قۇرئان ۋە رامىزان 3

« قۇرئاننى خۇددى ساڭا نازىل بولغاندەك ئوقۇ! » بۇ قەدىمىي تەۋسىيە پۈتۈن قۇرئان ئوقۇش قوللانمىلىرىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق يېتەكچىسى بولىشى كېرەك.
بۇنى سۆزلەش ئاسان، ئەمما ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قېيىن.

تەخمىن قىلغىنىڭىزدەك بۇ قېيىن ئىشلارنىڭ قېيىنى، ئەمما ئىمكانسىز ( ئەمەلگە ئاشمايدىغان ) ئەمەس.

بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەيداندا « سىز » بولىشىڭىز كېرەك. يەنى ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان « مەن »، مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن «مەن» بولىشى كېرەك. بۇ ئىداراكنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق تولغىقى يىگەن بىر « مەن »، مانا بۇ تولغاق بىلەن ئۆزىنى دۇنياغا كەلتۈرگەن « مەن » بولىشى كېرەك.

سەھنىدە بىر « مەن » بولغان بولسا، ھەر بىر  « مەن »نىڭ بىر ھەقىقەت مەسىلىسى بولىدۇ. تىلغا ئالغان ۋاقىتتا دىلنى كۆيدۈرىدىغان، يەنى يۈرەككە ئوت تۇتاشتۇرىدىغان بىر مەسىلىسى بولىدۇ.

مەن ۋە ھەقىقەت بىر يەرگە كەلگەن جايدا، بىر سەپەردىن سۆز قىلىنىدۇ دېگەن گەپ. يەنى تۈگىمەس بىر سەپەر… ئىنساننىڭ ئۆزىنى يۈدۈپ ماڭغان سەپىرى… « مەن »دىن باشلىنىپ يەنە ئاخىرقى مەنزىلى  « مەن »گە تۇتىشىدىغان سەپەر… مېڭىش بىلەن يەتكىلى بولمايدىغان، ئەمما بارغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭغان سەپەردىن… يولۇچى يول بولغان، يول يولۇچى بولغان بىر ئۆزگىچە سەپەر ھەققىدە سۆز قىلىنىدۇ، دېگەن گەپ.

خەرىتە: ۋەھىي

يولباشلىغۇچى: رەسۇل

كومپاس: ئەقىل

ئوزۇق – تۈلۈك: ئىبادەت

ئۇلاغ: دۇنيا ۋە بارلىق دۇنيالىقلار

يولۇچىنىڭ ئەقىل كومپىسى، ساختا ماگىنىت مەيدانلىرىنىڭ تەسىرىدىن ياخشى قوغىدىلىشى كېرەككى، ئىستىقامەتتە / نىشاندا بىر ئېزىش بولمىسۇن. نىشاندىن بىر مىللى مېتىرلىق ئېغىش ھەر قەدەمدە چوڭېيىپ، ئاخىرىدا كىلومېتىرلارچە ئېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نىشاندىن ئادىشىپ قالغان بىر يولۇچىنىڭ، باسقان ھەر قەدىمى، ئۇنى نىشانىغا يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا نىشاندىن يىراقلاشتۇرىدۇ.  بۇ خۇددى نادان بىلىمسىزنىڭ دىندارلىقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ دىندارلىقى كۈچەيگەنسىرى ئازغۇنلىقىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن، ھەر نامازنىڭ پەرزى بولغان « ئىستىقبالى قىبلە »، ئەسلىدە بىر نىشانىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەقىل كومپىسى ماگېنىت تۇزاقلاردىن ۋە ساختا ئېزىتقۇلاردىن قانداق قوغدىنىشى كېرەك؟

مانا بۇ نوقتىدا، رامىزان بىزگە سۇنغان ئىمكانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ، رامىزاننى بىزگە بىر ئىمكان قىلىپ سۇنغان مەقسەتكە، يەنى ۋەھىيگە مۇراجىئەت قىلىشىمىز كېرەك. قۇرئاننى بىر چوقۇنىدىغان « تەڭرىچاق » ھالىتىدىن چىقىرىپ، ھاياتىمىزنى بەرپا / ئىنشا قىلىدىغان بىرىنچى نومۇرلۇق ئامىل دەپ بىلىشىمىز كېرەك.

