ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

« ئەنبىيا » ئىسمى سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بېرىلگەن. يەنى سۈرىدە ھەزرىتى ئىبراھىمدىن باشلاپ ئون يەتتە پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. بۇلار ھەزرىتى مۇسا، ھەزرىتى ھارۇن، ھەزرىتى ئىبراھىم، ھەزرىتى ئىسھاق، ھەزرىتى ياقۇپ، ھەزرىتى لۇت، ھەزرىتى نۇھ، ھەزرىتى سۇلايمان، ھەزرىتى داۋۇد، ھەزرىتى ئەييۇب، ھەزرىتى ئىدرىس، ھەزرىتى ئىسمائىل، ھەزرىتى سالىھ، ھەزرىتى يۇنۇس، ھەزرىتى زەكەرىيا، ھەزرىتى يەھيا، ھەزرىتى ئىسا قاتارلىقلار بولۇپ، قۇرئاندا ئەنبىيا سۈرىسىدىن باشقا سۈرىدە بۇنداق زىچ شەكىلدە تىلغا ئېلىنمايدۇ.

سۈرە مەككىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە نازىل بولغان بولۇپ، جابىر بىن زەيىد سەجدە – نەھل سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا، باشقىلار ئىبراھىم – مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزغان. 3 – ئايىتى، بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىدىن ( مىلادى 621 ) كېيىن نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبن ئىسھاق نەقىل قىلغان، زوخرۇف سۈرىسىنىڭ 57 – ئايىتىنىڭ بۇ سۈرىنىڭ 98 – ئايىتىنى ئىما قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئىبن ئابباس رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا، ئەنبىيا سۈرىسى زوخرۇف سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغان. بۇ مەلۇماتلارغا كۆرە، سۈرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىشقا بولىدۇ.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، قۇرئاننىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى بايان قىلغان كىرىش سۆزگە ئوخشاپ قالىدۇ. سۈرە دىننىڭ ئۈچ ئاساسلىق ئۇل تېشى، يەنى تەۋھىد، ئاخىرەت ۋە نۇبۇۋۋەت ھەققىدە توختالغان.

سۈرە ئىنسانلارغا قارىتىلىغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ:

اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُعْرِضُونَ

« ئىنسانلاردىن ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدە  (بۇ ھەقىقەتتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر » ( 1 ).

ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ نۇبۇۋىتىنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلارنىڭ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ ( 5 ). ئىنكار قىلغۇچى مۇھاتابلار يەنە ئوخشاش ئىشنى قىلماقتا بولۇپ، ئۇلار ئىنسان پەيغەمبەرنىڭ ئورنىغا پەرىشتە پەيغەمبەر تەلەپ قىلغانىدى. ئۇلارغا « ئەۋەتىلگەن ھەر پەيغەمبەرنىڭ ئىنسان جىنسىدىن ئىكەنلىكى » ئەسكەرتىلىدۇ ( 7 ). بۇ خىل تەلەپلەر ئىنكارچىلارنىڭ ھەقىقىي غەرزىنى يوشۇرۇشتىكى باھانىسى ئىدى. ئىشەنمەسلىكتە چىڭ تۇرغان نەرسە، ئۆزلىرىگە شەرەپ بېغىشلاش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ۋەھىيدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ۋەھىي ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپ، ۋەھىيگە ئىشىنىش بىلەن ئىنسان شەرەپكە ئىگە بولىدۇ:

لَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ كِتَابًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

« سىلەرنىڭ شان ـ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە ھەقىقەتەن نازىل قىلىپ بەردۇق. (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟ » ( 10 ).

ئىنساننىڭ بىر يارىتىلىش مەقسىتى بار. ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغانلارنىڭ بىر مەقسىتى بولىدۇ – يۇ، ئاسمانلارنى – زېمىننى ئۆزى ئۈچۈن يارىتىپ بېرىلگەن ئىلاھى شاھ ئەسەر ئىنساننىڭ بىر يارىتىلىش مەقسىتى بولمامدۇ؟ تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ ئىلاھىي ھەقىقەتنى ئەسكەرتىدۇ:

وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ (16) لَوْ أَرَدْنَا أَنْ نَتَّخِذَ لَهْوًا لَاتَّخَذْنَاهُ مِنْ لَدُنَّا إِنْ كُنَّا فَاعِلِينَ (17)

« ( ئى ئىنسانلار! ) بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق. ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق، لېكىن بىز بۇنداق قىلمايمىز »  ( 16 – 17 ).

قۇرئان، كائىناتتىكى تەرتىپنى ئۇنى ياراتقۇچىنىڭ ۋەھدانىيىتىنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. قۇرئان ئاللاھ نىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىشكە ئېھتىياج تۇيمايدۇ، پەقەت ئاللاھ نىڭ بىر ئىكەنلىكىگە دەلىل كۆرسىتىدۇ.

لَوْ كَانَ فِيهِمَا آَلِهَةٌ إِلَّا اللَّهُ لَفَسَدَتَا فَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ

« ئەگەر ئاسمان ـ زېمىندا اﷲ تىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ رەببى اﷲ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر » ( 22 ).

سۈرە ئىنكار قىلغۇچىلارنى قايىل قىلىش مەقسىتىدە، پەقەت ئۆز دەۋرىنىڭ ئىنسانلىرى ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مۇتلەپ كۆپچىلىكى خەۋەردار بولمىغان كائىناتتىكى ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىدۇ:

أَوَلَمْ يَرَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَاهُمَا وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ

« ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلار بىلەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن باشتا بىر ـ بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (اﷲ نىڭ قۇدرىتىگە) ئىشىنەمدۇ؟ » ( 30 ).

مانا بۇ نوقتىدا، ھەزرىتى خىزىردىن تارتىپ بارلىق پانىيلار ھەققىدىكى ئۆلۈمسىزلىك چۈشەنچىلىرىنىڭ توغرا – خاتالىقىنى ئايرىشتا ئاساسلىنىدىغان ئىلاھىي پرىنسىپ بايان قىلىنغان:

« بىز سەندىن ئىلگىرى ( ئىنسانلاردىن ) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق » ( 34 ).

ئىنساننىڭ ئالدىراڭغۇ مىجەزگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالغان ( 37 ). ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ، ئىمان ئېيتقۇچىلارمۇ بىر كۈنى رەببىنىڭ ھوزۇرىغا چىقىدۇ:

وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا وَإِنْ كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا وَكَفَى بِنَا حَاسِبِينَ

« قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز  » ( 47 ).

سۈرىدە 48 – ئايەتتىن تارتىپ پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى بايانلار باشلىنىدۇ.

سەھىرى ئادەم بىلەن باشلانغان ئىنسانىيەت سەپىرىنىڭ چاشگاھ ۋاقتىنى ھەزرىتى نۇھ، چۈش ۋاقتىنى ھەزرىتى ئىبراھىم، ناماز دىگەر ۋاقتىنى ھەزرىتى مۇھەممەد تەمسىل قىلىدۇ. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىكى « ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى » ئىبارىسى، بىزگە بۇ ھەقىقەتنى ئەسكەرتىدۇ.

سۈرىدە تەرتىپ بويىنچە ھەزرىتى مۇسا ۋە ھارۇن، ھەمدە ئۇلارغا بېرىلگەن ئىلاھىي ۋەھىي  ھەققىدە بايانلار بېرىلىدۇ. قۇرئاننىڭ ئۇ ئىلاھىي ۋەھىينىڭ داۋامى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ ( 48 – 50 ).

ئاندىن ھەزرىتى ئىبراھىمغا بېرىلگەن مۇھاكىمە قابىلىيىتىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ساغلام مۇھاكىمە ئارقىلىق رەببىنى تاپقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تەسلىم بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا بۇتلارنى چېقىپ، قەۋمىنىڭ ئېچىنىشلىق بىر ھالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ ئۇنىڭ ئوتقا تاشلىنىشىغا سەۋەپ بولغان، لېكىن ئوتنىڭ رەببى ئوتقا ئەمىر قىلغانىدى: « ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق بەخش ئېتىدىغان بولۇپ بەر! ». رەببى ئۇنىڭ تەسلىمىيىتىدىن رازى بولغان، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئوغۇللار ۋە نەۋرىلەر بەخش ئەتكەنىدى ( 51 – 73 ).

ھەزرىتى لۇتقا ھۆكۈم ۋە ئىلىم بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ھەزرىتى نۇھ ۋە يېقىنلىرى چوڭ بىر بالادىن قۇتقۇزۇلغانىدى.

داۋۇد ۋە سۇلايمان ئىككى سۇلتان پەيغەمبەرلەر بولۇپ، ئۇلارغىمۇ ھۆكۈم ۋە ئىلىم بېرىلگەنىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇ سەلتەنەتنى بەخش ئېتىلگەن ئىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈگەن ۋە بىر ئادالەت دۆلىتى قۇرۇپ چىققانىدى.

ھەزرىتى ئەييۇبنىڭ سەبرى، ھەزرىتى ئىدرىسنىڭ ۋە « ئۈستىگە مەسئۇلىيەت ئالغان كىشى ( زۇلكىفل ) »نىڭ سەبرى تىلغا ئېلىنىدۇ. سۆز بېلىق ۋەقەسىنىڭ باش قەھرىمانىغا كەلتۈرۈلىدۇ ( ھەزرىتى يۇنۇس ). ئاللاھ ئۇنىمۇ دۇچار بولغان مۈشكۈلچىلىكتىن قۇتقازغانىدى. بۇ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا دەرس بېرىلمەكتە ئىدى. بۇ ئۆرنەكلەر سۈرىنىڭ ئىككىنجى ئايىتىدىكى تەسەللىنىڭ ئىزاھاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ھەزرىتى زەكەرىيانىڭ دۇئاسى تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە ئارقىدىن « ئىپپىتىنى ساقلىغان ئايال  ( مەريەم ) » ياد قىلىنىدۇ. بۇ پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى بايانلاردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئۈممەتنىڭ مەنسۇپلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ ئايەت كېلىدۇ:

إِنَّ هَذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاعْبُدُونِ

« (ئى ئىنسانلار!) مانا بۇ يەردە قىسقىچە ياد قىلىنغان پەيغەمبەرلەر تارىخمۇ كۆرسەتكەندەك، سىلەرنىڭ ئۈممىتىڭلار ( دىنىڭلار ) ھەقىقەتەن بىر ئۈممەتتۇر ( دىندۇر ) . مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار » ( 92 ).

قۇرئاندىكى پەيغەمبەرلەر قىسسەلىرىنىڭ ئىككى مەقسىتى بار:

بىرىنچىسى، پەيغەمبەرلىك مۇئەسسەسىنى ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈشىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇش بولۇپ، نۇبۇۋۋەت بىر روھقا ئوخشايدۇ. ئۇنى ۋۇجۇدقا ئىگە قىلغان نەرسە مانا بۇ قىسسەلەردۇر.

ئىككىنجىسى، مۇھاتابنىڭ كىشىلىكىنى بەرپا قىلىش / شەكىللەندۈرۈش. ۋەھىي ئۇقۇملار بىلەن تەسەۋۋۇرنى، تەۋسىيەلەر بىلەن ئەقىلنى، ئۆرنەكلەر بىلەن كىشىلىكنى، بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن ھاياتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

سۈرە پەيغەمبەرلەرنى باشلىنىش نوقتىسى قىلغان ھالدا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت – قاراشلىرى، پىرىنسىپلىرى بىلەن، ئورتاق ياخشىنىڭ يىلتىزىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىدۇ. ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى، بۇ ھەقىقەتنىڭ تارىخى دەلىلىدۇر ( 48 – 91 ).

بۇ ئەبەدى ھەقىقەتنىڭ ھازىر ۋە بۇ ماكاندا نامايەن بولغان نەتىجىسى مۇنداق ئىپادىلەنگەن: « سىلەرنىڭ بۇ ئۈممىتىڭىلار بىر ئۈممەتتۇر » ( 92 ). بۇنىڭ ئوخشاش شەكلى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلەكتە ئاللاھ نىڭ بىر ئىكەنلىكى ئۇسلۇبىدا بايان قىلىنغان: « سىزنىڭ ئىلاھىڭلار بىر تەك ئىلاھتۇر » ( 108 ). بۇ ئارقىلىق ئاللاھ نىڭ مۇتلەق بىر ئىكەنلىكى بىلەن، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مەقسەت بىرلىكى ھەققىدە زىچ مۇناسىۋەت قۇرغان بىر تەسەۋۋۇرنىڭ شەكىللىنىشىنى نىشان قىلماقتا. بىرىنچىسى « تەۋھىدنىڭ »، ئىككىنجىسى « ۋەھدەتنىڭ » شەرتى. بىرىنچىسىنى « ئەقدىۋى ۋەھدەت »، ئىككىنجىسىنى « ئىجتىمائى تەۋھىد » دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى بۆلەكتە ئاخىرەت ۋە قىيامەت ھەققىدە توختالغان. ئاللاھ تىن باشقا ھېچكىم خەۋەر بېرەلمەيدىغان ئۇ كۈنگە مۇناسىۋەتلىك بىر سەھنە بۇ بۆلەكتە تەسۋىرلەنگەن. ئاسمانلارنىڭ قەغەزگە ئوخشاش يۆگىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ ئايەت، ۋەھىينىڭ تىپىك قىيامەت تەسۋىرلىرىدىن بىرنى تەشكىل قىلىدۇ:

يَوْمَ نَطْوِي السَّمَاءَ كَطَيِّ السِّجِلِّ لِلْكُتُبِ كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُعِيدُهُ وَعْدًا عَلَيْنَا إِنَّا كُنَّا فَاعِلِينَ

« بۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز » ( 104 ).

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتى بايان قىلىنغان ئايەت بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇ مەقسەت « ئالەملەرگە »، ئىبن ئابباسنىڭ ئىزاھاتى بويىنچە « پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولۇش » ئىدى:

وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ

« (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق » ( 107 ).

بۇ ئايەت، قۇرئاننىڭ رەسۇلۇللاھ ھەققىدە بەرگەن خەۋرىدۇر. بۇ ئايەتنىڭ بارلىق زامان ۋە ماكانلاردا جاراڭلىغان ساداسى، مۇھاتابنىڭ قەلب قۇلىقىغا مۇنداق دېمەكتە: « ئالەملەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەلكەڭدە ھېس قىلساڭ، ئاللاھ سېنى ئۇ مەسئۇلىيەت ھۆرمىتىگە ئالەملەرگە رەھمەت قىلىدۇ. لېكىن، ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولۇش، ئىنسانىيەتنىڭ دەردىگە تالىپ بولۇش بىلەن، ئۇنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن « ئۆزىنى ھالاك قىلغۇدەك دەرىجىدە » تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن، ئۆرنەك بولۇشتىن ئىبارەت رولىنى ئادا قىلىش يولىدا چېچىنى ئاقارتىش بىلەن، ئۆمرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەبەدى سائادىتىگە پىدا قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.