قۇرئان مۇھتەدىلەر ( ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەر ) ئۈچۈن ئەمەس، مۇتتەقىلەر( مەسئۇلىيەتچانلار)  ئۈچۈن ھىدايەتتۇر

سوئال: بۇ ئايەتنىڭ تېمىسى بولغان « ئىلاھىي ھىدايەت »نى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟

ئەلجاۋاپ: « تەقۋا » ئۇقۇمىنى توغرا شەكىلدە چۈشەنمەي تۇرۇپ، ھىدايەتنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.  تەقۋا ئۇقۇمىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، بەقەرە سۈرىسى 2 – ئايەتنى توغرا شەكىلدە چۈشۈنۈش لازىم. ئالدى بىلەن بۇ ئايەتكە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:

« بۇ كىتاپتا ( يەنى قۇرئاندا ) ھېچ شەك يوق، ( ئۇ ) مۇتتەقىلەرگە / تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر / ھىدايەتتۇر ».

« بۇ كىتاپتا ( يەنى قۇرئاندا ) ھېچ شەك يوق، ( ئۇ ) ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يەتكۈچىلەرگە يېتەكچىدۇر ».

ئايەتتىكى « هُدًى لِّلْمُتَّقِينَ  – ھۇدەللىل مۇتتەقىين (مۇتتەقىلەرگە ھىدايەتتۇر ) » ئىبارىسى، ئاۋام زېھنىدىكىگە ئوخشاش ھىدايەتنى تەقۋانىڭ ئۇلىغا ئەمەس، بەلكى تەقۋانى ھىدايەتنىڭ ئۇلىغا يەرلەشتۈرمەكتە ( يەنى ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەر مۇتتەقى بولىدۇ ئەمەس، ئەكسىچە مۇتتەقى بولغانلار ھىدايەت تاپىدۇ دېمەكتە ). ئەگەر تەقۋانىڭ ئۇلىدا ھىدايەت بولغان بولسا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ئىبارە مۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى: « تەقۋان لىل مۇھتەدىن ». يۇقىرىدا ئۆرنەكلىرى تىلغا ئېلىنغان ئېرپان ئەھلىنىڭ « تەقۋا » ئېنىقلىمىسى – پۈتۈنلەي ھىدايەتنى تەقۋانىڭ ئۇلىغا يەرلەشتۈرگەن ئىزاھاتتۇر. بۇنداق بولغاندا، شۇئەرا 106 – ئايەتتىكىگە ئوخشاش كاپىرلارغا قارىتىلغان « تەقۋادارلاردىن بولمامسىلەر؟ » خىتابىدىكى « تەقۋا » ئۆز مەنىسىنى يوقاتماقتا. « بېراۋ مۇتتەقى بولغان بولسا ھىدايەتكە ئېرىشكەنلىكتىن بولىدۇ، ھىدايەتكە مۇھتاج بولغان بولسا تېخى مۇتتەقى بولمىغان بولىدۇ » شەكلىدىكى چۈشەنچە، ئايەتتىكى ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ بىر ھەقىقەتكى، ئىنسان ئېڭىنىڭ تاكامۇللىشى چېكىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن « تەقۋا »، چېكى يوق سەپەرگە ئوخشايدۇ. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بىرسىنىڭ ئاخىرلىشىش، يەنە بىرسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىنى تەشكىل قىلىدىغان تاكامۇللىشىش جەريانى بولۇپ، ئۇ، كاپىرنى ئىمانغا، مۇئمىننى ئېھسانغا، مۇھسىننى ئىكان ( تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا تونۇپ يېتىش )غا، مۇنكىرنى ئېرپانغا ئۇلاشتۇرىدۇ.

بەقەرە سۈرىسى 2 – ئايەتتە، ھىدايەتتىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان ۋە ھىدايەتكە سەۋەپ بولغان تەقۋا تىلغا ئېلىنماقتا. ھىدايەتتىن بۇرۇنقى تەقۋا « مەسئۇلىيەت ئەخلاقىدۇر ». بۇ ئەخلاقنىڭ ئىتتىرگۈچى كۈچى بولغان ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، كىشىنى ھىدايەت بوسوغۇسىغا ئېلىپ كېلىدۇ. مۇھتەدىلەرنىڭ ھاياتىغا دىققەت بىلەن نەزەر سالغان ۋاقتىڭىزدا بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىسىز.

ھىدايەتتىن بۇرۇنقى تەقۋانىڭ « مەسئۇلىيەت ئەخلاقى » ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئۆرنەك، رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتى مۇناسىۋەتلىك بولغان تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتتۇر:

  1. « سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك / گۈزەل ئەخلاققا ئىگىسەن » ( قەلەم، 4 ).
  2. « سەن ( ۋەھىدىن ئىلگىرى ) قۇرئان ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ » ( شۇرا، 52 ).

بۇ ئىككى ئايەتنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلغان ۋاقتىمىزدا مۇنداق يەكۈن چىقماقتا: كىتاپ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن، گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغان كىشى. ئۇنداقتا، كىتاپ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئىگە بولغان گۈزەل ئەخلاق نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ دەل، ئابدۇللاھ ئوغلى مۇھەممەدنى ئىش – ئوقۇتى قەدىر ئەھۋال بىر تىجارەتچىلىكتىن قول ئۈزگۈزۈپ، ھىراغا ئېلىپ بارغان « مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى » ئىدى. بۇ تۇيغۇ شۇنداق يۇقىرى دەرىجىدە ھېس قىلىنغان بولۇپ، نەتىجىدە ئۇ « ئالەملەرگە رەھمەت رەسۇلۇللاھ مۇھەممەد » سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسلەم بولغانىدى.

نېمە دېگەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە مىسال كۇپا قىلىدۇ:

مەككە فەتھى جەريانىدا 60 ياشتا مۇسۇلمان بولغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 60 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، ھەزرىتى خەدىچەنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى، رەسۇلۇللاھنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى دوستى ھاكىم بىن ھىزام بىلەن رەسۇلۇللاھ ئارىسىدا مۇنداق بىر دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن:

أي رسول الله أرأيت أمورا كنت أتحنث بها في الجاهلية من صدقة وعتاقة أو صلة رحم أفيها أجر؟

فقال: أسلمت على ما أسلفت من خير

ھاكىم بىن ھىزام:

  • ئى ئاللاھ نىڭ رەسۇلى! جاھىلىيەت دەۋرىدە ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەتكە ۋاقىت چىقىراتتىم، سەدىقە بېرەتتىم، قۇل ئازاد قىلاتتىم ۋە ئۇرۇق – تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىگە رىئايەت قىلاتتى. مېنىڭ بۇ ئەمەللىرىمگە ئەجىر بارمۇ؟ رەسۇلۇللاھ:
  • سەن ئۆتمۈشتە قىلغان بۇ ياخشىلىقلار سايىسىدە مۇسۇلمان بولدۇڭ ( بۇخارى، 1369؛ مۇسلىم، ئىمان، 123؛ مۇسنەدى ئەھمەد، III، 434 ).

ھاكىم بىن ھىزامنىڭ ھىدايەتتىن بۇرۇنقى « مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى » بىلەن قىلغان مۇئامىلىسى، ئۇنى ھىدايەت بوسوغۇسىغا ئېلىپ كەلگەن سەۋەب ئىدى.

ھىدايەتتىن ئىلگىرىكى تەقۋانىڭ ئىگىسىنى ھىدايەت بوسوغۇسىغا ئېلىپ كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مىسالغا قاراپ باقايلى:

مەشھۇر ئەرەپ شائىرى فەرەزداقنىڭ بوۋىسى سائ سائا بىن ناجىيە، ھەم جاھىلىيەت دەۋرىنى، ھەم ئىسلام دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر كىشى ئىدى. بۇ زات، جاھىلىيەت دەۋرىدە تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىلمەكچى بولغان قىز بوۋاقلارنى، ئائىلىسىدىن سېتىۋېلىپ قۇتقۇزۇپ قېلىش بىلەن تونۇلغان مەشھۇر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بۇ يول بىلەن 360 قىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ناجىيە ئانا ئىسمى بولىشىمۇ مۇمكىن، تونۇلغان ئۇنۋان بولىشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم فامىلىسىدە يەر ئالغان ۋە « نىجادكار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ناجىيە ئىسمى، ئۇنىڭ بۇ خەيىرلىك ئىشى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ياكى سائ سائانىڭ ئانىسىمۇ بۇ شەكىلدە قۇتقۇزىۋېلىنغان بىر خانىم بولىشى ۋە بۇ ئامىل ئۇنىڭ بۇ خەيىرلىك ئىشنى قىلىشىدا تۈرتكىلىك ئوينىغان بولىشى مۇمكىنمۇ؟

جاھىلىيەت دەۋرىدە ۋىجدانىنىڭ نىداسىغا قۇلاق سالغان بۇ جەسۇر كىشى، رەسۇلۇللاھ بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبىتىنى مۇنداق نەقىل قىلغان:

  • ئى ئاللاھ نىڭ رەسۇلى! مەن جاھىلىيەت مەزگىلىدە بەزى ئىشلارنى قىلدىم. ئۇ ئىشلار سەۋەپلىك ماڭا بىر ساۋاپ ۋە ئەجىر بارمۇ؟ تىرىك كۆمۈۋېتىلىش ئالدىدا تۇرغان 360 بوۋاق قىزنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدىم. ھەر بىرى ئۈچۈن ئىككى تۇياق ئون ئايلىق ھامىلە تۆگە بەردىم. بۇ ئىش سەۋەپلىك ماڭا بىر ئەجىر بارمۇ؟ – دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ:
  • لك أجره إذ من الله عليك بالإسلام – ساڭا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ سېنى ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلدى ( تەبارانى، ئەلمەجۇمۇل كەبىر، 7412؛ فەتھۇل بارى، 5630 ).

رەسۇلۇللاھ « ئىنسانلار مېتالغا ئوخشايدۇ. جاھىلىيەت مەزگىلىدە ياخشى بولغان كىشى، ئاڭلىق كىشى بولغان بولسا، ئىسلامدىمۇ ياخشى كىشىلەر قاتارىدىن بولىدۇ » دېگەندە، ئەسلىدە ھىدايەتتىن ئىلگىرىكى ھاياتىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەل قىلغانلارنى نەزەردە تۇتقانىدى. « ئاللاھىم! ئىسلامنى ئۆمەر بىن خەتتاب ياكى ئامر بىن ھىشام ( ئەبۇ جەھىل ) بىلەن ئېزىز قىلغىن! » دەپ دۇئا قىلغاندىمۇ يۇقىرىدىكى چۈشەنچە نوقتىسىدا تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغانىدى.

بۇ ئەھۋال ئاستىدا مائىدە سۇرىسىنىڭ 16 – ئايىتىنى قانداق چۈشىنشىمىز كېرەكلىكى ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ: ئىنسان ئىماننى تاللىغاندا، ئىمانمۇ ئىنساننى تاللايدۇ، ئەكسىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنى ئىنسان « ئاللاھ نىڭ يېتەكچىلىكى » دېيىشكە بولىدىغان ھىدايەتكە ئىنتىلىشى ۋە ئۇنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئاللاھ مۇ توغرا يولغا باشلىشىنى تەلەپ قىلغان كىشىنىڭ تەلىۋىنى قوبۇل قىلىپ، يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ۋەجىدىندۇركى ئىنساننى ھىدايەتكە ئۇلاشتۇرىدىغان نەرسە ئۇنىڭ ھىدايەتتىن بۇرۇنقى تەقۋاسىدۇر. ھىدايەتتىن بۇرۇنقى تەقۋا، مەسئۇليەت تۇيغۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىش – ھەركەتلەردۇر.

مەسىلىنىڭ نىگىزلىك نوقتىسى بولغان « مەسئۇليەت ئېڭى » ئۇقۇمى، بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، « مەجبۇرىيەت / زورلاش » ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. يەنى، مەسئۇل بولغان كىشى مەجبۇر بولغان بولمايدۇ، مەجبۇر بولغان كىشى ھەرگىزمۇ مەسئۇل بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن « لاَ إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ – دىندا زورلاش يوق » دەيدۇ قۇرئان كەرىم. دىندا تەكلىپ بار. ئىنسان ئاللاھ نىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى ئالدىدا مەھكۇم ۋە مەجبۇر ئەمەس، پەقەت مۇكەللەپ ۋە مەسئۇلدۇر. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانغا بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇش ياكى بويسۇنماسلىق ئىختىيارلىقى / ئەركىنلىكنى بەرگەن. بۇ ئىرادىنىڭ ھەققى بولۇپ، مانا بۇ ئىنساننى بارچە مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن قىلغان ئامىل. مانا بۇ سەۋەپتىن ئەلبەسىرنىڭ بۇ باپتا كۆرسەتكەن ئەڭ ئاخىرقى دەلىلى ئەئراف سۈرىسىنىڭ 96 – ئايىتىدۇر. ئۇ ئايەتنىڭ يېنىغا تۆۋەندىكى ئايەتنىمۇ قويۇش كېرەك:

« ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان كىتاپلارغا ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار چوقۇمكى ئۈستلىرىدىن ۋە ئاياقلىرى ئاستىدىن رىزىقلانغان بولاتتى ( يەنى ئاسمان – زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى )، ئۇلاردىن بىر جامەئە توغرا يولدىدۇر، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نېمە دېگەن يامان ئىش قىلغۇچىلار – ھە! » ( مائىدە، 66 ).