نەھل سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىگە 68 – ئايەتكە ئاساسەن « ھەسەل ھەرىسى » مەنىسىدىكى نەھل ئىسمى بېرىلگەن.
رەببىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: « تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە كىشلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن » ( 68 ).
ئالەملەرنىڭ رەببى، ھەسەل ھەرىسىنىڭمۇ رەببىدۇر. ھەرىلەرگە يارىتىلىش مەقىسىتىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارغا ۋەھىي قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. سۈرە، ئالغان ۋەھىينى ھەسەل سۈپىتىدە ھاياتقا ئايلاندۇرغان بۇ مەخلۇقلار ئارقىلىق ئىنسانغا دەرس بەرمەكتە. يەنى بۇ ئارقىلىق، ئوتتۇرىچە ئۆمرى بىر قانچە ئاي بولغان ھەرىنىڭ يارىتىلىش مەقىسىتى بولىدۇ – يۇ، ئىلاھىي بىر شاھ ئەسەر بولغان ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى بولمامدۇ؟ دېيىلمەكچى بولسا كېرەك.
نەھل، مەزكۇر سۈرىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر ئىسمى.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى تەرتىپلەردە كەھف – نۇھ سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ، سۈرىنىڭ مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نازىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەنئام سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقى ئېنىق. چۈنكى 118 – ئايەتتىكى « ساڭا ئىلگىرى بايان قىلغان … » ئىبارىسى ئەنئام 146 – ئايەتنى ئىما قىلماقتا. نازىل بولۇش مەزگىلىنى، ئوسمان بىن مازۇننىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ۋەسىلە بولغان سۈرە ئىكەنلىكى ھەققىدە، ئەھمەد ئىبن ھەنبەل رىۋايىتىمۇ تەستىقلايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە زەئىپ بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ ساھابىنىڭ ئەرقەمنىڭ ئۆيىدە ئىمان ئېيتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
« ئەل – بۇرھان » نىڭ مۇئەللىپى زەركەشى، 40 – ئايەتكىچە مەككىدە، قالغان ئايەتلەرنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىبن ئابباس ئاخىرقى ئۈچ ئايەتنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە رىۋايەت نەقىل قىلىنغان. ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچەم بۇ رىۋايەتلەرنى تەستىقلىمايدۇ. بۇ سۈرىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلىكى باشتىلا مەلۇم بولماقتا. ھىجرەت ھەققىدە توختالغان 41 ۋە 110 – ئايەتلەر، ھىجرەتتىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 11 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى تەۋھىد. شېرىكنىڭ ئىنساننى ئىنسانلىقتىن چىقىرىپ تاشلىغان، بەندىگە ۋە شەيئىلەرگە قۇل قىلىدىغان تەبىئىيتىنى جانلىق شەكىلدە گەۋدىلەندۈرۈپ تەسۋىرلەپ بەرگەن. شېرىك ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسىغا قارشى سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدۇر. بۇ سەۋەپتىن سۈرە مۇھاتابىدا ( خىتاپ قىلىنغۇچى ) مەسئۇلىيەت ئېڭىنى بەرپا قىلىدۇ. سۈرە باشتىن ئاياغ ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن، ئىنساننىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىدۇ.
سۈرە « ئاللاھ نىڭ ئەمرى كەلدى » ( 1 ) دەپ باشلىنىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقۇچى بۇ خىتاپ پەقەت باشلىنىش بولۇپ، مۇھاتابنى، بولۇپمۇ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان مۇھاتابلارنى قاتتىق بىر سىلكىش بىلەن، غەرق بولغان غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشنى؛ ئاللاھ تىن غەيرىگە ئىلاھلىق سۈپىتى بەرگەن ئەقىلنى سىلكىش ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆلگەن ۋىجدانلارنى قايتىدىن تىرىلدۈرىشنى ( 2 ) مەقسەت قىلماقتا.
ئاندىن، ئۆلگەن ۋىجدانلارنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ ئىنساننى قورشاپ تۇرغان نېمەتلىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن. بۇ نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا ۋەھىي كەلمەكتە. ۋەھىي ئىنسانغا يارىتىلىش مەقسىتىنى ئەسلىتىدىغان بىر ئىلاھىي ئۇقتۇرۇشتۇر. ئىنسان ياشاپ ھاياتلىق كەچۈرسۇن دەپ يارىتىلغان ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى بولىدۇ – يۇ، ئىنساننىڭ بىر يارىتىلىش مەقسىتى بولماسمۇ؟ بۇ ھەقىقەت ئەسلىتىلىدۇ ( 3 ). ئىنسان بىر تامچە ئابىمەنىدىن يارىتىلغان. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئىنسان نېمە ئۈچۈن ئاللاھ قا ئاشكارا خۇسۇمەت قىلىدۇ؟ ( 4 ). ئات، ئېشەك، قىچىر قاتارلىق كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلار ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت سەپىرىدە ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاز كۆتۈردىمۇ؟ ( 5 – 9 ). بۇ ھايۋانلار تەشەككۇر تەلەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى « زەلۇل ( ياۋاش، ئىتائەتكار ) » قىلىپ يارىتىپ ئىنساننىڭ ئەمرىگە بەرگەن ئاللاھ، ئىنساندىن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە. ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە ( 10 ). كۈن ۋە ئاينى ئىنساننىڭ ئەمرىگە بەرگەن ئاللاھ، ئىنساندىن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە ( 12 ). يەر يۈزىگە يەرلەشتۈرگەن رەڭگا – رەڭ گۈزەللىكلەر ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق ئامبىرى قىلىپ بەرگەن شەيئىلەر ئۈچۈن، ئىچىنى چەكسىز نېمەتلەر بىلەن تولدۇرغان ۋە ئۈستىدە كېمىلەرنى كۆتۈرۈپ ماڭدۇرىدىغان سۇنىڭ لەيلىتىش قانۇنىنى بەلىگىلەپ بەرگەن دېڭىزلار ۋە ئوكيانۇسلارنى ياراتقانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئىنساندىن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە (13 – 14). يەر يۈزىدە قىمىلدىماس ياغلارنى يەرلەشتۈرگەنلىكى، شاقىراپ ئاققان سۇلارغا ئېقىن يوللىرىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئىنساندىن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە ( 15 ). مانا بۇ نېمەتلەر ئەسلىتىلگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ سورىماقتا:
أَفَمَنْ يَخْلُقُ كَمَنْ لَا يَخْلُقُ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
« ( پۈتۈن كائىناتنى ) ياراتقان اﷲ بىلەن ( ھېچ نەرسىنى ) يارىتالمايدىغان ئوخشاش بولامدۇ؟ ئويلىمامسىلەر » ( 17 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەت، يۈزى قىزارغان ھەر كىشىنى ئاللاھ ئالدىدا خىجالىتىدىن يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكۈدەك قىلىۋېتىدىغان بىر ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ:
وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَةَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا إِنَّ اللَّهَ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
« ئەگەر اﷲ نىڭ ( سىلەرگە بەرگەن ) نېمىتىنى سانىساڭلار، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، اﷲ سىلەر ( نىڭ بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىڭلار ) نى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ( بەندىلىرىگە ) مېھرىباندۇر » ( 18 ).
ئىنساننىڭ رەببىنى ئۇنتۇشىنىڭ تەكتىدە، ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئۆلۈمنىڭ، ئۆزىنى كۈتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئۇنتۇغانلىقى ياتماقتا. بۇ سەۋەپتىن بۇ نوقتىدا ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بايان قىلىنغان. ئاخىرەتتىن مۇراد مۇكاپات ۋە جازادۇر. مۇكاپات ۋە جازانىڭ مەقسىتى، ئىنساننىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېساپ بېرىدىغان بولغانلىقىدۇر ( 24 – 32 ).
« تەقدىرگە ئىشنىش » نامى بىلەن ئاللاھ قا تۆھمەت چاپلىغان ئوبرازنىڭ ۋەھىي نازىل بولۇش مۇھىتىدىكى ۋەكىلى مەككە مۇشرىكلىرى بولۇپ، ئۇلارغا « شېرىك كەلتۈرمەڭلار » دەپ خىتاپ قىلغان ئاللاھ نىڭ ۋەھىيسىگە، ئۇلار يەنە ئاللاھ نى سەۋەبچى قىلىپ كۆرسىتىپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇلارچە بولغاندا، ئۇلارنىڭ مۇشرىك بولىشىنى ئاللاھ خالىغان ئىدى ( ئاللاھ نى ئۇلارنىڭ بۇ تۆھمىىدىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز ). يەنى گەپنى ئەگىتىپ « مۇشرىك بولىشىمىز ئاللاھ نىڭ تەقدىرىدۇر، پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن » دېمەكتە:
وَقَالَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا عَبَدْنَا مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ نَحْنُ وَلَا آَبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ كَذَلِكَ فَعَلَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇشرىكلار: « مۇبادا اﷲ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز اﷲ نى قويۇپ ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، اﷲ ھارام قىلمىغان ( يەنى اﷲ نىڭ ھۆكمىسىز ) ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق » دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت ( 35 ).
ئاللاھ قا « تەقدىرگە ئىشىنىش » نامى ئاستىدا مۇشۇنداق بىر تۆھمەت چاپلىغانلىقى يەتمىگەندەك، يەنە « ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش يوق » دەپ ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلىشلىرىغا نېمە دەيلى بۇلارنىڭ؟ مانا بۇ مۇئامىلە، ئاللاھ قا ئاسىي بولغان ۋاقىتتىمۇ، ئاللاھ نى ئۆزىنىڭ نەپسىگە سۈيئىستىمال قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى:
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَا يَبْعَثُ اللَّهُ مَنْ يَمُوتُ بَلَى وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار: « اﷲ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەيدۇ » دەپ ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشتى، ئۇنداق ئەمەس، بۇ ( ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈش ) اﷲ چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ۋەدىسىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ( اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى ) بىلمەيدۇ ( شۇڭلاشقا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ) ئىنكار قىلىدۇ ( 38 ).
قۇرئاننىڭ ئۇسلۇب ئۆزگىچىلىكلىرى ئىچىدە « مەسانى ( زىت قۇتۇپلار ) » ئالاھىدىلىكى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. مەسىلەن، باشتا مۇنكىرلەرنى بايان قىلغان بولسا، ئارقىدىنلا مۇئمىنلەرنى بايان قىلىدۇ. بۇ سۈرىدىمۇ مەزكۇر ئالاھىدىلىك ئېغىر سالماقنى ئىگلەيدۇ. سۈرىدە ئاللاھ يولىدا ئەزىيەت تارتقان، جەۋىر – جاپاغا دۇچار بولغان، ھىجرەت قىلغان مۇئمىنلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ( 41 – 42 ).
ئاندىن سۆز بىۋاستە ھالدا قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابى بولغان رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ ۋە پەرىشتە پەيغەمبەر تەلەپ قىلغان قەۋمگە رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن جاۋاپ بېرىلگەن: « سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىرىمىزمۇ پەقەت ئۆزىگە ۋەھيى نازىل قىلىنغان ئىنسانلار ئىدى » ( 43 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىن « ئۆزەڭلارغا ئىككى ئىلاھ پەيدا قىلىۋالماڭلار » دەپ شېرىكنى رەت قىلغان ۋە تەۋھىدكە چاقىرغان بىر بۆلەك كەلگەن ( 48 – 64 ). بۇ بۆلەكتە ئاللاھ نىڭ قىزلىرى دەپ پەرىشتىلەرگە چوقۇنغان ئەقىلنى، سادىر قىلىۋاتقان جىنايىتى بىلەن قوشۇپ ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: « ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە ( خوتۇنىنىڭ ) قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ » ( 58 ). ئەڭ ئېغىر زىتلىق دېگەن مانا مۇشۇ. ئاللاھ قا قىزلارنى لايىق كۆرگەن ئەقلىڭ، نېمە ئۈچۈن ئۆزەڭ بىر قىز پەرزەنت كۆرسەڭ، ئۇنى ئۆزەڭ ئۈچۈن ھاقارەت دەپ قارايدۇ؟ ھالىڭلار مۇشۇنداق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئاللاھ قا قىز پەرزەنت نىسبەت بېرىپ ئۇلارغا چوقۇنىسىلەر؟
سۈرىدىكى خىتاپ بەزى جايلاردا ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ قىلىنغان خىتاپتۇر. مەسىلەن، مۇھاتابنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەن بۇ ئايەتكە قاراپ بېقىڭ:
وَلَوْ يُؤَاخِذُ اللَّهُ النَّاسَ بِظُلْمِهِمْ مَا تَرَكَ عَلَيْهَا مِنْ دَابَّةٍ وَلَكِنْ يُؤَخِّرُهُمْ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
« ئەگەر اﷲ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن ( چاپسان ) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن اﷲ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ( ھالاك بولۇش ) ۋاقتى كەلگەندە قىلچە ۋاقىتمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ( ۋاقتى كەلمىسە ) قىلچە ۋاقىتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ » ( 61 ).
ئاللاھ قا شېرىك قوشقانلارغا، 71 – ئايەتتە بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئىنساننىڭ بىر ھالىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق تەسۋىرلەپ، شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ قىلمىشىنى يۈزىگە ئۇرغان. ئايەت بىر تەرەپتىن تۇنجى ئىنساندىن ئەڭ ئاخىرقى ئىنسانغىچە بارلىق توپلۇملار مەنسۇپ بولغان ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي قانۇننى تەستىقلاش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن تەۋھىد ۋە شېرىكنىڭ تەبىئىيتىگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىنى مىسلىسىز بىر بالاغەت بىلەن بايان قىلىغان:
وَاللَّهُ فَضَّلَ بَعْضَكُمْ عَلَى بَعْضٍ فِي الرِّزْقِ فَمَا الَّذِينَ فُضِّلُوا بِرَادِّي رِزْقِهِمْ عَلَى مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَهُمْ فِيهِ سَوَاءٌ أَفَبِنِعْمَةِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
« اﷲ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، رىزىقتا ئۈستۈن قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى باراۋەر بولۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى قۇللار / خىزمەتكارلارغا بەرمەيدۇ. مانا بۇنىڭغا ( ئۆزى رازى بولمايدىغان تۇرۇپ )، يەنە ( شېرىك قوشۇش ئارقىلىق ) اﷲ نىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلىشامدۇ؟ » ( 71 ).
تەۋھىد ۋە شېرىك مەسىلىسى شۇنداق زىل مەسىلە بولۇپ، ئاللاھ بىلەن باشقا بىر مەۋجۇدىيەتنى ھەر جەھەتتىن ئوخشىتىشقىمۇ بولمايدۇ ( 74 ).
سۈرىنىڭ داۋامىدا، يەنە ئاللاھ نىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەمرىگە بەرگەن نېمەتلىرى تىلغا ئېلىنغان. ئىنسان ئاللاھ قا ھەر شېرىك قوشقاندا، ئىنسان پۈتۈن نېمەتلەرگە خىيانەت قىلغان ۋە بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھ قا تۇزكورلۇق قىلغان بولىدۇ. ھەر پەيغەمبەر ( ۋە رىسالەتنىڭ قىيامەتكىچە يەتكۈزگۈچىسى بولغان ئالىملار )، ئۆزى ياشىغان توپلۇمنىڭ شاھىتىدۇر: « ئۇ كۈندە بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قارشى (گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت كەلتۈرىمىز » ( 89 ).
ئاللاھ قا بېرىلگەن ۋەدە ئارقىلىق بەندىلەرگە بېرىلگەن ۋەدىنى بۇزۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنغان. بولۇپمۇ ئاللاھ نامىدىن قىلىنغان قەسەملەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
« قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا قەدىمىڭلار سابىت قىلىنغان زېمىن ( ئىسلام )دىن ئايىغىڭلار قېيىپ كېتىدۇ ۋە ئاللاھ نىڭ يولىدىن يىراقلاشقانلىقىڭلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى تېتىيسىلەر، ( ئاخىرەتتە دوزاختا ) چوڭ ئازابقا قالىسىلەر » ( 94 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن سۆز بىۋاستە قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابىغا قارىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىن بارلىق مۇئمىنلەرگە قۇرئان ئوقۇش ۋە چۈشۈنۈشنىڭ پاك بىر ئەقىل بىلەن قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ئىستىئازە ئارقىلىق بولىدۇ. ئىستىئازە، ئەقىلگە تەھەرەت ئالدۇرۇش بولۇپ، قۇرئان تەھەرەتسىز بىر ئەقىل بىلەن ئوقۇلماسلىقى كېرەك:
فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآَنَ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ
« سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) اﷲ قا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن » ( 98 ).
بۇ ئايەت قۇرئان ۋەھىينى چۈشۈنۈشنىڭ بىرىنچى شەرتىنى بايان قىلماقتا. داۋامىدىكى ئايەتلەر ۋەھىينى توغرا شەكىلدە چۈشۈنۈشنىڭ كوردىناتلىرىنى بەرمەكتە. ئاندىن ۋەھىينىڭ ئەسلى مەنبەسىدىن پاك ھالدا نازىل بولغانلىقى بايان قىلىنغان ( 102 ). ۋەھىي مەنبەسىنىڭ ئاللاھ ئەمەس، ئىنسان ئىكەنلىكى تۆھمىتىنى رەت قىلىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ يەر ئايرىشى، دەماللىققا كىشىگە غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن ( 103 ). ئەسلىدە بۇ قۇرئاننىڭ « ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ » بىر دەلىلى. بۇنداق ساراڭلارچە بىمەنە تۆھمەتنى، قۇرئاننىڭ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئۆز ئىچىگە ئېلىپ رەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئۆز مەنبەسىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ مىسلىسىز دەلىلىدۇر.
ھالال – ھارامنى بەلگىلەشنىڭ ئاللاھ نىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىر بۆلەكتىن كېيىن، سۆز تارىختا بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان كىتابى بار توپلۇم بولغان يەھۇدىيلارغا كەلتۈرۈلگەن ( 116 – 118 ). ھەزرىتى ئىبراھىم « ياخشى ئۆرنەك » سۈپتىدە تىلغا ئېلىنغان ئايەت مانا بۇ دائىرىدە بايان قىلىنغان ( 120 ). يەھۇدىيلارغا قاچانكى ئىزىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلسە، دەرھال ئۆزلىرىنىڭ ھەزرىتى ئىبراھمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ ماختىناتتى ۋە بۇ ئۇرۇق – تۇققانچىلىقنى سۈيئىستىمال قىلاتتى ( 121 – 124 ).
ھەقىقەتكە چاقىرىشنىڭ بارلىق زامان ۋە ماكانلاردا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى ياڭرىتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسلۇب بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق توغرىلىرى بولغان ياخشى ۋە گۈزەلگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەخسى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ پرىنسىپلىرىغا كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرغان بۇ سۈرە، بۇ ھەقىقەتلەرنى ياقىلاشنىڭ ھەر زامان ۋە ماكانغا ماس كېلىدىغان ئۇسلۇبىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ادْعُ إِلَى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
« رەببىڭنىڭ يولىغا ( يەنى ئىسلام دىنىغا ) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار ( يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار ) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكەن. رەببىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ » ( 125 ).