يېگەن تولغىقىڭىزنىڭ مەقبۇل بولىشىنى تىلەيمەن

قۇرئان ئايلاردىن رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئۆزى بايان قىلىدۇ. مۇبارەك بىر كېچە بولغان قەدىر كېچىسىدە چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى قۇرئان تەكىتلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان مەزگىلدىكى قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇلار قۇرئان بىلەن ئېنىق بولغان ھەقىقەتلەر.

ئىلاھىي ۋەھىي كەلگەندە رەسۇلۇللاھ ھىرا غارىدا ئىدى. تۇنجى كەلىمىسى « ئوقۇ » بولغان ئەلەق سۈرىسىدىكى دەسلەپكى بەش ئايەت بۇ جايدا نازىل بولدى. بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى مۇنداق: « ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇ، رەببىڭ چەكسىز كەرەم ئىگىسىدۇر. ئۇ قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەننى ئۆگەتتى ». بۇ مەلۇماتلارمۇ تارىختا ئېنىق بولغان ھەقىقەتلەر.

بۇ ھەقىقەتلەر ئاساسىدا، رەسۇلۇللاھنىڭ ھىرادىكى روھى ھالىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ تەپەككۇرىدا يارىتىلىش ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. مەۋجۇدىيەت ۋە مەۋجۇت بولۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان « كىم، نېمە ئۈچۈن، نېمىشقا، قانداق، نېمە بىلەن؟ » سوئاللىرىنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئىزدەنگەن رەسۇلۇللاھقا، ئاللاھ تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلەر ئارقىلىق، بۇ تىلسىمنىڭ ئاچقۇچىنى جاۋاپ شەكلىدە بېرىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇشقا دائىر مەلۇماتقا، يەنى ھەقىقەتكە قايسى مەنبە ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ھىرا مەھرەمىيەتنى تەمسىل قىلىدۇ. دەۋرىمىز ئىنسانلىرى مەۋجۇتلۇق تولغىقى يەپ، مەۋجۇت بولۇش تىلسىمىنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشىپ قالمىسۇن دەپ؛ ئائىلىلەرنىڭ مەھرەمىيىتى، پۇقرالاردىن شەكىللەنگەن زامانىۋى قۇللارنى ئىجاد قىلغان زامانىۋىي دۆلەت ۋە مەدەنىيەت تەرىپىدىن يوق قىلىندى. ئائىلىنىڭ ئار – نۇمۇسىغا قول ئۇزۇتۇپ نامەھرەملىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپلا قالماستىن، ماكاننىڭ تەپەككۇر قىلغان قەلبى ھېسابلانغان ھىرانى ئىشغال قىلغىنىدەك، ئىنساننىڭ ھىراسى بولغان ئەقلىنى ۋە قەلبىنى ئىشغال قىلدى.

ئىنسانلار بىر « ئۆزلىك ئىدراكى »غا ئېرىشىپ، « قەيەردىن كەلدىم؟ مەن كىم؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ نېمە ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم؟ نېمە بىلەن مەۋجۇت بولىمەن؟ قەيەرگە كېتىپ بارىمەن؟ » دېگەنگە ئوخشاش مەۋجۇتلۇق سوئاللىرىنى سوراشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئۆز كىملىكىگە ئىگە بولالايدۇ. ئىنسان ئۆزلىكىگە / شەخسىيىتىگە ئىگە بولغان ۋاقىتتا، ئۇلارنى ئوخشاش كىملىككە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ، يەنى پادىغا ئايلاندۇرغىلى، پادىچى ۋە پادا ئىتى ئارقىلىق ئۇلارنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ، كىشىلەرنى پادىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنياۋى ھوزۇر – ھالاۋىتىنى ئۇلارنىڭ گۆشى، تېرىسى ۋە سۈتى ئۈستىگە بەرپا قىلغان پادىچى ۋە پادا ئىتىنىڭ شىرىن چۈشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بولغانلىقتىن، ئۇلار بۇنىڭغا ئاسانلىقچە يول قويمايدۇ.

ھىرا تېرەنلىك / چوڭقۇرلۇق ( بىلىم )نى، ئىنسانىي تېرەنلىكنى، تېرەن ئىنساننى تەمسىل قىلىدۇ. تېرەن ئىنسانلار يوق ياكى بارماق بىلەن سانىغىدەك ئاز بولغان يەرلەردە، تەبىئەت قانۇنىيىتگە كۆرە بۇ بوشلۇقنى تېرەن / قاراڭغۇ كۈچلەر ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ۋىجدانلارنى مونۇپۇل قىلىشقا، قەلىبلەر ۋە ئەقىللەرنى ئىشغال قىلىپ، كىشىنى چۈچىتىدىغان مېتودلار پەيدا قىلىشقا، مەنپەئەتلىرىنى مۇقەددەس ۋە قول تەككۈزگىلى بولمايدىغان قىلىش ئۈچۈن، ساختا ئىلاھلار يارىتىشقا يۈزلىنىدۇ.

رامىزان مانا بۇ جەھەتتىن ناھايىتى چوڭقۇر مەنىگە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە. رامىزان، قەلىب ۋاخىنىلىرىغا ئېسىلغان ھالدا ئۆزىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكچى بولغانلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت. بولۇپمۇ، رامىزان ئۈمىتلەر خۇددى قۇشلارغا ئوخشاش كۆچكەن، گۈل يۈزلۈك يارنىڭ مەس قىلغۇچى ھىدى ئۆلتۈرۈلگەن، ئاق چاچلىق سەۋدالارنىڭ ئۆلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى يۇنۇسلاردەك قىرغاققا ئۇرغان، خىيانەت بورانلىرىنىڭ بىغۇبار قەلىبلەرنى تەيفېڭ بورىنىدىنمۇ بەكرەك ئۇرىۋاتقان، كۈن نۇرىغا قارشى ھۇلىغانلار قۇدىرغانسىرى غالجىرلاشقان بۇنداق ئېغىر ۋە تار بىر زاماندا – ماكاندا تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت.

بىزنىڭ روزىنى روھىغا ئۇيغۇن شەكىلدە تۇتىۋاتقانلىقىمىزدىن، تۇتقان بولساق، بۇنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىپ – ئېرىشەلمىگەنلىكىمىز ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما، ماڭا ئايدىڭ بولغان بىر نەرسە باركى، روزا بىزنى تۇتىۋاتىدۇ. بىزنى قەددى قامىتى تىك، جانلىق ھالدا تۇتىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولسا، رامىزاننى بىر مەرىكىگە، روزىنى ئورۇقلاشقا، ئىبادەتنى ئادەتكە ئايلاندۇردۇق دېگەنلىك بولىدۇ. « روزا ھېيىت » بىلەن « كەمپۈت بايرىمى ( تۈركىيەدە روزا ھېيىتنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى ) » ئارىسىدىكى كۆرەشتە كىمنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى، روزىنى قەددى – قامىتى تىك، ئىخلاس بىلەن تۇتقان، رامىزان تولغىقى يېگەن مۇئمىنلەرگە مۇناسىۋەتلىك.
ئاللاھ يېگەن تولغىقىڭىزنى قوبۇل قىلسۇن!