يۈسۈپ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىنىڭ مەلۇم بولغان بىردىنبىر ئىسمى « يۈسۈپ » بولۇپ، سۈرىدە باشتىن ئاياغ يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

ھەزرىتى يۈسۈپ ھەققىدىكى مەلۇماتلار بۇ سۈرىدىن باشقا، ئەنئام ۋە مۇئمىن سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بىراق، « قىسسەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى » دەپ نام ئالغان يۈسۈپ قىسسىسى بۇ سۈرىدە باشتىن ئاياغ كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنغان. قۇرئاندا كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان سەككىز سۈرە بولۇپ، يۈسۈپ سۈرىسى ئۇلاردىن بىرى.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، ھىجرەتكە يېقىن بىر مەزگىلگە، يەنى ھىجرەتتىن 2 – 3 يىل بۇرۇن، تائىف ۋەقەسىدىن كېيىنكى مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن باشتىن ئاياغ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان بولسا كېرەك. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرتىپلەردە ھۇد – ھىجر سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ ئورۇن ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش جەريانى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى ۋە سۈرىنىڭ مەزمۇنى نوقتىسىدىن مۇۋاپىق كۆرۈلمەكتە.

بۇ سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى « بىر كىشى نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ » سوئالىنىڭ جاۋابى بولۇپ، ئىمان، ئىخلاس، ئىلىم، لاياقەت، ئىپپەت، غەيرەت، سەبىر ۋە سابات ( مۇستەھكەم تۇرۇش ) بىلەن بىر كىشى چوڭ بىر جەمىئىيەتنى توغرا يولغا يۈزلەندۈرەلەيدۇ، دېمەكتە. سۈرىنىڭ تېمىسى كەنئان دىيارىدا ۋە پەيغەمبەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدىلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم قالغان، ھەسەت سەۋەبىدىن قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغان، قۇل ئورنىدا سېتىلغان، ئىپپىتى سەۋەبىدىن زىندانغا تاشلانغان ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمران بولۇش ھېكايىسىدۇر.

قىسسىدە ئىككى مۇھەببەتنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنماقتا. يەنى، زۇلەيخانىڭ خوراتقۇچى مۇھەببەتى ۋە ھەزرىتى ياقۇپنىڭ بېغىشلىغۇچى مۇھەببىتى. بۇ ئىككى مۇھەببەتتە مۇھەببەت باغلانغۇچى شەخس ھەزرىتى يۈسۈپتۇر. لېكىن، زۇلەيخا يۈسۈپ ئارقىلىق ئۆز ئارزۇ – خاھىشىنى ياخشى كۆرگەن، ھەزرىتى ياقۇپ يۈسۈپ ئۈستىدىن مەزلۇملۇق ۋە ناھەقچىلىققە سەبىر قىلىشنى ياخشى كۆرگەنىدى.

سۈرە ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى بولغان يۇنۇس ۋە ھۇد سۈرىسىگە ئوخشاش « ئەلىف – لام – را » ھەرىپى بىلەن باشلانغان. سۈرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ « ھېكايە بايان قىلىش » ئەمەسلىكى سۈرە باشلىنىشتىلا بىلدۈرۈلگەن. « ئەلىف، لام، را. بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلغان كىتاپنىڭ ( بولۇپ ئۆتكەنلەرنى ) ئېنىق بايان قىلغان ئايەتلىرىدۇر » ( 1 ) دەپ سۆز باشلىنىدۇ. يەنى، بۇ سۈرىدە ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ تارىخى ھاياتى ئۈستىدىن بارلىق زامان ۋە ماكانلارنى ھالقىغان « ئەبەدى ھەقىقەتلەرنى » چۈشەندۈرىدۇ. سۈرىدە ھېچقانداق بىر تەپسىرلەر بىلەن شەرھىيلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئىبرەتلەرنى بايان قىلىنغان:

لَقَدْ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِ آَيَاتٌ لِلسَّائِلِينَ

« يۈسۈپنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ( قىسسىسىدە ) سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئالامەتلەر بار » ( 7 ).

سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىلا ئىلاھىي كالامنىڭ ئەرەپچە نازىل بولغانلىقى تەكىتلەنگەن ( 2 ). چۈنكى، ئاللاھ نىڭ ئىنسانلار ئىشلەتكەن تىللار ئىچىدىن بىرى ئارقىلىق خەۋەر ئەۋەتىشىنىڭ بىر مەقسىتى بار، يەنى « دېمەكچى بولغىنىنى خىتاپ قىلىنغۇچىغا بىلدۈرۈش ». بۇ قۇرئان تىلى بولغان ئەرەپچە، ئىنجىل تىلى ئارامىچە، تەۋرات تىلى ئىبرانى ئۈچۈنمۇ شۇنداقتۇر. ئۈچىنچى ئايەتنىڭ تېمىسىمۇ ۋەھىينىڭ چۈشۈنۈشلۈك بولىشى بولۇپ، ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:

إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآَنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ (2) نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ الْقَصَصِ بِمَا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ هَذَا الْقُرْآَنَ وَإِنْ كُنْتَ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الْغَافِلِينَ (3)

« شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق. بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ » ( 2 – 3 ).

ئۈچ ئايەتلىك بۇ باشلىنىشتىن كېيىن، يۈسۈف قىسسىسىنىڭ بايان قىلىنىش مەقسىتىنىڭ « ساۋاق بېرىش » ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ باشلىنىش بۆلىكى ئىچىدە قۇرئان ۋەھىي تىلىنىڭ ئەرەپچە بولغانلىقىدىن، خىتاپ قىلىنغۇچىلارنىڭ ئىنكارچى مەككىلىكلەر ئىكەنلىكى مەلۇم. لېكىن، بۇ قىسسەئارقىلىق ساۋاق بېرىلمەكچى بولغان كىشىلەر پەقەت بۇ ئىنكارچىلارلا ئەمەس. قىسسە ئاساسەن خىتاپ قىلىۋاتقان ئۈچ گۇرۇپ بار:

  1. كاپىرلار / ئىنكارچىلار
  2. مۇئمىنلەر
  3. رەسۇلۇللاھ

قىسسە ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ چۈشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ نوقتىدا ئۈچ ئالەم بار ئىدى:

  1. ئالەمى مۈلك – كۆرۈنگەن ماددىي ئالەم
  2. ئالەمى غەيب – كۆرۈنمەيدىغان ئالەملەرنىڭ ھەممىسى
  3. ئالەمى مىسال – كۆرۈنگەن بىلەن كۆرۈنمەيدىغانلار ئارىسىدا قالغان، بىر تەرىپىدە ئالەمى مۈلك، يەنە بىر تەرەپتە ئالەمى غەيبكە ئېچىلغان « تەمسىل » ئالەمىدۇر. چۈشلەر بۇ ئالەمگە ئائىتتۇر. بۇ سەۋەپتىن چۈشلەر تەستىقمۇ قىلىنمايدۇ، رەتمۇ قىلىنمايدۇ، پەقەت تەبىر بېرىلىدۇ. تەبىر « كېچىك » مەنىسىدىكى « ئۇبۇر »دىن كەلگەن. ئىبرەت سۆزىمۇ ئوخشاش يىلتىزدىن كەلگەن. چۈشلەرنىڭ ھەقىقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن « ئەجىر قىلىش » كېرەك. ئەقىل بۇ ئىش ئۈستىدە تەر ئاققۇزماي تۇرۇپ چۈشكە تەبىر بەرگىلى بولمايدۇ. يەنى ئالەمى مىسالغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر بىرەر سىمۋول ۋە بەلگە بولۇپ، بۇلار تەمسىل قىلغان شەيئىلەرنىڭ ئەسلىگە يېتىش ئۈچۈن بەزى « تار كېچىك »لەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

سۈرىدە چۈش ئۈچ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:

  1. يۈسۈپنىڭ چۈشى. ئۇ چۈشىدە 11 پىلانت، ئاي ۋە كۈننىڭ ئۆزىگە سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرگەنىدى ( 4 – 6 ).
  2. مەھكۇملارنىڭ چۈشى. يۈسۈپ زۇلەيخانىڭ تۆھمىتى بىلەن زىندانغا تاشلانغانىدى. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىدا مەھكۇملارنىڭ چۈشىگە تەبىر ئېيتىپ بېرىدۇ ( 36 – 37 ). تەبىر ئېيتقان چۈشى تەبىرىگە ماس ھالدا رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. يۈسۈپ چۈش تەبىرىنى تەۋھىدكە چاقىرىشنىڭ بىر ۋاستىسى سۈپتىدە ئىشلىتىدۇ ( 38 – 40 ). يەنى، ئاللاھ نىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان قابىلىيەتنى ئاللاھ يولىدا ئىشلىتىدۇ.
  3. مەلىك ( مىسىر ھۆكۈمدارى )نىڭ چۈشى. ھەزرىتى يۈسۈپ مەلىكنىڭ ئەتراپىدىكىلەر تەبىر ئېيتالمىغان چۈشىگە تەبىر ئېيتىپ بېرىدۇ ( 43 – 50 ). مىسىر ھۆكۈمدارى تەبىر ئېيتىلغان چۈشىنىڭ رىئال ھاياتتىكى ئىجراسىنى يۈسۈپكە تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ مىسىردىكى پۈتۈن ئىقتىسادى ئىشلىرىغا مەسئۇل بىردىنبىر كىشىگە ئايلىنىدۇ. ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ ھاياتىدىكى ئۈچ چۈش، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۈچ بۇرۇلۇش نوقتىسىنى تەشكىل قىلغانىدى. دادىسى ياقۇپقا ئېيتىپ بەرگەن چۈشى ھەقىقەتەن ياخشى چۈش ئىدى. لېكىن چۈشنىڭ مۇلاھىزىسى، مۇلاھىزىنىڭ ھەقىقەت بولىشى ئۈچۈن بېسىشقا تېگىشلىك ناھايىتى ئۇزۇن بىر يول، تارتىدىغان كۆپ جەۋىر – جاپا، تۆكۈشكە تېگىشلىك كۆپ تەر، بېرىشكە تېگىشلىك ئېغىر بەدەللەر بار ئىدى. ھەزرىتى ياقۇپ بۇ چۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەدبىر ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تەدبىرى تەقدىرگە بويۇن ئەگكەنىدى:

قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَى إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوٌّ مُبِينٌ (5) وَكَذَلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَى آَلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَى أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ (6)

ئاتىسى ( يەنى ياقۇب ئەلەيھىسسالام ): « ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر » دېدى. بۇنىڭ مەنىسى، پەرۋەردىگارىڭ سېنى ( پەيغەمبەرلىككە ) تاللايدۇ، ساڭا ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ ئاستىدا ياتقان ھەقىقەتلەرنى ئۆگىتىدۇ / ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، ياقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ( ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ( 5 – 6 ).

ھەزرىتى ياقۇپ، ئوغلى يۈسۈپنىڭ چۈشىگە توغرا تەبىر بەرگەنىدى. ئۇ، چۈشكە رەببىنىڭ يۈسۈپنى تاللىغانلىقى ۋە نېمىتىنى ئۇنىڭ بىلەن تاماملايدىغانلىقى شەكلىدە تەبىر بەرگەنىدى. ئايەتنىڭ ئالىم ۋە ھەكىم ئىسمى بىلەن ئاخىرلىشىشى ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. ھەزرىتى ياقۇپ، بۇ ئارقىلىق ھېچقانداق بىر تەبىرنىڭ ھەقىقەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى. ھەكىم ئىسمى، كۆرۈلگەن، كۆرسىتىلگەن، كۆرگۈچىنىڭ مەۋجۇدىلىقىنىڭ ۋە پۈتۈن بۇلارنىڭ ئارقا پەردىسىدە يۈز بېرىدىغانلارنىڭ، ھەتتا ئېلىنغان تەدبىرگە قارىماستىن يۈز بەرگەن ھەر ئىشنىڭ ئارقىسىدە چەكسىز ھېكمەت بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

دەرۋەقە پەيغەمبەر ئاتىنىڭ تەدبىرى تەقدىرنى توسۇپ قالالمىدى. ئۆلتۈرۋېتىشنى پىلانلىغان قېرىنداشلار، يۈسۈپنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىش بىلەن كۇپايىلەندى. يۈسۈپنىڭ بەدىنى قۇدۇقتا قالدى، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىغانلارنىڭ ئەقلى قۇدۇقتا قالدى. كۈن كەلدى، يۈسۈپ قۇدۇقتىن چىقتى، بىراق ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەنلەرنىڭ ئەقلى قۇدۇقتىن چىقالمىدى. شەيتاننى شەيتان قىلغان رەشىك – ھەسەت، قېرىنداشنى قېرىنداش قاتىلى قىلىپ قويغىلى تاس قالغانىدى.

ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ قۇدۇقتىن باشلانغان ھايات ھېكايىسى، كارۋانلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن قۇل بازىرىدا ئاخىرلاشتى. ئۇنى ناھايىتى ئاز پۇلغا ساتتى ( 20 ). يەنى ئىلكىڭىزگە ئۆتكەننىڭ قىممىتىنى بىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە بىكارغا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ساتقان ۋاقتىڭىزدا زىيان تارتىسىز. قىسسە كىشىگە خۇددى يۈسۈپنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن دىققەت بىلەن زەڭ سېلىپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا، خىتاپ قىلىنغۇچىغا « ھازىر ۋە بۇ جايدا » ياشاۋاتقان ھاياتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. مەسىلەن: « اﷲ (خالىغان) ئىشىنى ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ » ( 21 )، « ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز » ( 22 ) دېگەندەك بۇ ھېكمەتلەرگە كۈندىلىك ھاياتتا شاھىت بولىمىز. سۈرىدە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەر، پەقەت ھەزرىتى يۈسۈپ ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىگەنمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس.

ئەمدى سۈرىدىكى ئۈچ كۆينەك مىسالىغا قاراپ باقايلى…

بىرىنچى كۆينەك، يۈسۈپنىڭ قانغا بويالغان كۆينىكى بولۇپ، بۇ ھەزرىتى ياقۇپقا يەتكەن مۇسىبەت خەۋىرىنىڭ يالغان شاھىدى سۈپتىدە ئىشلىتىلگەنىدى. لېكىن، كۆينەك يالغان شاھىتلىقنى رەت قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى. يەنى بۆرە يىگەن بىرسىنىڭ كۆينىكى ئەمەسلىكىنى، يۈسۈپنى بۆرە يەپ كەتمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر توقۇلما ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يۈسۈپنىڭ، كۆينەكنى ئېلىپ كەلگەن قېرىنداشلىرى يالغان ئېيتقان، كۆينەك ھەقىقەتنى بايان قىلغانىدى.

ئىككىنجى كۆينەكمۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ، زۇلەيخانىڭ تۆھمىتىنى يۈزىگە ئۇرغان، يۈسۈپكە قۇرۇلغان تۇزاقنىڭ ئەپتى – بەشرىسىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. ئارقىدىن يېرتىلغان ھالىتى بىلەن ھەق ۋە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرغانىدى. كۆينەك ئىككىنچى قېتىم ھەقىقەتكە شاھىتلىق قىلدى.

ئۈچىنچى كۆينەك، يۈسۈپنىڭ ئاتىسى ياقۇپقا ئەۋەتكەن كۆينىكى بولۇپ، ئۇمۇ ھەقىقەتنى بايان قىلغانىدى. ئۇ گۇماندىن ئۈستۈن كەلگەن « ئىپپەت كۆينىكىنىڭ » دەل ئۆزى ئىدى. چۈنكى يۈسۈپ دادىسىغا بىر كۆينەك ئەۋەتمىگەن، « كۆينىكىنى »مۇ ئەۋەتمىگەنىدى. ئايەتتە تىلغا ئېلىنغاندەك « مانا بۇ كۆينىكىمنى ئېلىپ بېرىڭلار » دېگەنىدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، ھەزرىتى ياقۇپنىڭ كۆزىنى توسقان پەردىسىنى، يەنە ئىپپەت كۆينىكى بىلەن ئېلىۋەتكەنىدى.

ھەزرىتى ياقۇپ ئۆلگەنلىكىگە ھەممە كىشى ئىشەنگەن ھەزرىتى يۈسۈپنى پەقەت ئۇنتۇمىغان بولۇپ، « مەن يۈسۈپنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن » دېگەنىدى ( 94 ). پاك مۇھەببەت ئۈچۈن ئىككى كۆزىنى پىدا قىلغان ھەزرىتى ياقۇب، بۇنىڭ بەدىلىگە بىر بۇرۇنغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇن مىڭ كۆز كۆرەلمىگەن نوقتىدىن يۈسۈپنىڭ ھىدىنى ئالغانىدى.

ئەسلىدە ھەزرىتى يۈسۈپتىن ئىبارەت بىر تارىخى شەخسىيەت ئۈستىدىن ھايات ھېكايسى بايان قىلىنغان شەخس دەل مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ ئىدى. سۈرە، ھەزرىتى مۇھەممەدكە شۇ ھەقىقەتنى بايان قىلغانىدى: « ئى مەككىنىڭ يۈسۈپى! تائىف سېنىڭ قۇدۇقۇڭ، مەككە سېنىڭ زىندانىڭ، ھىجرەت سېنىڭ مىسىرغا سەپىرىڭ، مەدىنە سېنىڭ مىسىرىڭ. يۈسۈپنى كۈتكەن خوشاللىنارلىق ئاقىۋەت سېنىمۇ كۈتىۋاتىدۇ! مەككىلىك تۇققانلىرىڭ / قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ خام خىيال، خالاس.

دەرۋەقە، تارىخ بۇ مۆجىزىۋى خوش خەۋەرنىڭ رىئاللىققا ئايلانغانلىقىنىڭ شاھىدى. كۈنى كەلدى ئۆزىگە دۇنيانى تار قىلغان مەككىلىكلەر قەھەتچىلىككە مۇپتىلا بولدى. خۇددى ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ ھەسەتخور قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلغىنىدەك، رەسۇلۇللاھمۇ ئۆزىنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن مەككلىكلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. خەيبەردىن كەلگەن كۆمۈشلەرنى مەككىنىڭ ھاكاۋۇر رەئىسى ئەبۇ سۇفيانغا ئارقىلىق، يوقسۇل مەككىلەرگە ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىپ تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. غالىب قوشۇنى بىلەن جېنىغا قەست قىلغان مەككىگە كىردى. كەبىنىڭ ھويلىسىدا ئەندىشە ئىچىدە ئاغزىغا قاراپ تۇرغان مەككىلىكلەردىن :

  • بۈگۈن سىلەرگە نېمە قىلىشىم ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىلەر؟ – دەپ سورىدى.

–  سەن پەزىلەتلىك بىر ئاتىنىڭ ئوغلى، سەندىن پەقەت ياخشىلىق كۈتىمىز! – دەپ جاۋاپ بېرىشتى.

  • خۇددى يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا ئېيتقىنىدەك، مەنمۇ : « بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر! » دەيمەن، دېدى.

رەسۇلۇللاھ يۈسۈپ سۈرىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى. كىم بىلىدۇ، بەلكىم رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە سەۋر تېغىدا ھايات – مامات خەۋپى كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان ئەنە شۇ « ئۈچىنچىسى ئاللاھ بولغان ئىككى كىشىگە كىم نېمە قىلالايدۇ ئى ئەبۇ بەكىر! » دېگەن ۋاقىتىدا، بۇ خوش بىشارەتكە ئاساسلانغان بولسا كېرەك.

سۈرە باشتىن ئاخىر خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىغا قارىتا بەلگىلىك مەقسەتنى ئىپادىلىگەن سىمۋوللار بىلەن تولۇپ تاشقان. بۇلاردىن بىرىنچىسى « كۆينەك » سىمۋولى بولۇپ، ھەسەتنىڭ شاھىدى بولغان يۈسۈپنىڭ قانلىق كۆينىكى ۋە زۇلەيخا ئارقىدىن يىرتىۋەتكەن ئىپپەت كۆينىكى. بۇ ئارقىلىق « ھەممىڭلار بىر يۈسۈپ ۋە ھەر يۈسۈپنىڭ بىر زۇلەيخاسى بار. كۆينىكىڭىزنىڭ قەيەردىن يىرتىلغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. كۆرمەيدىغان كۆزلەرنى ئاچقان بىر جىسمى كۆينەك ئەمەس، بەلكى ئىپپەت كۆينىكىدۇر. كارامەت كۆينەكتە ئەمەس، ئىپپەتتە » دېمەكتە.

گەرچە بۇ قىسسىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن باش قەھرىمانلار يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا بولغان بولسىمۇ، ئۇلار ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە يارىتىلغان ئوبراز « ئىپپەت ۋە شەھۋەت »تۇر. قىسسە ئىپپەتنىڭ شەھۋەتتىن غالىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا.

يۈسۈپ قىسىسى تەۋراتتىمۇ بايان قىلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى قىسسىنى سېلىشتۈرۈپ ئوقۇش، قۇرئاننىڭ ئارىدىكى پەرىقىنى كۆرسىتىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. تەۋراتتىكى باياندا نە يۈسۈپ يۈسۈپتۇر، نە ياقۇپ ياقۇپتۇر پەيغەمبەردۇر. تەۋراتتىكى بايانلار قوپال، ماددىي ۋە ھېكمەتسىز بولۇپ، قۇرئاندىكى بايانلار ئەدەبى، مەنىۋىي ۋە ھېكمەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان.

يۈسۈپ قىسسىسىدىن كېيىن، خىتاپ قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ ( 102 ). بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈمىد – ئارزۇلىرىنى، يەنى دىلىدىكى سۆزنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئارزۇنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىنكارچى قەۋمىنىڭ مۆجىزە تەلىپى كەلمەكتە. بۇ تەمەنىڭ مەنىۋىي كۆلەڭگۈسى ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىگە چۈشكەنىدى. مانا بۇ نوقتىدا، قۇرئان بارلىق مۆجىزە تەمە قىلغان ئىنكارچى ھاماقەتلەرگە بىر تەستەكتىنمۇ قاتتىق تۇيغۇ بېرىدىغان ئايەت بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ:

« ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ( اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلا ر ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ » ( 105 ).

خۇلاسىلىگەندە، قايسى ساھەدە بولسۇن ئەڭ ياخشى ماقامنىڭ پىلانىنى ئاللاھ قىلىدۇ. بۇ پىلاننى ئاللاھ نى ھېساپقا قېتىپ تۇرۇپ قىلغۇچىلار غەلبە قازىنىدۇ.