ۋەھىي، ئىنساننى يارىتىلىش مەقسىتىگە يارىشا تەربىيەلەيدىغان بىر ئىلاھى تەربىيە لاھىيىسىدۇر. ۋەھىي بۇ لاھىيەنى، تەسەۋۋۇرى، ئەقلى ۋە شەخسىيىتىنى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان ئىنسانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. تۈنۈگۈن بۇنى بىر قېتىم تەكرار قىلدى. تۈنۈگۈن قىلغان ئىشىنى بۈگۈنمۇ قىلىدۇ. ئېغىزلىرى بىلەن ئاللاھ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈدىغانلارنىڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇنى يەنە قىلىدۇ. بۇ ئىلاھىي بىر ئامانەت بولغان ۋەھىيگە بولغان ساداقەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.

يارىتىلىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن بىر ھاياتنى بەرپا قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئىنسان، مەلۇم بولغان تارىخ ئىچىدە ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ ئامانەتكە ھەردائىم سادىق بولالمىدى. يارىتىلىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن بىر ھاياتنى بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى ھەر پەرۋاسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەت، ئىنسان ئوغلىغا ئېغىر كۈلپەت ئېلىپ كەلدى. جىمى نەبىلەر ۋە ئۇلارغا كەلگەن ئىلاھى چاقىرىقلارنىڭ ئاخىرىقى مەقسىتى، ئىنسانلارغا ئۇنۇتقان ياكى قەستەن تەرك قىلغان بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىش ئىدى. ئامانەتكە خىيانەت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ھەر مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئىجتىمائي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئېغىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي جاھىللىق قىلغان قەۋملەر ئۆزىنى ھالاكەتكە مەھكۇم قىلاتتى.

ئاللاھ –  ئىنسان ئارىسىدىكى دىيالۇگى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بارلىق ئىلاھى ۋەھىيلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەمسىل قىلغان قۇرئان ۋەھىي، يېتەكچىلىكنىڭ كىشىلەردىن پىرىنسىپلارغا ئۆتكەنلىكىنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى. قۇرئاننىڭ « خاتىمەن نەبىييىن –  نەبىلەر تۈگەنچىسى »گە كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىي بولىشىنىڭمۇ مەنىسى بۇ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ، زامانىۋى دەۋرلەرنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىلاھى بىر بىشارەت ئىدى. ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشلىرىنىڭ ئىجابى ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىدى. ئاللاھ نىڭ ھاياتىمىزغا ھەمىشە مۇداخىل بولىدىغانلىقى ( ئارىلىشىدىغانلىقى )غا ئىمان ئېيتقان ئىكەنمىز، زامانىۋىي ھاياتنىڭمۇ ئاللاھ نىڭ ئارلىشىشىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىگە قەلبىمىز ئىشىنىشى كېرەك. قۇرئان كۆرسەتكەن ئىمان بۇنى تەقەززا قىلىدۇ.

زامانىۋىي ھايات مانا بۇ چۈشەنچە بىلەن ئوقۇلغان ۋاقىتتا، ئىنسانىيەت تارىخنىڭ ئەڭ بۈيۈك تەلەيسىزلىگى بولغاندەك، ئەڭ چوڭ پۇرسىتىمۇ بولۇش مۇمكىنچىلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىنسانىيەت، تارىخىنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە زامانىۋىي دەۋرلەردىكىدەك ئومۇمىييۈزلۈك بىر ئېزىشنىڭ قۇربانىغا ئايلانمىغانىدى. لېكىن ئىنسانىيەت ئائىلىسى تارىخنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە، بۇنىڭغا ئوخشاش دۇنياۋى بىر يۈزلىنىشنى بەلگىلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ باقمىغان ئىدى.

بۇ ئىمكاندىن پايدىلىنىش ئىمانغا باغلىقتۇر. بارلىق رامىزانلارنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئىمانغا مۇناسىۋەتلىك.

بۇ ئىمكاندىن پايدىلىنىش جەھەتتىن، ھەر مۇئمىن رامىزان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك.

رامىزان مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ۋەھىينىڭ ھاياتنى بەرپا قىلىش ئۈمىدىمۇ بار بولۇپ تۇرىدۇ.