روزا تۇتۇش ئۆزىنى تىزگىنلەشتۇر

قايغۇمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن. ئۆزىنى بىلمىگەن نېمىنى بىلىدۇ دەيسىز؟ ئۆزى بىلەن ئەپ ئۆتەلمىگەن كىشى باشقىلار بىلەن قانداقمۇ ئەپ ئۆتسۇن؟ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدۇ؟

تۈركچىمىزدىكى « ئورۇچ ( روزا ) تۇتۇش » نېمە دېگەن ياخشى تەبىر. دائىم ياقتۇرىمەن بۇ تەبىرنى. « تەبىر » دەپ ئاتىشىم سەۋەپسىز ئەمەس. چۈنكى، روزىغا مۇناسىۋەتلىك تەپەككۇر ۋە زېھىن ھەرىكىتىمىزدە بىرەر « كېچىك »، بىرەر « كۆرۈك » رولىنى ئوينايدۇ بۇ ئىپادە.

« روزا » نىڭ ئەرەپچە ئاتىلىشى « ساۋم ». بۇ سۆزنىڭ ئۇدۇلىغا لوغەتلەردە « ئىمساك » سۆزى يەرلەشتۈرۈلگەن.  ئۇنىڭدىن باشقا « تۇتۇش، تىزگىنلەش » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى سوئالغا بىر قېتىمدا جاۋاپ بېرىش قېيىن: روزا بىزنى تۇتامدۇ ياكى بىز روزىنى تۇتامدۇق؟

بىز روزىنى تۇتقانلىقىمىزنى داۋا قىلىمىز. بۇ مەلۇم جەھەتتىن توغرا… ئەمما بۇ، ھەقىقەتنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەسلىدە توغرا بولغىنى: بىز روزىنى، روزا بىزنى تۇتسۇن دەپ تۇتىمىز.

تىلىمىزدا تۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك نېمە دېگەن كۆپ ۋە كەڭ دائىرىدە ئىپادىلەر بار:

بۇ ئادەمنى تۇتتۇم ( ياقتۇردۇم ) …

ئۇنى كۆزۈم تۇتمىدى ( كۆزۈمگە سىغمىدى )…

بۇ ئىش تۇتمىدى ( قاملاشمىدى )…

دېمىگەن بولسام بولاپتىكەن، تىلىمنى تۇتالمىدىم / يىغالمىدىم…

ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم، بىر ساراڭلىق قىلدىم…

كۆرگىنىڭىزدەك ھەممىسىدە « تۇتۇش » ئىجابىي تۈس مەنىسىگە ئىگە. قوبۇل قىلىش، ئىگە بولۇش، سۆيۈش، ئۈلپەت پەيدا قىلىش، ئىگە بولۇش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، ئۆزىنى بىلىش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى مەنىسى. « ئۆزىنى تۇتىۋېلىش » ھەقىقەتەن قېيىن بىر ئىش. ئىنسانغا كەلگەن مۇسىبەت « ئۆزىنى تۇتالماي قالغانلىقى »دىن كېلىدۇ. گۇناھلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. ئەڭ قەبىھ جىنايەتلەر ئۆزىنى تۇتالماي قالغاندا يۈز بېرىدۇ. ئىنسان تىلىنى يىغالمىغان ۋاقىتتا، رەنجىتىدۇ ۋە رەنجىپ قالىدۇ. قولىنى تىزگىنلىيەلمىگەن ۋاقىتتا، ئۇرۇپ – چاقىدۇ. ئۆزىنى تۇتالمىغان ۋاقىتتا، خۇدىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ، ئۆزىگە ئۇۋال قىلىدۇ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ…

ئۆزىنى تۇتالمىغان كىشى ئويۇنچاققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ تىزگىنلىگۈچى ئەمەس، ئەكسىچە مەھكۇم بولۇپ قالىدۇ. خوجايىن بولالمايدۇ، قۇل بولىدۇ. تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەمەس، تەسىرگە ئۇچىرىغۇچى بولىدۇ. ھايات ئۇلىقىنىڭ ئۈستىدە ئەمەس، ئەكسىچە ھايات ئۇلىقى ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىۋالغان بولىدۇ. ھاۋايى – نەپسىنى تىزگىنلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا ئەسىر بولىدۇ. ئاڭلىق ھالدا مۇئامىلە قىلمايدۇ. چۈنكى زېھنىنى يوشۇرۇن ئاڭ ( مېڭىگە ئورناپ كەتكەن خاتا چۈشەنچە ) تىزگىنلىۋالغان بولىدۇ. ھالبۇكى، زېھىن يوشۇرۇن ئاڭنى تىزگىنلىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە بولغاندا، ئات بىلەن چەۋەندازنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان؛ چەۋەنداز ئاتنىڭ ئۈستىدە ئەمەس، ئات چەۋەندازنىڭ مۈرىسىدە بولۇپ قالىدۇ.

ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ئىنسان قىلالايدىغان قېيىن ئىش. روزا، بىزنى مانا بۇ قېيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بىز « تۇتتۇق » دەپ ئويلىغان روزا، ئەسلىدە بىزگە ئۆزىمىزنى تۇتۇشنى ئۆگىتىدۇ. يېمەك – ئىچمەك تۇيغۇمىزنى، شەھۋىتىمىزنى تىزگىنلەشنى ئۆگىتىدۇ.

ھېس – تۇيغۇلىرىنى تىزگىنلىيەلمىگەن كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ھارام – ھالال دېمەي يىغقانسىرى يىغىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى، سىرىپ – سۈپۈرۈپ ماڭىدىغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. يەپ – ئىچىش تۇيغۇسىنى تىزگىنلىيەلمىگەن كىشىنىڭ ئاچ قىلىشتىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئاچ قالغان كىشىنى تويغۇزۇش ئاسان، لېكىن ئاچ قىلىش ئەندىشىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارغا پۈتۈن دۇنيانى يىگۈزسىڭىزمۇ تويغۇزالمايسىز، بۇنىمۇ بىلىمىز.

روزا تۇتۇش نەپسىنى تىزگىنلەش بولۇپ، ئۇلارنى تىزگىنلەپ تۇرۇشتۇر. يوشۇرۇن ئاڭنىڭ زېھىننى تىزگىنلىمەسلىكى ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئاڭنى دائىم تىزگىنلەپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، زېھىننى ئازدۇرغۇچى نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپ قىلىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

ئىچكى ھېس – تۇيغۇلار تىزگىنلەنسە، ئۇلارنىڭ ئاڭنى ئەسىر قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنسا، بۇنىڭ ھەم ئاڭ ھەم ئىرادىنىڭ كۈچلىنىشىگە ياردىمى بولىدۇ. ئاڭ كۈچلەنسە، شەخسىيەت / خاراكتېر كۈچلىنىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ يولى. مانا بۇ سەۋەپتىن روزىنى پەرز قىلغان ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىدۇ: « بۇ ئارقىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىشىڭلار ئۈچۈن… ». ئايەتنىڭ بۇ قىسمى روزىنى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئىنساننىڭ ئاڭ، ئىرادە ۋە شەخسىيەت سەۋىيىسى، ئۇ ئىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ تۇيغۇ ئاساسىدا ئادا قىلىنغان ھەر « ياخشىلىق »، پەزىلەتلىك ئىش دەپ سۈپەتلىنىدۇ. مانا بۇ پەزىلەتنىڭ ئۆزى.

مانا بۇ سەۋەپتىن روزا تۇتۇش ئۆزىنى تۇتقانلىق بولىدۇ. كىشى روزىنى قانچىلىك تۇتسا، روزىمۇ كىشىنى شۇنىڭغا لايىق تۇتىدۇ. كىمكى روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتسا، روزىمۇ ئۇنىڭ بېشىنى تىك تۇتىدۇ ۋە بەندىگە قۇل بولۇشتىن ساقلايدىغان قالقان، بەندىگە قۇل بولۇشتىن ساقلايدىغان بىر ئەقىلگە ئايلىنىدۇ.

روزىغا ھەددىدىن زىيادە مەنا بەردى دەپ ئويلاپ قالغانلار، روزىنىڭ مىسلىسىز بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ تەڭدىشى يوق بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىشى كېرەك. بىر پارچە، ئۆز رولىنى ئۆزى ئائىت بولغان ئەڭ بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىدە جارى قىلدۇرىدۇ. ئىسلام بىر پۈتۈن ھايات شەكلى بولۇپ، روزا، ناماز، زاكات ۋە باشقا ئىبادەتلەر بۇ بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ بىرەر پارچىسى. خۇددى ئىنساننىڭ ھۇجەيرىلىرىگە ئوخشاش، دىننى تەشكىل قىلغان ئامىللارمۇ ئۆز ئىچىدە پاراللىل ۋە يانتۇ مۇناسىۋەتكە ئىگە بولىدۇ. روزىغا مانا بۇ سەۋەپتىن ئائىت بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىدىن قاراش كېرەك. روزا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىگە پەقەت بۇ شەكىلدە ئىگە بولالايدۇ.

ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ. لېكىن ئالدى بىلەن « ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ ». ئۆزىنى تۇتالمىغان كىشى ئۆزىگە ياخشى قارىيالمايدۇ. ئۆزىنى تۇتالمىغان كىشى روزىنى تۇتالمايدۇ.