image

ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلىنىڭ ئۇشبۇ « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » ناملىق تەنقىدىي ئەسىرى 1990-يىلدىكى 1-نەشرىگە ئاساسەن، ھازىرغىچە ئەڭ ئاز يىگىرمە نەچچە قېتىم نەشىر قىلىندى.
كىتاپتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى خىلاپەت ۋە سۈننىي – شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن شەكىللىنىشى، ئۈممەتتە تەپرىقىچىلىقنىڭ باشلىنىشى ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەلتەنەت بىلەن ئىمامەت ۋە دىن بىلەن سىياسەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قۇرئانىي ئاساستا مۇلاھىزە قىلىدۇ.

كىرىش سۆزى

سۆزلەر راھمان ۋە رەھىم بولغان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلىنىدۇ. بىزمۇ شۇنداق باشلايمىز ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك رەسۇلىغا سالات، ئائىلە تاۋاباتىغا، ئەسھابىغا ۋە ئۇنىڭ يولىدا ياشاپ، ئۇنىڭ يولىدا ۋاپات بولغانلارغا چەكسىز سالاملار بولسۇن.
نېمە ئۈچۈن ئىماملار ۋە سۇلتانلار؟
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى: ئىسلام ئۈممىتى بۈگۈن كەلگەن قورقۇنۇشلۇق ھالەتنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبى نېمە؟ دەپ سورالغاندا، تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەپنى كۆرسىتىمەن:
1-نەبەۋى خەلىپىلىكنىڭ سەلتەنەتكە ئالمىشىشى
2- ئىجتىھادنىڭ يوقۇتىلىشى
بۇ ئىككىسىنى بىر سەۋەپكە باغلاشقا توغرا كەلسە، ئىككىنجىسىنى بىرىنچىسىگە باغلايمەن. ئۈممەتنىڭ 15 ئەسىرلىك تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ يارىسى « سەلتەنەت » بالاسىدۇر دەيمەن. چۈنكى سەلتەنەت ئىجتىھاتنىڭ دۈشمىنى بولۇپ، خۇددى كېچە بىلەن كۈندۈزگە ئوخشاش، بىرى بار يەردە يەنە بىرىگە ئورۇن يوق.
ئىجتىھاد ۋە سەلتەنەت دېگەندە تەبىئىي ھالدا ئىككى نەرسە ئەقلىمىزگە كېلىدۇ: ئىجتىھادنى تەمسىل قىلغان « ئىماملار » ۋەسەلتەنەتنى تەمسىل قىلغان « سۇلتانلار » ھەمدە بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى تارىخى كۆرەش… بۇ كىتاپ، مەزكۈر تارىخى كۈرەشنىڭ پەقەتلا 150 يىللىق قىسمىنى ئاساسىي تېما قىلماقتا.
ئىماملار ۋە سۇلتانلار ئارىسىدىكى بۇ ئەڭ قەدىمى تارىخى كۆرەشىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بىر ئۆسمە بولغان سەلتەنەت ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كېلىدۇ.
فىترەت ۋە يارىتىلىش جەھەتتىن بىر تاغاقنىڭ چىشلىرىغا ئوخشاش تەڭ قىلىپ يارىتىلغان ئىنسانلارنىڭ، پەرىقلىق تەرىپى بولغان « لاياقەت » ۋە « قابىلىيەت » لىرىنى ئۆز تىپلىرىگە قارشى ھۆكۈمرانلىق ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا « ئادالەت تەربىيەسى » دىن ۋەز قىلغان ئىدى. ئىسلام بۇ تەربىيەنىڭ ئەڭ ئاممىباب ئىسمى، پەيغەمبەرلەر ئۇنى تەبلىغ قىلغان / يەتكۈزگەن ئەڭ ئاۋانگارت كىشىلەر ئىدى.
گېئومىتىرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئىسلام تىلغا ئالغان « ئادالەت تەربىيىسى »، ياراتقان ئىگىمىزنىڭ ئالدىدا ئىنسانلار « فىترىتى » جەھەتتىن ھەممىسى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولىدۇ ( باراۋەر بولىدۇ ). قۇرئاندا ئىنسان ۋە پەرىشتىلەر ئۈچۈن ھەمىشە ئىجابى مەنادا قوللىنىلغان « سەپ » تەبىرى « تۈز سىزىق » تىن نېمىنى نەزەردە تۇتقانلىقىمىزنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ. ئادالەت تۇيغۇسى ھاكىم بولغان بىر توپلۇمنىڭ ئەزالىرى « زۇلۇم تۈزۈملىرى » دىكىگە ئوخشاش، بىر – بىرىنىڭ مۈرىسىگە ياكى باشلىرىغا دەسسەپ يۈكسىلىش ئورنىغا، ئۆز ئالدىغا مەزمۇت تۇرۇش ئارقىلىق ياخشىلىقتا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
بىر جەمىيەتتە، ئادالەت ئورننى زۇلۇمغا بوشىتىپ بەرگەن بولسا، بۇ « تۈز سىزىق » دۈمچىيىشكە باشلىدى دېيىشكە بولىدۇ. سەپ ھالەتتىكى جەمىئىيەت ئۆزىگە ھۆكۈمران بولغان بېسىم سەۋەبىدىن، بىر يەرلىرىدىن ئېگىلىپ ئاستا – ئاستا پىرامىت شەكلى ھاسىل بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا جەمىئىيەتتىكى ياخشىلىقتا بەسلىشىشنىڭ ئورنىنى، باشقىلارنىڭ بېشىغا دەسسەپ پىرامىدانىڭ چوققىسىغا يامىشىش مۇسابىقىسى ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەر باشنىڭ ئۈستىدە بىرسىنىڭ ئايىقى بولىدۇ. ئادالەت تۇيغۇسى ھاكىم بولغان جەمىيەتتە، بارلىق باشلار ئاللاھ قا باغلانغان بولسا؛ سەلتەنەت جەمىئىيىتىدە « باش باشقا، باشلار پادىشاھقا باغلىق » ھالغا كېلىدۇ. پادىشاھ بولۇش، پۇتى بارلىق باشلارنىڭ ئۈستىدە بولۇش دېگەن مەنىگە كەلگەن بولىدۇ.
سەلتەنەت، « سەپ » ھالەتتىكى جەمىئىيەتنىڭ پىرامىتلىشىشنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئادالەت زۇلۇمغا ئايلانغان بۇنداق بىر جەمىئىيەتتە، ئەڭ ئۈستىدە تۇرغانلارنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى، پەستىكىلەرنىڭ بېشىنى كۆتۈرمەسلىكىگە باغلىق. بۇ ھالەتنى ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئۈستتە تۇرغانلارنىڭ، پەستىكىلەرنى مەقسەتلىك ھالدا « پادىلاشتۇرۇش » ى زۆرۈر ئىدى. بۇ ھالەتتە پەستىكىلەر ئىززەت ۋەھۆرمىتىنى پىدا قىلىپ، بېشىغا دەسسەپ تۇرغان ئاياقنى كۆتۈرۈشكە مەھكۇم بولغان ھالدا ياشاپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ ( سەبە 31~33، نىسا 97 ). ۋەياكى زۇلۇمغا ۋەخارلىققا رازى بولماي، يەر يۈزىنىڭ ۋارىسى بولىدۇ: « بىز زېمىندا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز » ( 28:5 ).

ئىلاھى ئادالەتكە تايانمىغان ھەر تەلىم- تەربىيەنىڭ، ئىنسانلار ئۈستىدىكى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش شەكلى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئىسمىنى دېموكراتىيە دېگەنگە ئوخشاش « كۆپسانلىقچى تۈزۈملەر » ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. مىراس قالىدىغان سۇلتانلىق پىرامىتلىرىنىڭ چوققىسى تولىمۇ تىك ۋە بىرلا كىشىگە خاس بولىدۇ. بىر قانچە گورۇپپىدىن تەشكىل قىلىنغان دېموكراتىك پىرامىتلەرنىڭ چوققىسى ئەپلاتۇنچى ۋە كۆپ كىشىلىك بولىدۇ. دېموكراتىك – سۇلتانلىق پىرامىتىنىڭ پىلاتونچە قۇرۇلغان تۆپىسىدە مەنپەئەتدارلار، تاللانغانلار، قارا كۈچلەر ۋە ھاكىمىيتىنى ئورتاقلاشقان يەنە باشقا كۈچلەر ئولتۇرىدۇ. بۇخىل تۈزۈملەرگە « كۆپسانلىقچى » دېيىلىشىنىڭ ھېكمىتىمۇ، سۇلتانلارنىڭ بىر ئەمەس كۆپ بولىشىدىن كەلگەن بولسا كېرەك.
توپلۇملارنىڭ ئادالەتكە تايانغان « سەپ » نى بۇزۇپ، سەلتەنەتكە تايانغان پىرامىدانى ئوتتۇرىغا چىقارغان يۇقۇرىدىكىلەر بىلەن، بۇ پىرامىتنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى ھالدا، سەلتەنەتكە پەشتاق بولۇپ بەرگەن پەستىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، پىرامىتنىڭ ئۈستىگە چىقىشنى خالىغانلار بىلەن ئۇ يەرنى بۇرۇن ئىگەللىگەنلەر ئارىسىدىكى « نامەردلەرچە » داۋاملىشىدىغان كۆرەش ۋە ئادالەت تەلىماتى ( ئىسلام ) غا ئۇيغۇن بولمىغان ھالەتنى ھېس قىلىپ، بۇ پىرامىت زۇلۇم تۈزۈمىنى قايتىدىن « تۈز سىزىق » ( سەپ ) ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى خالىغانلار ئېلىپ بېرىۋاتقان « شەرەپلىك » كۈرەشتىن ئىبارەت، ئوخشىمىغان ئىككى خىل شەكىلدە نامايەن بولىدۇ.
باشتىكىلەر ئۈچۈن ئېزىش ياكى ئېزىلىش ئىبارەت ئىككى يول بار ئىدى. ئۇلار بۇ ئىككى يولدىن باشقا بىر چىقىش يولى ئىزدىمىدى. ئۇلار بارىدىغان جايى جەھەننەم بولغان ( نىسا 97 ) زەئىپلەردىن بولۇش ياكى تەكەببۇر بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خاتالىقتىن بىرىنى تاللىدى. بۇ مەنپەئەت كۆرىشىدە، غەلبە قىلسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن نەتىجە ئۇلارنىڭ زىيىنىغا بولدى. تارىختا كۆرۈلگەن خانىدانلار ياكى سۇلتانلار ئارىسىدىكى سەلتەنەت غەۋغالىرى بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئۆرنىكى بولالايدۇ.
كېيىنكىلەر بولسا، ئىمانلىرى ئېزىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ( نىسا 97 )، بېشىنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان ئاياقلارنى كۆرۈشنى خالىمىغان؛ يەنە ئىمانلىرىنىڭ تەقەززاسىغا قارىتا، ئەزگۈچىلەردىن بولۇشنىمۇ خالىمىغان، جەمىئىيەتتە ئادالەت بەرپا قىلىشنى بوينىدىكى بىر پەرىز دەپ بىلگەن، ئىمانلىرىنىڭ ( سەپ 14؛ نەھىل 90؛ نىسا 58 ) تەقەززاسى نېمىنى تەلەپ قىلغان بولسا شۇنى قىلىپ، سەلتەنەتنىڭ ھەر تۈرىگە قارشى چىققان ئىدى. بۇ قارشىلىقنى شارائىتىغا قاراپ ئەمەلىي ھەرىكىتى، پىكىر –چۈشەنچىسى ۋە قەلبى بىلەن ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئۇنداقتا، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا سۈكۈتتە تۇرۇشنى « تىلسىز شەيتانلىق » دەپ قارايدىغان، زالىم ھۆكۈمرانغا قارشى ھەقىقەتنى جاكارلاشنى « سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى » دەپ بايان قىلغان، بۇ مۇئامىلىسى تۈپەيلى ئۆلگەنلەرنى « شېھىت » ئېلان قىلىدىغان بىر تەلىم ( ئىسلام ) نىڭ پىدائىيلارنىڭ بۈگۈنكى ھالى قانداق ئەھۋالدا؟
شائىر ئىقبال ئېيتقاندەك، بۈگۈنكى « دىن » چۈشەنچىسى بىلەن، ئاللاھ جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان؛ رەسۇلۇللاھ بىزگە يەتكۈزگەن « ئەد – دىن » بىر- بىرىگە ئۇ قەدەر ئوخشىمايدۇكى، بۇ پەرىقنىڭ چوڭلىقى ئاللاھ نى، جەبرائىلنى، پەيغەمبەرنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇراتتى. ئىنسانلار « قۇرۇتۇلغان گۆش يىگەن بىر ئايالنىڭ ئوغلى » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئورنىغا، ئالماس تاجلىق، ئالتۇن تەخىتتە ئولتۇرغان، زەر يەكتەك كىيگەن بىر « پەيغەمبەر » نى تەسەۋۋۇر قىلىشاتتى. پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىپلا قالماي، ئۆمۈر بويى بۇلاردىن ئۇزاق تۇرغان نەبىدىن كېيىنكىلەرگە قېپقالغان خاتىرىنى، بۇ تەسەۋۋۇرلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بېزەكلەر بىلەن بېزىشەتتى. ئىنسانلار « بىر بەندىگە ئوخشاش يەپ، بىر بەندىگە ئوخشاش ياشىغان » بىر پەيغەمبەرگە ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا، تەسەۋۋۇرلىرىدىكى قەيسەر ۋەكىسراغا ئوخشاتقان بىر پەيغەمبەرگە مايىل بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، ئىنسانلار « بىر بەندىگە ئوخشاش ياشاش » تىن بەكراق « قەيسەر ۋە كىسراغا ئوخشاش ياشاشنى » ئارزۇ قىلاتتى. ئۆز ھاياتىنى پەيغەمبەرگە ماسلاشتۇرۇشنى خالىمىغانلار، پەيغەمبەر ۋە ئۇ يەتكۈزگەن دىننى تەسەۋۋۇرلىرىدىكى ھاياتقا ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. بۇ خىل « ئويدۇرۇش / ماسلاشتۇرۇش » ئىشى « خىلاپەت، ئىسلام دۆلىتى » گە ئوخشاش ئۇقۇملارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، سىياسەت سەھنىسىگە چىققان مۇسۇلمانلار، ئۆزلىرىگە پەيغەمبەرنىڭ « بەندە » سىياسىتى ئورنىغا، ئىنسانلارغا « قۇللىرىم » دەپ كۆنۈپ قالغان سەلتەنەت ساھىپلىرىنىڭ « پىرامىتچى » سىياسىتىنى ئۆرنەك قىلغان، كاللىسىدىكى « دۆلەت » چۈشەنچىسىنى ئۇنىڭغا قارىتا شەكىللەندۈرگەنىدى.
كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بۇ ئەھۋال، مېنى مەزكۇر ساھەدە پىششىق بولغان ئۇقۇمۇشلۇقلا بوشلۇقى مەۋجۇت ئىكەن دېگەن قانائەتكە ئېلىپ كەلدى. بۇ بوشلۇق ئىسلام سىياسەت نەزىرىيەلىرى ساھەسىدە ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل نەزىرىيەلەرگە ئۇل سالغان تارىخىي تۇنجى ئۆرنەكلەر ساھەسىدە مەۋجۇت ئىدى.
بۇ ئەسەر مەزكۇر بوشلۇقنى ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇش مۇددىئاسىنىڭ ئەمەس، بەلكى نەبەۋى ۋە سۇلتانى سىياسەت ئارىسىدىكى ئاساسى پەرىقلەرنى، ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى يۈز ئەللىك يىللىق ئۆرنەكلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، كۆرسىتىپ بېرىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر مەھسۇلى.
بۈگۈن « سەلتەنەت » سىياسى ھاياتىمىزدىن بەكرەك چۈشەنچەۋە تۇيغۇلىرىمىزغا ھاكىم. ئاللاھ رەسۇلى جاھىلىيەت بىلەن بىرلىكتە مەھكۇم قىلغان ۋە « بىزدىن ئەمەس » دېگەن ئەسەبىيلىك، سەلتەنەتچى تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدىغان مەنبە. ئاللاھ نىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرىگەنلەرنىڭ قولىدىن، ئۇ دىننىڭ ئامانىتىنى ئېلىنىپ لايىق ۋە سادىق بولغانلارغا بېرىلىدىغانلىقى ( مائىدە 54، ھەدىد 38، رائاد 11، ساف 5 ) قۇرئانى بىر ھەقىقەت بولۇپ ئالدىمىزدا تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك « بالىلار دۈمچۈشكەن يېرىدىن تۇرالايدۇ » دېگەن گەپ بىلەن، ئايەتلەر ئوپ – ئوچۇق بايان قىلغان ھەقىقەتنى يالغانغا چىقارماقچى بولغانلار، مەدىنەدە، مەككىدە، ئەندۇلۇستا ۋەشۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇن يەرلەردە دۈمچۈشكەن بالىنىڭ يۈز يىللاردىن بېرى، تېخىچە ئورنىدىن تۇرالمىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقاندەك قىلىدۇ. ئۇلار دىننىڭ سابىق بولغانلارنىڭ ئەمەس، سادىق بولغانلارنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمىسە كېرەك.
ئىرىقچىلىقتىن تېخىمۇ خەتەرلىك ئازغۇنلۇق بولغان « ئەسەبىيلىك » ھەرخىل شەكىلدە نامايەن بولماقتا. « مۇھتاج بولغان قۇۋۋەتنىڭ تومۇرلاردىكى ئېسىل قاندا مەۋجۇت ئىكەنلىكى » مەسەلىگە تۇيدۇرۇلماستىن ئىشەندۈرۈلگەن ھەر چوڭ – چوڭ كىشىلەر، « ئەسەبىيەت » مورفىنى بىلەن ئۇخلىتىلىپ قوللىرىدىن ئىسلاملىرى تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە « رېتسىپى مەندە » پەسكەشلىكى ئىچىدە « لېدەر » بولۇشتىن، « يېتەكچى » بولۇشتىن، « ئىسلامنىڭ بايراقچىلىرى » دىن ۋە « ئۈچ قىتئەدە ئات چاپتۇرۇشتىن » سۆز قىلىدىغان بولسا، ئۇلارنى ھۇشىغا كەلتۈرىدىغان پۇراق، يا بىر كۈن « ھەرىمى ئىسمەت » ىگىچە سوزۇلۇپ بۇغۇزىغا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۆزىگە « ھىدلىدىڭ؛ بوينۇڭغا ئاستىم » دېيىلىدىغان كۇپۇرنىڭ سېسىق تاغىرى ياكى « بوۋاقلارنىڭ چېچىنى ئاقارتىدىغان » ئۇ كۈننىڭ قايتۇرغىلى بولمايدىغان دەھشىتى بولىدۇ.
« كۈچلىك » بىلەن « ھەقلىق » نىڭ كۆرىشىدە « بىزدىن » دېيىش بىلەن « كۈچ – قۇدرەت » تەرەپتە بولغان سەلتەنەتچى مەنتىق، قېلىپى بىلەن / شەكلى جەھەتتىن بولمسىمۇ، قەلب ۋەنەپىس تەرەپتىن تەكەببۇرلۇققا / چوڭچىلىققا مايىل بولىدۇ. بۇ مەنتىق تارىخقا ۋە ھادىسەلەرگە « تۆپىدىن » قارايدۇ. پىرامىتنىڭ تۆپىسىدىن قارىغانلارغا تۆۋەن تەرەپ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. « بىزدىن » دېگەن سەۋەپ بىلەن ھادىسەلەرگە « ھەقنىڭ » ئەمەس « كۈچلۈكنىڭ »نىڭ كۆزى بىلەن قارايدىغان بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش، تەبىئىيكى قارىغان نەرسىلىرىنىمۇ ئەسلىدىن ئۇزاق شەكىلدە كۆرسىتىدۇ. بىر مىسال:
ئاندىن كېيىن خەلىپە مەرۋان شامغا قايتىپ ئىككى قوشۇن تەييارلىدى. بۇلاردىن بىرىنى خەلىپىلىك داۋاسى بىلەن ئىسيان كۆتۈرگەن ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىرگە قارشى ھىجازغا؛ يەنە بىرسىنى، ئىراققا ئەۋەتتى. ھىجازدا ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىر تەھدىدى كۈچىيىشكە باشلىغانىدى…
بۇ قۇرلار زالىم ۋە پاسىقنى « داھى » ۋە « سىياسەتچى »، « سۈيقەست » ۋە « ھىلىگەرلىك» نى « پاراسەت » ۋە « سىياسەت » دەپ چۈشەندۈرگەن بىر ئەرەپ تارىخچى ( ھ. ئىبراھىم ھەسەن ) غا ئائىت. ئىمام ئەزەمگە مۇرجىئە مەپكۇرىسى كەيدۈرۈشكە پېتىنغان بۇ زاتنىڭ، ھەزرىتى تەلھە ۋە زۇبەيىرنىڭ قاتىلى ( بىرىنچىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەن، ئىككىنجىسىنى ئامر ب. جەرمۇز ئىسىملىك كىشىگە ئۆلتۈرگۈزگەن )، ھەزرىتى ئوسمان نامىدىن ئېيتقان يالغان سۆزلەر ۋە سەلبىي قىلىمىشلار سەۋەبىدىن ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ بېشىغا چىققان، سەلتەنەتى مەزگىلىدە قىلمىغان زۇلۇمى قالمىغان مەرۋان بىن ھاكەمنى خەلىپە؛ ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىرگە ئوخشاش مۇتتەقى ۋە مۇجاھىت بىر كىشىنى، ئىسيانچى ۋە خەتەرلىك كىشى قىلىپ كۆرسىتىشى، ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدىكى خاتالىقتىن كېلىپ چىققان. بۇمۇ بىر قاراش، لېكىن قانداق چۈشەنگەنلىكى ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ.
بۇ بىر تەرەپلىمە خاتا چۈشەنچە / قاراشتىن كېيىن، مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئىبنى ماجەرنىڭ قەلىمىدىن بۇ ۋەقەلەرنى ئوقۇپ باقايلى:
يەزىدنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن پەيدا بولغان ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئابدۇللاھ ب. زۇبەير خەلىپە بولدى. شام ئەھلىدىن بەزى جايلاردىن باشقا جايلار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. مەرۋان ئۇنىڭغا قارشى خەلىپىلىك داۋاسى بىلەن ئىسيان كۆتۈردى ( فەتقۇلبارى، 12 – جىلد، 297 – بەت ).
بۇمۇ بىر قاراش. ئىككىسى ئارىسىدا 180 گرادۇس پەرق بار. سەلتەنەت مەركەزلىك چۈشەنچە، مەسىلىنى « خەلىپە مەرۋانغا قارشى توپىلاڭچى ئىبنى زۇبەير » شەكلىدە بايان قىلغان بولسا؛ ئادىل مەيداندا تۇرۇپ بايان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىبنى ماجەر «مەرۋان، ئىبنى زۇبەيرگە قارشى خەلىپىلىك داۋاسى بىلەن توپىلاڭ قىلدى » دەيدۇ. مەشھۇر ئالىم ئىبنى ماجەرىل ئاسكالانىنىڭ پوزىتسىيىسى ئاڭلىق بىر تاللاشتىن مەيدانغا چىققان. ئۇنى بۇ تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان نەرسە، زۇلۇمغا بولغان نەپرىتى، ئادالەتكە بولغان ئىنتىلىشى ئىدى. ئالدىنقىسىنىڭ بىرتەرەپلىمە قارىشى، ئەگەر ئاڭلىق بىر سەلتەنەت مەدداھلىقىدىن بولمىغان بولسا، بۇرۇنقى سەلتەنەتچىلەرنىڭ كارۋىنىغا قېتىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان. بۇ كارۋاننىڭ ئەڭ بېشىدا كەربالا ۋەقەسىدىكى يەزىدچى سەلتەنەتچى پوزىتسىيىسى سەۋەبىدىن قازى ئەبۇبەكىر ئىبنى ئەرابى ۋە باشقىلار يەر ئالماقتا. بۇ خىل كىشىلەر تارىخىيۋەقەلەرنى « ئىنسان »نى مەركەز قىلىپ ئەمەس، بەلكى « سۇلتان »نى مەركەز قىلىپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، چىقارغان يەكۈنلىرىمۇ شۇنىڭغا ماس بولماقتا.
ئىسلامى سىياسەتنىڭ سۇلتانى سىياسەتكە ئالمىشىپ رەسمىي ھالدا باشلىغان بولۇپ، بۇ سىياسىي بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيران قىلىش يالغۇز سىياسى ساھەدىلا قالماستىن، بەلكى ئەقىدە ۋە چۈشەنچە ساھەسىگىمۇ كېڭەيگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانۋە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ئەقىدە ۋە چۈشەنچىلەر، سەلتەنەتچى كۈچلەرۋە ئۇلارنى قوللىغان « ئۆلىمالار » تەرىپىدىن رەسمىي ئېقىمغا ئايلانغان. شۇندىن ئېتىبارەن « دىن » دېيىلگەندە ئاللاھ رەسۇلىۋە ئەسھابى ياشىغان ئىسلام ئەمەس، ئىسلام بىلەن باغلىنىشى مۇمكىن بولمىغان سەلتەنەتلەر كېلىدۇ، ئادالەتنىڭ ئورنىغا زۇلۇمغا تايانغان بىر سىياسەتنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەزى « ئىلىم » ھامماللىرىچە ئاممىباب ۋە سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان سىياسەت نەزەرىيىلىرى ئىجاد قىلىنىدۇ. بۇ نەزەرىيىلەرنىڭ خەلقئارا مۇستەملىكە ماشىنىسىنىڭ چاقىغا ياغ بولۇپ بېرىشىنىڭ، ئالدىنى ئالغىلى بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز تارىخىدىن بىخەۋەر قالغانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا.
توغرا، مۇسۇلمانلار ئۆز تارىخىغا قايسى نوقتىدىن قارايتتى؟ مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا بۇ قاراشلارنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بارمۇ؟ بولسا قايسى دەرىجىدە؟
كىتاپخان بۇ سۇئاللارغا، بۇ كىتاپنى ئوقۇغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشەلىشى مۇمكىن دەپ قارايمىز. شۇنداقتىمۇ، بىر كىرىش سۆزى دائىرىسىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز تارىخىغا قايسى نوقتىدا تۇرۇپ قاراۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.
بۈگۈن مەۋجۇت يۈزلىنىشلەرنى ئۈچ نوقتىدا تۇرۇپ ئانالىز قىلىش مۇمكىن: 1-يوشۇرغانلار 2- خارلىغانلار 3- مۇقەددەسلەشتۈرگەنلەر.
1- يوشۇرغانلار: بولۇپمۇ بۇ كىتاپ ئالاھىدە توختالماقچى بولغان تارىخ تىلىملىرى ئۈچۈن نوقتۇلۇق توختالغان بولغان بۇ پوزىتسىيە، كۆپىنچە ياخشى نىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولىشى ئىھتىمالدىن خالىي ئەمەس. نېمىلا بولمىسۇن « تارىخ » ئىسمى جىسمىغا لايىق بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىلەر زەنجىرى بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. بەزىلەرى تارىختىكى خەتەرلىك چاغلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، « تارىخ يېزىش » يولىنى ئەمەس « تارىخ يارىتىش » يولىنى تۇتقان بەزى « ياخشى نىيەتلىك » تارىخچىلار بۇ غەيرىتىنى تارىخنى « ئۆزگەرتىش » كە قەدەر ئىشلەتكەن. بۇ مۇئامىلە ئۈچ جەھەتتىن خەتەرلىك:
ئا) تارىخنى يۇشۇرۇش مۇمكىنمۇ، بۇنى مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ. لېكىن، مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى ئېنىق. تارىخ، خاتاسى ۋە ساۋابى بىلەن بىر ئىبرەت غەزىنىسى. پەقەت ساۋاپلىق قىسمىنىلا ئېلىپ، خاتالىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىش ھەقىقەتچى قوبۇل قىلالايدىغان پوزىتسىيە ئەمەس. بولۇپمۇ، بۇ قۇرئانى ئۇسلۇبقىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. ئەگەر تارىخى شەخىسلەرنىڭ « ئىبرەت » بولىشى ئۈچۈن، خاتالىرىنى ئېيتىش خاتا بولغان بولسا، ھەر نەرسىلىرى بىلەن مۆجىزىۋى بايان بولغان قۇرئان بۇنداق قىلمىغان بولاتتى. ئادەم ۋە يۇنۇس پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان قىسسەلىرى بۇنىڭ روشەن ئۆنەكلىرى بولالايدۇ.

ب) سىز تارىخىڭىزدا ئۆزىڭىز ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارىغان بەزى بەتلىرىنى قەستەن يېپىۋېتىش ئۈچۈن ئاۋارە بولىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، ئىسلامغا خۇسۇمەت ساقلاۋاتقان دۈشمەنلەر ھېلىقى بەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ، بىرنىڭ يېنىغا يەنە بەشنى قوشۇپ يېزىپ نەشىر قىلماقتا. ياخشى نىيەت بىلەن بۇ پوزىتسىيەلىرىڭىز ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىغان مەنپەئەت، بۇ شەكىلدە بىر جىنايەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ يېقىن 200 يىلدىن بېرى بۇنىڭ بەك كۆپ ئۆرنەكلىرىنى كۆردۇق. مۇسۇلمانلار جەمىئىيىتىگە مەنسۇپ ئاسانلا باشقا تەرەپكە مايىل قىلغىلى بولىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر، نۇرغۇن ساھەلەردىكىدەك – ئۆز تارىخلىرىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن – غەرەزكار شەرىقشۇناسلار يازغان ناخشىلارنى، ئۆز خەلقىنىڭ ھۇزۇرىدا ئېيتىشتەك غەپلەتكە مۇپتىلا بولۇشتى. مىسردىن تاھا ھۈسەيىن، ئەھمەد ئەمىن؛ تۈركىيەدىن ئابدۇللاھ جەۋدەت، ھۈسەيىن جاھىد قا ئوخشاش كىشىلەر بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرى.
س) تارىخنى يوشۇرنىڭ پايدىسى، ئۇنى ئاشكارىلاپ چۈشۈنۈش ۋە ھېكىمىتىنى بىلىشكە تىرىشىشنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. سەھىھ مەنبەلەرگە تايانغان ساغلام بىلىملەرگە ئاساسەن تارىخىنى ئۈگەنمىگەن « بىز » لەرگە، ساختا مەنبەلەرگە تايانغان ئويدۇرما مەلۇماتلار ئارقىلىق بىزگە تارىخ ئۈگەتمەكچى بولغان « باشقا » لەر چىقىدۇ. تارىخ ئېڭىغا ئىگە بولمىغان نەسىللەرنىڭ، كېلەچەككە ساغلام قەدەملەر بىلەن يۈرۈش قىلىشىدىن ئۈمىت كۈتكىلى بولمايدۇ. تارىخ ئېڭى بولسا، تارىخنى بۇزۇش، بۇرمىلاش ۋە يوشۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاشكارىلاپ ۋە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ( توغرا ئىزاھات ) تۇرغۇزۇلىدۇ.
2. خارلايدىغانلار: ئۆز تارىخى ھەققىدە جۆيلىيدىغانلار غەرىپلىشىشنىڭ تەسىرىدە چۈشەنچە ۋە تۇيغۇ جەھەتتىن ئەسلىدىن يىراقلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلەرنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن، غەرىپلىكلەر ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش كېسىلىگە كىرىپتار بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئەس – ھۇشىنى يوقۇتۇپ قويغان ۋاقتىدا ئېغىزلىرىدىن ماغزاپلىرىنى چاچرىتىپ ئەجدادىنىڭ دىنىي ۋە تارىخى قەدىرىيەتلىرىگە كىشى قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدە ھۇجۇم قىلغان « كېلىنكىلىق ۋەقە » پەيدا قىلىدىغان كىشىلەر چىقماقتا.
سالمان رۇشتۇ بۇ تۈرلەرنىڭ ئەڭ يېڭى « جىنىس» ئۆرنەكلىرىدىن بىرى.
3. مۇقەددەسلەشتۈرگەنلەر: ئىسلام رەت قىلغان ۋە جاھىلىيەتكە مەھكۇم قىلىنغان ئەسەبىلىكلەردىن بىرى بولغان « تارىخ ئەسەبىيلىكى »… بۇ چۈشەنچىدە، بەزى تارىخى دەۋرلەر / تىلىملار ئالدى بىلەن مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈپ، چېقىلغىلى بولمايدىغانلقى ئېلان قىلىنىدۇ. تەبىئىيكى بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى دەلىللەر تەمىنلىنىدۇ. ئايەتى كەرىملەرنىڭ ئەڭ بولمىغان شەكىلدە بۇرمىلىنىشى ۋە زورلاپ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرى بىلەن مەزكۇر ھەدىسلەردىن توپلانغان بۇ دەلىللەر، بەزىلىرى تارىخى باسقۇچلاردىن ئىبرەت سۈپتىدە پايدىلىنىشنى خالىغان ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا قىمىرلىماس قۇزۇق قىلىپ ئالدىغا قويۇلىدۇ. ئىسلامنىڭ سىياسى تارىخىغا ئادىل بىر پوزىتسىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، ھىجرى بىرىنچى ئەسىردىكى بەزى سىياسى ۋەقەلەرى ئوبىكتىپ بىر نوقتىدىن كۆزىتىپ باھا بەرمەكچى بولغان سەمىمى مۇسۇلمان مۇتەپەككۇر ۋە ئالىملار قارىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى بولۇپ قالىدۇ. سەئىد قۇتۇپ ۋە مەۋدۇدىغا ئوخشاش ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرمۇ بۇخىل يىرگىىشلىك ھۇجۇملاردىن خالىي بولالمىدى. بۇ سەۋەپتىن تارىخنى چۈشۈنۈشنى خالىغانلار بىلەن تارىخنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلەر قەتىئىي پېتىشالمايدۇ. ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىنى « نىزامى ئالەم » زۆرۈرىيىتى بىلەن « سىياسىي جەھەتتىن قەتلى » قىلغان سەلتەنەت ھۆكۈمرانلىرىنى « ئېسىل مىللەت » « شانلىق تارىخ » ئەسەبىيەتچىلىكى بىلەن مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئارزۇسىنىڭ تېگىدە ياتقان سەۋەپمۇ مۇشۇنداق بولسا كېرەك.
ئەسلىدە بۇ كىتاپنىڭ ئاساس تېمىسى بولغان تارىخىي دەۋر ھەققىدە توختىلىش مىنا كۆمۈلگەن يەردە ماڭغاندەك بىر ئىش. بۇ دەۋر ھەققىدە توختىلىش ناھايىتى ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىك تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى مەزكۇر دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ باش قەھرىمانلىرىنىڭ ساھابە بولۇش ئىھتىماللىقى بولۇپ، دەل بۇ ئىھتىماللىق بەزى كىشىلەرنى بۇ نوقتىدا ھەددىدىن زىيادە سەزگۇر قىلىپ قويغان.
ئاللاھ رەسۇلىنىڭ كېرەملىك ساھابىلىرىگە تىل ئۇزۇتۇش، ئۇلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىسىملىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە تۆھمەتكە قۇيۇش ھەددىدىن ئاشقانلىق ئەلۋەتتە. قەدىردان ساھابىلەرلا ئەمەس، ئادەتتىكى ئىنسانلارغىمۇ تېگىشلىك بولمىغان بىر ئۇسلۇبنى قوللىنىش بىر مۇئمىنلىك ئەدەبىگە ياراشمايدۇ. كىمگە قارىتا قىلىنغان بولىشىدىن قەتئىيىنەزەر، ناھەقچىلىكنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنىدۇ. بۇ پرىنسىپ ھاياتتىكىلەر ۋە مەرھۇملار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە. بۇ نوقتىدا ئىمانى بار بىر ئىنسانغا يارىشىدىغان مۇئامىلە، قۇرئان قويغان شۇ ئۆلچەمگە بويسۇنۇشتۇر:
ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغانلار / ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى شۇنداق دەيدۇكى: پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. دىللىرىمىزدا ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ( مۇئمىنلەرگە ) قارشى دۈشمەنلىك / نەپرەت پەيدا قىلمىغىن. رەببىمىز، سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن ، دەيدۇ ( 59:10 ).
بۇ يوليۇرۇق، پۈتۈن مۇئمىنلەرگە، ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى مۆئمىنلەرگە ھەمدە قۇسۇرلۇق مۆئمىنلەرگە قارىتا قىلىدىغان مۇئامىلىسىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. « غەنىمەت » ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتى كەرىمنىڭ ۋەزنىدىن مەلۇم بولغىنىدەك « بۇرۇنقىلار » دىن قەست – ئالاھىتەن – مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار بولۇپ، ئۇلارغا « غەنىمەت » ھەققىدە پىداكار بولۇپ، كېيىنلەرنى ئويلىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان بولسا، كېيىنكى نەسىللەرگىمۇ، ئۇلار توغرۇلۇق ئاللاھتىن كەچۈرۈم تىلىشى، پىداكارلىق قىلىمىغان بولسا، ئۇلارغا قەلبىدە ئۆچمەنلىك ساقلىماسلقى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغان.
ئايەتتىن مەلۇم بولغىنىدەك، خاتالارغا « توغرا » دېيىش ئەمەس، مۇئمىنلەرگە قارىتا ئۆچمەنلىك ساقلىماسلىق تەۋسىيە قىلىنماقتا. مۇئمىنلەرگە ئۆچمەنلىك ساقلىماسلىق، ھەقىقەتنى يۇشۇرۇش ياكى ھەقىقەت پەرۋا قىلماسلىق مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئادالەت ۋە ھەقىقەت ئاشىقى ئىماننىڭ تەقەززاسى. ئۆتكۈزگەن خاتالىققا، كىمدىن سادىر بولىشىدىن قەتئىيىنەزەر « خاتا » دېيىىش ئەيىپلىنىدىغان پوزىتسىيە ئەمەس. ئەكسىچە، خاتانى توغرا، توغرىنى خاتا دېيىش ئەيىپلنىشكە ۋە رەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئىش. خاتانىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىشەنچلىك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش ۋە ئىسپاتلانغان بۇ خاتالىقلارىن ئەدەپتىن چەتنىمىگەن ھالدا ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن شەرھىلەپ بېرىلىشى كېرەك. خاتا ئىكەنلىكى ئېنىق دەلىللەر بىلەن مەلۇم بولغان بىر مۇئامىلىنى توغرا دېيىش ۋە بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىش، ئالدى بىلەن ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى بولغان دەلىللەرگە، ئاندىن قالسا ھەقىقەتنىڭ ئۆزىگە ھاقارەت ۋە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ خاتالىقنىڭ ئىسمىنى « ئىجتىھاد » دەپ ئاتاپ، ئىجتىھادتىن ئىبارەت بەكمۇ مۇھىم بولغان ئۇقۇملارنى گۇمانلىق قىلىپ قۇيۇشنىڭ ھېچقانداق بىر ھەقلىق باھانىسى بولمايدۇ. ئەقىدىدە، پەيغەمبەردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنى گۇناھتىن خالىي دەپ قارىماسلىق، دائىما قوللىنىدىغان « پىرىنسىپ » لاردىن بىرى بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئونمىڭلارچە « گۇناھسىز / خاتادىن خالىي » لارنى مەيدنغا كەلتۈرىدىغان بىر چۈشەنچە بىلەن ئەسرى سائادەتنى باھالاش، ئىزاھلاش مۇمكىن بولمايدىغان زىتلىق بولسا كېرەك.
ئاللاھ رەسۇلىنىڭ بەزى ھەدىسلىرىگە ئاساسەن روشەن تەرىپلەنگەن ساھابە چۈشەنچىسى بىلەن، « مۇتەئەھھىرۇن / پاكلانغانلار »نىڭ ساھابە چۈشەنچىسى ئارىسىدىكى پەرىق ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك. ئەنئەنىۋى ساھابە تەرىپى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ، ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ، تابىئىنلاردىن سەئىد بىن مۇسەييەبكە ئوخشاش بەزى فىقھىشۇناسلارنىڭ ساھابە تەرىپى ئارىسىدا چوڭ دەرىجىدە پەرق بولىشىنىڭ، ئەقىدىۋى، سىياسى سەۋەپ – نەتىجىلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ئايرىم تەتقىق قىلىش كېرەك بولغان تەتقىقات تېمىسى.
بۇخارى ۋە مۇسلىمدا رىۋايەت قىلغان « سىىلەردىن بىرىڭلار ئۇھۇد تېغىچىلىك ئالتۇن ئىنفاق قىلسىمۇ، ئەسھابىمدىن بىرسىنىڭ بىر مۈد ( بىرخىل ئاشلىق ئۆلچەم مىقدارى)، ھەتتا يېرىم مۈد سەدىقىسىگە تەڭ بولالمايدۇ » ھەدىسىدە تىلغا ئېلىنغان « سىىلەردىن بىرىڭلار » دەپ خىتاپ قىلىنغان، بۇ خىتاپ قارىتىلغان جامائەت كىم ئىدى؟ « ساھابەم » دېگىنى كىملەر ئىدى؟ كىلاسىك ساھابە تەرىپىگە ئاساسەن، « سىلەردىن بىرى » دەپ خىتاپ قىلغانلىرىغىمۇ « ئەسھابىم » دېيىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ ياكى بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدە « ساھابە » نىڭ باشقا بىر ئالاھىدە تەرىپى بارمىدۇ؟ « ئاللاھە ئاللاھە فىي ئەسھابى… » دەپ باشلىغان تىرمىزىدا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ساھابىلەرگە قارشى قوپاللىق قىلغانلارغا قارىتا « ساھابىلىرىم ھەققىدە ئاللاھ تىن قورقۇڭلار ئاللاھ تىن » دېگەن سۆزلەر بىلەن ئازارلىغان كىشىلەر كىملەر ئىدى؟ كىلاسىك تەبىر بويىنچە « ساھابە ھەققىدە ئاللاھ تىن قورقۇشى » ئاگاھلاندۇرۇلغانلارمۇ « ساھابە » دەپ ئاتىلىدىغانلاردىن ئەمەسمىدى؟ بەيھەقىنىڭ بىر رىۋايىتىدە ھەزرىتى ئەلى، ئىچىدە رەسۇلۇللاھنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر بولغان بىر توپلۇمغا ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە قىلغان بىر نۇتقىدا، سۆزنى « رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى…» دەپ باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەرىپلىگەندىن كېيىن، مۇنداق ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ: ئاراڭلاردا ئۇلارغا ئوخشايدىغان بىرەسىنى كۆرەلمىدىم».
ئۆرنەكلىرىنى كۆپەيتىش مۇمكىن. مەقسىدىمىز مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ساھابە ئۇقۇمىنى باھانە قىلىپ ئۇسۇلچىلارنى / فىقھىشۇناسلار بىلەن قارشىلىشىش ئەمەس، بۇ ئۇقۇمغا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن توغرا تەبىرىنى تېپىشقا تىرىشىشتۇر.
ئاللاھ رەسۇلى« ساھابىلىرىم » دەپ ئاتىغان ئەشۇ ئالتۇن نەسىلگە ئەقلى – ھۇشى جايىدا بىر كىشىنىڭ ئۆچمەنلىك ۋە بەپرەت تۇيغۇسىدا بولىشى مۇمكىنمۇ؟ يەنە، ئىسلامنىڭ ئۇ ئېغىر كۈنلىرىدىكى دوستلىرىغا تىل تەككۈزۈش ۋە ئۇلار ھەققىدە يامان گەپ قىلشتەك بىر گۇناھقا قايسى مۇسۇلمان ئىشتىراك قىلىدۇ ۋەياكى مۇشۇنداق بىر ئاشقۇنلۇققا سۈكۈت قىلىپ تۇرالايدۇ؟ ساھابىلەرنىڭ نام – شەرىپىگە تىل تەككۈزىدىغان ئەدەپسىزلىكنى تۇنجى بولۇپ ئىجات قىلغان ۋە ئۇنى رەسمىي بۇيرۇق بىلەن خۇتبىلەرگە يەرلەشتۈرگەن ئەمىۋى خەلىپىلىرىنىڭ بۇ ناچار قىلىقلىرىنى مەھكۇم قىلماستن، يەنە تېخى بۇ ناچار « سۈننەتى سەييىئە » نى داۋام قىلغۇزۇش، « ئادالەت ۋە ئېھسان بىلەن مۇئامىلە قىلىش » نى بۇيرۇغان ئاللاھ قا قارشى ئىسيان قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ساھابىلەرنى مەسخىرە قىلماسلىق ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان ئەزىز ئىسلام شېھىتلىرىنىڭ شاھادىتى ئارقىلىق تىكلىگەن ئۆلگىلىك رولىغا خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇ كىتاپتا قەتلى قىلىنىشىنى بايان قىلىنغان ھىجىر بىن ئادىي ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ رەسۇلىنىڭ پاك ساھابىلىرىنى ھاقارەتلىمەسلىك ئۈچۈن جانلىرىنى بەرگەن ئەزىز شېھىتلەر، ئۆرنەكلىرىمىز ئەمەسمۇ؟ ھاقارەت، ساھابىلەر ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈنمۇ، تولىمۇ يىرگىنىشلىك بىر قىلمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىسلام نېمىتى ئۇلارنىڭ سايىسىدە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن، جانلىرىدىن تارتىپ بارلىقىنى ئاللاھ قا ئاتتىۋەتكەن ھەمدە قۇرئاننىڭ مەدھىيسىگە سازاۋەر بولغان ( ئالى ئىمران: 110؛ بەقەرە : 143؛ فەتىھ: 18؛ تۆۋبە: 100 ) ئەنسار ۋە مۇھاجىر، يەنى ئۆز ئىپادىسى بىلەن ئەسھابى كىرام مەدھىيە ۋە ياخشى كۆرۈشكە لايىق.
بۇ مەدھىيە ۋە مۇھەببەت، ساھابىلەرنى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ ئۇلارغا چېقىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىش، بىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بايراقنى يەرگە چۈشۈرمەسلىكنى كېرەك تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار پەقەت « ئۆرنەك » بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىرەر « ئىبرەت » بىز ئۈچۈن. ئېغىر سېناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ نەسىلنىڭ مول تەجىرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق مۇئامىلە ۋە بۇنىڭغا كەلسە – كەلمەس پەتىۋالار چىقىرىش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا خەير ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ياخشى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان بىر ئىش: ئىسلام سىياسەت تارىخىنىڭ تۇنجى ئانا مەزھەپلىرىنىڭ ھەممىسى، ھىجرى 41-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ، ئىسىملىرىنى كۆپ ئاڭلايدىغان ۋە پەيدا بۇلۇش تارىخىي ئارقا كۆرنۈشى بۇ ئەسەردە تەتقىق قىلىنغان شىئە، مۇرجىئى، مۇرجىئىييە ۋە مۇتەزىلەنى تەمسىل قىلغان شەخسلەر، يا بىرىنچى ئەۋلاتقا ( ساھابىلەر ) ياكى بولمىسا ئىككىنجى ئەۋلات ( تابىئىنلار )غا مەنسۇپ ئىنسانلار ئىدى، دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ مەزھەپلەرگە نىسبەت قىلىنغان ئىنسانلار، باشقا بىر يەردىن ئىمپورت قىلىنغان / كىرگۈزۈلگەن بولماستىن، ئەشۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدىن چىققان ئىنسانلار. بۇ ھەقىقەت نەزەردە تۇتۇلغاندا، تارىختىكى بەزى تىلىملار « مۇھاپىزە – كارلىقى »لىرى تۈپەيلى مۇقەددەسلەشتۈرۈشنى ئويلىغانلارنىڭ سەمىمىيىتىمۇ سۇغا چىلاشقان بولىدۇ. خاتالىرىنىڭ ئىسمىنى « ئىجتىھاد » قويغانلارنىڭ، بۇ كىتاپتا ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى بايان قىلىنغان رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ج*ھادقا قېتىلغان ئابدۇللاھ بىن زىلھۇۋەيسىرا ئەتتەمىمى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مىساللارنىڭ ئۇلار ئۆزلىرى بېكىتكەن « ئۆلچەم » لەرگە بەك چۈشمىگەنلىكى كۆزگە چىلىقماقتا. ئاللاھ قۇرئاندا ئوچۇق قىلىپ « پاسىق » دەپ خىتاپ قىلغان كىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇرمىلاشلار ئادەمنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ. بۇ تۈر پوزىتسىيەنىڭ ئاقىۋىتى، مۇرجىئەدەك سائادەت ئەسرىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن مۇنافىقلارنىمۇ ( ئاللاھ ساقلىسۇن ) ساھابە دەپ قارايدىغان ھالغا ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ مۇۋازىنەتسىزلىكنىڭ باشلانغان تارىخىنى تا ھىجرى بىرىنچى ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىگىچە سۈرۈش مۇمكىن. تېخى راشىد خەلىپىلەر دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان داۋالغۇشلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن « خىلاپەت » نىڭ مەجبۇرى ھالدا / زورلۇق بىلەن « سەلتەنەت » كە ئايلاندۇرۇلىشى، ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مەزھەپلەر، مەزھەپلەر بىلەن كەلگەن سىياسەت مەنبەلىك ئەقىدىۋى ۋە فىقھى ئىختىلاپلارنىڭ غەۋغاغا، غەۋغانىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىشى ۋە « ئىماملار » بىلەن « سۇلتانلار » ئوتتۇرىسىدىكى « دىن دەۋالىرى » بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن بۇلارغا ئوڭ – سول ( ئۇيەر – بۇيەر )دىن قېتىلغان « نەپرەت » ۋە « قان داۋالىرى »…
چاڭ – توزان تۈپەيلىدىن كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمىغۇدەك دەرىجىدىكى بىر شارائىتتا، بۈگۈن ئىسمى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىپ، شەخسىيىتى ئەڭ ئاز تونۇلغان كىشىلەردىن بىرى بولغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى تارىخ سەھنىسىدە كۆرىمىز.
ئەبۇ ھەنىفە، راشىد خەلىفىلەردىن كېيىنكى مەزگىلدە، بىر – بىرىدىن ئايرىلغان ھەقىقەت ۋە كۈچ-قۇدرەت ئارىسىدىكى تىنىمسىز كۆرەشتە كۈچ ۋە كۈچلۈك تەرەپكە يان باسماستىن، ھەق ۋە ھەقلىقنىڭ يېنىدا تۇرغان ۋە بۇنى قېنى بىلەن ئىسپاتلىغان بىر شەخس. ئىمام – سەلتەنەتكە قارشى ئىجتىھادنى تەمسىل قىلاتتى. تارىخ بويىنچە بارلىق سەلتەنەتلەرنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى « ئىجتىھاد » قا دۈشمەن بولىشى ئىدى. بەك ئۇزۇنغا كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، تېخى بەش ئەسىرنىڭ ئالدىدا، سايدا قادىسىنىڭ « ئىجتىھاد قىلىۋاتىدۇ » دېگەن ئىشپىيۇنلۇق خەۋىرى بىلەن، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان داڭلىق فىقھى ئالىم زەينۇددىن بىن ئەلى ( 1505 – 1558 ) نىڭ گۇناھى ۋە ئاقىۋىتىمۇ ئىمام ئەزەمنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغانىمىدى؟
ئىجتىھاد بىلەن سەلتەنەتنىڭ بىر-بىرى بىلەن يان-يانغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىرىنىڭ تۈزۈلىشى ئۆزگەرمەس، يەنە بىرىنىڭ تۈزۈلىشى سىتاتىك ( ئۆزگۈرۈشچان )ئىدى. بارلىق قەدىمقى ۋە ھازىرقى سەلتەنەتلەر پىكىر-چۈشەنچىلەر ۋە تەپەككۈر قىلىدىغان كىشىلەرگە دۈشمەن ئىدى. ئىجتىھاد چۈشەنچىنىڭ، ئىماننىڭ تۈرتكىسىدە ئۇلاشقان ئەڭ يۇقىرى پەللە، يەنى ئەقىلنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مېۋەسى ئىدى.
ئەلۋەتتە، ئىجتىھادنىڭ يېنىدا بولغان ئالىملار بولغانغا ئوخشاش، سەلتەنەت تەرەپتە تۇرغان « ساراي ئۆلىمالىرى» مۇ بولغان. ھىجرىيە 40-يىلدا بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ھەقىقەت ۋە كۈچنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشقان مۇجتەھىدلەر بىر-بىردىن يوقۇتۇلۇپ، مەيدان ساراي ئۆلىمالىرىغا قالغاندا، قىلغان تۇنجى ئىشلىرى ھەقسىز بولغان زالىم كۈچنى ھەقلىق قىلىش بولدى. سۇلتانلارغا كىشىلەرنى باستۇرۇپ، ئۇلار ئۈستىگە قۇرۇۋالغان سەلتەنەتلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋە قانداق قىلسا تېخىمۇ ئۇزۇن سەلتەنەت سۈرەلەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىدىغان سىياسەت نەزەرىيلىرى پەيدا قىلىشقا، بۇ ھەقتە كىتاپ يېزىشقا باشلىدى. ئۆزلىرىنى ئىمام ئەزەمگە نىسبەت قىلغانلار ئىچىدىن، ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر ئەخلاقى قىممەتكە باغلانمايدىغانلىقىنى ئېيتقان داڭلىق ساراي ئۆلۈماسى ن. ماكياۋېللىدىن قېلىشمىغۇدەك شەخسلەرمۇ چىقتى. ئەھلى سۈننەت ئىسىمى ئاستىدا مۇرجىئەنىڭ ئېتىقاد ۋە كۆز قاراشلىرىنى تارقاتقان بۇ كىشىلەرنىڭچە بولغاندا، ھۆكۈمدارلار نېمە ئىش قىلسا قىلسۇن « ھېكمەتى ھۆكۈمەت » سەۋەبىدىن ئىدى ۋە ئۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقى، ھەتتا بويۇن ئىگىشى كېرەك ئىدى.
نەبەۋى يولنىڭ تەمسىلچىسى بولغان ئىماملارنىڭ، سۇلتانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىدە نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىر « كۈچ » ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلغان ۋاقتىدا، سۇلتانلار ئىلىمنىڭ ۋە ئالىمنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ھەرخىل ماقام ۋە ئەمەل ۋەدىلىرى بىلەن ئۇلارنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭغا ئۇنىمىغانلارنى پاراكەندە قىلىشقا ۋەياكى تەھدىت قىلىپ قورقۇتۇشقا ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قالمىغان مۇجاھىت ۋە مۇتتەقى ئۆلىمالارنى بىرەر پۇرسەت تېپىپ ئۇجۇقتۇرۇشتى. ئۇلاردىن بوشىغان ئورۇنلارغا ئۆزلىرى بېقىپ سەمرىتكەن ئۆلىمالىرىنى قويۇشتى. خەلق، ھىجرى 300 -يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر ساراي ئۆلۈمالىرىغا قاراتقان ھۇشيارلىقلىرىنى داۋام قىلدى ۋە ئۇلارغا ئىلتىفات قىلمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خەلىقنىڭ تەبىئىتىمۇ ئۆزگەردى. ئەمما، ئىمام ئەزەم تەمسىل قىلغان « ئىماملار » يولىنى بويلاپ ماڭغان ئالىملار ئاز بولسىمۇ ھەر ئەسىردە چىقىپ تۇردى.
ئەلۋەتتە، بۇ يول تەرەپتە تۇرمىغان، بۈيۈك ئىمامنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلمىغان، ئۇنىڭ سۇلتانلار قولى بىلەن تۆكۈلگەن قېنىنى « يايمىچىلىق » قىلىپ سېتىپ خەجلەپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىنى ئۇنىڭ مەزھىپىدىن دەپ نىسبەت بەرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بۇلار يەر يۈزى ئادالەت نىزامىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان مۇبىيىن كىتاپ ( قۇرئان )نى قەيسەر ۋە كىسرانىڭ ئىشىغا كېلىىدىغان بىر شەكىلدە ئىزاھلىدى. بۈگۈنمۇ ئۆكتىچى يولنىڭ مەنسۇپلىرى « ھۆكۈمدارلاردىن شىكايەتچى بولۇش، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارشى كەلگەنلىك بولىدۇ » دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلەرنى تەڭلەپ تۇرغان بولسا، بۇ مۇرجىئىي دېموكراتىك سەلتەنەتلەرنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ھاياتىنى پارازىت قۇرۇتتەك داۋام قىلىۋاتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ.
بۈيۈك ئىمام ئەبۇ ھەنىفىنىڭ، ئۇنىڭ يولىنى بويلاپ مېڭىۋاتقانلار تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ يەتمەسلىكى، يۇقۇردا تەكىتلىگەن « مۇقەددەسلەشتۈرۈش » كە ئۇنىڭمۇ قۇربان قىلىۋېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن بولماقتا. ئىمامنىڭ قانچە قېتىم ھەجگە بارغانلىقىنى، قانچە قېتىم خەتمە قىلغانلىقى سۆزلەپ مەدھىيلەپ تۈگىتەلمىگەنلەر، ئۇنىڭ سەلتەنەتكە قارىتا تۇتقان ئۆرنەك پوزىتسىيە ۋە شاھادەت بىلەن تاجلانغان ئۆمۈرلۈك كۆرىشىنى كۆرمەسكە سالماقتا. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاپنىڭ ئىككىنجى بۆلۈمى، بۈيۈك ئىمامنىڭ دەل مۇشۇ ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن مۇجاھىتلارغا خاس كىشىلىكىنى قەلەمگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ پەقەت « فىقىھ » تىلا ئەمەس، سىياسەتتىمۇ « ئىمام » ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشكە تىرىشىدۇ.
بۇ ھەقتە سۆزلەشكە تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى بايان قىلدۇق دىيەلمەيمىز. كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كۆپچىلىك « مۆتىۋەر ( ئىشەنچلىك ) » دەپ قوبۇل قىلغان تۇنجى مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بۇ ئەسەر، نۇبۇۋەت ۋە سەلتەنەت ئارىسىدكى پەرقنى چۈشۈنۈشتە پايدىسى بولغان بولسا، ھەقىقى مەقسىتىگە يەتكەن بولىدۇ.
ئاساسلىق قىسمىنى قاھىرەدە قەلەمگە ئالغان ۋاقتىمدا، بۇ ئەسەرنىڭ داكتىلودا ئېزىپ چىقىرىلىشىدا ئەجرى سىڭگەن قېرىندىشىم فاتىھ قا بۇ يەردە رەھمەت ئېيتىمەن.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھ تىندۇر.