ئىمامەت ۋە سەلتەنەت

ھىجرى 40 بىلەن 60 – يىللار ئارىسىنى ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ داۋالغۇشلار بىلەن ئۆتكەن دەۋرى دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. بۇ دەۋر ئىسلام تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىلىرىدىن بىرى. ئەسرى سائادەت مۇسۇلمانلىقى بىلەن ھازىرقى مۇسۇلمانلىقىمىز ئارىسىدىكى چوڭ پەرقنى كۆرۈپ، ھەر نەرسىنىڭ قانداق بولۇپ بۇنچە ئۆزگۈرۈپ، بۇ ھالغا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئەقىل يۈرگۈزۈشنى خالىغانلار، بۇ دەۋر ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدا نۇرنىڭ قانداق بولۇپ قاراڭغۇلۇققا ئايلانغانلىقىنى، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇبارەك قولىدا يېتىشىپ چىققان پاك ساھابىلەرنىڭ قان – تەرى بىلەن تىكلەنگەن ئىسلام بىناسى ئۇلىنىڭ، قانداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن لىڭشىپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
ئاللاھ رەسۇلى 23 يىلدا بەرپا قىلغان ئەسرى سائادەت ئىنقىلابى ناھايىتى ساغلام ئۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. بۇ بىنانىڭ ئورنىدا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى جاھىلىيەتنىڭ ھەق بىلەن باتىل ئارىلىشىپ كەتكەن ماتېرىياللاردىن بىنا قىلىنغان، شېرىك ئەقىدىنىڭ چۈرۈپ كەتكەن ئىمارىتى بار ئىدى. ئاللاھ رەسۇلى ئۇ بىنانى يەر بىلەن يەكسان قىلدى ۋە خارابىلىرىنى يېڭى بىنانىڭ ئۇلىغا كۆمۈپ تاشلىدى. يېڭى ئىسلام ئىمارىتىنى يېڭى ۋە سەھىھ / توغرا ئۇل ئۈستىگە بىنا قىلىشقا باشلىدى. لاھىيەسى ئاللاھ قا ئائىت بولغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىنژېنېرى رەسۇلۇللاھ ئىدى. بىنانىڭ ئاساسلىق تۈرۈكلىرىنى ئۇ تەربىيىلەپ چىققان ئەخلاقلىق غوللۇق ئەزالار، تاشلىرىنى ئىسلام جامائىتىنى شەكىللەندۈرگەن نەپەرلەر تەشكىل قىلغان ئىدى.
دۇنيا تارىخى شاھىت بولغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك بۇ ئىنقىلاپنىڭ دىنامىكلىرىنى، ماددىلارغا بۆلۈپ تىزىپ چىقىدىغان بولساق، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈردىن تەركىپ تاپىدۇ:
1. كىتاپ
2. سۈننەت
3. ئۈلگىلىك غوللۇق ئەزالار
4. جامائەت
ئاخىردىكى ئىككىسى، ئۈستىدىكى ئىككىسىگە تايانغان ھالدا شەكىللەنگەن قۇرۇلمىنىڭ ئىسمى « ئىسلام جامائىتى » ئىدى.
مانا بۇ جەمىئىيەتنى تەشكىل قىلغان ئانا ئامىللار، ئەسرى سائادەت ئىنقىلابىنىڭ كاپالىتى بولغان ئۈستقۇرۇلما ( دۆلەت )نىڭ سۇغۇرتىسى ئىدى. بۇ تۆت ئامىل سىمۇنت، سۇ، تۆمۈر ۋە قۇم رولىنى ئوينايتتى. سۈننەتنىڭ ئەڭ توغرا ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بۇ ئامىللار بىلەن يوغۇرۇلغان نۇبۇۋەت لايلىرىدا ۋە 23 يىلدىن ئىبارەت قىسقا سانالمىغۇدەك بىر مۇددەتتە ئىنشا قىلىنغان ئىسلام بىناسىنى، راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر ھەر تۈرلۈك سەلتەنەت خەۋپىدىن قوغداش ئۈچۈن سەپەرۋەر بولغان، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان ئىدى. ئۆزلىرىدن كېيىن كەلگەنلەرنىمۇ بۇ خەۋپتىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
مانا بۇ « ئىسلامى سىياسەت » باشتىن – ئاياق بۇ قۇرۇلمىنى بىنا قىلىپ چىقىش، ئىمارەتنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى ئامىللىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاش ۋە بىنانى قوغداپ قېلىشنىڭ ئىسمى ئىدى. بۇنىڭ ئىسمىنىڭ « خىلاپەت » ياكى « ئىمامەت » بولىشى ئەسلى ماھىيىتنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيتتى.
ئۇنداقتا لاھىيەسى ئاللاھ قا، ئىنژېنېرلىقى رەسۇلۇللاھقا تەئەللۇق بولغان، ئۇل تۈرۈكلىرىنى راشىد خەلىپىلەر ۋە سابىقۇنلار تەشكىل قىلغان بۇ ئۆرنەك ۋە دىنامىك ئىمارەت، قانداق بولۇپ ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە يىقىلدى؟ ئۇ ئىمارەتنى ئاياقتا تۇتقان ئامىللارنى كاردىن چىقارغان سەۋەپ نېمە ئىدى؟ بۇ ئىمارەتنىڭ يېقىلىشىدا كىملەر، قەيەردە، قانداق ۋە قايسى نىيەتلەر بىلەن رول ئالغان؟ يېڭى ئىمارەت بىلەن كونا ئىمارەت ئارىسىدا پەرق بارمىتى؟ بولسا بۇ پەرق نېمىلەر ئىدى؟ بۇ پەرق ئەقىدە، ئەمەل، ئەخلاقتىن قايسى بىرىگە تەئەللۇق ئىدى؟ سىياسىمىدى، ئىبادىمىدى؟ جاھىلىيەت ۋە ئىسلام ئارىسىدىكىگە ئوخشاش ئېنىق چەك – چېگرالار ئارقىلىق بىر – بىرىدىن ئايرىلمىغان نەبەۋى ۋە سۇلتانى سىياسەت ئارىسىدىكى پەرقنى قانداق ئايرىيمىز؟ بۇلارنى چۈشەندۈرگەن ۋاقتىمىزدا قايسى ئۇقۇملارنى ئىشلىتىمىز؟ بۇ پەرقنىڭ بۈگۈنكى نامايەندىلىرى نېمىلەر؟
بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە نەق جاۋاپ بېرىش بەك مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. ئەمما جاۋابىنى تاپقىلى بولىدىغان بەزى سوئاللار ئۈچۈن، يەنىلا تارىخقا مۇراجىئەت قىلىشتىن باشقا چارىمىز يوق. شۇنداقتىمۇ، تارىخى ۋەقەلەرنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئاخىرىدا قىلىدىغان ئىشىمىزنى باشتا قىلىپ، نەبەۋى ئىمارەتنى تەشكىل قىلغان تۆت ئامىلنىڭ قانداق بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى ماددىلار بويىنچە ئىزاھلاپ ئۆتەيلى. بۇ ئالدىنقى بابلاردا بايان قىلغان ۋەقەلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەش نوقتىسىدىنمۇ پايدىلىق بولىشى مۇمكىن.
نەبەۋى ئىمارەتنى ئۆرە تۇتۇپ تۇرغان تۆت ئامىلنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇنداق بولدى:
1. قۇرئان: قۇرئاننى كۆزدىن يوقۇتۇش ۋەياكى ئۇنىڭ تېكىستى ئۈستىدە بىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ئانا ئامىلىنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن يەنە باشقىچە چارىلەر ئىشلىتىلدى. بۇنىڭ تۇنجى قەدىمى، سىففىندا قۇرئان بەتلىرىنىڭ نەيزىلەرنىڭ ئۇچىغا باغلاش بىلەن باشلاندى. ھەزرىتى ئەلى بۇ ئەھۋالنى مۇنداق ئىزاھلىغان ئىدى: « ئۇلار قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە ئىسيان قىلىش ئۈچۈن ۋاراقلىرىنى قوللاندى ».
ئىككىنجى قەدەم بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدىنلا بېسىلدى. بۇ قېتىم باشقا بىر تائىپە، قۇرئاننىڭ بىر ئايىتىنى، بىر « پۈتۈن » گەۋدىنىڭ ئىچىدىن يۇلۇپ ئېلىپ چۈشەنچىلىرىگە دەسمايە قىلغان ئىدى. بۇ خاتا ئۇسلۇپ ۋە تەبىر ئۇلارنى ئۈممەتنىڭ باش بالاسى ھالىتىگە كەلتۈردى. بىرىنچى قەدەم ھاكىمىيەتنىڭ زالىملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئىككىنجىسى ھۆكۈمەتسىزلىكنى زۇلۇمنىڭ ئاساسى قىلدى. بىرسى سەلتەنەت، يەنە بىرسى ھاكىمىيەتسىزلىك شەكلىدە كۆرۈنسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ھەر ئىككىسى ئوخشاش بىر نوقتىدا ئۇچراشتى.
