غافىر ( مۇئمىن ) سۈرىسى

سۈرە، 28 – 45 – ئايىتىدىكى قىسسەگە ئاساسەن ئىسلام ئالەمىنىڭ غەربىدە « مۇئمىن »، شەرقىدە 3- ئايىتىگە ئاساسەن « غافىر » ئىسمى بىلەن مەشھۇر.

تىرمىزى، رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈرىنى « ھا، مىم، ئەلمۇئمىن » دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدىكى بىر ھەدىسنى نەقىل قىلغان.

سۈرە مەككىدە ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نازىل بولغان بولسا كېرەك. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ئۇقبە بىن ئەبى مۇئايت رەسۇلۇللاھقا قول تەككۈزمەكچى بولغاندا ئالدىنى توسۇپ، « سىلەر رەببىم ئاللاھ دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ » ( 28 ) دېگەن بۇ ئىپادىنى قوللانغان ( بۇخارى ). سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ھىجرەتتىن بۇرۇن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى. يەنى، ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىنىشقا باشلىغان بىر مەزگىلدە نازىل بولغان. سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 11 – يىلىنىڭ ئاخىرى ياكى 12 – يىلىنىڭ باشلىرىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. سۈرە، مۇسھابتىكى نازىل بولۇش تەرتىۋىگە ئاساسەن تىزىلغان يەتتە سۈرىلىك « ھا، مىم » ئائىلىسىنىڭ تۇنجى سۈرىسى بولۇپ، دەسلەپكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە زۇمەر – فۇسسىلەت سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئىنسان. سۈرىدە ئىنسان، ياراتقۇچى ئالدىدا ھەددىنى بىلىش، يارىتىلغانلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىشكە دەۋەت قىلىنغان.

سۈرە « ھا، مىم » مۇقاتتائا ھەرىپلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. مۇشۇنداق باشلانغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش ۋەھىي تەكىتلەنگەن. سۈرىنىڭ 3 – ئايىتىدە ئاللاھ نىڭ غەزىپىنىڭ ئىككى رەھمەت ئىسكوپكىسىنىڭ ئىچىگە ئېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز:

غَافِرِ الذَّنْبِ وَقَابِلِ التَّوْبِ شَدِيدِ الْعِقَابِ ذِي الطَّوْلِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ إِلَيْهِ الْمَصِيرُ

« (اﷲ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (اﷲ نىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (اﷲ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر » ( 3 ).

سۈرىسدە كىشىنىڭ دىققەت – نەزىرى، ۋەھىينى ئىنكار قىلغان توپلۇملارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە ئاغدۇرۇلغان بولۇپ( 4 – 5 )، ئاندىن مۇئمىنلەرگە خوشخەۋەر بېرىلگەن ( 7 – 8 ).

سۈرىدە كائىنات دەلىللىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، نەزرىمىزنى بىر دەم ئاسمانغا، بىردەم يەرگە ئاغدۇرىدۇ. رىزىقىمىزنىڭ خۇددى ئايەتلەرگە ئوخشاش سامادىن نازىل بولغانلىقىنى بۇ سۈرىدىن ئۈگىنىمىز ( 13 ).

ئېكىنغا ئۇرۇق تېرىغۇچى ئاسمانغا قارايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە، رىزىق / رەھمەت سامادىن چۈشكەنلىكى ئۈچۈن. رىزىقىمىزغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلگەن ۋاقتىمىزدا، رىزىقىمىزمۇ ئالدىمىزغا كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىكەن ۋە بىزگە پۈتۈلگەن رىزىق كېلىپ بىزنى تاپىدىكەن. لېكىن، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىسمىمىزنى يازدۇرىشىمىز كېرەك ئىكەن. بىز ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇمۇ بىزنى ئىزدەپ تاپىدىكەن. بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئۇنى تارتىشقا باشلىغاندا، ئۇمۇ بىزگە ئىنتىلىدىكەن. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە ئىنتىلگەندە، بۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بەلگىلىگەن قانۇن تەقەززاسى بىلەن، ئۇلار بىر – بىرىنى تاپىدىكەن.

سۈرىدە ھېساپ كۈنىدىكى بىر دىئالوگ نەقىل قىلىنغان. بۇ ئىنساننى قورقۇدىن تىترىتىدىن بىر دىئالوگ. دىئالوگ دېيىلگەندە كۈندىلىك ھاياتتىكى بىر دىئالوگ كۆز ئالدىڭىزغا كەلمىسۇن. ئۇ كۈندە ئاللاھ نىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرگۈدەك نە بىر ئىنسان نە بىر پەرىشتە بولىدۇ. سوئالنى سورىغۇچىمۇ ۋە جاۋابىنىمۇ بەرگۈچى ئاللاھ تۇر.

لِمَنِ الْمُلْكُ الْيَوْمَ لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ

« – بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟

  • غالىب بىر اﷲ قا خاستۇر » ( 16).

قورقۇنچلۇق بولغان ھېساپ كۈنىمۇ ياكى ھېساپ بېرىشمۇ؟ مېنىڭچە ھېساپ بېرىشتۇر. چۈنكى ئۇ كۈننىڭ ئېغىر كۈن بولىشى، ھېساپ بېرىشنىڭ قېيىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْآَزِفَةِ إِذِ الْقُلُوبُ لَدَى الْحَنَاجِرِ كَاظِمِينَ مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ

« ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا كەپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ » ( 18 ).

سۈرىدە ھەزرىتى مۇسانىڭ، زالىم ھاكىمىيەتنىڭ ئۈچ تەرىپىنىڭ سىمۋولى بولغان پىرئەۋن – ھامان – قارۇندىن ئىبارەت ئۈچ كۈچكە قارشى ئېلىپ بارغان كۆرىشى بايان قىلىنىدۇ ( 23 – 24 ). پىرئەۋننىڭ، خەلقىنىڭ سەرخىللىرىنى نېمە بىلەن قورقۇتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ھەزرىتى مۇسانىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە مۇداخىلە قىلىشى بىلەن قورقۇتاتتى ( 26 ).

پىرئەۋننىڭ مەجلىسىدە ھەزرىتى مۇسادىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقتا بولۇپ، بىرىنچى چارە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ كۆزدىن يوقۇتۇش ئىدى. پىرئەۋن « مۇسانى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار، ئۇنى مەن ئۆلتۈرەي » دەيدۇ. مۇسانىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئادەتتىكى بىر ئىش ئەمەس بولۇپ، مۇسا پىرئەۋن سارىيىدا چوڭ بولغان بىرى ئىدى. ئۇ غەلىبىلىك تاماملىغان ھەبەشىستان يۈرۈشىدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە پىرئەۋن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچ نامزاتتىن بىرى ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى.

دەل بۇ ۋاقىتتا، ئۇ مەجلىسكە قاتناشقان ۋە ئۇ كۈنگىچە ھەقىقىي كىملىكىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر زات ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۇ مەجلىسكە قاتنىشىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، خۇددى ئۇ كۈنىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىدى. ئايەتتە ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدۇ، پەقەت « بىر مۇئمىن » دېيىلىدۇ. مۇئمىن كەلىمىسىنىڭ نەقىرا ( نامەلۇم بىر نەرسىگە بېرىلگەن ئىسم ) بولىشى، پىرئەۋن مەجلىسىدىكى ئۇ مەجھۇل مۇئمىننىڭ نامەلۇم ھالدا قېلىشىنى ئىما قىلىدۇ. ئۇ مۇئمىننىڭ بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن ئەمەس، مىسىرنىڭ يەرلىك ئاھالىسىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى 29 – ئايەتتىن بىلەلەيمىز. بۇمۇ تارىخنىڭ ئاجايىپ جىلۋىلىرىدىن بىرى. يەنى، بىر تەرەپتە ھەزرىتى مۇسانىڭ يېقىن تۇققىنى بولغان تۇرۇپمۇ، پەقەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پىرئەۋن سېپىدە يەر ئالغان قارۇن؛ يەنە بىر تەرەپتە پىرئەۋننىڭ مەجلىس ئەھلى قاتارىدا بولغان، لېكىن ھەزرىتى مۇسانىڭ ئۆلتۈرۈلىشى مۇزاكىرە قىلىنغان بىر مەجلىستە ئۆزىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىغا قارىماي، مۇسانى ھىمايە قىلغان بىر مۇئمىن. بۇ ئايەت، سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن مانا بۇ نامەلۇم مۇئمىن ھەققىدە توختالغان. مانا بۇ مۇئمىننىڭ پىرئەۋن مەجلىسىدە قىلغان ۋە ئاللاھ مۇ رازى بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋەھىي قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ ئەبەدىيلەشتۈرۈلگەن ئۇ سۆزى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:

وَقَالَ رَجُلٌ مُؤْمِنٌ مِنْ آَلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَنْ يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءَكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ مِنْ رَبِّكُمْ وَإِنْ يَكُ كَاذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ وَإِنْ يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُمْ بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ (28) يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَنْ يَنْصُرُنَا مِنْ بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءَنَا قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَى وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ (29) وَقَالَ الَّذِي آَمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ مِثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ (30) مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِلْعِبَادِ (31) وَيَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ التَّنَادِ (32) يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ (33) وَلَقَدْ جَاءَكُمْ يُوسُفُ مِنْ قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِمَّا جَاءَكُمْ بِهِ حَتَّى إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ مِنْ بَعْدِهِ رَسُولًا كَذَلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُرْتَابٌ (34) الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آَيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ وَعِنْدَ الَّذِينَ آَمَنُوا كَذَلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَى كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ (35) وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ (36) أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَى إِلَهِ مُوسَى وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا وَكَذَلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ (37) وَقَالَ الَّذِي آَمَنَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ الرَّشَادِ (38) يَا قَوْمِ إِنَّمَا هَذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا مَتَاعٌ وَإِنَّ الْآَخِرَةَ هِيَ دَارُ الْقَرَارِ (39) مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَى إِلَّا مِثْلَهَا وَمَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ (40) وَيَا قَوْمِ مَا لِي أَدْعُوكُمْ إِلَى النَّجَاةِ وَتَدْعُونَنِي إِلَى النَّارِ (41) تَدْعُونَنِي لِأَكْفُرَ بِاللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ وَأَنَا أَدْعُوكُمْ إِلَى الْعَزِيزِ الْغَفَّارِ (42) لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِي إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُ دَعْوَةٌ فِي الدُّنْيَا وَلَا فِي الْآَخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَا إِلَى اللَّهِ وَأَنَّ الْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَابُ النَّارِ (43) فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ (44)

پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: « سىلەر ›پەرۋەردىگارىم اﷲ‹ دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلگىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە اﷲ نىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ ».

پىرئەۋن ئېيتتى: « مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى پەقەت مەن توغرا يولغا باشلايمەن ».

مۆمىن ئادەم ئېيتتى: « ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ. ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ھېچ اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى اﷲ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۇسۇف (اﷲ نىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، اﷲ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ‹ دېدىڭلار، اﷲ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ ».

اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (اﷲ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى اﷲ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ. پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): « ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا–ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن » دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بىكاردۇر.

(پىرئەۋن خاندانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: « ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن. ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر. كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ. ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىدۇركى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىمەن، سىلەر بولساڭلار مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىسىلەر. سىلەر مېنى اﷲ نى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (اﷲ) غا دەۋەت قىلىمەن. ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلشىقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر. (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى اﷲ قا تاپشۇرىمەن، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» ( 29 – 44 ).

ئاللاھ نىڭ، ئۇ مەجھۇل مۇئمىننى پىرئەۋن ۋە قەۋمىنىڭ رەزىل توزاقلىرىدىن ساقلاپ قالغانلىقىنى، ھالاك بولغۇچىلارنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى ئايەتلەر بىزگە بىلدۈرمەكتە ( 45 ).

ئىلاھىي ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرىنى ئاللاھ نىڭ قانداق ھىمايە قىلغانلىقىنى، بۇ ئۆرنەكلەردىن بىلەلەيمىز. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، مۇھتەمەلەن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مەجلىس مەركىزى بولغان دارۇن نەۋەدىمۇ، خۇددى پىرئەۋن مەجلىسىگە ئوخشاش رەسۇلۇللاھ ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانىدى. بەلكىم، قۇرئان بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق ئۇ مەجلىستىكى ئىنساپ ئەھلى ئىنسانلارغا جاسارەت بېغىشلاۋاتقان بولسا كېرەك. بۇ ئايەتلەردىن ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە چىن دىلىدىن قارشى چىققان دارۇن نەدۋە ئەزالىرى بولغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بۆلەكنى، رەسۇلۇللاھقا بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش ھەققىدە بېرىلگەن بىشارەت دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.

ئاندىن ۋەھىينىڭ ھىمايە قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر بۆلەك بايان قىلىنغان. بۇ بۆلەكتە ئاللاھ نىڭ رەسۇلۇللاھقا ياردەم بېرىدىغانلىقى قايتا تەكىتلىنىدۇ:

« شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە شاھىتلار (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز » ( 51 ).

سۈرىدە توقۇپ چىقىلغان يالغان قەدرىيەتلەرگە چىڭ ئېسلىۋالغان ئىنساننىڭ ھەقىقەتكە ۋە ئۆزىگە قانداق ياتلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. سۈرىدە، مال – مۈلۈك، كۈچ، يۇقىرى ئۆرلەش، كۆز – كۆز قىلىش، ھوقوق ۋە ئەڭ چوڭ بولۇش خىرسىنىڭ ئىنساننىڭ خۇدىنى قانداق يوقۇتۇپ قويىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ۋەھىي، ئۆزىنى ئىنكار قىلىشنىڭ پىسخولوگىيلىك ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. « مۇشۇنداق بىر ئىنكار قىلىشنىڭ تەكتىدە قانداق ئامىللار ياتىدۇ؟ » دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: « ئۇلارنىڭ كۆكرەكلىرى ئىچىدە، ئېرىشسىمۇ ھېچقاچان رازى بولمايدىغان ئەڭ چوڭ بولۇشتىن ئىبارە بىر خىرىستىن باشقا نەرسە يوق » ( 56 ). ھەددىنى بىلمەسلىكنىڭ، كىشىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە جاڭجاللىشىدىغان ھالغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ( 4، 35، 69 ). ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشتىن كىشىنى يىراق تۇتقان ئامىلنىڭ ھاكاۋۇرلۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، بەندىلەرنى دۇئاغا دەۋەت قىلماقتا:

وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ

رەببىڭلار ئېيتىدۇ: « ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ » [60].

ئاللاھ سۆز شەكلىدە ئەۋەتكەن ئايەتلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇ ياراتقان بۇ مېھمانخانىنى خالىغىنىچە ئىشلىتىپ يۈزسىزلىك قىلىۋاتقانلارغا ئاسمانلارنى ۋە يەرنى، كېچە ۋە كۈندۈزنى ئاللاھ نىڭ ياراتقانلىقى ئەسلىتىلىدۇ ( 57، 61 ). بۇ ئارقىلىق خۇددى: « ئەگەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىساڭلار، ئۇ ياراتقان جايدا تۇرماڭلار، قولۇڭلاردىن كەلسە ئۆزەڭلارغا بىر جاي يارىتىپ ئۇ يەرگە كېتىڭلار » دېيىلمەكتە. بۇ نوقتىدا ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە تىلغا ئېلىنىدۇ : « ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ » ( 57 ).

سۈرىدە، ئىلاھىي ۋەھىينى بىلىپ تۇرۇپ رەت قىلغۇچىلارنىڭ زېھىن جەھەتتىن قانداق ۋەيرانچىلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ( 63 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى، ئازابنى كۆرگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتىشنىڭ كىشىگە ھېچقانداق بىر پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئىماننىڭ ھەر خىل بېسىمدىن خالىي ھالدا، ھۆر ئىرادە بىلەن قوبۇل قىلىنغان تاللاش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ:

فَلَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا قَالُوا آَمَنَّا بِاللَّهِ وَحْدَهُ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِ مُشْرِكِينَ (84) فَلَمْ يَكُ يَنْفَعُهُمْ إِيمَانُهُمْ لَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا سُنَّةَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ فِي عِبَادِهِ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْكَافِرُونَ (85)

ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: « بىز بىر اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (اﷲ قا) شېرىك قىلغان بۇتلارنى ئىنكار قىلدۇق » دېدى. بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ  اﷲ نىڭ ئەزەلدىن تارتىپ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى ( 84 – 85 ).

مانا بۇ سۈننەتۇللاھ ( ئاللاھ نىڭ بەلگىلىمىسى )تۇر. پىرئەۋنلەشكەن ھەر ئەقىل ئاقىۋەتتە ئىگىسىنى زىيانغا باشلاپ بارىدۇ.