ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 17 – ئابزىسى
[ ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! شۇنى ئەقلىڭدىن چىقارمىغايسەن ]:
ئاللاھ بەندىلىرىنى قىلمىشلىرىغا مەجبۇر ۋە مەھكۇم قىلمىغان بولۇپ، ئۇ پەقەت « ئەگەر سىلەر مۇنداق قىلساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە مۇنداق قىلىمەن » دېگەن. ئۇلارنى ئۆزىگە بەندىچىلىك قىلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە ئۆزىدىن ياردەم تىلەشكە بۇيرىغان، ھەمدە ئۇلارغا قىلمىشىغا يارىشا مۇكاپات ۋە جازا بەرگەن. ئەگەر بەندىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىكى ( خەيىر )نى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ مۇ ئۇلارغا ئارقىمۇ -ئارقىدىن ياردەم ئەۋەتىدۇ ۋە ئۇ ھەقتە ئاسانلىق ئۈستىگە ئاسانلىق، مۇۋەپىقيەت ئۈستىگە مۇۋەپپەقىيەت بەخش ئېتىدۇ. ئاللاھ ئىنايىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشىنى ۋە يامانلىقلارنى تەرك قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئىتائەت قىلىپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىكىنى تىلىگەن كىشى ھەققىدىكى ئاللاھ نىڭ ھۆكمى مانا مۇشۇنداق.
ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ چۈشەنچە ئۈستىدە سەنمۇ ئوبدان ئويلۇنۇپ كۆرگىن. ھەرگىزمۇ: « ئاللاھ بەندىلىرىگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى، يەنە شۇ بەندىلىرىگە تەقدىر قىلغان… ئاۋۋال ئۇلارغا بۇيرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا ئۆزى توسالغۇ بولغان… ئۇلارغا قازايى – قەدەر قىلىپ پۈتىۋەتكەن تۇرۇغلۇق [ ئۇلارنى دەۋەت قىلىش ئۈچۈن يەنە ] ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن، ئاندىن كېيىن يەنە ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدىغان توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتۈپ دەۋەتكە ئىجاۋەت [ قىلالمىدى ] دەپ مەڭگۈلىك ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ! » دېمىگىن. ئاللاھ، بۇ زالىملار نىسبەت قىلغان سۈپەتلەردىن پاكتۇر، ئۇ مۇتلەق ئۇلۇغدۇر ۋە تەڭداشسىز بۈيۈكتۇر.
بۇ نادانلار كىمگە ئېتىراز قىلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشمايۋاتامدۇ؟! ئۇلار باشقا بىرىگە ئەمەس، ئۇلۇغ ئاللاھ قا ئېتىراز قىلىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ئىمان ئېيتىڭلاركى ( بۇ ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق » ( نىسا، 170 ). ئەمما بۇ نادانلار گۇرۇھى مۇنداق دېيىشىدۇ: « ئۇلارنى ئىمانغا ئېلىپ بارىدىغان يول تاقالغاندۇر ».
ئاللاھ: « ئاللاھ قا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار » ( ئەھقاف، 31 ) دېسە، بۇ نادانلار: « ئاللاھ، ئۇلارنىڭ ئىجابىتى بىلەن ئۆزىنىڭ دەۋىتى ئوتتۇرسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر توساق پەيدا قىلغان » دەيدۇ.
ئاللاھ: « رەببىڭلادىن كەلگەن چەكسىز مەغپىرەت ئۈچۈن بەسلىشىڭلار! » ( ھەدىد، 51 ) دەيدۇ. بۇ نادانلار: « ئۇلار قانداقمۇ بەسلىشەلىسۇن؟ ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا مەھكۇم ۋە مەجبۇر قىلغان » دەيدۇ.
ئاللاھ: « ئۇلار نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟ » ( ئىنىشقاق، 20 ) دەپ سورىسا، بۇ نادانلار: « چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا توسالغۇ بولدى، ھەم ئۇلارنى كۇپۇرغا مۇپتىلا قىلدى » دەيدۇ.
ئاللاھ: « ئى ئەھلى كىتاپ! ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمايسىلەر؟ » ( ئالىئىمران، 70 ) دەپ سورىسا، بۇ نادانلار: « چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا كۇپۇرنى قەدەر قىلىۋەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى پىچەتلىۋەتكەن » دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى مىساللارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ قا ئېتىراز قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يامان گۇماندا بولغانلىقنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىساللىرىدۇر.