قۇرئان ۋە رامىزان 2

قۇرئاندا رامىزان ئېيى ھەققىدە توختالغان بەقەرە سۈرىسى 185 – ئايىتى، يەنە بىر بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ئامىللارنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن:
1. رامىزاننىڭ سەۋەبى قۇرئان.
2.  قۇرئاننىڭ سەۋەبى ھىدايەت، يەنى رەھبەرلىك، پۈتۈن ئىنسانلارغا يېتەكچى بولۇش.
3. ھىدايەتنىڭ سەۋەبى « بەييىنات » ۋە « فۇرقان ». ھىدايەت پەقەت بۇلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بەييىنات – « ھەقىقەتنى، ياقىلىغان نەزەرىيىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك روشەن دەلىللەر » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. فۇرقان – « ھەقنى باتىلدىن، توغرىنى خاتادىن، ئادالەتنى زۇلۇمدىن، ياخشىنى ياماندىن ئايرىش قابىلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
قۇرئاننىڭ يېتەكچىلىكى، پەقەت بەييىنات ۋە فۇرقان ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان بەييىنات، قۇرئاننىڭ ئۆزىدە بولغان ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىغا سۇنغان؛ ئىككىنجىسى بولغان فۇرقان، خىتاپ قىلىنغۇچىدا بەرپا قىلغان بىر ئالاھىدىلىك ۋە قابىلىيەت. پەقەت قۇرئان شەكىللەندۈرگەن بىر تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىل كۆزى بولغاندىلا، بەييىنات دەلالەت قىلغان ھەقىقەتنى ئۆز جايىدا ۋە توغرا شەكىلدە كۆرگىلى ھەمدە چۈشەنگىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ بىرىنچى شەرتى، قۇرئانغا تەربىيلىگۈچى بىر ئۇستاز سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش. ئەپسۇس، رىئاللىقتا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ، قۇرئانغا بىر شەيئى سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا. ۋەھىي  مۇنداق ئۈچ باسقۇچ بىلەن، تەربىيىلىگۈچى بىر ئۇستاز بولۇشتىن « مۇقەددەس نەرسە »گە ئايلىنىپ قالغان:
بىرىنچى باسقۇچ –  لەبىز، مەنا ۋە مەقسەتتىن تەركىپ تاپقان ۋەھىينىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى بولغان « مەقسەت » قىسمى، نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، ۋەھىي لەبىز ۋە مەناغا مەھكۇم قىلىپ قويۇلغان. ھالبۇكى، لەبىز ۋە مەنانىڭ سەۋەبى مەقسەت ئىدى. مەقسەت چەتكە قېقىلغانلىقتىن، ئىلاھىي ۋەھىيدە مۇراد قىلىنغان مەقسەتنى چۈشىنىش قېيىنلاشتى. پەقەت لەبىز ۋە مەنىگە تايىنىپ تۇرۇپ چۈشۈنۈش تىرىشچانلىقلىرى، بىر تۈركۈم چۈشەنچە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەقسىتى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ۋەھىينىڭ، تەربىيلىگۈچى ئۇستاز بولۇشتىن خالىي قىلىنىشى تەبىئىي بىر نەتىجە ئىدى. چۈنكى، تەربىيلەش ۋەھىينىڭ مەقسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
ئىككىنجى باسقۇچ – لەبىز ۋە مەنىگە مەھكۇم قىلىنغان ۋەھىينى چۈشۈنۈش ھەرىكىتى، بۇ قېتىم ۋەھىينى ئىككىنجى پۇتىدىن – مەنىدىن ئايرىپ تاشلاپ، پەقەت لەبىزگە مەركەزلەشتۈرۈپ قويدى. بۇ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن جەرياننىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئىدى. بۇ نەتىجە مەنانىڭ ئۆزىنى يېشىپ بېرىشىگە توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ۋەھىينىڭ خىتاپ قىلىنغۇچىلىرى ۋەھىي بىلەن دىئالوگ قۇرۇش، ئۇنى ئىدىئولوگىيلىك بىر تەسەۋۋۇر بىلەن « ئوقۇش »نىڭ ئورنىغا، ئۇنى پەقەت « تىلاۋەت » قىلش بىلەن كۇپايىلەندى. بۇ ئەسلىدە مەنانىڭ يوقلىقىدىن شەكىللەنگەن بوشلۇقنى لەبىز بىلەن تولدۇرۇش ئىدى.
ئۈچىنچى باسقۇچ – ۋەھىي پەقەت لەبىزگە مەھكۇم قىلىنغانلىقتىن، قۇرئانمۇ پەقەت « مۇسھاب ( كىتاپ ) » ھالىغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. ۋەھىي ئەمدى تەربىيلىگۈچى ئۇستاز ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇ خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىنى ئەمەس، خىتاپ قىلىنغۇچىلىرى ئۇنى « ئۇلۇغلاشتۇرىۋاتاتتى ».  ھالبۇكى، ۋەھىي ئەسلىدىنلا ئۇلۇغ ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىشقا ئەمەس، چۈشۈنۈشكە ۋە ھاياتىغا تەدبىقلىشىغا ئىھتىياجى بار ئىدى. ۋەھىينى شەيئىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان مۇھاتابلىرى، ئۇنى شەيئىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ بەدىلىنى « ئۇلۇغلاش » ئارقىلىق تۆلەش يولىغا قاراپ ماڭدى. بۇ خۇددى ۋەھىينىڭ « ئېغىزىنى مايلاش »تەك بىر ئىش ئىدى. ئۇ ئەمدى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىدىن بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلاپ، يېڭىدىن بىر نەرسىلەرنى بەرپا قىلالمايتتى. خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىمۇ ۋەھىينى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئېگىز جايغا ئېلىپ قوياتتى.
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، كېيىنكى مەزگىللەردىكى « قۇرئان ئوقۇش ۋە چۈشۈنۈش » تىرىشچانلىقلىرى، ئەپسۇسكى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جەرياننى تەتۈرسىگە ئۆرىيەلمىدى. ھەتتا، زامانىۋىي شەكلى مەيدانغا كەلدى. چۈنكى، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇلىدا، ۋەھىي تەربىيلىگۈچى بولىشتىن زىيادە، قۇرئان مەدەنىيىتىگە ئىگە بولۇش، ئۆزىنىڭ مەلۇم ساھەدىكى بىلىمىنى ئاشۇرۇش، مېڭىسىنى ۋە زېھنىنى ئىشلىتىش ئارزۇسى يەر ئالماقتا ئىدى. نەتىجىدە، زامانىۋىي تەسەۋۋۇر بىلەن كىلاسىك تەسەۋۋۇر ئوخشاش نوقتىدا، يەنى ۋەھىينى شەيئىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش نوقتىسىدا ئۇچراشقانىدى.
بۇ جەرياندا ۋەھىينىڭ يۆنىلىشى 180 گرادۇس ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. ئەسلىدە تەربىيلىگۈچى بولغان ۋەھىي، ئەرشتىن يەر يۈزىگە چۈشكەن خىتاپ ئىدى. كېيىن شەيئىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان ۋەھىي تۆۋەندىن يۇقىرىغا روھ ئېلىپ ماڭغان بىر « ئۇچار گىلەم »گە ئايلاندۇرۇپ قويۇلدى.
قۇرئان چۈشەنچىسىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ تارىخىي بۇرۇلۇش، قىسقىچە تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە مەيدانغا كەلدى:
مەنا ھاياتنىڭ ئىچىدە « قېزىپ چىقىرىلمىغانلىقتىن » تەقلىد قىلىنىشقا باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن تەقلىد تەربىيلىگۈچى ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا باشلىدى. بۇ نوقتىدىن باشلاپ تەقلىد قىلغۇچىلارنى كىملىكىگە قاراپ ئىككىگە ئايرىش كېرەك:
بىرىنچىسى، ھېسسىياتنى جىسمغا / شەيئىگە ئايلاندۇرۇش…
ئىككىنجىسى، ئەقىلنى جىسمغا / شەيئىگە ئايلاندۇرۇش…
ھېسسىياتنى شەيئىگە ئايلاندۇرۇش – ھەممىمىزگە مەلۇم. مەنا بولمىغاندىكىن، مەجبۇرىي ھالدا شەكىل ئۇلۇغلاشتۇرۇلىدۇ. غايىۋىلاشقان شەكىل، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشتىن ھالقىپ خاسلىققا ئايلىنىدۇ. خاسلىققا ئايلانغان مۇقەددەس بىر شەكىل چۈشەنگىلى بولمايدىغان شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ ۋە ئۇنى ياشاش، ھاياتقا تەدبىقلاش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.
ئەقىلنى شەيئىگە ئايلاندۇرۇش – بىزگە مەلۇم بولغاندىن زىيادە، بىزنىڭ نەسلىمىزدە تەجرىبە قىلىنغان بىر چۈشەنچە تۈرى بولۇپ، بۇ خاسلىقنىڭ زىت ئەمەس. چۈنكى ئۇ « ئەقىلگە مۇۋاپىق » ئەمەس، ئەكسىچە « ئەقىلچى » بولۇپ، ھەممىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. بۇ ھېسسىياتنى شەيئىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ دەل تەتۈرى بولۇپ، بىنۇرماللىقنىڭ يەنە بىر قۇتۇپى ئىدى. ئەسلى ئاجىزلىقى، ۋەھىينى كىشىنى تەربىيلىگۈچى ئۇستازغا ئايلاندۇرالماسلىق ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ چۈشەنچە شەكلى خۇددى ھېس – تۇيغۇنى شەيئىگە ئايلاندۇرۇشتەك خاتا بولۇپ، بۇ چۈشەنچىنىڭمۇ خاتالىقى ۋەھىينى شەيئىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئىدى. ئارىسىدا پەقەت بىر پەرق بار، يەنى « ھېسسى » ئەمەس « ئەقىلچى » بولىشى ئىدى.
ۋەھىينى جىسىمغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ھېكايىسى، يولۇچىنىڭ يېتەكچىسىز قېلىش ھېكايىسى بولۇپ، بۇ ھېكايە بىر يازما بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئۇزۇن ھېكايە.