سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » سەرخىل فىلىملەر » ئەۋلات تورى « مىنيەلىك ئابدۇللاھ » فىلمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى ئىشلەپ تارقاتتى

ئەۋلات تورى « مىنيەلىك ئابدۇللاھ » فىلمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقىنى ئىشلەپ تارقاتتى

minyeli abdullah1

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك قېرىنداشلار
ھەممىڭلارنىڭ رامىزىنىڭلار مۇبارەك، تائەت-ئىبادەتلىرىڭلار مەقبۇل، تىنىڭلار سالامەت، كۆڭلۈڭلار خاتىرجەم، ئەۋلادلىرىڭلار ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىنساپلىق، ئائىلەڭلار ئىناق، ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسۇن. رەببىم بۇ قۇرئان ئېيىنى كۆپتىن كۆپ قۇرئان ئوقۇش، پىكىر-تەفەككۇر قىلىش، خەيرى-ئېھسان بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق لايىقىدا ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن.
بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا 1990-يىللاردا تۈركىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان ۋە تۈركىيەدە داۋالغۇش پەيدا قىلغان 2 قىسىملىق (تەخمىنەن 4 سائەت ئۇزۇنلۇقىدا) ”مىنيەلىك ئابدۇللاھ“ ناملىق تېلېۋىزىيە فىلمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ھۇزۇر ئېلىپ كۆرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز. بۇ فىلىمنى مۇمكىن قەدەر ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كۆرۈڭ، تەفەككۇر قىلىڭ ۋە بۇ خىزمەتكە ھەر جەھەتتىن تۆھپە قوشقان قېىرنداشلىرىڭىزنى دۇئالىرىڭىزدا ياد ئېتىپ قويۇڭ.

ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد گۇرۇپپىسى
http://www.ewlat.net/mtv_show.php?hid=235

 

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 552

ئىنكاسلار (5)

  • تۈرك

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار، «مىنيەلىك ئابدۇللا» فىلىمىغا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىپ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خىزمەتتىن بىرنى روياپقا چىقىرىپسىلەر! ئاللاھ بۇ ئىشقا ئەجىر قىلغانلاردىن رازى بولسۇن! مەقسەتكە كەلسەك، ئەۋلاد تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېچىلمايدىكەن، شۇنداق ئېسىل بىر فىلىمنىڭ ئانا تىلدىكى ھوزۇرىنى سۈرەلمەي قالدۇق، مۇمكىن بولسا دۆلەت ئىچىدىكى چۈشۈرۈش بەتلىرىگە يوللاپ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلىگەن بولسىڭىزلەر! مەسىلەن، بەيدۇ تور بوشلىقى ياكى 360 ياكى چاقماق تور بوشلۇقى دېگەندەك، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!

    جاۋاب
  • تۈرك

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئەقلىغون نۇسخىسىنى تەمىنلەپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت، بىراق ھېچ چۈشۈرەلمىدىمغۇ، قانداق قىلساق چۈشۈرگىلى بولار؟

    جاۋاب
  • تۈرك

    ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن! ئۇيغۇرچە ئاۋاز بۇ فىلىمغا ناھايىتىمۇ ياخشى بېرىلىپتۇ! ئاخىر چۈشۈرۋالدىم! مۇشۇنىڭدەك ئېسىل ئەمگەكلەر ئۈزۈلمىگەي!

    جاۋاب
    • admin

      ئىنشا ئاللاھ، يەنە يېڭى تەلەپلىرىڭىز بولسا، ئۇرۇنداشقا تەييارمىز.
      بىزگە مۇمكىن بولسا، خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇيغۇرچە سىن دەرسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز.

      جاۋاب

ئىنكاس يوللاش

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش