رامىزان شاھىت بولسۇن!
ۋاقىت، پۈتۈن يارىتىلىشنى مەنىگە ئىگە قىلغان ئۆزگىچە يارىتىلىش / مەخلۇقتۇر. شۇڭا قۇرئان كۆپىنچە ئەھۋالدا ۋاقىتنىڭ ئوخشىمىغان تىلىملىرىنى شاھىت قىلىپ قەسەم قىلىدۇ.
ئىنسان ئۈچۈن « ھايات » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋاقىتقا ئىنساننىڭ ئەھمىيەت بېرىشىنى تەكىتلەش ئۈچۈن، قۇرئان ۋاقىت ئۈستىدە بۇنچە كۆپ قەسەم قىلىدۇ ۋە جاپا تارتماي ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىرى ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان ۋاقىتقا دىققىتىمىزنى بۇرايدۇ.
ئەمما بۇ قەسەملەرنىڭ بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان مەنىسى – زاماننى شاھىت قىلىش. « ۋەلئەسىر – زامان شاھىت بولۇپ تىلغا كەلسۇن » دېگەنلىك بولىدۇ. ئەي ۋاقىتقا مەھكۇم ئىنسان، ۋاقىت سېنىڭ شاھىتىڭ، بۇنى ئۇنۇتما. ساباھ تىلغا كېلىدۇ، ئاخشام تىلغا كېلىدۇ، كېچە تىلغا كېلىدۇ، كۈندۈز تىلغا كېلىدۇ، چۈش تىلغا كېلىدۇ، شەپەق تىلغا كېلىدۇ، كۈن تىلغا كېلىدۇ، ئاي تىلغا كېلىدۇ ۋە رامىزان تىلغا كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ۋاقىت شاھىت بولۇپ تىلغا كەلسە، ھەققىمىزدە نېمە دە؟
بەزىلەر ئۈچۈن « ئۇ مېنى تۇتتى، لېكىن مەن ئۇنى تۇتمىدىم » ئەي رەببىم دەيدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن « ئۇ مېنى تۇتتى، مەنمۇ ئۇنى تۇتتۇم! » ئەي رەببىم دەپ شاھىت بولىدۇ. يەنە باشقىلار ئۈچۈن « ئۇ مېنى تۇتمىدى، مەنمۇ ئۇنى تۇتمىدىم » دەيدۇ. بىز بۇلاردىن قايسىغا تەۋە؟ رامىزان بىز توغرۇلۇق رەببىگە نېمىلەرنى دەيدۇ؟
ۋاقىتنىڭ بەزى تىلملىرىنى ۋەھىي ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا قەدىر كېچىسى كېلىدۇ. قۇرئانغا كۆرە « مىڭ ئايدىنمۇ خەيىرلىكتۇر ». قەدىر كېچىسى، بۇ مۇبارەك بولىشىنى، قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچە بولغانلىقىدىن ئالىدۇ. بۇ كېچىنىڭ رامىزان ئېيى ئىچىدىكى كېچىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، يەنە قۇرئان بەرگەن باياندىن بىلىمىز.
ئۇنداقتا، رامىزان روزىسى، بىر مەنىدە، قۇرئاننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ تەبرىكلىنىشىدۇر. رامىزان بۇ سەۋەپتىن « قۇرئان ئېيى »دۇر.
قۇرئاننىڭ قايسى كۈن / كېچە توغۇلغانلىقى نامەلۇم بولغان كېچىنى قوينىدا ساقلىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممە كۈنىنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن رامىزان يەنە كەلدى؛ ئۇنداقتا، رامىزاننىڭ سەۋەبى ۋە ھېكمىتى بولغان قۇرئانمۇ كەلدىمۇ؟
رامىزاننى ئىدراك قىلغان ھەر مۇئمىن، بۇ سۇئالنى ئۆزىدىن سورىشى كېرەك. ھاياتىدا قۇرئاننىڭ قانچىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىشى كېرەك. توغۇلغان كۈنىنى كاتتا ھەشەمەت بىلەن كۈتۈۋالغان كۆز نۇرى « پەرزەنت »نىڭ، بىر ئىنسان ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىشى كېرەك. قۇرئانسىز بىر رامىزان روزىسى تۇتۇشنىڭ گويا بالىنى ئۆلتۈرۈپ، توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندەك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشى كېرەك.
« ئەي رامىزان! » كەلگەندە، ئاشىقسىزلىقتىن چۆلگە ئايلانغان يۈرەكلىرىمىزگە، قۇرئاننىڭ رەھمەت بۇلۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلگىن، دېيىشىمىز كېرەك. ئۇخلاۋاتقان ئىدراكلىرىمىز، قۇرئاننىڭ شىپالىق ساپ ھاۋاسى بىلەن ئويغانسۇن. سېغىنمىغان، ئېچىشمىغان، يىغلىمىغان، كۆيمىگەن يۈرىكىمىز سېغىنسۇن، ئېچىشسۇن، يىغلىسۇن ۋە كۆيسۇن. ھەمدە ئىنسان، ئىچىكى دۇنياسىغا قاراپ چىقىدىغان سەپىرىدە، كۆڭۈل گىرۋەكلىرىگە چىڭ يېپىشىپ، قەلب دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقسۇن.
بۇلارنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن، رامىزاننىڭ مەشرەپكە ئايلىنىشىنىڭ ۋە « ئورۇقلاش ئېيى »غا ئۆزگەرتىۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. رامىزاننى مەشرەپكە ئايلاندۇرغانلار، روزا ھېيتىنىمۇ « كەمپۈت بايرىمى »غا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ھالبۇكى، رامىزان « جىسمانىي جەھەتتىن كىچىكلەپ، روھى جەھەتتىن چوڭىيىش » توغرۇلۇق تەلىم بېرىلگەن بىر زامان تىلىمى.
رامىزان روھى دۇنيانىڭ ئوزۇقلىنىش مەزگىلى. شۇڭا، بۇ ئايدا ئىنساننىڭ ھايۋانىي تەرىپى، نەفسى، ئىچكى تۇيغۇلىرى، شەھۋىتى، خۇمارى ۋە دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش خىرسى ئارقىغا چۆرۈپ تاشلىنىپ، ئىنسانىي تەرىپى ئالدىغا چىقىرىلىدۇ.
رامىزان يىلدا بىر قېتىم روھى دۇنيانى پەرۋىش قىلىدىغان ئاي. روزا، ئىنسان قەلىب دۇنياسىغا قاراپ يولغا چىقىدىغان سەپەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسى. قەلىبكە، يەنى ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىگە قىلىنغان سەپەردۇر. ئەگەر ئىنسان بۇ سەپەرنى داۋام قىلىشقا بەل باغلىسا، ئۇ يەردە ئۇچرىشىدىغىنى يەنە ئۆزى بولىدۇ. ئۇ يەردە ئەڭ تەبىئىي، نىقاپسىز، يېلىڭ ھالىدىكى ئۆز شەخسىيىتى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
ئىنسان، بۇ سەپەرنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بىلىشىدۇ، تۇنۇشۇپ چىقىدۇ، ھەمدە ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيادىكى « مەن » بىلەن ئەپلىشىدۇ. يەنى « سىلم » ( تېنىچلىق )، تەسلىمىيەت ۋە سالامەت ( نىجاتلىققا ) كە ئېرىشىدۇ. ئۆزى بىلەن چىقىشالىغان كىشى، شۈبھىسىز، ھەقىقەت بىلەنمۇ چىقىشالايدۇ. ئۆزى بىلەن چىقىشالمىغان ( فىترىتىگە ياتلاشقان ) كىشى، ئاللاھ تىن تارتىپ، ھەقىقەت بىلەن، تەبىئەت بىلەن، ئىنسانىيەت بىلەن جىدەللىشىپ تۇرىدۇ.
ياشاۋاتقان بۇ كۈنلەردە، شۇ خەتەرلىك ۋە تېيىلغاق زاماندا، ھەممىمىز ساختا ۋە سۈنىئىي كۈن تەرتىپ يامغۇرى ئاستىدا ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويىۋاتىمىز. مانا پۇرسەت يېتىپ كەلدى.
رامىزان! توغرا ۋە ئىلاھىي كۈنتەرتىپتۇر، ھەتتا شاھىتىمىز.
« رامىزان شاھىت بولسۇنكى، مەن ئۇنى، ئۇ مېنى تۇتتى! » دېيىشنى كىم ئارزۇ قىلمايدۇ دەيسىز؟