شۇنداقتىمۇ يەنە خوش كەلدىڭ رامىزان

رامىزان، ئاللاھ بېكىتكەن كۈنتەرتىپتىن بىرى.

مۇئمىنلەردىن بىر ئاي بويىنچە ئۇششاق ياكى كۈندىلىك مەسلىلەر بىلەن مەشغۇل بولماستىن، ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن كۈنتەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

رامىزان، ئىچكى دۇنيانى بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىكىدۇر.

رامىزان، ئىنسان دائىما سەل قارىغان ئىچكى دۇنياسىغا ئاتلىنىدىغان سەپەر ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بىر پەيت.

رامىزان، نەفسنى تەربىيە، روھنى پاكلاش ۋە شەيتاننى قوغلاش مەزگىلىدۇر.

رامىزان، تۆت بويۇتلۇق (تۆت تەرەپلىك) ماددىغا بەشىنچى بىر تەرەپنى قوشۇش ئۈچۈن ئىنسانغا بېرىلگەن بىر پۇرسەتتۇر.

بېراۋنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بۇ دۇنيادا، ئىنسان ئۆزىگە قاراشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بېراۋ ئۆزىنى قويۇپ باشقىلارنى قۇتقۇزىۋېلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئىنسان يەنىلا ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

رامىزان، بىر يىل بويىنچە ئوتنى ئۆچۈرىمىز دەپ كەينىدىن قوغلاپ يۈرگەن، ھەتتا ئوتنى باشتا ئۆزى قويىۋېتىپ، ئاندىن ئوت ئۆچۈرىمەن دەپ ھەپىلىشۋاتقان ئوت ئۆچۈرگۈچىنىڭ ئۆزىگە تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرىدىغان مەزگىلىدۇر.

رامىزان، ھاياتنىڭ ئالدىراش ۋە قالايمىقان قىستاڭچىلىقىدا بىر يىل بويىنچە يورغىلاپ يۈرگەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش ۋە ئوڭشاش، خاتالىقلىرىنى بايقاش ۋە ئۆزگەرتىپ ئەسلىگە قايتىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق پۇسەت.

ۋەيران بولمايدىغان قىممەتلەرنى ۋەيران قىلغان « سېكۇلار/لايىقچى ( دىننى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ سىرىتىغا چىقىرىپ تاشلاش )مەنتىق »، بىزگە بۇ مەنتىقنىڭ شىفاسى، بىباھا مەلھەملىرىدىن بىرى بولغان رامىزاننى « ئەنئەنىۋىي بايرام »، روزا ھېيتىنى « كەمپىت بايرىمى »، قۇربان ھېيتىمىزنى « گۆش بايرىمى » دەپ تونۇشتۇرىۋاتىدۇ.

روزىنى كۈندىلىك ھاياتىنىڭ مۇھىم ئىشلىرى تەرتىپىگە ئالغانلار ئۈچۈن بىر رەھمەت ۋە مەغپىرەت يامغۇرى بولغان رامىزاننى « ئىفتار نېنى » ۋە « سوھۇرلۇق دۇمباق ئاۋازى » ئەدەبىياتىغا قۇربان قىلىۋېتىش، رامىزاننى ئەسلى ماھىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. رامىزاننى ئەسلىدە دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن ھاياتىمىزنىڭ يېڭىدىن دىنغا يۈزلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھ قا بولغان مۇھەببەتنىڭ بىر تەرىپىنى قوشىۋېلىشىمىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر غەنىمەت دەپ قاراش كېرەك.

مانا بۇ دەل ئۆزىمىز بىلەن تۇنۇشۇشنىڭ پەيتى…
********************

ئىسلام ئۈممىتى ياشىغان جايلاردا قان ۋە كۆز يېشى توختىماي ئېقىۋاتىدۇ.

مۇسۇلمانلار خەلقئارا ۋە يەرلىك كۇپۇر ئەھلىنىڭ قىسقاچلىرىدا.

دۇنياۋى ۋە يەرلىك كۇپۇر ئەھلى، ھەممىسى بىرلىشىپ بىر مۇشتقا ئايلىنىپ ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ ئۈنۋېرسال قىممەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشماقتا.

ئىسلام ئۈممىتى پارچە – پارچە بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەر بىر پارچىنىڭ بېشىغا بالا بولغان مىللەتچى دۆلەتلەر ۋە دېكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلمى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

تەپەككۇرلار پالەچ،

ئىلم كور،

ھېكمەت يوقالغان،

ئوغرىلار مەمۇر،

ئۆلىمالارنىڭ نۇمۇسسىز كىشىلەرچىلىكمۇ يۈرىكى يوق،

مۇشۇنداق بىر زاماندا كەلدىڭ ئەي رامىزان،

خوش كەلدىڭ، لېكىن خوش ھالەتتە تاپالمىدىڭ بىزنى.

خوش تاپالمىدىڭ، چۈنكى:

ئىسلامغا ئىسلام دۈشمەن،

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا تاقىتى يوق،

كېپىنەك گالاستۇكلۇق موللىلار،

رىياكار ھاجىلار،

فېمىنىست ( غەربچە ئاياللار ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى ) ھەدىلىرىمىز بار بۈگۈن.

ئىمانلارغا ئىللەت، مۇئمىنلەرگە زىللەت ھەمراھ بولدى،

بەزىلەر مىنىبۇسقا چىقىۋاتقاندا، بەزىلەر مىنىبۇسقا تاش ئېتىۋاتىدۇ.

بالىسىنىڭ تۇنجۇقىشىنى تاماشا قىلىۋاتقانلار، جەسىدىنى بۆلۈشۈپ بولالماي ئاۋارە.

سۆيگۈ / مېھرى – شەپقەتنى بىلمەي « مۇسۇلمان » بولغانلار بار.

بىلەرمەنلەر، شەكىلۋازلار…

« يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا »دىن كېيىن، « يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان مېڭىلەر » مەيدانغا كەلدى بۈگۈن،

قىڭغىر قارىغانلار، خاتالىقنى قانداق قارىغانلىقىدىن ئەمەس، قارىغان نەرسىلىرىدىن ئىزدەيدۇ،

كارامىتى ئۆزىدىن باي – غۇجاملار، ئەپەندىلەر، زاتلار « بەش قەدەم ئاتلاش » ئۈچۈن ھەلەبنى ياراتماي، ئەمدى « ئالەم بوشلۇغى » چىقماقچى بولىۋاتىدۇ.
***********************************
يەر يۈزىنىڭ شۇ قۇرغاق پەسلىدە چۆلگە ئايلانغان كۆڭۈل لەۋلىرى چاڭقاپ يېرىلىپ كەتتى.

ئەي رەھمەت ئېيى،

ئەي رامىزان،

بىزنىڭ مۇشۇ ھالىمىزدىمۇ يەنىلا خوش كەلدىڭ.