قېلىش » ئەمەس، « غىزالىنىش » بولىدۇ. ئاچ قويۇلغان ۋۇجۇت بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ جىسمىي تەرىپىنىڭ « ئىككىنجى » ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تەرىپى، ئەقىل ئىشلىتىدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان، ئەسلەيدىغان، نەسىھەت ئالىدىغان، ئىشىنىدىغان، قىممەت يارىتىدىغان، ياخشىنى ياماندىن ئايرىيدىغان تەرىپىدۇر.

قۇرئان تۇغۇلغان ئاي بولغان رامىزاننى، بەدەننى ئاچ قويۇپ ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبى بۇ يەردە ئايان بولماقتا. بۇ سەۋەپ، مۇئمىننىڭ ئەقلى ۋە روھى پەرىشتىلىرىنى غىدىقلاپ ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى چۈشۈنۈش ۋە ئىدراك قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇماقتا. بۇنىڭ قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى روشەن: بۇ ئارقىلىق ۋەھىينى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈشكە ياردەم قىلىش بولۇپ، مانا بۇ ۋەھىينى « ئوقۇش »تۇر. چۈنكى، ئوقۇشتىن مەقسەت، ئۇنى چۈشۈنۈشتۇر. بىر نەرسە چۈشىنىكسىز بولغان بولسا، ئوقۇلمىدى دېگەنلىك بولىدۇ. « ئىقرا » ئىلاھى ئەمر، « ئوقۇ » ئەمرىدىن ئايرىم ھالدا « چۈشەن » ئەمرىگە مۇھتاج ئەمەس بولۇپ، ئوقۇپ چۈشۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلەق سۈرىسىنىڭ دەسلەپ نازىل بولغان ئايەتلىرىدىن ئوقۇشتىن مەقسەتنىڭ « ئۆگىنىش / بىلىش – تەلىم » ئىكەنلىكىنى 4 – ۋە 5 – ئايەتتىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. تۇنجى نازىل بولغان ئىككىنجى سۈرە مۇززەممىلدىكى قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇش ئەمرىنىڭ ئىجراسى مۇشۇنداق بولىدۇ. چۈشۈنۈشتىكى مەقسەت ھاياتقا تەدبىلىقلاش. چۈنكى، چۈشەنمىگەن نەرسىنى ئۆزلەشتۈرگىلى، تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ.

شۇڭا رامىزان قۇرئان ئېيى. رامىزان بىزگە قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن رامىزان بولىدۇ. رامىزانلىرىمىز قۇرئاننى قانچىلىك ئوقۇغان، چۈشەنگەن ۋە ھاياتىمىزغا تەدبىقلىغان، ھاياتىمىزدە ياشاتقان بولساق، شۇنچىلىك مۇبارەك بولىدۇ.

قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پەقەت رامىزانغىلا خاسلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، رامىزان ۋەھىي – قۇرئان « نازىل بولغان » ئەمەس، « نازىل بولۇشقا باشلىغان » ئاي. قۇرئان بىر رامىزان كېچىسى بولغان قەدىر كېچىسىدە نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋە بىر نەسىلنىڭ ھاياتىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرىدىغان ئۇزۇن بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن. ۋەھىينىڭ تەسىر كۈچىنى نازىل بولغان يىللارغا مەھكۇم قىلىپ قويغىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا، نازىل بولغان كۈنىدە ساناقسىز ئەر ۋە ئايالنىڭ قەلبىگە نازىل بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ۋەھىي بىر ئىلاھى تەربىيە لاھىيىسى بولۇپ، زېمىندا ۋەھىي بىلەن ئۆزىنى بەرپا قىلغان ئىنسانلار ئارقىلىق، يېڭى ھايات بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. رامىزاننىڭ تەسىرىنىمۇ خۇددى ۋەھىيگە ئوخشاش پەقەت بىر ئايغا مەھكۇم قىلىپ قويماسلىق كېرەك. رامىزان، ئېلىپ كەلگەن مەنا ئېقلىمىنى، خىتاپ قىلىنغۇچىسىنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا يېيش ۋە ئۇنىڭ ئۆمرىنى رامىزان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

شۇ ھەقىقەتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك: « ئۆمرى رامىزان بولغۇچىنىڭ ئاخىرىتى بايرام / ھېيىت بولىدۇ ». ئۇ ھېيىت جەننەتنىڭ دەل ئۆزى. مانا مۇشۇنداق كىشىدە، رامىزان تۆۋەندىكى سۆزنى ئېيتقىدەك ئاڭ پەيدا قىلىدۇ:

كۇپۇرغا، شېرىككە ۋە زۇلۇمغا قارشى روزامنى بۇزسام، كاپارىتىم جەھەننەم بولسۇن!