ئەي تالىب – قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن رامىزاننى قۇرئان بىلەن كۈتىۋال!

ayet

dua

خەندەكتە، سۆيۈملۈك نەبىمىزنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان بىر توپ مۇسۇلمان ئاچ قورساق ھالەتتە خەندەك كولاۋاتاتتى. بەزى ئورەكلەردىن قورام تاشلار چىقاتتى. ئالەملەرگە رەھمەت بولغان سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز بىردەم ئۇ خەندەكنىڭ يېنىغا، بىردەم بۇ خەندەكنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرسە، يەنە بەزىدە بازغاننى قولىغا ئېلىپ قورام تاشلارنى پارچىلاشقا ياردەملىشەتتى.
خەندەك كولاش كېچە – كۈندۈز داۋام قىلماقتا ئىدى. قوبۇل قىلىنىدىغان دۇئانىڭ، سەۋەبىنى ئادا قىلىپ قىلىنغان دۇئا ئىكەنلىكىنى سۆيۈملۈك نەبىمىز ئەڭ ياخشى بىلەتتى. يەنە شۇنداق بىر سەھنە. قاپقارا گىرانت تاشلارغا ئۇرۇلغان بازغان زەربىسىدىن بەزىدە كىچىك ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چىقارسا، بەزىدە بۇ ئوت ئۇچقۇنلىرى ئاي نۇرىدا خەندەك كولاۋاتقان ساھابىلەرنىڭ يۈزىنى يورىتاتتى. سۆيۈملۈك رەسۇلۇللاھ، قورسىقىنى تويغۇزغىدەك ئوزۇقلىقى بولمىغان بۇ كىشلەرگە ئادەتتە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان خۇش – بىشارەتلەرنى بېرەتتى:
–  بۇ ئۇچقۇننىڭ يورۇقلىقىدا يەمەننىڭ بۇرچلىرىنى كۆرىۋاتىمەن!
تاشقا يەنە بىر بازغان ئۇرۇلدى ۋە ئالدىنقى قېتىمقىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئوت ئۇچقۇن چىقتى:
– بۇنىڭ يورۇقىدا كىسرانىڭ مەدائىن سارايلىرىنى كۆرىۋاتىمەن!
ئاتمىش ياشقا يېقىنلاپ قالغان سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ قولىدىكى بازغان ئۈچىنچى قېتىم گرانىت تاشقا ئۇرۇلدى ۋە يەنە ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچىرىدى:

بۇ ئۇچقۇن نۇرىدا سۈرىيە تەرەپنىڭ يورۇقلۇققا چىققانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن! دېدى ئۇ.
ئىنسانلىق شاھىت بولغان ئەڭ بۈيۈك ئىمان ھەرىكەتلىرىدىن بىرىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان مۇبارەك نەبىنىڭ، ئالدىنقى كۈندىن باشلاپ ئاغزىغا بىر لوقما كىرمىگەنلىكىنى بىلىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ، بۇ خوش – بىشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا زەررىچىلىك گۇمانى يوق ئىدى. ئۇلار ئىماننىڭ ئەڭ چوڭ ئىمكان ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ۋە بۇنى ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇراتتى. ئەگەر ئۇ يەردە بىر سىتراتىگىيچى بولغان بولسا، بۇ خوش – بىشارەتلەرنى ھەرگىزمۇ « ئەقىلگە ئۇيغۇن » دەپ قارىمىغان بولاتتى.
بىراق سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ بۇ خوش – خەۋەرلىرى، ھەتتا ئاشۇ كۈندىن 20 نەچچە يىل ئۆتمەستىنلا ئۇنىڭدىن ئاشقان ھالدا ئەمەلگە ئاشتى. تارىخ ھەقنىڭ ھامىنى ئۈستۈن بولىدىغانلىقىغا، ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈستۈن بولمايدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم شاھىد بولدى.
سەن ئەمەس، تاغلار سىلكىنسۇن!
بۇ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىغا قىلغان خىتابى ئىدى.
شۇنداق، سەن ئەمەس تاغلار سىلكىنسۇن، ئەمما سەن تەۋرىنىپ قالما، تىك تۇر، ئەگەر يىقىلساڭ « بىسمىللاھ » دېگىن.
« ئاللاھ قا ئاسىي بولغان يەردە تۇپان بولىدۇ ( گۇناھ بار يەردە ئاپەت بولۇر ) دەپ، قۇرۇقلۇقتا كېمە ماڭغۇزغان نۇھتەك بول ۋە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » دېگىن.
جەنۇبنىڭ قۇدرەتلىك خانىشى بىلقىسنىڭ كۆڭلىگە بىسمىللاھ بىلەن كىرگەن ھەزرىتى سۇلايماندەك « بىسمىللاھ » دېگىن.
تائىف قايتىشىدا، رەھمەت قىلىنغان ئالەمنىڭ ئۆزىگە تار كەلگەن سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك « لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ! ( ئاللاھ نىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ ) » دېگىن.
ئىمان گۈلخانىدا سىنالغان ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك « ھەسبىياللاھ ۋە نېمەل ۋەكىل ( ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامى ) » دېگىن.
ۋەزىپىسىنى تاشلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن « يېڭىدىن تۇغۇلۇش » قا مەھكۇم قىلىنىپ، تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغان ھەزرىتى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامدەك « لا ئىلاھە ئىللا ئەنتە سۇبھانەكە ئىننى كۇنتۇم مىنەز زالىمىين! ( رەببىم، سەندىن باشقا ھېچ مەبۇد، بەرھەق يوقتۇر، سەن جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم ) » دېگىن.
ۋەزىپەڭنى تاشلاپ كەتكەن بولساڭ، ئۆز ئورنۇڭغا قايىت ۋە ئىنسانلارغا ئىمان، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئىشەنچ يەتكۈزۈشكە تىرىش. سېنىڭ قولۇڭغا موھتاج ئىگە – چاقىسىز قوللار، سېنىڭ مېھرىڭگە موھتاج غېرىپ كۆڭۈللەر، سېنىڭ بىر تامچە سۈيۈڭگە موھتاج قۇرۇپ قالاي دېگەن گۈللەر بار، بۇنى ئۇنۇتما.
ئاۋال سۆيگۈڭنى بېغىشلا، ئاندىن نېمە قىلساڭ قىل. ئەڭ ئاۋۋال سۆيگۈڭنى بېغىشلا. يۈرىكىڭنىڭ يادرو ئېنىرگىيە كۈچ مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدىن چىقارما. ئۇ يەرنى ھەر تۈرلۈك ئىشغالدىن مۇھاپىزەت قىل. ئىچىڭنىڭ بىر يەرلىرىدە زەخمەت كۆرمىگەن، سۇ كىرىپ كەتمەيدىغان بىر يەرلىرىڭ بولسۇن. ھايات دېڭىزىدا بوران چىقسا، ئۆزەڭنى دالدىغا ئالىدىغان جاي ئۇ يەردۇر. ئۇ يەر ئىماننىڭ ۋە ئىنكارنىڭ ماكانى، سۆيگۈنىڭ ۋە نەپرەتنىڭ پايتەختى، بەدەن مەملىكىتىنىڭ ئاستانىسى.
ئەقىل ئىشلىتىدىغان قەلبىڭنى كۈچلەندۈر!
قانداق قىلىپ؟
ئەلۋتتە قۇرئان ئارقىلىق!
******************

قۇرئان ئېيى يېقىنلاشماقتا، رامىزان قۇرئان تۇغۇلغان ئاي. پۈتۈن بىر رامىزاننى قۇرئان تۇغۇلغان ئاي دەپ روزا بىلەن مۇبارەكلەيمىز. قۇرئان تۇغۇلغان كۈننىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئاينى مۇبارەكلەيمىز.
رامىزان يەنە كەلدى، ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ كەلگەن ئىدى. ئەمما قۇرئان بىلەن كېلەمدۇ ياكى قۇرئانسىزمۇ؟
مانا بۇ ئىشنىڭ ھەل قىلغۇچ نوقتىسى.
ھەزرىتى نەبى ھېساب كۈنىدە ئۆزىگە ئىمان ئېيىتقانلاردىن ئاللاھ قا بىر ئىش توغۇرلۇق شىكايەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ قايسى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
رەسۇل ئېيتتى: « ئى رەببىم، شۈبھىسىزكى مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى » ( فۇرقان، 30 – ئايەت ).

شىپاسى يوق بىر كېسەلگە، ئۇ كېسەلنى داۋالايدىغان تىۋىپتىن بىر رېتسىپ ئالدىڭىز دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. رېتسىپنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى تەييارلاپ پىيالىغا سېلىپ سۈيىنى ئىچەمسىز؟ ياكى يادلىۋېلىپ ئەتىگەن ئاخشاملىرى تىلاۋەت قىلىپ قويامسىز؟ ياكى ئۇنى ئالتۇن خەتلىك قىلىپ يازدۇرۇپ تامغا ئېسىپ قويامسىز؟ ياكى ئۇنى ئەڭ گۈزەل مۇزىكىغا كىرىشتۈرۈپ ناخشا قىلىپ ئېيتامسىز؟ ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلسىڭىزمۇ دەردىڭىزگە دەرمان بولمسا، دوختۇردىن رەنجىمسىز ياكى رېتسىپتىنمۇ؟
سىز ھازىر جەڭ مەيدانىدا، باش قوماندان بىر ئۇرۇش پىلانى تەييارلىدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. بۇ پىلانىغا خۇددى يۇقىرىدىكى كىشى رېتسىپقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسىڭىز، جەڭدە غەلبە قىلالامسىز؟ ئەگەر يېڭىلىپ قالسىڭىز مەسئۇلىيەتنى باش قوماندانغا ئارتىپ قويامسىز؟ بۇنداق قىلسىڭىز ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولامسىز؟
ياخشى كۆرىدىغان سۆيگۈنىڭىزدىن بىر مەكتۇپ ئالدىڭىز دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. بۇ مەكتۇبنى ئاچماي، ئوقۇماي قانچىلىك مۇددەت چىداپ تۇرالايسىز؟ بىر ئۆمۈر؟ ياق، بىر يىل؟ ياق، بىر ئاي؟ ياق، بىر ھەپتە؟ ياق، بىر كۈن؟ بىر كۈنمۇ بەك ئۇزۇن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
سۆيگۈنىڭىزدىن كەلگەن مەكتۇبنى ئېچىپ كۆرمەسلىك ئۈچۈن، بىر كۈنمۇ سەبىر قىلالمايسىز – يۇ، رەببىڭىزدىن كەلگەن مەكتۇبنى شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، تېخىچە ئېچىپ باقمىغان بولسىڭىز، رەببىڭىز رەنجىپ قالماسمۇ؟
ھەر كۈنى نامازدا ئون نەچچە قېتىم ئوقۇيدىغان فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەنىسىدىن ھازىرغىچە خەۋەرسىز بولسىڭىز، قۇرئان رەنجىپ قالماسمۇ؟
رەھمەت مەنبەسى بولغان ئالەملەرنىڭ رەببى سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ چۈشۈرگەن يول كۆرسەتكۈچنى، سىز ئىنسان بالىسى تۆۋەنچىلىك بىلەن « رەببىم ماڭا نېمە دەۋاتىدۇ؟ نېمە دېمەكچى بولىۋاتىدۇ؟ » دەپ تېخىچە ئويلانمىسىڭىز، شەخسى، ھېسسى، روھى، سىياسى، ئىقتىسادى…ئومۇمەن ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىدىغان كېسەللەرگە ( ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ) قەيەردىن ۋە قانداق داۋا تاپالايسىز؟ قۇرئان دورىخانىسىغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپمۇ، مىڭ بىر تۈرلۈك كېسەللىك ئىچىدە تولغانغان بىر بىمارنىڭ، ئۆسۈملۈك ئادەمدەك ھاياتقا مەھكۇم بولۇپ قېلىشى، ئەسلىدە نېمىنىڭ جازاسىدۇر؟
سەن ئەي تالىب! قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن ئاينى قۇرئان بىلەن كۈتىۋال!