خوش كەلدىڭ، ئەمما خوش ھالەتتە تاپمىدىڭ
ئەي رامىزان!
ئەي « مىڭ ئايدىنمۇ ئارتۇق بىر خەيىرلىك كېچىنى » باغرىدا ساقلىغان ئاي!
ئەي قۇرئان توغۇلغان ئاي، ئايلارنىڭ ئىچىدە بەكراق گۈل پۇرايدىغان ئاي!
ئەي ۋەھىنىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى ھاۋاسىنى ھاياتقا، مۇھەممەدنى ئەبەدىي سۆيگۈگە، مەۋجۇتلۇق مەنىسى ئاللاھ تىن يىراقلاشقانسېرى مەنىسىنى يوقاتقان دەۋرگە، ئنسان يوقۇتۇپ قويغان ئادەمىيلىك، رەھمەت، بەرىكەت، خەيىرى – ئېھسان، ھىدايەت ۋە شەپقەتنى قايتىدىن ئىنسانغا ئېلىپ كەلگەن ئاي!
خوش كەلدىڭ!
14 ئەسىردىن بۇيان ھەر يىلىقىدەك، مىڭلەرچە ئۈمىتنى باغرىڭدا ئېلىپ كەلدىڭ. ھەر قېتىمقىدەك، ئارمانغا چۈشلۈق دەرمان تېپىش نىيىتى بىلەن كەلدىڭ. ھەممىدىن بەك، خوش ھالدا تاپقانلىرىڭىنى تېخىمۇ خوش قىلىش ئۈچۈن، ناخوش ھالدا تاپقانلىرىڭنىمۇ تەكرار خوش قىلىش ئۈچۈن كەلدىڭ!
كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۆتمۈشتە سانسىزلىغان خوش كېلىشىڭ ۋە خوش ھالەتتە تاپقانلىرىڭ بولغاندۇ!
بېشى تىك، پىشانىسى ئوچۇق، سېخىي، يۈزى ئاق، يۈرىكى پاك، كۆزى ئۆتكۈر، سۆزى قۇۋۋەتلىك، ئۆزى دۇرۇست مۇئمىنلىرىڭ كۈتىۋالغانىدى سېنى.
سەن خوش كەلگەن، ئۇلارنىمۇ خوش ھالدا تاپقان ئىدىڭ.
قۇرئان قوللىرىدا، دىللىرىدا، كۆڭۈللىرىدە ۋە ھەممىدىن مۇھىمى تۇرمۇشلىرىدا بار ئىدى. ئۇلار ئالدى بىلەن قۇرئاننى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەيتتى. ھەر رامىزاننى، ۋەھىي بىلەن قىلغان بىر يىللىق ئەھدى دەپ بىلەتتى.
قۇرئان ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى، ئەقلى ۋە خاراكتېرىنى بەرپا قىلىدىغان ئۇستاز ئىدى. ئۇلار بولسا ھاياتنى، ھاياتنىڭ يىقىلغان، ۋەيران بولغان، بورمىلانغان يەرلىرىنى بىرمۇ بىر ئوڭشىغۇچىلىرى ئىدى…
سەن خوش ھالەتتە تاپقان نەسىللەر، ھاياتنىڭ قايسى ئېقىندا ئاقىدىغانلىقىنى ئۆزلىرى بەلگىلەيتتى. باشقىلار بەلگىلەپ بەرگەن ئېقىندا ئەخلەت – چاۋاغا ئوخشاش ئاقمايتتى.
ئۇلار ھاياتنىڭ قۇلى ئەمەس، خوجايىنى ئىدى…
ئۇلار ماللىرىنىڭ قۇلى ئەمەس، خوجايىنى ئىدى…
ئۇلار، ۋەزىيىتىنىڭ بالىسى ئەمەس، ئانىسى ئىدى. چۈنكى شارائىتلار ئۇلارنى ئەمەس، بەلكى شارائىتنى ئۇلار يارىتاتتى.
1422 – يىلى رامىزاننىڭ 1- كۈنى، سەن يەنە كەلدىڭ، بۇرۇنقىدەك خوش كەلدىڭ. ئەمما شۇنى بىلىمەن، 10 يىللاردىن بېرى، ھەتتا يۈز يىللاردىن بېرى ھېچ خوش تاپالمىغىنىڭغا ئوخشاش بۇ قېتىممۇ ھېچ خوش تاپالمىدىڭ.
كىم بىلىدۇ، بۇ خوش تاپالمىغان ئون يىللاردا، يۈز يىللاردا نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە تاپتىڭ مۇئمىنلىرىڭنى؟ كىم بىلىدۇ، نېمە دەرتلەرگە، مۇسىبەتلەرگە، ئوت ئاپەتلىرىگە، ئوت قويۇشلارغا، يەزىدىلىكلەر ( ھەزرىتى ھۈسەيىننى قاتىلى ) گە، توڭگۈزلۇقلارغا، كۇفرىلىقلارغا، چاكىنىلىقلارغا شاھىت بولدۇڭ؟ قانچىلىغان يارىلار ۋە يارىلانغان يۈرەكلەرنى كۆردۈڭ؟
لېكىن، ئەي رامازان، بۈگۈنكىگە ئوخشايدىغاننى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟
بىر يېرىم مىليارت نوپۇسلۇق بىر ئائىلىنى مۇشۇنداق پەرىشان، چېچىلىپ كەتكەن، ۋەيرانچىلىقتا قالغان، قورققان، بىزار بولغان، ئۈمىتسىز، ئىرادىسىز، ئىقتىدارسىز، جانسىز، ئەقىل – پاراسەتسىز ھالدا كۆرگەنمىدىڭ؟
ئەي رامىزان! ئەھلى ئىسلام دىيارىدىن دەريا بولۇپ ئاققان قانغا شاھىت بولغانمىدىڭ؟ مۇمىنلەرنىڭ بۇ قەدەر ئېزىلگەن، ئىتتىرىلگەن، ئۇرۇپ – سوقۇلغان، خورلانغانلىقىنى ئەسلىيەلەمسەن؟
قارا، مۇئمىنلىرىڭگە! كۆڭۈللىرى خاراپ، ئائىلىلىرى خاراپ، يۇرتلىرى خاراپ، ھەممىدىن بەك ئەقلى ۋە ئېڭى خاراپ بولدى. سېنى كۈتىۋالغىدەك يۈزى ۋە ماجالى قالمىدى.
ئەمدى سېنىڭ مۇئمىنلىرىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىگىسى ئەمەس ئىدى! زامان ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۇلار بەلگىليەلمەيدۇ. ئۇلار ئېقىۋاتقان ئېقىنلاردىكى ئەخلەت – چاۋاغا ئايلىنىپ، ئوڭ – سولغا ئۇرۇلۇپ ئېقىۋاتىدۇ. بەزىلەر، ساڭا ۋە سەن تەمسىل قىلىۋاتقان قىممەتلەرگە خىيانەت قىلىشنى « پاراسەت » دەپ بىلمەكتە.
بىر زامانلار كۇپپارلارنىڭ ئاچلىرىنى تويغازغانلار، ئەمدى بولسا كاپىلارنىڭ نېنىغا مۇھتاج بولۇپ قالدى.
بىر زامانلار، باشقىلارنىڭ يارىسىنى تاڭغانلار، ئەمدىلىكتە ئۆز يارىسىنى تاڭغىدەك دەرمانى يوق.
بىر زامانلار ئىماننى يۇتۇم – يۇتۇملاپ باشقا قىتئەلەرگە ئېلىپ بارغانلار، مانا بۈگۈن يۈرەكلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنى توسۇشقا ئاجىز.
سېنىڭ مەۋجۇدىيەت سەۋەبىڭ بولغان قۇرئان بىلەن يۈكسىلىشنى بەجا كەلتۈرەلمىگەنلەر، بۇ ئەيىپلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلىدىنلا ئۇلۇغ بولغان قۇرئاننى ئولۇغلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پارا بېرىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە. كۆرۈدىڭمۇ ئەي رامىزان! مۇسۇلمانلار قۇرئان توغۇلغان ئاينى مۇبارەكلىشىدۇ، ئەمما قۇرئان ھاياتىدا، قوللىرىدا، ئۆيلىرىدە، كوچىلاردا، تۇپراقلىرىدا يوق…
ئەي رامىزان! بۇ ئېزىلىش، بۇ قىرىلىش، بۇ تۆكۈلۈش ۋە بۇ مەغلۇبىيەت ۋە گاڭگىراشلىق ئىچىدە تولغۇنىۋاتقاندا، دەل ۋاقتىدا كەلدىڭ!
خوش كەلدىڭ، ئەمما خوش ھالەتتە تاپالمىغانلىقىڭ ھەممىگە ئايان. لېكىن، سېنىڭ كېلىش مەقسەتلىرىڭدىن بىرى، خوش ھالدا تاپالمىغانلارنى خوش قىلىش ئەمەسمۇ؟
قېنى ئەمسە، ئېلىپ كەلگەن جەننەت خوش – ھىدلىرى بىلەن تۇپراقلىرىمىزنى قاپلىغان بۇ بەدبۇي پۇراقلارنى يوقاتقىن. چۆلگە ئايلانغان يۈرەكلىرىمىزدە بىر رەھمەت شامىلى بولۇپ چىققىن. چاڭقاپ يېرىلغان لەۋلىرىمىزگە سۇ تەگسۇن، چۆللەر كۆلگە ئايلانسۇن!
مۇئمىنلەر ئارىسىدىكى نەپرەتلەرنى، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ئورنىغا ئىمان قېرىنداشلىق ئۇرقىنى چاچقىن.
كۈنىمىزدە ئىگە – چاقىسىز، يىتىم قالغان ئەھلى ئىسلام ئالىمىدە قاناۋاتقان يارىلارغا مەلھەم بولغۇدەك بىر ئاڭ – چۈشەنچە ئېلىپ كەل! ئاچلارنى تويغۇزىدىغان، ئۇسسۇزلارنى قاندۇرىدىغان، يېلىڭلارنى كىيىندۈرىدىغان بىر شەپقەت ۋە مەرھەمەت يامغۇرى ئېلىپ كەل! خارلىقنى ئىززەتكە، ھۇرۇنلۇقنى غەيرەتكە، يوقسۇللۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرىدىغان بىر روھ بەر!
ئۆزىمىز جىسىملاشتۇرغان قۇرئان، سېنىڭ بىلەن بىرگە، بىزنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۇرسۇن! بىزلەر دەۋرىمىزنىڭ مەھسۇلى بولغان شەخسىيەتچى كىشىلەرىدىن ئەمەس، قۇرئان بەرپا قىلغان مۇئمىن كىشىلەردىن بولايلى. ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق غايىسىگە ماس كېلىدىغان ھاياتنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلايلى. ئىماننى، قايتىدىن بەخت گۈلى قىلىپ، كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يەتكۈزەيلى. شۇنداق بولسۇنكى، بىزنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنلەر بىزدە تىرىلسۇن! دوسلىرىڭ، ئولتۇرغانچە يېرىنى كۆكەرتىدىغان بىر « خىزىر »، ھىدايىتى ئىمان تۇغىدىغان بىرەر « مەھدى » بولسۇن!
بىلىمەن، بۇ دۇئايىمغا « ئامىن! » دەيدىغانلارنىڭ ئەڭ بېشىدا سەن بارسەن، ئەي رامىزان!
قۇرئاننىڭمۇ قولىدىن يېتىلەپ كەلدىڭ، خوش كەلدىڭ!
ئاھ بىر بىلسەڭ، خوش ھالدا تاپقانلىرىڭ ئارىسىدا بولۇشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم!