رامىزاندا رەھمەت ۋە جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ

 

ئەبۇ ھۈرەيرە ( ر ئە )، رەسۇلۇللاھنىڭ بىر سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
« رامىزان كەلگەندە رەھمەت ئشىكىلىرى ( يەنە بىر رىۋايەتتە جەننەت ئىشىكى دەپ ئېلىنغان ) ئېچىلىپ، دوزاق ئىشىكى تاقىلىدۇ ۋە شەيتانلار باغلىنىدۇ » ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ).

رەسۇلۇللاھ بىزگە شۇنداق بىر خەۋەر يەتكۈزىدۇكى، ئاللاھ تىن خەۋەر بەرمىگەن ھەر قانداق كىشى ۋە ھەر قانداق خەۋەر مەنبەسى بۇنداق خەۋەر يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇ خەۋەر بىزنى بۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىمىزنى نەزەرگە ئېلىپ، ئاخىرەت كۈنىمىز توغرىسىدا ئويلىنىشقا، بۇ دۇنيا، ۋاقىت ۋە ماكان بىلەن ئاخىرەتتىكى دۇنيا، ۋاقىت ۋە ماكان ئارىسىدىكى باغلىنىشقا دىققەت قىلىشىمىزغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدا پەرقلەر بار. بۇ پەرقلەرنىڭ ئىچىدىن بىرى بولسا « رەھمەت ئىشىكى » ئىبارىسىنىڭ يەنە بىر رىۋايەتتە « جەننەت ئىشىكى » دەپ كېلىشى. ئالدى بىلەن « رەھمەت ئىشىكى » رىۋايىتىدە توختالساق، بۇ سوئاللار كۆڭلىمىزدىن ئۆتىدۇ: رامىزاندىن باشقا ۋاقىتتا رەھمەت ئىشىكلىرى تاقاقمىدى؟ رامىزان كەلگەندىلا ئېچىلامدۇ؟ بۇ ھەدىسنى بۇ شەكىلدە قانداق چۈشىنىش ۋە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟

دوستلار، بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن: ئاللاھ نىڭ رەھمەتلىرىنىڭ پەقەت بىرلا ئىشىكى يوق، بىر قانچە ئىشىكى بار. باشقا ۋاقىتلاردىمۇ بۇ رەھمەت ئىشىكلىرىدىن ئوچۇقلىرى بار بولۇشى مۇمكىن، بىزنىڭ دۇئالىرىمىزغا ئېچىلىدىغانلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە ئىككى مەسىلىنى بىر – بىرىدىن ئايرىش لازىم. يەنى قۇلۇپ سېلىنغان ھالدا بولۇش ۋە تاقالغان بولۇش بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئىككى ئۇقۇم. ئاللاھ نىڭ رەھمەت ئىشىكلىرىنىڭ ھېچبىرىگە قۇلۇپ سېلىنغان ئەمەس، پەقەت ئىتتىرىپ ئاچقىلى بولىدىغان ھالدا يېپىلغان ھالەتتە. بىز ئاللاھ نىڭ رەھمەت ئىشىكلىرىگە ئۆز تىلەكلىرىمىز بىلەن كېلىمىز، بۇ قۇرئاندا « تەۋبە » ۋە « ئىستىغفار» دەپ ئېلىنغان.

تەۋبە ۋە ئىستىغفار بىلەن ئاللاھ نىڭ رەھمەت ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ۋە ئىشىكىنى ئاچماقچى بولغان كىشى سەمىمىي بولسا، ئىشىكلەر ئېچىلىپ شۇ كىشىگە رەھمەت قىلىنىدۇ. رامىزان مەزگىلىدە بولسا بۇ ئىشىكلەر ئوچۇق تۇرىدۇ، رامىزاندا ياخشى ئىبادەت ئەمەللەرنى قىلىپ، روزا تۇتقان ئادەم بۇ ئىشىكلەردىن كىرىپ ئاللاھ نىڭ رەھمەتلىرىگە ئېرىشىدۇ.

رامىزاندا رەھمەت ئىشىكلىرىنىڭ ھەر بىرگە بارىدىغان ئايرىم يول بار. ۋەھىي باشلانغان ئاي بولغان رامىزاندا ۋەھىي نۇرلىرى مۇئمىنلەرگە چېچىلسا، بۇ نۇرنىڭ ياردىمى بىلەن مۇئمىنلەر شۇ رەھمەت ئىشىكلىرىگە ئۇلىشىدىغان يولنى كۆرەلەيدۇ. بىزگە شۇ رەھمەت ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق بولىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟! بۇنىڭ ئۈچۈن تۆت نەرسىگە ئىھتىياجىمىز بار:
1. كىشى شۇ ئوچۇق رەھمەت ئىشىكىگە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرۈشى لازىم.
2. شۇ يولنى بېسىپ شۇ ئىشىككە يېتىپ بارغۇدەك ماجالى بولىشى لازىم.
3. شۇ ئىشىكنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم.
4. شۇ ئىشىكتىن كىرەلىگۈدەك ماجالى، كۈچى بولىشى لازىم.

ئەمىلىيەتتە ئىنسانغا بۇ كۈچ – قۇۋۋەتنى بەرگەن رامىزاندۇر.

ھەدىسنىڭ يەنە بىر شەكلىدە « جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ » دەپ ئېلىنغان. بۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بىز بولساق بۇ دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، جەننەت ئاخىرەتتە. بۇنداق بولغاندا، بىر ئىنسان ئاخىرەتتىكى دۇنيادىن ئېچىلغان بىر ئىشىكتىن قانداق كىرىشى مۇمكىن؟ بىز تېخى ئۆلمىگەن تۇرساق، بۇ ئىشىكنىڭ ئوچۇق بولشىنىڭ بىزگە قانداق ئەمىلىي پايدىسى ۋە مەنىسى بار؟
رەسۇلۇللاھنىڭ سائادىتى بىلەن بۇ سۆزلەر دېيىلگەن بولسا، بۇنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن ئىزاھلاش مۇمكىن.
1. رامىزاندا جەننەت ئىشىكىدىن كىرىدىغىنى بىزنىڭ سالىھ ئەمەللىرىمىزدۇر. رامىزاندا ئىمانى كۈچلەنگەن مۇئمىن ئادەم روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئارزۇ خىياللىرىدىن بەلگىلىك بىر مۇددەت ۋاز كېچىدۇ. مەسىلەن، مول بىر داستىخانغا داخىل بولغۇسى بار، ئەمما ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن، ئىمكانى تۇرۇپمۇ شۇ داستىخانغا قول ئۇزاتمىغان بولسا، شۇ داستىخان جەننەتتە شۇ كىشىنى ساقلايدۇ، يىگۈسى بولسىمۇ يىمىگەن شۇ ئالما، ئارمۇت، بانانلارنىڭ مېۋە دەرەخلىرى جەننەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن تىكىلىدۇ. يەنى، رامىزاندىكى سالىھ ئەمەللىرىمىز بىزنى جەننەتتە ساقلاپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يەنە سوئال تۇغۇلىدۇ، باشقا ۋاقىتتىكى سالىھ ئەمەللەرىمىز جەننەتكە كىرمەمدۇ؟ بۇلار ئارىسىدىكى پەرقنى « باج » ئۇقۇمىنى نەقىل قىلىپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. رامىزاندىن باشقا ۋاقىتتا قىلغان ھەر ئەمەللىرىمىزدىن « باج » ئېلىنىدۇ. بېرىلىدىغان مۇكاپات قىلغان شۇ ئەمىلىمىزنىڭ ھاياتىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتا قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. پەقەت ۋەھىيلەرنىڭ باشلانغان ئېيى بولغان رامىزاندا، قىلغان سالىھ ئەمەللەر ئالاھىدە بىر مەرھەمەت بىلەن « باج » ئېلىنماي ھېساپلىنىدۇ. ئىككى دۇنيا ئارىسىدىكى شۇ ئىشىكتىن ئۆتكەندە « رامىزان » تامغىسى بېسىلغان ئەمەللەرگە ئاسانلىق ۋە ئىمتىياز بېرىلگەن.
2. « رامىزاندا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ » نى ئىككىنجى خىل شەكىلدە مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن. رامىزاندا ئېچىلغان جەننەت ئىشىكلىرىدىن رامىزاندا ئىشتىياق بىلەن ئىبادەت قىلغان مۇئمىنلەر جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى بۇ جەننەت پۇرىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە قەلبى قۇرئانغا ئېچىلىدۇ. ئىبادەت، ئەمەللەر يۈك بولماي ئەكسىچە ئىشتىياققا ئايلىنىدۇ ۋە شۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئاساس بولىدۇ. بۇ ئىشىكلەر قۇرئان ئىشىكى، سەۋر ئىشىكى، ئىنفاق ئىشىكى، تەپەككۇر ئىشىكى، زىكىر ئىشىكى، شۈكۈر ئىشىكى، قانائەت ئىشىكى، چاقىرىق ئىشىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشىكلەردۇر.

يۇقىرىقىدەك ئىبادەت ئەمەللەرنى قىلغان كىشىنىڭ قەلبى، ئېچىلغان شۇ جەننەت ئىشىكلىرىدىن چىققان لەززەت تۇيغۇسى بىلەن تولىدۇ. ئىنسان بۇ لەززەتلىك تەمنى ھېس قىلغىنىدا، قىلغان شۇ سالىھ ئەمەل ئىبادەتلىرى جاپا – كۈلپەت بولۇپ تۇيۇلمايدۇ. ئەكسىچە بىر خىل نېمەت بولۇپ تۇيۇلىدۇ. قەلبىدىن شۇ تەمنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ، بۇ تۇيغۇ بىلەن مەست بولىدۇ. رامىزان كەتسىمۇ بۇ تۇيغۇ، بۇ ھۇزۇر يەنە شۇ پېتى بۇ كىشىنىڭ قەلبىدە قالىدۇ، شۇ كىشى خۇددى جەننەتكە كىرگەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.

ئاللاھ بىزنى شۇنداق كىشىلەردىن بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن، رامىزان بىزنىڭ قەلبىمىزگە جەننەت پۇرىقىنى پۇراتسۇن!