2. سۈننەت: رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە مۇناپىقلارنىڭ قىلىشقا تەمشىلىپمۇ مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىش، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قەدەممۇ – قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. راشىد ۋە مۇرشىد خەلىپىلەر سۈننەت ئېقىنىنى بۇلغاش كويىدا بولغانلارنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىدى. نەبەۋى خىلاپەت سۇلتانى خىلاپەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، سۈننەتنىڭ جانلىق شاھىتلىرى ۋە ئېلىپ يۈرگۈچىلىرى بولغان كەرەملىك ساھابىلەر كۆز ئالدىدىكى ۋەھىمىلىك ۋەقەلەر ئالدىدا، يا بىر بۇلۇڭدا سۈكۈتتە تۇرۇشنى ئەۋزەل دەپ بىلگەن، ياكى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئاغزى توۋاقلانغان ئىدى. بۇ ئارىلىقتا يەنىلا سۈكۈت قىلمىغانلار ھەرخىل يوللار بىلەن كۆزدىن يوقىتىلدى. باشقا بىر يەردە، مۇسۇلماندەك كۆرۈنگەن زىندىقلارنىڭ يولى ئېچىلىپ، توختىماستىن كۆپلەپ يالغان ھەدىسلەرنى توقۇپ چىقىشقا باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن رەسۇلۇللاھ نامىدىن يالغان ئويدۇرۇلسا، بىر تەرەپتە بەزىلەر ياخشى نىيەت بىلەن، يەنە بەزىلەر خىيانەت سەۋەبىدىن، سۈننەتنى قەتىل قىلىدىغان بىدئەتلەر كۆپىيىپ كېتىپ، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەنىدى.
سۈننەت پاك ئېقىنىنىڭ بولغىنىشى ھاكىمىيەت ئۈستىكىلەرنىڭمۇ مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق بولغاچقا، بۇ ھادىسىلەرگە قول تىقىپ توساش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇنى يوشۇرۇن ھالدا تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلغان، ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ۋە رەقىپلىرىنىڭ زىيىنىغا ھەدىس توقۇپ چىققانلارنى مۇكاپاتلىغان ئىدى.
3. ئۈلگىلىك غوللۇق ئەزالارنىڭ كۆزدىن يوقۇتۇلىشى: رەسۇلۇللاھ ئۆز قولى بىلەن تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن ئالتۇن نەسىل، نەبەۋى ئىمارەتنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى ئىدى. باغۋىنى ئاللاھ رەسۇلى بولغان بۇ ئەسرى سائادەت باغچىسىنىڭ گۈللىرى، ئەڭ ئېغىر ئېمتىھانلاردىن ئۆتۈپ، چىدامچانلىقىنى ئىسپاتلاشقان ئىدى.
ئۇلار نەبەۋى ئىمارەتنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئانا تۈرۈكلەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتقان، ئۇلارمۇ ئاللاھ نى دوست تۇتقان ئىدى. ئاللاھ قا ۋە نەبىسىگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرغان، ئالغان نەبەۋى تەربىيەنىڭ تەقەززاسىنى ئادا قىلىشتا ھېچقاچان ئىككىلىنىپ قالمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئاللاھ نىڭ شاھانە ئەسىرى بولغاندەك، ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ شاھانە ئەسىرى ئىدى. ئەڭ ئېغىر شارائىتلاردا بىرلىكتە كۆكسىنى كېرىپ چىققان نەبىگە ئانىلىرىنى، دادىلىرىنى ۋە ھەتتا ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان بۇ ئېغىر كۈن دوستلىرى، سەلتەنەتنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىدى.
بۇ توساقنىڭ قانداق بىتچىت قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنى « خىلاپەت ۋە سەلتەنەت » بابىدىكى بىر پارچىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق.
بىرىنجى قېتىملىق كۆزدىن يوقۇتۇش ھەرىكىتىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ۋە سابىقۇنلارنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىققان، كېيىنكى نەسىلنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغانلارنى كۆزدىن يوقۇتۇش ھىجرى 40 – يىلىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
ئەلۋەتتە بۇ ئۇنداق ئاسانغا توختىمىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ مىراسىنى « بۇزغۇنچىلىق » تىن قوغداشنى خالىغان « ئىماملار » بىلەن، نەبەۋى سىياسەتنىڭ ئېقىنىنى ئۆزگەرتىشىنى خالىغان « سۇلتانلار » ئارىسىدىكى كۆرەش، بەزىدە تارىخنىڭ ئەڭ قانلىق، ئەڭ تېراگېدىيەلىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ كۆرەشنىڭ سەپلىرى ئۇ قەدەر ئوچۇق، قىلىنغان كۆرەشمۇ شۇنچە روشەن بولۇپ، ھېچقانداق بىر ئىزاھات بەرمەستىن، پەقەت يۈزبەرگەن ۋەقەلىكنى بايان قىلىشنىڭ ئۆزىلا، كىمنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشقا يېتەرلىك.
4. ئىسلام جامائىتىنىڭ پارچىلىنىشى: مۇسۇلمانلارنىڭ جامائىتى، ئالدىنقى ئۈچ ئامىل بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان بىر ئىمارەت ئىدى. ئۇ ئامىللار يېقىتىلغاندىن كېيىن جامائەتنىڭ ئۆزلىكىدىن پارچىلىنىشى، پىرقە غەۋغالىرىنىڭ باشلىنىشى بۇنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئىدى.
ئىسلام جامائىتىنىڭ پارچىلىنىشدا رول ئوينىغان ئەڭ بۈيۈك سەۋەپلەردىن بىرسى « فەتىھ » چۈشەنچىسىنىڭ بۇرمىلىنىشى ئىدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ فەتىھ چۈشەنچىسى، خەيبەرنىڭ فەتھىدە قوماندان ھەزرىتى ئەلىگە ئېيتىقان مۇنۇ سۆزلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ: « ئاستىلا ئەي ئەلى، سېنىڭ قولۇڭدا بىر كىشىنىڭ ھىدايەت تېپىشى، قۇياش ئۆز نۇرىنى چاچقان ھەر قانداق يەرنى ( فەتىھ ) قىلىشىڭدىنمۇ خەيىرلىكتۇر ».
بۇيەردە نەزەردە تۇتۇلغان نەرسە، تۇپراقتىن بۇرۇن ئىنساننىڭ فەتھى ئىدى. بۇ چۈشەنچىنىڭ ئورنىنى، غەنىمەت ئۈچۈن ئىنساننى تۇپراققا پىدا قىلغان فەتىھ چۈشەنچىسى ئالدى. فەتىھ قىلىنغان يەرلەرنىڭ ئەجەمى ئاھالىسىدىن رەسمى – مائاشلىق قوشۇنلار تەشكىللىنىپ، ئۇلار بىلەن يېڭى فەتىھلەر باشلاندى. سەلتەنەتنىڭ داۋامى ئۈچۈن غەزىنىنىڭ دائىم لىق بولىشى زۆرۈر ئىدى. بۇ، پەقەت فەتىھ ئارقىلىقلا مۇمكىن بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە رەسۇلۇللاھ قويغان غەنىمەت تەقسىمات تۈزۈملىرى، سەلتەنەت ئىگىلىرى تەرىپىدىن كۈچ – قۇدرەت ساھىبىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرىتىلدى. ئىسلام فەتىھ چۈشەنچىسى ئۇ قەدەر بۇرمىلانغان بولۇپ، بەنى ئۇمەييە دەۋرىدە، پەقەت غەيرى موسۇلمانلاردىن ئېلىنىشى كېرەك بولغان « جىزىيە »، مۇسۇلمان بولغان زىممىلەردىنمۇ ئېلىنغان ئىدى. بىر قېتىم بەسىرە ۋە كۇفەنىڭ مۇسۇلمان بولغان زىممىلىرى، بۇ ئىسلامى بولمىغان قىلمىشقا قارشى نامايىش قىلىش ئۈچۈن « ئەي مۇھەممەد! ئەي مۇھەممەد! » پەرياتلىرىنى كۆتۈرۈپ كوچىلارغا چىققان ئىدى. سەلتەنەت ئۇلارنىڭ بۇ پەريادلىرىنى قانلىق باستۇرۇش بىلەنلا قالماستىن، ئۇلارنى قوللىغان ئالىملارنىمۇ بوش قويىۋەتمىگەن ئىدى.
