سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەسەرلىرىمىز » تەۋسىيەلىك ئۇلانمىلار » قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى (بەتلەر: 8)

فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى 3 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « تەپسىلىي بايان قىلىندى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « فۇسسىلەت » پېئىلى بۇ سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان. سۈرە، بۇخارى ۋە تىرمىزىدا بىرىنچى ئايىتىگە ئاساسەن « ھا، مىم، ئەسسەجدە » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. سۈرىنى 10 – ئايىتىگە ئاساسەن « ئاقۋات » ۋە 12 – ئايىتىگە ئاساسەن « مەسابىھ » ئىسمى بىلەن ئاتىغانلارمۇ بولغان. ئاقۋات « ئوزۇقلۇق » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مە ...

داۋامى

مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « مۇئمىنلەر » مەنىسىدىكى « مۇئمىنۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. بىزگە يېتىپ كەلگەن رىۋايەتلەردىن بۇ سۈرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتىغانلىقى مەلۇم بولماقتا ( ئەبۇ داۋۇد ). سۈرە مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نازىل بولغان. ھەتتا بۇ ساھەدە نوپۇزلۇق بەزى كىشلەر بۇ سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغان ئاخىرقى سۈرە دەپ قارىغان. لېكىن م ...

داۋامى

ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى « ئەنبىيا » ئىسمى سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بېرىلگەن. يەنى سۈرىدە ھەزرىتى ئىبراھىمدىن باشلاپ ئون يەتتە پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. بۇلار ھەزرىتى مۇسا، ھەزرىتى ھارۇن، ھەزرىتى ئىبراھىم، ھەزرىتى ئىسھاق، ھەزرىتى ياقۇپ، ھەزرىتى لۇت، ھەزرىتى نۇھ، ھەزرىتى سۇلايمان، ھەزرىتى داۋۇد، ھەزرىتى ئەييۇب، ھەزرىتى ئىدرىس، ھەزرىتى ئىسمائىل، ھەزرىتى سالىھ، ھەزرىتى يۇنۇس، ھەزرىتى زەكەرىي ...

داۋامى

غافىر ( مۇئمىن ) سۈرىسى

غافىر ( مۇئمىن ) سۈرىسى سۈرە، 28 – 45 – ئايىتىدىكى قىسسەگە ئاساسەن ئىسلام ئالەمىنىڭ غەربىدە « مۇئمىن »، شەرقىدە 3- ئايىتىگە ئاساسەن « غافىر » ئىسمى بىلەن مەشھۇر. تىرمىزى، رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈرىنى « ھا، مىم، ئەلمۇئمىن » دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدىكى بىر ھەدىسنى نەقىل قىلغان. سۈرە مەككىدە ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نازىل بولغان بولسا كېرەك. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ئۇقبە بىن ئەبى مۇئايت رەسۇلۇللاھقا قول تەككۈزمە ...

داۋامى

سەبەئ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سەبەئ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان سەبەئ، مەزكۇر سۈرىنىڭ 15 – 20 – ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان سەبەئ دۆلىتى ۋەقەلىكىدىن ئېلىنغان. سەبەئ، ئوكيانۇس – ئاق دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى باھارات يولىنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان جەنۇبى ئەرەبىستاندىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىسمىدۇر. ھەدىس ۋە تەپسىرلەردە بۇ سۈرە « سەبەئ » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. بەزى ئايەتلەرنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەقق ...

داۋامى

لوقمان سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

لوقمان سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرىگە بۇ ئىسىم، بۇ ھەكىمنىڭ ئوغلىغا، يەنى ھەممىمىزگە بەرگەن نەسىھەتى يەر ئالغان ئايەتلەر ( 12 – 19 ) گە ئاساسەن بېرىلگەن. بۇ زات قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قۇرئاندا بۇنىڭدىن باشقا سۈرىلەردە لوقمان ئىسمى ئۇچرىمايدۇ. سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ئىبن ئابباستىن كەلگەن بىر رىۋايەتمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نوقتا شۇكى، بۇ سۈرىدە مەككى ...

داۋامى

نەھل سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

نەھل سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرىگە 68 – ئايەتكە ئاساسەن « ھەسەل ھەرىسى » مەنىسىدىكى نەھل ئىسمى بېرىلگەن. رەببىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: « تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە كىشلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن » ( 68 ). ئالەملەرنىڭ رەببى، ھەسەل ھەرىسىنىڭمۇ رەببىدۇر. ھەرىلەرگە يارىتىلىش مەقىسىتىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارغا ۋەھىي قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. سۈرە، ئالغان ۋەھىينى ھەسەل سۈپىت ...

داۋامى

ئەنئام سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەنئام سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئەنئام سۈرىسى « ھايۋانلار ( تۆگە، كالا، قويلار ) » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسمىنى، توقۇپ چىقىلغان يالغان مۇقەددەسلەر ھەققىدە توختالغان 136 – ۋە داۋامىدىكى ئايەتلەردىن ئالغان. سۈرىدە بۇ كەلىمە ئالتە قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ مەزگىلىدىلا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇبۇۋۋەت دەلىللىرىدىن بەزىلىرى بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەر بۇ سۈر ...

داۋامى

ھىجر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ھىجر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرە ھىجر ئىسمىنى 80 – ئايىتىدىن ئالغان. ھىجر « قورام تاشلىق جاي » ياكى « يېپىق ھاۋزا » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، تارىخى مەنبەلەردە قەدىم زامانلاردىن تارتىپ سەمۇد قەۋمى ياشىغان جاي ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ رايون قورام تاشلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ۋولقان پارتىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن. يۇنان ۋە رىم مەنبەلىرىدە « ھەگرا » دەپ ئاتالغان. بۇ جاي باشتىن ئاياغ مېمارچىلىققا قولايلىق ...

داۋامى

يۈسۈپ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

يۈسۈپ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى سۈرىنىڭ مەلۇم بولغان بىردىنبىر ئىسمى « يۈسۈپ » بولۇپ، سۈرىدە باشتىن ئاياغ يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ھەزرىتى يۈسۈپ ھەققىدىكى مەلۇماتلار بۇ سۈرىدىن باشقا، ئەنئام ۋە مۇئمىن سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بىراق، « قىسسەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى » دەپ نام ئالغان يۈسۈپ قىسسىسى بۇ سۈرىدە باشتىن ئاياغ كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنغان. قۇرئاندا كىشى ...

داۋامى

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش