سەبەئ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان سەبەئ، مەزكۇر سۈرىنىڭ 15 – 20 – ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان سەبەئ دۆلىتى ۋەقەلىكىدىن ئېلىنغان. سەبەئ، ئوكيانۇس – ئاق دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى باھارات يولىنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان جەنۇبى ئەرەبىستاندىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىسمىدۇر. ھەدىس ۋە تەپسىرلەردە بۇ سۈرە « سەبەئ » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. بەزى ئايەتلەرنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار، ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىغا كەلسەك، بۇ ھەقتە « ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىۋەتكەن ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە – پارچە قىلىپ چۈشۈرگەن بولاتتۇق » ( 9 ) مەنىسىدىكى ئايەت بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئايەت، ئىسرا 92 – ئايەتتىكى مۇشرىكلارنىڭ « سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە – پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن » سۆزىگە بىر جاۋاپ ماھىيىتىگە ئىگە.

بۇ، سەبەئ سۈرىسىنىڭ ئىسرا سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقىنىڭ دەلىلى. سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، مەزكۇر سۈرىنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ بويقۇتىدىن كېيىن، پەيغەمبەرلىكنىڭ 11 – يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىغا تىزىشقا بولىدۇ.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان فاتىھە، ئەنئام، كەھف ۋە فاتىر سۈرىسىگە ئوخشاش ئاللاھ قا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن باشلىنىدۇ. سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئاخىرەتتە ئىبادەت ئاخىرلىشىدۇ، ئەمما ئاللاھ قا ھەمدۇسانا ئېيتىش داۋاملىشىدۇ. بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ ھەمدۇسانا پەقەت ئاللاھ قا خاستۇر، ئاللاھ نىڭ ھەققىدۇر، ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر:

الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي الْآَخِرَةِ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ

« جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، ئاخىرەتتىكى ھەمدۇسانامۇ اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر » ( 1 ).

سۈرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئىمان – كۇپۇر تېمىسى ئۈستىدە توختالغان. ئىنساننى بەندىگە ياكى ماددىغا قۇل بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان شېرىك رەت قىلىنغان. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالەمنىڭ كۆرۈنمەيدىغان بىلەن، پارچىنىڭ پۈتۈن بىلەن، شەيئىلەرنىڭ بىر – بىرى  بىلەن ۋە شەيئىلەرنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغان. بۇ ئارقىلىق دىققىتىمىزنى مەۋجۇدىيەتنىڭ مەنا ۋە مەقسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئاغدۇرىدۇ ( 1 – 5 ).

ئاسمان ۋە زېمىن ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ پەقەت كۆرۈنگەندىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، مەلۇم بولغاننىڭ نامەلۇم بولغان قىسمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز نىسبەتتە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. 9 – ئايەت، مۇھاتابلارغا كۆرۈنمىگەنلەرنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ:

أَفَلَمْ يَرَوْا إِلَى مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنْ نَشَأْ نَخْسِفْ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ نُسْقِطْ عَلَيْهِمْ كِسَفًا مِنَ السَّمَاءِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَةً لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ

« ئۇلار ئاسمان ۋە يەردىن قانچىلىك قىسمىنى كۆرسەتكىنىمىز، قانچىلىك قىسمىنى ئۇلارغا بىلدۈرمىگەنلىكىمىزگە قارىمامدۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز، ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا اﷲ قا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار » ( 9 ).

بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېرىشىدىغان كۈچ ۋە ئىمكاننى مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالدا ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ. سۈرىدە بۇ ئىككى ئەھۋالنىڭ تارىختىكى ئۆرنەكلىرى بېرىلگەن:

  1. كۈچ – قۇدرەتنى مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالدا ئىشلىتىشتە داۋۇد ۋە سۇلايمان ئۆرنەكلىرى بېرىلگەن. بۇ ئىككى ھۆكۈمدار – پەيغەمبەرنىڭ سەلتەنەتى، كۈچ ۋە سەلتەنەت ئەخلاقىغا قۇرئان ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتكەن ئۆرنەكتۇر ( 10 – 14 ). بۇنىڭ ئۈچۈن شەرت بولغان بىر نەرسە بار. يەنى، كۈچ ئەخلاقى. كۈچ، كۈچ ئەخلاقى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلسە، تاغلار ۋە تاشلار، بۆرىلەر ۋە قۇشلارنىڭ ھەر بىرى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئەمرى ئاستىدا، يارىتىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بىرەر ئايەتكە ئايلىنىدۇ. « ئى تاغلار! ئى قۇشلار! ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشۇڭلار! » ( 10 ) ئەمىرى نېمىدىگەن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە! ھەزرىتى داۋۇدنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن تاغلارنىڭ رەببى تاغلارغا ئەمىر قىلىۋاتىدۇ. ھەزرىتى سۇلايماننىڭ ئەمرىگە شامال بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن. ساراينىڭ باغچىسىدە مابەتلەر، ھەيكەللەر، كۆلچەكلەر ۋە كۆللەر بار ئىدى. لېكىن مەزكۇر ئائىلە بۇ مۈلكنىڭ ھەممىسىنى تۇزكورلۇق ئۈچۈن ئەمەس، شۈكۈر ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە ئىدى ( 12 ).
  2. كۈچ – قۇدرەتنى مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە زىت ھالدا ئىشلىتىشتە سەبەئ دۆلىتى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىنى نەزەردە تۇتمىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىلكىدىكى كۈچ – قۇدرەت ۋە ھاكىمىيەت بىر بالاغا ئايلىنىدۇ، زاۋاللىققا يول ئاچىدۇ ( 15 – 21 ).

بىراق بۇ ئۆرنەكلەرنىڭ ئوخشاش بىر نوقتىسى بار. يەنى، دۇنيالىق ھەر ھاكىمىيەت ئۆتكۈنچىدۇر، ئەبەدىي بولغان ئاللاھ نىڭ مۇتلەق ھاكىمىيىتى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەبەدىي سائادىتىدۇر. بۇ سائادەت پەقەت تىرىك بولغان بىر ئاللاھ ئېتىقادى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ھاكىمىيەتنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى قانۇنى. بۇ قانۇن، سۇلتان سۇلايماننىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە. تىللارغا داستان بولغان بىر دۆلەتنىڭ بەھەيۋەت ۋە پاراسەتلىك ھۆكۈمدارى بولغان سۇلايمان پەيغەمبەرنىمۇ نىھايەت ئۆلۈم كېلىپ تاپقانىدى. ئۇنىڭ جىسمىنى يەرگە يىقىتقان نەرسە، ھاسىسىنى يەپ تۈگەتكەن قۇرت ئىدى ( 14 ). بۇ نوقتىدا ئايەت مۇھاتابىغا مۇنداق دېمەكتە: ئى ئىنسان! جاھانغا سۇلتان بولغان سۇلايمان بولساڭمۇ ئۆلۈم سېنى تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن قاچالمايسەن. ۋاقتى كەلگەندە سېنى بىر قۇرۇت يىقىتالايدۇ.

سەبەئ دۆلىتىنى ھەزرىتى داۋۇد ۋە سۇلايمان دۆلىتىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان نەرسە، كۈچ ۋە ھاكىمىيەت ئەخلاقى ئىدى ( 15 – 21 ).   كۈچ ئەخلاقىدىن مەھرۇم بولغان ھەر ھاكىمىيەت سەبەئ دۆلىتىگە ئوخشاش پارچە – پارچە بولۇپ كەتكەنىدى. رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلارنى بىز (كېيىنكى كىشىلەرگە) چۆچەك قىلىپ قالدۇردۇق » ( 19 ).

بۇ تارىخى ئۆرنەكلەردىن كېيىن تەۋھىد چاقىرىقى تەكرارلىنىدۇ ( 22 – 27 ) ۋە شېرىكنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىنسانىيەت ۋىرۇسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ئاندىن خىتاپ بىۋاستە رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ ۋە ئەۋەتىلىش غايىسىنى ئەسكەرتىدۇ: خوشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ( 28 ).

سۈرىدە بوزەك قىلىنغانلار بىلەن چوڭچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھېساب كۈنى رەببىنىڭ ھوزۇرىدىكى تەمسىلى دىئالوگلىرى نەقىل قىلىنىش بىلەن بىرگە ( 31 – 36 )، شۇ ئەبەدىي ھەقىقەت بۇ نوقتىدا بايان قىلىنىدۇ:

وَمَا أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ بِالَّتِي تُقَرِّبُكُمْ عِنْدَنَا زُلْفَى إِلَّا مَنْ آَمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَئِكَ لَهُمْ جَزَاءُ الضِّعْفِ بِمَا عَمِلُوا وَهُمْ فِي الْغُرُفَاتِ آَمِنُونَ

« ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتنىڭ) ئېسىل ئۆيلىرىدە (ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ » ( 37 ).

بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن كېيىن، ئىنسانغا ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن تۆۋەندىكىدەك نەسىھەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانغا ھەر دائىم ئاللاھ نىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ:

قُلْ إِنَّمَا أَعِظُكُمْ بِوَاحِدَةٍ أَنْ تَقُومُوا لِلَّهِ مَثْنَى وَفُرَادَى

ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر مەيلى باشقىلار بىلەن، ياكى يالغۇز تۇرۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئاللاھ نىڭ ھوزۇرىدا تۇرىۋاتقانلىقىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭلار » ( 46 ).

ھەقنىڭ ئەبەدىي، باتىل ( ساختا )نىڭ ئۆتكۈنچى تەبىئىتى ئەسلىتىلگەندىن كېيىن ( 49 ) كەلگەن بۇ ئايەت، ھىدايەتنىڭ ماھىيىتىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ:

« ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام (بۇ) پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، اﷲ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر »  ( 50 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى، ھېساپ كۈنىنىڭ دەھشىتىنى قۇرئاندا ئەڭ ياخشى تەسۋرىلەپ بەرگەن تۆۋەندىكى ئايەتلەر تەشكىل قىلىدۇ:

وَلَوْ تَرَى إِذْ فَزِعُوا فَلَا فَوْتَ وَأُخِذُوا مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ (51) وَقَالُوا آَمَنَّا بِهِ وَأَنَّى لَهُمُ التَّنَاوُشُ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ (52) وَقَدْ كَفَرُوا بِهِ مِنْ قَبْلُ وَيَقْذِفُونَ بِالْغَيْبِ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ (53)

« ئەسلىدە سەن ئۇلارنى كۇكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇلغان، قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقان ھالىتىنى بىر كۆرگەن بولساڭ، ئۇلار ( مانا بۇ ۋاقىتتا ): « ئىمان ئېيتتۇق » دەيدۇ، بۇنچە يىراق جايدىن ھېچقانداق جاپا تارتماي قانداقمۇ نىجاتلىققا ئېرىشسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى ئۇنى ئىنكار قىلغان ۋە ( دۇنيادىن ئىبارەت ) يىراق بىر جايدىن ئاخىرەتتىن ئىبارەت ئىدراكتىن ھالقىغان غەيب ئۈستىدە قارىسىغا سۆزلىگەنىدى » ( 51 – 53 ).