روزا روھنىڭ غىزالىنىشىدۇر

روزا كۆپ ئىلاھلىق دىنلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بەلكىم بۇ ئېتىقادلارغا قەدىمكى ئىلاھىي دىنلاردىن كىرگەن بولىشى ياكى بۇ ئېتىقادلارنىڭ يىلتىزى ساماۋىي دىن بولىشى مۇمكىن. قەدىمكى مىسىردا روزا تۇتىلاتتى. روزا ئۇلاردىن يۇنانلارغا ئۆتكەن. قەدىمكى يۇنانىستاندا،  بولۇپمۇ ئاياللارغا روزا شەرت ئىدى. رىمدىمۇ روزا تۇتۇش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ھىندى ئېتىقادلىرىدا روزا ھازىرمۇ ئەڭ چوڭ ئىبادەتلەر قاتارىدىن يەر ئالماقتا. قىسقىسى، روزا ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئىلاھىي قەرز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. روزا تۇتقان بىر مۇئمىن، ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش بىر كارۋانغا قوشۇلغان بولىدۇ. بۇ كارۋاننىڭ ئالەمشۇمۇل ئىسمى « ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش ئىمان ئائىلىسى »دۇر. روزا ئارقىلىق ھەر مۇئمىن بۇ بۈيۈك ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىماقتا.

بۇ ئۈممەتنىڭ تارىخىدا روزا تۇنجى قېتىم بۇ ئايەت نازىل بولۇشتىن بۇرۇن « ئاشۇرە روزىسى » شەكلىدە تۇتۇلغان. بۇ ھەقتە، ھەدىس ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردە نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار. بۇلاردىن بىرى مۇنداق:

رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كەلگەندە يەھۇدىيلارنىڭ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇلاردىن: بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: بۇ ئاللاھ بەنى ئىسرائىلنى پىرئەۋىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ يامانلىقىدىن قۇتقۇزغان مۇبارەك كۈن، مۇسا بۇ كۈننى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزەتتى، – دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ: بىز مۇساغا سىلەردىن بەكرەك يېقىن، دېدى ۋە بىزنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى ( بۇخارى، م. ئەنسا 52، ساۋم 69؛ مۇسلىم، سىيام 127/19، 125؛ ئەبۇ داۋۇد، ساۋم 63؛ تىرمىزى، ساۋم 48… ).

بۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەتلەردىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، روزىمۇ باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش تەدرىجىي ھالدا پەرز قىلىنغان بىر ئىبادەت. بۇ رىۋايەت ساھابىلەردىن مۇئاز بىن جەبەلگە ئائىت بولۇپ، ئەھمەت بىن ھەنبەل، ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار نەقىل قىلغان رىۋايەتكە قارىغاندا، مۇئاز رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن:

ناماز ۋە روزا تەدرىجى ھالدا  ئاخىرىقى شەكلىگە كىردى…  رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ھەر ئاي ئۈچ كۈن روزا تۇتاتتى ۋە مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10 – كۈنىدىمۇ روزا تۇتاتتى. كېيىن ئاللاھ پۈتۈن رامىزان بويىچە روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى. لېكىن، قۇربىتى يېتىپ تۇرۇپمۇ روزا تۇتمىغان بىر كىشى، بىر كۈنلۈك روزىنىڭ فىدىيەىسى ئۈچۈن بىر مىسكىننى تويغۇزاسا بولاتتى، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغانىدى. كېيىن بۇ ئەھۋال پەقەت سەپەر ئۈستىدىكى ۋە باشقا ئۆزرىسى بولغان كىشىلەرگە خاس قىلىندى، ئۆزرىسى بولمىغانلارغا روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى » ( ئە – دۇررۇل مەنسۇر، 1، 427 ).

«… يېزىلدى » – ئايەتتىكى « يېزىلدى » ( كۇتىبە ) لەبزى، « پەرز قىلىندى ( فۇرىدا ) » مەنىسىدە ئېلىنغان. لېكىن بۇ ئىككىسى ئارىسىدا پەرق بولسا كېرەك. ئەگەر شۇنداق دېيىلمەكچى بولغان بولسا « پەرز قىلىندى » شەكىلدە دېيىلەتتى. چۈنكى، فارادا سۆزىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر قۇرئاندا ئىشلىتىلگەن. « يېزىلدى » پېئىلى روزىنىڭ ئىنساننىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ دەۋر چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئىبادىتى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى باشقا شەرىئەت ۋە ئېتىقاد سىستېمىلىرىغا ئائىت مەلۇماتلار ئىسپاتلىماقتا. بۇ ئايەت ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە ۋە بارلىق ساماۋىي شەرىئەتلەرنىڭ ئورتاق نوقتىلىرىدىن بىرىنىڭ روزا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. روزا ئىنسانىيەتكە بېرىلگەن بىر ئىلاھىي قەرز.

« بەلكىم بۇ ئارقىلىق تەقۋا بولىسىلەر… » – بۇ جۈملە روزىنىڭ ئاساسىي مەقىسىتىنى بايان قىلماقتا. بۇ ئەمىرنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

  1. ئاللاھ ئىنسانىيەتكە بىر يېتەكچى ۋە مەشئەل قىلىپ ئەۋەتكەن قۇرئاننىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش. قۇرئاننىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسلانغاندا، بۇ تۇنجى خەۋەر مەككىدە ھىجرەتتىن تەخمىنەن 13 يىل بۇرۇن، بىر رامىزان ئېيىدا كېلىشكە باشلىغان. رامىزان قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن مۇبارەكلەشكە لايىق بىر ئاي بولغان ئىدى. يەنى قۇرئان ئېيى ئىدى. قۇرئاننىڭ قولىدىن يۆتىلەپ كەلگەن رامىزاننى، مۇئمىنلەر روزا ئارقىلىق بىر شۈكۈر ئېيىغا ئايلاندۇردى. روزا، قۇرئاننى ئەۋەتكەن ئاللاھ قا بەندىنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن رەھمەت ئېيتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ، روزا تۇتقان ھەر مۇسۇلمان، قۇرئاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەۋاتىدۇ دېگەنلىك ئىدى. روزا تۇتۇش ئارقىلىق قۇرئاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلىگەن ھەر مۇئمىن، ئۆزىدىن بۇ سۇئالنى سوراپ بېقىشى كېرەك: تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان قۇرئاننى ھاياتىمىزغا تەدبىقلاش ئارقىلىق تىرىلدۈرەلمىگەن بولساق، بىزنىڭ بۇ ئەھۋالىمىز، كۆز ئالدىمىزدا جان ئۈزىۋاتقان بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان كىشىگە ئوخشاپ قالامدۇ – قانداق؟
  2. قۇرئانغا لايىق بىر كىشى بولۇش ئۈچۈن، تەسىرى كۈچلۈك بولغان نەپىس تەربىيسى ۋە روھىي پاكلىنىش ئېلىپ بېرىش. بۇ روزا ئىنسان ئۈستىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئوپراتىسيە ئىدى. روزا بەندەننىڭ ئاچ قويۇلىشىدىن زىيادە روھنىڭ غىزالاندۇرۇلىشى بولۇپ، روھى بەدىنىدىن ئاجىز بولغانلارنىڭ روھىغا جىسمانىي ۋە بەشەرىي ئارزۇلار ھۆكۈمران بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ھارۋاكەشنىڭ ئاتنى ھارۋىغا چىقىرىپ، ئۆزى ئاتنىڭ ئورنىدا چاپقاندەك بىر ئىش. روزا قەلىبكە قاراپ ئاتلانغان مۈشكۈل بىر سەپەر بولۇپ، سۆيگۈ ۋە نەپرەتنىڭ، ئىمان ۋە ئىنكارنىڭ، رەت ياكى قوبۇلنىڭ مەركىزى بولغان يۈرەك مەنزىل ئىدى. بۇ سەپەردە ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۆزىنى تونۇش بولىدۇ. مانا بۇ « بەلكىم بۇ ئارقىلىق تەقۋا بولىسىلەر » جۈملىسىنىڭ تېگىدە ياتقان مەنا. بۇنى شەرھىيلىسەك، روزىنىڭ ئىنساندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى، ئۇنى پەرۋەردىگارىغا، ئۆزىگە، ئىنسانلارغا، تەبىئەتكە ۋە شەيئىلەرگە قارىتا تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا تۈرۈتكە بولىدۇ.
  3. باي – كەمبەغەل، باي – گاداي، ئىشچى – خوجايىن دەپ ئايرىماستىن، ھەر ئىنسانغا ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ تەمىنى تېتىقۇزۇش ئارقىلىق، جەمىئىيەتتىكى ئاچ  ۋە ئۇسسۇزلارنىڭ، ئۇيقۇسىزلارنىڭ دەردىگە بارلىق مۇئمىنلەرنى شىرىك قىلىش ۋە ئۇلارغا بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى ئەمەلىي بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دەردىنى تېگىدىن چۈشۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ روزىنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبى.

ھەر ئىبادەتكە ئوخشاش روزىنىڭمۇ ئىككى قانىتى بار. بۇ قاناتلارنىڭ بىرى كىشىدىن ئاللاھ قا، يەنە بىرى كىشىدىن جەمىئىيەتكە سوزۇلىدۇ. بۇ ئىككى قاناتتىن بىرى كەم ياكى سۇنۇق بولۇپ قالسا، روزا مەنزىلىگە يېتىپ بارالمايدۇ. روزىنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبى، كىشىدىن جەمىئىيەتكە تۇتاشقان قانىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئايەتتە يەر ئالغان ۋە « مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى »نى كۆرسىتىدىغان تەقۋالىق دائىرىسگە، پەقەت ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىلا ئەمەس، جەمىئىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيەتنىمۇ كىرگۈزىدۇ.

بەقەرە سۈرىسى 184 – ئايەتتە « ساناقلىق كۈنلەردە… سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ ( روزا تۇتمىغان بولسا )، تۇتمىغان كۈنلەرنى ( يەنى قازاسىنى ) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى ( قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن ) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، ( كۈنلۈكى ئۈچۈن ) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى ( بەلگىلەنگەن مىقداردىن ) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن ( ئېغىزى ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن ) ياخشىدۇر ».

« ساناقلىق كۈنلەردە… » بۇ جۈملىنى ئالدىنقى ئايەتنىڭ داۋامى شەكلىدە ياكى ئىككى ئايەت ئارىسىدىكى بىر ئارا جۈملە شەكلىدە ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. بۇ جۈملە مەزمۇن جەھەتتىن ئالدىنقى ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پەرز روزا ئىبادىتىنىڭ « بەلگىلىك، چەكلىك ۋە ساناقلىق » كۈنلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نامەلۇم بولغان تەرىپى، « ساناقلىق كۈنلەر… »نى تەشكىل قىلغۇچى رامىزان ئېيىنىڭ قەمەرىيە كالېندارى بويىچە، ھەر يىلى ئون كۈن ئالدىغا سۈرۈلۈپ 33 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بەزىدە 29، بەزىدە 30 كۈن بولىدۇ. ئىبارىدىكى ئېنىقسىزلىق، ئېھتىمالنىڭ بىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

« سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ ( روزا تۇتمىغان بولسا )، تۇتمىغان كۈنلەرنى ( يەنى قازاسىنى ) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، …» ئايىتى ساناقلىق كۈنلەردە روزا ئىبادىتىدە كېسەل ۋە سەپەر ئۈستىدىكىلەر ( ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزرىسى بار كىشىلەر ) ئۈچۈن كەڭچىللىك قىلىپ رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كېسەل ۋە ئاغرىقلار ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەت، بۇ رۇخسەتكە ئەمەل قىلغۇچىنىڭ روزا ساۋابىدىن بىر نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. رامىزاندا ئۆزۈرسىز ھالدا روزا تۇتمىغان كىشىنىڭ جازاسى نېمە بولىدۇ؟ دېگەن سۇئالغا بۇ ئايەتكە ئاساسەن جاۋاپ بېرىلىشى كېرەك.

بۇنداق قىلغان كىشى، بىر پەرزنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن ھارام ئىشنى قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئىلاھىي بىر ئەمىرنى ئۆزۈرسىز ھالدا تەرك قىلىش ھارام بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن گۇناھكار بولىدۇ. بۇنداق كىشى چىن يۈرەكتىن تەۋبە قىلىشى ۋە تەرك قىلغان پەرز ئىبادىتىنىڭ قازاسىنى قىلىپ تولۇقلىشى كېرەك.

« رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلاغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچىدۇر ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر. سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە ( يەنى مۇساپىر ) بولۇپ ( تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن ) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، ( ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسنىڭ ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ( ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا ) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ » ( سۈرە بەقەرە 185 – ئايەت ).

« رامىزان ئېيى… ». زامان ۋە ماكان ئۆز ئالدىغا مۇقەددەس نەرسىلەر ئەمەس. شەيئىلەر مۇقەددەسلىكىنى ياراتقۇچىسىدىن ئالىدۇ. ئاللاھ نىڭ بىر ئىسمى قۇددۇس. ئۇنىڭ مۇقەددەس بولىشى، ئۆزىدىن كېلىپ چىقماقتا. ئۇ، ئۆزى مۇقەددەس بولۇپ، مۇقەددەسلىك نىسبەت بېرىلگەن ئۇنىڭدىن غەيرى ھەر قانداق نەرسە، مۇقەددەسلىكىنى ئاللاھ تىن ئېلىشى كېرەك. ئۇ مۇقەددەس قىلمىغان نەرسىلەرنى مۇقەددەس / ئۇلۇغ قىلىش بىدىئەت بولىدۇ. رامىزان ئۇلۇغلىقىنى قۇرئان ئېيى بولغانلىقىدىن ئالىدۇ.

« سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە ( يەنى مۇساپىر ) بولۇپ ( تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن ) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن ». كېسەللىك ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇش روزا ئەمىرىنىڭ ئادا قىلىنىشىدا مۇستەسنالىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇ ئايەتتە ئىنساننى ئۆزۈرلىك قىلىپ كۆرسەتكەن كېسەللىكنىڭ تۈرى، شەكلى، خاراكتېرى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. بىر كېسەلنىڭ روزا تۇتماسلىققا سەۋەپ بولۇش – بولماسلىقى پەقەت فېقھ مەسىلىسى بولۇشتىن  زىيادە ئەخلاقىي بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ ئىنسان رەببىگە ئەدەب – ئەخلاقلىق بىلەن ( تەپ تارتقان ھالدا ) مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان مەسىلە. سەپەر ئۈستىدىكى كىشىگە كەلسەك، رەسۇلۇللاھ روزىنى تەرك قىلىش ئۈچۈن، قانچىلىك بىر مۇساپە بولىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۆلچەم قويمىغان. بۇ سەۋەپتىن ساھابىلەر ئارىسىدا، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئوخشىمىغان تەدبىقلاشلار بولغان. ئېنىق بولغان شۇكى، بەدىر غازىتى ۋە مەككىنىڭ فەتھى كۈنلىرى رامىزان ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكتىن، رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ساھابىلەر بۇ ۋاقىتتا روزىسىنى كېچىكتۇرگەن. ھەتتا، رەسۇلۇللاھتىن « سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەلمۇ؟ » دەپ سورىغان بىر يەمەنلىك كىشىگە، يەمەن شىۋىسى بىلەن « سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەل ئەمەس » دەپ جاۋاپ بەرگەن ( بۇخارى، سىيام 3:77، 53 – نۇمۇر ).  يۇقىرىدا كېسەللىك ھەققىدە بايان قىلغانلىرىمىز، سەپەر ئۈستىدىكى كىشى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە. يەنى، كىشى سەپىرىنىڭ روزا تۇتماسلىققا سەۋەپ بولۇپ – بولمايدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن ئاللاھ قا ۋە ئۆزىگە قارىتا ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ( ئاللاھ تىن قورققان ھالدا ) بەلگىلىشى كېرەك. سەۋەپنىڭ بەلگىلىنىشىدە، ھەممىدىن بەك روزىغا نىسبەتەن سەپەرنىڭ مۇشكىلاتى ۋە ئېغىرلىقى، كىشىدە ئۆزىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك، دېسەكمۇ بولىدۇ. كېسەللىك ۋە سەپەرنىڭ روزا تۇتماسلىق سەۋەبى بولىشىدا ۋەزىيەت، دەۋر شارائىتى، مۇھىت ۋە ئىمكانلارنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى نوقتىسىدا، ساھابىلەردىن ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىزگە ياخشى ئۆرنەك بولالايدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن: « بۇ ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا، بىز سەپەرگە ئاچ قوساق ھالدا چىقاتتۇق، تاماق يېگەن ۋاقتىمىزدا قوسقىمىز تويمايتتى. لېكىن، بۈگۈن قوسقىمىز توق ھالدا سەپەرگە چىقىمىز، يېگەن ۋاقتىمىزدىمۇ قوسقىمىز تويغىدەك يېيەلەيمىز ».  بۇلارنى بايان قىلغان ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ چاكىرىنى سەپەردە روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان.

« ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، قۇربىتىڭلار يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ ». بۇ جۈملە، ئىبادەتلەر مەقسىتىنىڭ، ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىگە بولغان شەپقىتى ۋە مەرھەمىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان ھەقىقەتنى « ئۇسلۇبۇللاھ » دەپ ئاتىساق بولىدۇ. بۇ، مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، بۇنى ئىمكان بار ئەڭ ئاسان ۋە قولاي بولغان شەكىلدە ئادا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تەكلىپنىڭ كۈلپىتى، ئۇنى ئادا قىلغاندا ئوڭاي بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن كۆرسەتمىدىن ھالقىماسلىق، سۈيئېستىمال قىلماسلىق لازىم. قۇرئاندا پرىنسىپ ۋە سەۋەپلەر بىرىگە زىت شەكىلدە ئەمەس، بەلكى بىرىگە بېقىنغان ئامىللار سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن بەلگىلىمىلەر، تۈزۈملەر قويۇلىدۇ، تەلىماتلار بېرىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ « ئىنسان »لىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنمايدۇ. يەنى ئىنساننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش « مۇمكىن بولمايدىغان » ئىشقا ئەمەس، ئەكسىچە « مۇمكىن » ۋە « مۇۋاپىق » بولغان ئىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئىنساندىن تەلەپ قىلىنغان نەرسە پەقەت شۈكۈر ۋە ئۇلۇغلاش:

« سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ( ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا ) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ ».

شۈكۈر قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ بۈيۈكلىكىنى شەنىگە لايىق شەكىلدە تەقدىرلەش لازىم. بۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغان ۋە ئەڭ ئاسان بولغان يولى، بەندىنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە ئاللاھ قا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشى بولۇپ، بەندىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى نامايەندىسى  « دۇئا »دۇر. نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچىنى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل قىلغان،  ئۇ كېچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رامىزانغا، بارلىق ئۇلۇغلىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغان قۇرئان ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن  خوش بىشارەت:

« مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ( ئۇلارغا ئېيتقىنكى )، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن ( يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىمەن )، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن ( يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن ) » ( بەقەرە سۈرىسى 186 – ئايەت  ).

ئىنساننىڭ يىلىكىگىچە تەسىر قىلىدىغان بۇ خوش بىشارەتلىك خىتاپ ئالدىدا، كىشىنىڭ قەلبى خوشاللىقتىن تىترىمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ مۇشۇنداق بۈيۈك ۋە ئەبەدىي ھەقىقەتنى بۇ ئاددىي ۋە ئاممىباپ تىلدا بايان قىلىش، پەقەت ئىلاھىي كالامغا خاس بىر ئالاھىدىلىك بولسا كېرەك.

« مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ( ئۇلارغا ئېيتقىنكى )، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن ( يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىمەن ) » . ئاللاھ تىن سوئال سوراش، ئاللاھ ھەققىدە سوئال سوراش، قىزىقىشنى ئۇنىڭ مايىل قىلىدۇ. بىر كىشىنىڭ قىزىقىشى ۋە كۆڭلى نېمىدە بولسا ئۇنىڭ دەردىمۇ شۇ بولىدۇ.  بىر كىشىنىڭ دەردى نېمە بولسا، « پىكرى / ئەسيادى » شۇنىڭدا بولىدۇ. قىزىقىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاللاھ قا قارىتىش، يەنى كىشىنىڭ غېمىنىڭ ئاللاھ بولىشى، مۇنداقچە ئېيتساق بىر « زىكىر »دۇر. « زىكىر » ئۇنتۇپ قالغان بىر ھەقىقەتنى ئەسلەش، توپا باسقان بىر ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدىكى چاڭنى ئېلىۋېتىش، كۆڭۈل دېرىزىسىنىڭ پەردىسىنى قايرىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى دۇئا:

« ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن ». دۇئا، ئۆزىنى تونۇپ يەتكەنلەر قىلىدىغان بىر ئەمەل. چۈنكى ئۆزىنى بىلىدىغانلار ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىدۇ، ھەددىدىن ئاشمايدۇ.  ھەددىنى بىلگەنلەر، ئاللاھ نىڭ چەك – چېگراغا مەھكۇم ئەمەسلىكىنى، چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. دۇئا، مانا بۇ تونۇشنىڭ تىلدىكى ئىقرارى. دۇئا، ئىنساننىڭ ئۆز – ئۆزىگە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئاللاھ ئالدىدا ئىتراپ قىلىشى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا، دۇئا ئىبادەتنىڭ مېغىزى، يىلىكى. « ناماز » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سالاتنىڭ يەنە بىر مەنىسى « دۇئا ». يەنى، ناماز دۇئانىڭ ھەرىكەتكە ئايلانغان شەكلى. شۇڭا قۇرئاننىڭ كىرىش سۆزى بولغان فاتىھە سۈرىسى، مۇكەممەل بىر ھىدايەت دۇئاسى. دۇئا، بەندە ئاللاھ قا ئەۋەتكەن بىر باغاقتۇر. بۇ يەردە شۇ ھەقىقەت روشەن ھالدا بايان قىلىنماقتا: ئەگەر بەندە باغاقنى قائىدىگە مۇناسىپ ھالدا ئەۋەتسە، ئاللاھ بەندىنىڭ باغىقىغا ئىجابەت قىلىدۇ.

« روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر ( يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ )، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر ( يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر ). ﷲ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى ( يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى ) بىلدى. ﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا ( يەنى ئاياللىرىڭلارغا ) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ﷲ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى ( يەنى پەرزەنتنى ) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا ( يەنى تاڭ يورۇغانغا ) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ( كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن )، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ﷲ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر ( يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر )، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ ( ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن ) ساقلىنىشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىشى ئۈچۈن، ﷲ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ » ( بەقەرە سۈرىسى 187 – ئايەت ).

« ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر ، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر ». كىيىم ئىنساننى چىرايلىق قىلىدۇ. ئۇ ئەيىپ ۋە كەمچىلىكىنى يوشۇرۇپ، ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر شەرەپ لىباسىدۇر. ئەر – ئايالمۇ بىر – بىرىنى گۈزەللەشتۈرۈشى، ئەيىپلىرىنى تۈگۈتۈپ يېپىشى، بىر – بىرىگە شەرەپ لىباسى بولىشى كېرەك. بۇ ئايەت ئەر – ئايالنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلىغان بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئىككى پارچىسى ئىكەنلىكىنىڭ ۋەھىي تىلىدىكى ئىپادىسى بولۇپ، ئەر – ئايال ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەبىئىيتىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. ئەر – ئايالنىڭ بىر – بىرىنى ھىمايە قىلىشى ۋە بىر – بىرىگە ھوزۇر بېغىشلىشى كېرەكلىكىنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىپادىلەش مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدىكى ئوخشىتىش ئىپادىلىگەن تېخىمۇ چوڭقۇر بىر ھەقىقەت بار. يەنى، ئەر – ئايالنىڭ ئارىسىدا يۈرەكلىرىگە يىپىنچا قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۆز ئارا ئۈنسى – ئۈلپەت ۋە مېھرى – مۇھەببەتنىڭ شەكىللىنىشى بولۇپ، بۇ روزىنىڭ كۈچىنى زەيىپلەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئاشۇرىدۇ. ئەر – ئايال بىپايان قەلىب دۇنياسىغا قاراپ ئائىلە بويىچە سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. جىنسى ئارزۇنىڭ ئىنسان فىترىتىنىڭ بىر تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى ۋە ھالال يولدىن قاندۇرۇشنىڭ ئاللاھ بەخش ئەتكەن بىر نېمەت دەپ بىلىش كېرەكلىكىنى، ئايەتتە بايان قىلىنغان « ئەمدى ئۇلارغا ( يەنى ئاياللىرىڭلارغا ) يېقىنچىلىق قىلىڭلار » ئىپادىسىدىن بىلەلەيمىز.

« ﷲ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى ( يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى ) بىلدى ». ئەبۇ مۇسلىم ئەل ئىسفاھانى بىزدىن پەرقلىق ھالدا، تاھتانۇنە كەلىمىسىنىڭ « ئازايتىش، كېمەيتىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بىر سۆزدىن تۈرلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ ئىپادىنىڭ « ئاللاھ، بۇ ھەقتە سىلەرگە رۇخسەت قىلمىسىمۇ، كۆڭۈل خوشلىقىڭلارنى ئازايتىشنى ئىختىيارى ھالدا قوبۇل قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلدى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ( رازى  ).

« اﷲ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى ( يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى ) بىلدى ». بۇ ئايەتتىن مەلۇم بولغىنىدەك، دەسلەپتە مۇئمىنلەر مەدىنىدىكى يەھۇدىي ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، روزا كېچىلىرىدە يېمەك – ئىچمەك ۋە جىمانى چەكلەنگەن دەپ ئويلاپ قالغان. چۈنكى، يەھۇدىيلىقتا روزا تۇتقان بىرىنىڭ بۇلارنى قىلىشى ھارام ئىدى. يەھۇدىيلار پەقەت ئىپتاردىن ئىپتارغا ئېغىزىنى ئاچاتتى، روزا تۇتقان كېچىنىمۇ خۇددى كۈندۈزگە ئوخشاش ئۆتكۈزەتتى. بەنى ئىسرائىل شەرىئىتىدىكى بۇ بەلگىلىمىنىڭ، بۇ ئۈممەت ئۈستىدىن بىكار قىلىنىش سەۋەبى شۈ جۈملىلەر بىلەن بايان قىلىنىدۇ: « ﷲ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى ( يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى ) بىلدى. ﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى، ئۈستۈڭلاردىكى بۇ يۈكنى ئېلىپ تاشلىدى ».

« تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا ( يەنى تاڭ يورۇغانغا ) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، …». بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىبارە لەبزى « ئاق يىپ قارا يىپتىن ئايرىلغانغا قەدەر » شەكلىدە بولۇپ، « ئاق يىپ » بىلەن تاڭ يورۇشى، « قارا يىپ » ئارقىلىق كېچە قاراڭغۇلىقىنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىدا ھېچقانداق بىر شۈبھە يوق. رەسۇلۇللاھ بۇنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دېگەن:

« مەيلى بىلالنىڭ ئەزان ئاۋازى ياكى ئۇپۇقنىڭ شۇنداق ( تىك شەكلىدە ) يېيىلغان يورۇقى بولسۇن، سىلەرنى سوھۇر يېيىشتىن توختۇتۇپ قويمىسۇن. يورۇقلۇق مۇنداق ( ئېنىغا ) يېيلغىچە يەپ – ئىچىڭلار » ( بۇخارى، ساۋم، 17؛ مۇسلىم، سىيام، 39 ).

رەسۇلۇللاھ روزىنىڭ باشلىنىشى ۋاقتى بولغان فەجىرنى چۈشەندۈرگەن باشقا بىر ھەدىسىنى ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇئەنھۇ نەقىل قىلغان. مەزكۇر ھەدىستە، تاڭ ئېتىشقا يېقىن تاڭنىڭ ئېنىغا قاراپ ئاقارغان ۋاقتىنى، روزىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى دەپ چۈشەندۈرگەن. ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشىنى، يورۇقلۇقنىڭ تاڭ قاراڭغۇلىقىنى پۈتۈنلەي يورۇتىشى، تاغلار، جىلغىلار ۋە يوللارنى ئېنىق پەرق قىلىغلى بولىدىغان ۋاقىت دەپ چۈشەنگەن. ئەبۇ بەكر ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، سوھۇر يېگەنلىكى ھەققىدە نەقىللەر بار.

 

« سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ( كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن )، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، …». ئېتىكاپ – كىشىنىڭ ئۆز « شەخسىيىتى »نى بايقاش ۋە ئىچكى دۇنياسىنى بىنا قىلىش ئۈچۈن، ئۆمرىدىن قىسقا بىر زامان تىلىمىنى ئاللاھ قا ئاتاپ، مەسجىد ياكى مەسجىدكە ئوخشاش بىر ماكاندا ئۆتكۈزۈشىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر ئېتىكاپ، ھىرانى قايتىدىن باشتىن ئۆتكۈزۈش بولۇپ، قەلىب دۇنياسىغا قاراپ ئاتلانغان بۇ يالغۇز كىشىلىك سەپەردە، بەندەننى خوشال قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئورۇن يوق. رەسۇلۇللاھ مەدىنىدە ھېچ تەرك قىلىپ باقمىغان. بىر يىلنىڭ ئېتىكاپنى قازا قىلغان. بىر ئىبادەت بولغان ئېتىكاپ، روھىي پاكلىنىش ۋە تازلاش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن چىقىش قېيىن بولغان ھىرانىڭ تىك قايالىرىغا ئىچكى دۇنياسىنى ئوڭشاش ۋە بايقاش ئۈچۈن ھەر يىلى چىقاتتى. ھىجرەتتىن كېيىن بۇ ئىبادەتنى مەسجىدتە ئۆتكۈزدى. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە، ئىچكى دۇنياسىغا قاراپ سەپەرگە ئاتلانغان رەسۇلۇللاھ، بۇ ئادىتىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرگە بىر سۈننەت قىلىپ قالدۇرغان.

« ئەنە شۇلار ﷲ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر ( يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر ) ». ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالار بار. چېگرالارنى بەندە بەلگىلىسە، بەندە سانىچىلىك چەكلىك بولىدۇ. بۇ چەك – چېگرىنىڭ يوقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر  چەك – چېگرا بولمىسا، ھېچقانداق چەك – چېگرا بولمايدۇ. ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارنى ئېشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، « يېقىنلىشىش »نى ئەقلىڭىزگە كەلتۈرۈپ سالماڭ. بۇ سەۋەپتىن ئايەتتە بۇ چېگرالارنىڭ دەپسەندە قىلىنماسلىقى ئەمەس، بۇ چېگرالارغا يېقىنلاشماسلىق تەلەپ قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ مەقسىتى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىماقتا: مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش.

« كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىشى ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ ». بەقەرە سۈرىسىدىكى روزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت بۆلۈمى مۇشۇنداق ئاخىرىلىشىدۇ. روزىنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر بەندىلىك ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۆلۈمنىڭ، دەسلەپكى ئايىتى بولغان 183 – ئايەتتىمۇ ھەقىقىي مەنىدە « مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى » شەكلىدە چۈشۈنۈشىمىز زۆرۈر بولغان تەقۋانى كۆرسەتكەنىدى. بۇنىڭدىن ئىبادەتلەرنىڭ مەقسەت ئەمەس، بىرەر ۋاستە ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقىشقا بولىدۇ. تەقۋا، ھەم ئىبادەتلەرنىڭ سەۋەبى ھەم نەتىجىسى، ھەم سەۋەبى ھەم غايىسىدۇر.