شۇنداق، ئاڭسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلغان فەتىھلەرنىڭ، ئىسلام جامائىتىنىڭ ساپ قۇرۇلمىسىنى قانداق بۇزغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. ئىنساننى خارلىغان بىر فەتىھ چۈشەنچىسى بىلەن تەبلىغسىز ۋە تەييارلىق قىلماي تۇرۇپ ئېلىنغان يەرلەرنىڭ خەلقلىرى يا مۇسۇلمان بولاتتى ياكى زىممى سۈپتىدە بويسۇناتتى. مەيلى بۇلاردىن قايسىسى بولسۇن، ئۇلار ئىسلام جامائىتىنىڭ ساپ قۇرۇلمىسىغا سەلبى تەسىرلەرنى يۇقتۇراتتى.
بۇ دەۋردە يېڭى فەتىھ قىلىنغان ياكى ئىسلامغا يېڭى كىرگەن خەلقلەرنىڭ ئىسلامى تەلىم – تەربىيە مەسىلىسىگە رەسۇلۇللاھتەك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، ھەتتا رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىغىنىنىڭ مىڭدە بىرىچىلىكمۇ ئەھمىيەت بېرىلمىگەنىدى. كەلىمەئى شاھادەتلىرىدىن باشقا تەرەپلىرى بىلەنمۇ مۇسۇلمان بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان بۇ كىشىلەر، كونا تۇرمۇش، ئۆرۈپ – ئادەت، چۈشەنچە ۋە ھەتتا ئەقىدىلىرىنىمۇ ئىسلامغا بىرلىكتە ئېلپ كىرگەنىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەبىئىي ھالدا ئىسلامى تەربىيىدىن يىراق بىر جامائەت پەيدا بولاتتى. بۇنىڭ قارشى قۇتۇپىدا رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيىسىدىن ئۆتكەن، مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە ئىسلام جامائىتى، ھاكىمىيەتنىڭ بېسىملىرى، ئۇرۇشلار ۋە يوقۇملۇق كېسەللەر سەۋەبىدىن ئېرىپ تۈگەپ كېتىۋاتاتتى.
نەتىجىدە، بېشىدىكى ئىدارە قىلغۇچىلارنى تىزگىنلىيەلەيدىغان ۋە ۋاقتى كەلگەندە قىلىچلىرى بىلەن خاتاسىنى تۈزىتەلەيدىغان ئاڭلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىنى، ئىسلامدىن خەۋرى يوق، ئىسلام تەربىيىسى كۆرمىگەن، ھېچ بولمىغاندا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە بولسىمۇ بىرەر ئىسلامى تەربىيىگە قاتنىشىپ باقمىغان، مەسئۇلىيتىدىن بىخەۋەر، سىياسى جەھەتتىن پىشىپ – يېتىلمىگەن ئەجەمى كىشىلەر توپى ئالغان ئىدى.
پۈتۈن بۇ سەلبىي خاراكتېرلىق ئىشلار ئاز كەلگەندەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە « جىھاد » كەسپىلەشتۈرۈلۈپ ئىبادەت بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلاندى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە « دۆلەت »مۇ « دىۋە »لەشكەن بولۇپ، ئۇ يولىنى توسقان ھەممىنى يەنجىپ تاشلايدىغان بىر جانىۋارغا ئايلانغان ئىدى.
ئىسلام بىناسىنى ئۆرە تۇتۇپ تۇرغان بۇ تۆت ئامىل، ھەرخىل يوللار بىلەن پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ بىنانىڭ ئاستىدا قالغان قەدىمىي جاھىلىيەت ئەقىدىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقرىش تەسكە توختىمىدى. بۇ جاھىلىيەت ئەقىدە – چۈشەنچىلىرىدىن تۇنجى بولۇپ قېزىپ چىقىرىلغانلار « سەلتەنەت » ۋە « ئەسەبىيەت » ئىدى.
ئەمدى نۇبۇۋەتتىن سەلتەنەتكە ئۆتۈشتە بىر كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان بۇ دەۋرنى بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى.