ئۇ كېچە – ئوتتۇز مىڭ كۈندۈزگە تەڭ بىر كېچە

 

رامىزان قۇرئان ئېيىدۇر. چۈنكى ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئىلاھىي خەۋەرنىڭ سۇلتانى بولغان قۇرئان ۋەھىي، قۇرئاننىڭ ئۆز بايانىغا كۆرە بىر رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان.

لەيل سۈرىسىدە، قۇرئان نازىل بولغان كېچىنى « قەدىر كېچىسى » دەپ ئاتايدۇ ۋە قۇرئاننىڭ تۇغۇلىشىغا شاھىت بولغان بۇ مەجھۇل كېچىنىڭ « مىڭ ئايدىن ئارتۇق » ئىكەنلىكى بىلدۈرمەكتە.

بىر كېچىنى مىڭ ئايدىن ئارتۇق قىلغان، ئۇ كېچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن بىر ئاي ( رامىزان )نىمۇ مۇبارەك قىلغان ئامىل قۇرئاننىڭ ئۇ كېچىدە / ئايدا تۇغۇلىشى ئىدى. دېمەك، بارماق كۆرسەتكەن ئاي ئەسلىدە قۇرئان ئىدى. رامىزانمۇ، قەدىر كېچىسىمۇ، بارلىق قەدىر – قىممىتىنى قۇرئاننىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئىكەنلىكىدىن ئالماقتا.

قۇرئاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، رامىزان ياكى قەدىر كېچىسىنىڭ بەرىكىتىگە نائىل بولۇشنى خىيال قىلىش، خۇددى ۋەسىلىگە دۈمبىسىنى قىلىۋېلىپ، سەۋەپكە ئېسلىۋالغاندەك، مەقسەتنى تاشلاپ قويۇپ ۋاستىنى چىڭ تۇتىۋالغاندەك بىر ئەھمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

رامىزان ئىقلىمى قۇرئان ئىقلىمىدۇر. قۇرئاننىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى ھاۋاسىنىڭ يۈرەكلەردىكى ئەڭ سولغان گۈللەرنىمۇ ئېچىلدۇرغان پەسلىدۇر. روھىغا خىيانەت قىلىنمىغان بىر رامىزان، قارا قوللار تەرىپىدىن يانغىنغان ئايلاندۇرۇلغان مىليۇنلىغان يۈرەكلەرگە بىر رەھمەت يامغۇرى بولۇپ چۈشىدۇ، داغلانغان قەلبلەرگە مەلھەم بولىدۇ، ماتەمگە تولغان قەلبلەرنى شادلىققا چۈمدۈرۈپ، ئۈمىد ئۇرۇقلىرى قۇرۇپ قالغىدەك ھالدا قاغجىراپ كەتكەن قەلب چۆللىرىنى قايتىدىن بوستانلىققا ئايلاندۇرىدۇ.

پۈتۈن بۇ گۈزەللىكلەرگە ۋەسىلە بولغان قۇرئان، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1433 يىل بۇرۇن، ھىرادا مەۋجۇدىيەت تولغىقى يەۋاتقان مېھمىنىغا قايسى جۈملىلەر بىلەن نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى بۇ كۈنلەردىن يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.

ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن.

ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى.

ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر.

ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى.

ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.

كىتاپ ئەھلى بولماي تۇرۇپ، ئىمان ئەھلى بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاخىرقى ۋەھىي، ئاخىرقى ئەلچىگە « ئوقۇ » ئەمرى بىلەن كېلىشكە باشلىغان. بۇ ئەمىر « يەتكۈز، بىلدۈر، تەبلىغ قىل » دېگەن مەنىلىرىدىن بەكرەك، كەلىمىنىڭ بىرىنچى مەنىسى بولغان « ئوقۇ » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ « ئوقۇش » مەۋجۇدىيەتنى ئوقۇش ئىدى. « ئىقرا » ئەمرىنىڭ ئاساسىي مەنىسىنىڭ « ئىجما » ئىكەنلىكىنى دىققەتكە ئالساق، بۇ مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ:

« مەۋجۇدىيەتنىڭ بار بولۇش ۋە غايىسى ئۈستىدە تەپەككۇر قىل، ئۆزەڭنىڭ مەۋجۇت بولۇش غايەڭ ھەققىدە ئويلان، مەخلۇقاتنى شەكىللەندۈرگەن زەنجىر ھالىقىسى ئارىسىدىكى ئۇ زىچ مۇناسىۋەتنى بايقا ۋە پارچىلارنى ئۆزى مەنسۇپ بولغان گەۋدە بىلەن بىرلەشتۈرگىن ».

بۇ ئەمر ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر « تېكىستنى ئوقۇ » ياكى « خەۋەرنى يەتكۈز » مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەتكۈزۈلىشى كېرەك بولغان بىر « ئۇقتۇرۇش » يوق ئىدى، بۇ بىرىنچى سەۋەپ. ئىككىنجىسى، بۇ ۋەھىي چۈشۈپ، ئاندىن بىر مەزگىل ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرىنىڭ نازىل بولىشى بىلەن « رىسالەت » رەسمىي شەكىلدە باشلىغان ۋە « ئەي ياتقان كىشى! ئورنۇڭدىن تۇر ۋە ئاگاھلاندۇر! » دەپ بۇيرۇق قىلغان. بۇنىڭدىن ئەلەق سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرىنىڭ « نۇبۇۋەت » بىلەن، مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرىنىڭ « رىسالەت » بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىئىيەتنىڭ ھەر ساھەدە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، جىمجىتلىق بىلەن تولغان تاغقا قاچقان دەرتلىك قەلب، بۇ مۇبارەك تولغاقتىن كېيىن پەقەت « ئۆزى»نىلا دۇنياغا كەلتۈرۈپ قالماي، ئىنسانىيەتنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىدىغان بىر قوياشقا ئېغىر ئاياق بولغان.

دەسلەپ نازىل بولغان ئايەتلەردىن ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتكە مۇناسىۋەتلىك قايسى سوئاللارنى سورىغانلىقىنى، قايسى تولغاق ئازابىدا تولغانغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن ئىككى نوقتا، دىن بىلەن پەلسەپە ئۇچراشقان نادىر نوقتىلاردىن بىرى بولۇپ، مەۋجۇدىيەت ۋە بىلىم ئىدى. ئۇ « مەن كىم؟ »، « مەۋجۇت بولىشىمدىكى مەقسەت نېمە؟ »، « كىم، قانداق پەيدا قىلدى؟ »، « قەيەردىن كېلىپ قەيەرگە كېتىۋاتىمەن؟ »، « ھەقىقەتنى كىمدىن، قانداق شەكىلدە، نېمە بىلەن ئۆگىنەلەيمەن؟ ».

بۇ سوئاللار مەۋجۇتلۇق سوئاللىرى ئىدى. ئايەتلەر مانا بۇ مەۋجۇتلۇق سوئاللىرىغا جاۋاپ سۈپتىدە نازىل بولغان ۋە « ئوقۇ » ئەمرى بىلەن باشلانغانىدى.

ئۇ ئوقۇۋاتاتتى، ئەلۋەتتە. ئۆزىنى، كائىناتنى، مەۋجۇدىيەتنى ۋە شەيئىلەرنى ئوقۇۋاتاتتى. لېكىن ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇيالمىغانىدى. بۇ ئوقۇشنى كىتاپ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرمىگەندە، بۇ ئوقۇش يېرىم قالاتتى، نىشانىغا يېتەلمىگەن بىر ئوقۇش بولۇپ قالاتتى. ۋەھىي مانا بۇ مۇبارەك ئوقۇشنى مۇقەددەس قىلدى ۋە « ئوقۇشنىڭ ھەر خىل ئىجابىي تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دائىم ئوقۇلدىغان » مەنىسىدىكى قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى.

ھەر كىتاپ بىر كىتاپنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ كىتاپ بولسا قۇرئان ئىدى ۋە قۇرئان بىر رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىدى.

رامىزان ئەقىل، قەلىب ۋە روھنىڭ تويۇندۇرۇلىشى ئۈچۈن بەدەننىڭ ئاچ قويۇلىشىدۇر. روھنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ئىلاھىي پۇرسەت بولغان رامىزان دوستىخىنىنى، قارۇن دوستىخىنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل غىزالارنى يىغقۇچىلار، كىتاپلار سۇلتانى بىر كىتاپ دۇنياغا كەلگەن بىر ئايدا، روھى ئوزۇق ئۈچۈن كىتاپ يىغقان بولسا، بۇ مۇبارەك كۈننىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىگە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولمامدۇ؟

پۈتۈن ئىنسانىيەتكە « ئوقۇ » ئەمرى بېرىلگەن بۇ ئاينى، بۇ ئەمىردىن ئايرىپ مۇبارەكلەشنىڭ ئەھمەقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالمايمەن. لېكىن، رامىزاننىڭ جىمى بەرىكىتىنى يىغىپ كۆڭۈل سارىيىمىزدا مېھمان قىلماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختۇلۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

رامىزان ئىلاھى بىر مەسىلە. بۇ ئىلاھى مەسىلە ئالدىدا ئادەتتىكى، سۈنئىي ۋە ئۆتكۈنچى مەسلىلىرىمىز قوياش نۇرىدا ئېرىگەن قارىدەك ئېرىپ كەتمىسە، بۇ مىسلىسىز پۇرسەتنى ئىسراپ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.

قۇرئان تۇغۇلغان ئاي دەپ مۇبارەكلىگەن رامىزاندا، قۇرئانغا ھەدىيە قىلىدىغان گۇلىمىز كىتاپلاردىن تىزىلغان بىر گۇل دەستە بولىشى كېرەك. بۇ گۇل دەستىنى قۇرئانغا سۇنىشىمىز كېرەك. ھەممىدىن مۇھىمى، قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇ ئايدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرۇشىمىز لازىم. ئاللاھ ئالدىدىكى « ھۆرمەتتە تۇرۇش »ىمىزنى بۇزمىغانلىقىمىزغا قۇرئاننى شاھىت قىلىشىمىز لازىم، بۇ دوستلۇقنى « بىر شاھىتلىققا » ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئاللاھ قەسەم قىلىپ كۆرسەتكەن كېچە، قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچە بولسا كېرەك. بۇ كېچىنىڭ شاھىتلىقى ئەڭ چوڭ گۇۋاھلىقتۇر. چۈنكى، بۇ كېچە ئەڭ ئۇلۇغ كالامغا شاھىت بولدى. ئۇ شۇنداق بىر كېچە بولۇپ، ئوتتۇز مىڭ كۈندۈزگە تەڭ كېلىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كېچىكى، بىر ئۆمۈرگە توغرا كېلىدۇ.

ئۇ كېچە نازىل بولغان ۋەھىي ھاياتىمىزنى يورۇتمىسا، ھاياتىمىز ئەبەدىي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالىدۇ.