روزىدار بىلەن رامىزاننىڭ سۆھبىتى

رامىزان قۇرئان تۇغۇلغان ئاي ئىدى.

ئۇ روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاشقازان ۋە شەھۋىتىگە « توختا »، مېڭىسى ۋە قەلبىگە « ماڭ » دېدى. روزا تۇتقۇچى:

– قەلبىمنىڭ پۇتى ئاقساق، قانداق ماڭىمەن؟ قانداق قىلىپ، قايسى تەرەپكە، قايسى يولنى بويلاپ، قايسى خەرىتىگە قاراپ، نېمىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ماڭىمەن؟ دەپ سورىدى. رامىزان:

– ئەڭ چوڭ كۈچىڭ بولغان ئىماندىن ياردەم سورىغىن. تەقۋانىڭ ئۆزى ئىماننى كۈچلەندۈرۈش ئەمەسمۇ؟ دەپ جاۋاپ بەردى. روزىدار:

– قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭاي؟ روزا:

– سىراتى مۇستەقىيمنى بويلاپ ماڭ. مانا بۇ سېنى ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يول. باشقا يوللارغا مېڭىپ قالمىغىن، بولمىسا نەپس ئورمانلىقىڭدا چىلبۆرىلەرگە يەم بولىسەن، ئۆزلىكىڭنى يوقۇتۇپ قويۇپ، پالتا تېگىپ باقمىغان جاڭگالدا ئېزىقىپ قالىسەن،  دېدى. روزىدار:

– ئەتراپىم قاپقاراڭغۇ، سەپىرىم ھەر تەرەپنى قاراڭغۇلۇق باسقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالدى. بۇ قاراڭغۇدا يولۇمنى قانداق تاپىمەن؟ روزا:

– مەندىن كەلگەن يورۇقلۇققا ئەگىشكىن، ئۇ قۇرئاندۇر. قۇرئان ساڭا يول كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر يەتكەن مەنزىلگە سەنمۇ يېتىپ بارماقچى بولساڭ، پەيغەمبەرگە يولىنى يورتۇپ بەرگەن قوياشقا ئارقاڭنى قىلىۋالما. ئۇنىڭ قولچىرىغى قۇرئان ئىدى، سېنىڭكىمۇ قۇرئان بولسۇن. قالغان ئىشتىن ئەنسىرىمە! روزىدار:

– سەپەر ئۈستىدە قاراڭغۇ جىلغىلاردىن ئۆتىمەن، دەڭلەردە قونۇشۇمغا توغرا كېلىدۇ. كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان نەرسىلەرگە دۇچ كېلىمەن. ماڭا بەرگىدەك بىرەر تۇمارىڭ يوقمۇ؟ رامىزان:

– يۈرىكىڭ بارغۇ، ئۇ ساڭا يەتمەمدۇ؟ ئۇ ئاللاھ كۆڭسىڭگە ئاسقان جانلىق تۇمار. ھەرگىزمۇ يۈرىكىڭدىن باشقا تۇمار ئاسما. ئاللاھ ئېسىپ قويغان قەلىب تۇمارىنى قارايتىۋەتكەنلەر، ئۆلتۈرگەنلەر، مۆھۈرلەتكۈزىۋەتكەنلەر باشقا تۇمار ئىزدەيدۇ. سەن ئۇنىڭغا ياخشى قارا، ئاللاھ نى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان بىر قەلىب سېنى يولدىكى پۈتۈن خەتەردىن ساقلايدۇ. روزىدار:

– ئۇنداقتا بۇ ئۇزۇن سەپەردە ماڭا كىم يولباشلىغۇچى بولىدۇ؟ رامىزان:

– بىر كېچىسى مەندىن ئۆزىگە ۋەھىي كەلگەن، ئالەملەرگە رەھمەت بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يولباشچىڭدۇر. ئۇ بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ئىز قالدۇرۇپ كەتتى دەيسەن؟ ئەلۋەتتە، سىراتى مۇستەقىيم ئۈستىدە ماڭماقچى بولغانلار ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ ئىز قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ تۇرۇپ باشقا يولباشچى ئىزدەش ئەقىلگە زىيان. روزىدار:

– بۇ ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك يولدا ئۆزەمنى قانداق مۇھاپىزەت قىلىمەن؟ قولۇمدا ھەزرىتى مۇسانىڭكىدەك ھاسام يوق، قېيىنچىلىقتا قالغاندا كۆرسىتىدىغان بىر كارامىتىم بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى. رامىزان:

– كاللاڭ يەنە ئېلىشىپ كېتىپتۇ. ئەڭ چوڭ كارامەت ئىستىقامەت ( توغرا يول )تۇر. بۇنىڭدىن باشقا كارامەت ئىزدىگۈچىلەر، كەرىم بولغان ئاللاھ نىڭ ئۆزلىرىنى « كەرىم » قىلىپ ياراتقانلىقىنى؛ ئاندىن بىر پەرىشتە ئارقىلىق كەرىم بىر ئەلچىگە كەرىم بىر كىتاپنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇنۇتۇپ قالغان كىشىلەردۇر. بۇنچە كارامەت يەتمەمدۇ؟ روزىدار:

– ئۇنداقتا قولۇمغا ھېچ بولمىسا بىر يول خەرىتىسى بەرگەن بولساڭ، ئېزىقىپ قالغاندا ئۇنىڭ قارايتتىم. رامىزان:

– قۇرئان قولۇڭدا تۇرۇپ، مەندىن يەنە يول خەرىتىسى سوراۋاتامسەن؟ قارىغاندا سەن مېنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسەن. مەندە روزا تۇتۇپسەن، لېكىن بۇنىڭ نېمىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلمەي قاپسەن. خوش، ئاللاھ قا ئامانەت. روزىدار يالۋۇرۇپ تۇرۇپ:

– مېنى تاشلاپ كەتمە ئەي رامىزان! مېنى تاشلىۋەتمە! بىر يىلنىڭ كىرىنى، باسقان داتلىرىنى سەن ئارقىلىق يۇيۇپ تازلايتتىم. سەن كېتىپ قالساڭ مېنى كىم پاكلايدۇ؟ رامىزان:

– ساڭا بىر سىر دەپ بېرەي، ئۆمرىڭنىڭ جىمى ئايلىرى رامىزان بولسۇن. ۋەھى مەندە نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن مۇبارەك بولدۇم، ئايلارغا سۇلتان بولدۇم. سەنمۇ تىرىشقىن، ۋەھىي سېنىڭ قەلبىڭگە ۋە ھاياتىڭغا نازىل بولسۇن، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش مۇبارەك بول. ۋەھىي مېنىڭ غايەم، ۋەھىينىڭ غايىسى سەن ( سەن ئۈچۈن نازىل بولدى ). سەندىكى مەسىلە ئۆزەڭنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەي قالغانلىقتۇر، يەنى ئۆزەڭنى تونۇماي قالغانلىقىڭ، سەن ئۆزەڭنى تونۇپ يەتكىن!
روزىدار رامىزاننىڭ سۆزىگە قايىل بولدى.
روزىدار رامىزانغا ۋەدە بەردى.
روزىدار رامىزانغا « شاھىتىم بولغىن » دېدى.
رامىزان شاھىت بولدى.
ھايات شاھىت بولدى.
ئاللاھ شاھىت بولدى.

روزىدار:

– بىز بۇ جاھانغا ساھىپ بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، شاھىت بولۇش ئۈچۈن كەلدۇق.