ھەزرىتى ئەلى تەيىن قىلغان ئابدۇللاھ بىن ئابباس، ئۇنىڭ تۇققىنى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇئاۋىيە تەرەپ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئىشەنچ قىلالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىنىڭ قازىلىقىنى قوبۇل قىلدى.

ئەمىر مۇئاۋىيەنىڭ قازىسى ئامر بىن ئاس:

– سېنىڭچە قانداق بىر يول تۇتساق بولار؟ دەپ سورىغىنىدا، ئەبۇ مۇسا:

– مېنىڭە ئەلى ۋە مۇئاۋىيەنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايلى. مۇسۇلمانلار توپلانسۇن، ئۆزلىرىگە بىر خەلىپە سايلىسۇن. دېدى، ئامر بىن ئاس:

– بۇ توغرا تەدبىر، مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلىغانتىم، دەپ جاۋاپ بەردى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر ئىككى تەرەپتىن تاللانغان 100 كىشىنىڭ ھوزۇرىغا چىقتى. ئامر، ئەبۇ مۇساغا:

  • بۇ توغرۇلۇق ھەمپىكىرگە كەلگەن قارارىمىزنى كۆپچىلىككە جاكارلىغىن! دېدى.

ئامرنىڭ نىيىتىنى بىلىپ يەتكەن ئابدۇللاھ بىن ئابباس، ھەر ئىككىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارارنى، ھەر ئىككىسىنىڭ بىرلىكتە ئېلان قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئەبۇ مۇساغا ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە « ئالدى بىلەن ئۇ گەپ باشلىسۇن » دېگەن تەكلىپنى بېرىپ، ئەبۇ مۇساغا:

  • ئىسىت ساڭا، پەمىمچە سەن توزاققا چۈشكەندەك تۇرۇسەن! – دېدى.

ئەبۇ مۇسا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ مۇنداق دېدى:

  • مەن ۋە دوستۇم ئامر بىن ئاس بىلەن بۇ مەسىلىدە ئوخشاش پىكىرگە كېلىپ، ھەر ئىككىمىز ھەزرىتى ئەلى ۋە مۇئاۋىيەنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدۇق. خەلق توپلانسۇن ۋە خالىغان بىرىنى ئۆزلىرىگە ئەمىر قىلىپ سايلىسۇن. مانا مەن قازىلىق سۈپىتىم بىلەن ھەر ئىككىسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدىم. ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئۆز قولۇڭلاردا. خالىغان كىشىنى خەلىپە ۋە ئەمىر قىلىپ سايلىۋالساڭلار بولىدۇ.

سۆز قىلىش نۆۋىتى ئامر بىن ئاسقا كەلدى، ئۇ:

  • مۇھتەرەم قېرىندىشىمىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ھەممىڭلار ئاڭلىدىڭلار. ئۇ ئۆز ئادىمىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. مەنمۇ ئوخشاش شەكىلدە ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپىلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايمەن. ئەمما مەن پەقەت ئوسماننىڭ ۋارىسى بولغان ۋە قېىنىنى تەلەپ قىلغان، بۇ ماقامغا ئەڭ لايىق بولغان دەپ قارىغان ئۆز ئادىمىم ھەزرىتى مۇئاۋىيەنى ئۇنىڭ ئورنىغا خەلىپىلىككە تەيىن قىلدىم، دېدى.

ئەبۇ مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئامرغا ۋارقىرىدى:

  • ئاللاھ ساڭا ياردەم قىلمىسۇن! ھىيلە – مىكىر ئىشلەتتىڭ ۋە پىتنە – پاسات يولىغا ماڭدىڭ. سەن ئۇ توغرۇلۇق كۈچەپ سۆزلىسەڭمۇ، ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويساڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرىغانغا ئوخشاش ( ئەئراف، 176 – ئايەت ) تۇرۇسەن، دېدى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ مۇنداق خىتاپ قىلدى:
  • ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ بۇ ئادەم بىلەن بىر پىكىردە كېلىشتۇق. ئەمما ۋەدىسىدە تۇرمىدى.
    بۇ ئىشلارنى ياندا تۇرۇپ باشتىن – ئاياق كۆزىتىپ تۇرغان ئابدۇللاھ بىن ئۆمەرمۇ چىداپ تۇرالماي مۇنداق دېدى:
  • ھەممىڭلار كۆرەۋاتىسىلەر مانا! ئۈممەت نېمە ھالغا كېلىپ قالدى؟ ئۈممەتنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇلغانكى، بۇلارنىڭ بىرسى يەنە بىرسىنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلماستىن، خالىغىنى بويىنچە بىر ئويۇنچۇق ئويناۋاتقاندەكلام ئوينىشىۋاتىدۇ.
    ھەزرىتى ئەلى بۇ قازىلىق ۋەقەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
  • قۇلاق سېلىڭلار، قازىلىق قىلىدىغان بۇ ئىككى قېرىندىشىمىز قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشىنىڭ ئورنىغا، ئاللاھنىڭ كۆرسەتكەن توغرا يولىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىش قىلدى.

ھەزرىتى ئەلى خىلاپەتنىڭ زۇلۇم ئاساسىغا يۈكسەلگەن سەلتەنەتكە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ۋە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا پات – پات تىلغا ئالغان ئىدى:

  • ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆزەڭلارغا ھۆكۈمدار قىلىپ تاللىۋالغان شۇ ئىنسانلار، سىلەرگە كىسرالار، ھېرەقلىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ ( تابارى، تارىخ،V/77 ).

باشقا بىر سۆزىدە مۇنداق دېگەن ئىدى:

  • بېرىڭلار، ئۇ گۇرۇھ بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، بولمىسا ئۇ مۇستەبىت ۋە زوراۋان ھۆكۈمدار، ئاللاھ نىڭ ئەركىن بەندىلىرىنى ئۆزىگە قۇل قىلىشقا تەمشىلىدۇ.

ئەمىر مۇئاۋىيە بارغانسېرى نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئىككى بېشى بار ھالغا كېلىپ قالغانىدى. بۇلار يەتمىگەندەك يەنە تېخى خارىجىلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھىجرى 40 – يىلنىڭ رامىزان ئېيىدا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قەتلى قىلىنىشى بىلەن تەڭ نەبەۋى خىلاپەتنىڭ كۈچلۈك ھالقىلىرىدىن يەنە بىرى ئۈزۈلدى. ھەزرىتى ھەسەننىڭ ئەمىر مۇئاۋىيە بىلەن بولغان شۈبھىلىك تېنىچلىق كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشى بىلەن، مەيدان بەنى ئۇمەييە ئائىلىسىگە قالدى.

ھەزرىتى ھەسەننىڭ ۋەزىپىدىن ئىستىپا بېرىشى، رەسۇلۇللاھتىن كېيىنكى خىلاپەتنىڭ 30 -يىلىنىڭ ئاخىرى ( ھىجرى 41 – يىلىنىڭ رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى )غا توغرا كېلەتتى. بىر رىۋايەتكە قارىغاندا، رەسۇلۇللاھ بۇ ھادىسە ھەققىدە ئالدىنئالا خەۋەر بەرگەن ئىدى:

  • مەندىن كېيىن خىلاپەت پەقەت 30 يىل داۋام قىلىدۇ. ئۇندىن كېيىن پادىشاھلىق باشلىنىدۇ.

خىلاپەتنىڭ ئاخىرلىشىپ، سەلتەنەتنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بۇرۇنلام تەخمىن قىلغان بۇ سۆزلەر رىئاللىققا ئايلانغاندا، مۇخالىپەت بولغان ۋەياكى تەرەپسىز تۇرغان نۇرغۇنلىغان ساھابىلەر پۇشمان قىلغان ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگۈچىلەر ئارىسىدىكى كۆرەشنى پىتنە دەپ قاراپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلەردىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر، سەكراتتىكى ۋاقتىدا: « دۇنيا ئىشلىرىدىن ھېچبىرى ئۈچۈن ئۆكۆنمەيمەن، ئەمما ئاسىي باغىيلارغا قارشى ئەلىنىڭ سېپىدە تۇرۇپ جەڭ قىلمىغانلىقىمغا پۇشمان قىلىمەن » دېگەنىدى ( ئىبنى سائاد، تاباقات،IV/187  ).

يەنە ساھابىلەردىن مەسرۇق بىن ئەجدامۇ ھەزرىتى ئەلىگە ياردەم قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن تۆۋبە – ئىستىغفار قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى ( ئىبنۇ ئابدىل بەرر، ئەل – ئىستىئاب، I/30-37 ).

پۈتكۈل بۇ ئۆزگۈرۈش جەريانىدا دائىما مۇئاۋىيەگە دانىشمەنلىك قىلغان ھەم ۋەقەلەرنى پىلانلىغان ئامر بىن ئاسنىڭمۇ، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئەمىر مۇئاۋىيە ئارىسىدىكى كۆرەشىتە، مۇئاۋىيەنىڭ سېپىدا ئورۇن ئالغانلىقىغا بەك پۇشمان قىلغانلىقىنى يەنە ئوخشاش مەنبەدىن بىلەلەيمىز.

مۆتىۋەر ساھابىلاردىن زەيىد بىن ئەرقاممۇ بۇ ھادىسەلەرگە ئىنكاس قايتۇرماستىن تۇتقان سۈكۈت روزىسىنى، ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ شاھادىتىدە بۇزغان ۋە كۇفە كوچىلىرىنى مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن تەۋرەتكەن ئىدى:

  • سىلەر، ھەي ئەرەپ جامائىتى! مۇشۇ كۈندىن ئېتىبارەن دائىما قۇل، ھەمىشە چاكار بولىسىلەر. سىلەر بىر زىللەتكە ( خارلىققا ) رازى بولدۇڭلار. زالالەتكە رازى بولغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! ( تابەرى، تارىخ، V/546 ).

« خىلاپەت ۋە سەلتەنەت » بابى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

*******
ئەمدى دىققىتىڭلار 3. باپ « ئىمامەت ۋە سەلتەنەت » تە بولسۇن!

كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت.

***************

كىتاپ ھەققىدىكى كىرىش سۆزى:

« ئىماملار ۋە سۇلتانلار » – كىرىش سۆز ( مۇستافا ئىسلامئوغلى )

كىتابىنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى: ئىماملار-ۋە-سۇلتانلار

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/04/ئىماملار-ۋە-سۇلتانلار.pdf