لوقمان سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىگە بۇ ئىسىم، بۇ ھەكىمنىڭ ئوغلىغا، يەنى ھەممىمىزگە بەرگەن نەسىھەتى يەر ئالغان ئايەتلەر ( 12 – 19 ) گە ئاساسەن بېرىلگەن.

بۇ زات قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قۇرئاندا بۇنىڭدىن باشقا سۈرىلەردە لوقمان ئىسمى ئۇچرىمايدۇ.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ئىبن ئابباستىن كەلگەن بىر رىۋايەتمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نوقتا شۇكى، بۇ سۈرىدە مەككىدىكى زوراۋانلىققا مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق ياكى يېپىق ھالدا ھېچقانداق بىر ئىما ئۇچرىمايدۇ.

بۇ قەدىم بىلىملىك زات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ بۆلەكتە، لوقماننىڭ نەسىھەتلىرى ئارقىلىق مۇھەممەدى دەۋەتكە كەلگەنلەرنىڭ، ئۆز ئاتا – ئانىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۇسلۇبى ( 14 – 15 )، ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرەت تەرىپى تېما قىلىنغان ( 14 – 15 ۋە 33 ). بۇ مەلۇماتلار سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ سۈرىنىڭ ئاتا – ئانىغا شەرتسىز ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىغان ئىسرا 23 – 24 – ئايەتلىرىدىن كېيىن نازىل بولغانلىق ئېتىمالى ناھايىتى كۈچلۈك. كېيىنكى مەزگىلدە نازىل بولغان ئەنكە بۇت 8 – ئايىتىدىمۇ ئوخشاش ئۇسلۇب بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغان. چۈنكى ئەقىدە جەھەتتىن ئوخشاشماسلىق سەۋەبىدىن ئىككى نەسىل ئارىسىدا پەيدا بولغان سۈركىلىش، بۇ مەزگىلدە ئىجتىمائىي مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

بەزى ئايەتلەرنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر، ساغلام بىر دەلىلگە تايانمىغانلىقى ئۈچۈن، نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل رىۋايەتلەر سېلىنىشى كېرەك بولغان بەش ئۆلچەم ئەنئام سۈرىسىدە بايان قىلىندى.

سۈرە دەسلەپكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ساففات – سەبە سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. سەبە سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلىشى مەزكۇر سۈرىنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ 11 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سۈرە مۇقاتتائا ھەرىپلىرى بىلەن باشلانغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش، ۋەھىي شىپى كەلتۈرۈلگەن ھالدا باشلانغان : « بۇ، ھېكمەتلىك كىتاپنىڭ ئايەتلىرىدۇر » ( 2 ).

بۇ ئايەتتە قۇرئاننىڭ سۈپىتى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن « ھەكىم » كەلىمىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھ نىڭ سۈپىتى بولۇپ بىر قانچە ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان. ھەكىم كەلىمىسى، بىر ئىسمى فائىل ( ئىگە ) شەكلى بولۇپ، مۇبالىغىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئىگە بولغاندا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىنى ۋە ئۈستۈنلىكنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ، قۇرئاننىڭ جانلىق بىر خىتاپ ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن قۇرئانى دەلىلى. قۇرئاندا، قۇرئان ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن مۇبالىغە بىلەن ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىسىم – سۈپەت ھەكىم بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قۇرئان ئۈچۈن مەجىد، كەرىم ۋە ئەزىز قاتارلىق ئۈچ سۈپەتمۇ ئىشلىتىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇبالىغە بىلەن ئىسمى فائىل شەكلىدە كەلگەن. قۇرئاندا، قۇرئان ئۈچۈن مۇبالىغە بىلەن ئىگە شەكلىدە كەلگەن تۆت خىل سۈپەتنىڭ ئىشلىتىلىشى ئارقىلىق: بۇ كىتاپ مۇھاتابىنى تىرىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. قۇرئاننى كىتابىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلار بار بولسا، ئەقلى – ھۇشىنى تېپىۋالسۇن. قۇرئاننى كىتابىغا ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆزى قۇرئانغا ئەگەشسۇن دېمەكتە.

ئۆزىنى بەرپا قىلغۇچى / تىرىلدۈرگۈچى سۈپىتىدە تونۇشتۇرغان قۇرئان، بۇ مەقسەتنى تۆت باسقۇچتا ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ:

  1. ئاتالغۇ – ئۇقۇملار بىلەن چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرىدۇ / بەرپا قىلىدۇ
  2. تەۋسىيەلەر بىلەن قۇرئانى ئەقىلنى شەكىللەندۈرىدۇ
  3. ئۆرنەكلەر بىلەن شەخسىيەت / كىشىلىك شەكىللەندۈرىدۇ
  4. بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ

سۈرە دەسلەپكى بۆلەكتە كائىنات ۋە ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىلەن مۇھاتابىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ ( 3 – 11 ). بۇلاردىن كېيىن، مەخلۇققا قاراپ خالىقنى كۆرەلمىگەن، ئەسەرگە قاراپ ئۇستىنى ئۇنتۇپ قالغان، ھادىسىنى كۆرۈپ ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىسىنى كۆرەلمىگەن پاراسەتسىزلەردىن مۇنداق سورايدۇ:

هَذَا خَلْقُ اللَّهِ فَأَرُونِي مَاذَا خَلَقَ الَّذِينَ مِنْ دُونِهِ بَلِ الظَّالِمُونَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ

« مانا بۇلار اﷲ نىڭ (ياراتقان) مەخلۇقاتلىرىدۇر، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، اﷲ تىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىلەرنى ياراتتى؟ ياق، زالىملار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر » ( 11 ).

سۈرىدە، ئومۇمىي جەھەتتىن سۆز ۋە سۆز / كالامنىڭ كۈچى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. سۈرە ئىلاھىي كالام شىپى كەلتۈرۈلگەن ھالدا باشلانغان بولۇپ، 6 – ئايەتتە كۈچىنى بىلىم ( ھەقىقەت )تىن ئالمىغان سۆزنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇ ساختا سۆزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. 12 – 19 – ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان لوقماننىڭ ھېكىمەتلىرى « ياخشى سۆز »نىڭ بىر مىسالى. سۈرىنىڭ ئىككىنجى بۆلىكى، سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ھەزرىتى لوقماننىڭ نەسىھەتلىرىگە ئايرىلغان. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت – قاراشلىرىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلامنىڭ، بارلىق زامان ۋە ماكانلار چەكلىمىسىدىن خالىي بولغان پرىنسىپلىرى بۇ نەسىھەتتە بايان قىلىنماقتا:

وَلَقَدْ آَتَيْنَا لُقْمَانَ الْحِكْمَةَ أَنِ اشْكُرْ لِلَّهِ وَمَنْ يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ (12) وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ (13) وَوَصَّيْنَا الْإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْنًا عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ (14) وَإِنْ جَاهَدَاكَ عَلى أَنْ تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ (15) يَا بُنَيَّ إِنَّهَا إِنْ تَكُ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ فَتَكُنْ فِي صَخْرَةٍ أَوْ فِي السَّمَاوَاتِ أَوْ فِي الْأَرْضِ يَأْتِ بِهَا اللَّهُ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ (16) يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَى مَا أَصَابَكَ إِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ (17) وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ (18) وَاقْصِدْ فِي مَشْيِكَ وَاغْضُضْ مِنْ صَوْتِكَ إِنَّ أَنْكَرَ الْأَصْوَاتِ لَصَوْتُ الْحَمِيرِ (19)

بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) « اﷲ قا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، اﷲ (بەندىلەردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر » (12). ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: « ئى ئوغۇلچىقىم، اﷲ قا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر » دېدى (13). ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر (14). ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن (15). (لوقمان ئېيتتى) « ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە (يەنى ئەڭ مەخپىي جايدا) يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، اﷲ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ (ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۈزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر (16). ئى ئوغۇلچىقىم! ناماز ( ئاللاھ قا بەندىلىك )نى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن / ھەقىقىي شەكىلدا ئادا قىلغىن ) ئوقۇغىن، ( ھەردائىم كىشىلەرنى ) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر (17). كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ (18). ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر » (19).

گەرچە ئۈستىدىن مىڭلارچە يىل ئۆتسىمۇ، ئىنسانىيەت ئالىمىدە ياڭرىغان بۇ ياڭراق سادانىڭ يوق بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى بولغان مەزكۇر ھېكمەتلەر، سۆزنىڭ تەربىيە مەقسىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنەكلىرىدىن بىرى. « ئاۋازىڭنى يۇقىرى قىلما! » ( 19 ) دېگەنلىك، ئەسلىدە « سۆزنىڭ قىممىتى »نى يۇقىرى كۆتۈر دېگەنلىكتۇر. بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، سۆز، سۆزلەرنىڭ سۇلتانى بولغان ئاللاھ نىڭ سۆزلىرىگە كەلتۈرۈلگەن:

وَلَوْ أَنَّمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ شَجَرَةٍ أَقْلَامٌ وَالْبَحْرُ يَمُدُّهُ مِنْ بَعْدِهِ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَا نَفِدَتْ كَلِمَاتُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

« ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز (نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ اﷲ نىڭ سۆزلىرىنى (يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر »  ( 27 ).

ئىلاھىي كالامنىڭ مەنىسىنى ھەرگىزمۇ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.

سۈرىدە قارىغۇلارچە ئەجدادلار ئىزىنى تەقلىت قىلىپ مېڭىش تەنقىدلەنگەن:

ئەگەر ئۇلارغا: « اﷲ نازىل قىلغان نەرسە (يەنى قۇرئان) غا ئەگىشىڭلار » دېيىلسە، ئۇلار: « ياق، بىز ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى ( تۇتقان يولى )غا ئەگىشىمىز » دەيدۇ، (21).

بۇ يەردە تەقلىد تەنقىدلەنگەن. چۈنكى تەقلىد، ئىنساننىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن ئىرادە ۋە ئەقىلنى يوق قاتارىدا كۆرىدۇ. ئىرادە ۋە ئەقىلنى يوق قاتارىدا كۆرگەنلىك، ئىنساننى ئىنسانلىقتىن چىقىرىپ تاشلىغانلىق، بۇ ئىككى نېمەتكە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئايەت بۇ نوقتىدا: « ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى ئاتا – بوۋا ئەمەس » دېمەكتە. بىراق، لوقماننىڭ نەسىھىتىگە ئوخشاش، لوقماندەك ياخشى بولغان ئاتا – بوۋىلارنىڭ ياخشى بولغان نەسىھەتلىرى قوبۇل قىلىنىشى كېرەك ( 12 – 19 ).

سۈرىنىڭ ئارقىمۇ – ئارقا ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنت مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغانلىقىنى ئاخىردىكى ئايەتلەردىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئايەتتە، ئى ئاتا – ئانىلار! ئەگەر پەرزەنتىڭلارغا شاپائەت ( ياردەم ) قىلماقچى بولساڭلار، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ئەمەس، بۇ دۇنيادا تەربىيەڭلار، ئۆرنەك بولۇشۇڭلار، ياخشى نەسىھەتلىرىڭلار، توغرا يولغا يۈزلەندۈرۈشۈڭلار بىلەن شاپائەت قىلىڭلار! دېمەكتە. بۇ تەۋسىيەنى پەرزەنتنىڭ ئاتا – ئانىسىغا بولغان شاپائىتى تەرىپىگە ئۆرۈپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ. ھېساپ كۈنى ھېچقانداق بىر ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنتىگە، پەرزەنتنىڭ ئاتا – ئانىسىغا پايدىسى بولمايدۇ:

يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ وَاخْشَوْا يَوْمًا لَا يَجْزِي وَالِدٌ عَنْ وَلَدِهِ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَنْ وَالِدِهِ شَيْئًا إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ

« ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا ( بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن) مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى اﷲ نىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا (  ئالدىشىغا ) يول قويماڭلار ( 33 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى، كالام ئەدەبىياتىمىزدا خاتا ھالدا شەكىللەنگەن « بەش غەيب مەسىلە ( مۇغاييەباتى خەمسە ) » ھەققىدىكى 34 – ئايەتتۇر. ئەسلىدە بۇ ئايەتنىڭ لەبزىنىڭ شاھىدلىقى بىلەن شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھېچقانداق بىر ئىنسان بىلەلمەيدىغان ۋە پەقەت ئاللاھ لا بىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن مەسىلە بەش ئەمەس ئۈچ:

  1. ئاخىرقى سائەت ( قىيامەت ) ھەققىدىكى مەلۇمات.
  2. كېلەچەكتى ئىشلار
  3. قەيەردە ئۆلىدىغانلىق

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان قالغان ئىككى ماددا، مۇنداق شەكىلدە كەلگەن: « يامغۇرنى ياغدۇرغۇچى ئۇ ( ئاللاھ )دۇر، رەھىملەردە ( بالاياتقۇدا ) ماكانلاشقاننى بىلگۈچى ئۇ ( ئاللاھ )دۇر ». مەلۇم بولغاندەك، بۇ ئىككى جۈملىدە بىلىمنىڭ ئاللاھ قىلا خاس قىلىنغانلىقى ۋە ئىنساندىن خالىي قىلىنغانلىقى بايان قىلىنمىغان. ئەسلىدە بۇ ئايەت « ئىنسان بىلىمىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى » ئىما قىلىدۇ. دېمىسىمۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى، سۈرىنىڭمۇ ئاخىرقى سۆزىدۇر:

« اﷲ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر  » ( 34 ).