خاتىمە

 

ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر.

مەۋجۇدات ئالىمىدە ھەممە نەرسە ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، ئۇنىڭ تەقدىرىسىز ھېچنەرسە روياپقا چىقمايدۇ.

ئاللاھ نىڭ بىر نەرسىنى تەقدىر قىلىشى، ئۇ نەرسىنى بىر « ئۆلچەم » بىلەن يارىتىپ، ئۇنىڭغا بىر « قانۇنىيەت، ھالەت، ۋاقىت، ماكان، مۇددەت » بەلگىلىشىدۇر. « ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ سىرتىدا ھېچنەرسە بولمايدۇ » دېگەنلىك، « ئۇ ھېچبىر نەرسىنى قانۇنىيەتسىز، مەقسەتسىز » ياراتمىغان دېگەنلىكتۇر. ياراتقان ھەر شەيئىنى بىر « قەدەر، ئۆلچەم  » بىلەن يارىتشمۇ ئۇنىڭ تەقدىرىدۇر.

ئاللاھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان ئىرادىسىز مەۋجۇداتلارنىڭ تەقدىرىنى / قەدىرىنى، ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنىيەتلەرگە تەۋە قىلغان بولۇپ، ۋەھىي ئۇ قانۇنىيەتلەرنى « ئاللاھ نىڭ سۇننىتى  (سۇننەتۇللاھ ) » دەپ ئاتايدۇ. ئاللاھ نىڭ سۇننىتىدە ھەرگىزمۇ قىلچىلىك ئۆزگۈرۈش ۋە بۇزۇلۇش بولمايدۇ. ئىرادىسىز بىر مەۋجۇدات تەۋە بولغان قەدەر سۇننەتۇللاھتۇر، بۇنى سىتاتىك ( ئۆزگەرمەس ) قەدەر دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

ئىنسانغا ئوخشاش ئىرادىگە ئىگە مەۋجۇداتلارغا كەلسەك:

  1. ئىرادىسگە تەۋە بولمىغان ئەھۋاللار ۋە ھادىسىلەر: ئىنساننىڭ د ن ئا، ر ن ئا ( DNA & RNA )سى، قان تىپى، گىن خەرىتىسى، رەڭگى ۋە بوي ئېگىزلىكى… قاتارلىق نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر ئىنساننىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا روياپقا چىقىدۇ. بۇلارمۇ خۇددى يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ نىڭ سۇننىتىگە ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
  2. ئىنسان ئىرادىسىگە تەۋە بولغان ۋەقە ۋە ئەھۋاللار: ئاللاھ، ئىرادىگە تەۋە بولغان ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ تەقدىرىنى، ئامانەت قىلغان ئىرادىگە تاپشۇرغان. ئىرادىنىڭ ئۆزىمۇ ئاللاھ نىڭ تەقدىرىدۇر. ئىنسان، ئىرادىسى بىلەن قىلغان قىلمىشلىرىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. ئۇنى جاۋاپكار قىلغۇچىمۇ ئىنسانغا ئىرادىنى ئامانەت قىلغان ئاللاھ تۇر. ئىنسان ئىرادىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىش – ھەرىكەتلەردە، ئىنساننىڭ تەقدىرى / قەدەرى تاللاشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى دىنامىك ( ئۆزگۈرۈشچان ) قەدەر دېيىشكە بولىدۇ.

جانابى ئاللاھ، ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ياراتقان ئىنساننىڭ خالىشىنى / تاللىشىنى خالىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۇللى ئىرادىسىنىڭ ئىچىگە، ئىنساننىڭ جۈزئى ئىختىيارىنى قويغان. كۇللى يارىتىشىنىڭ ئىچىگە ئىنساننىڭ جۈزئى يارىتىشىنى قويغان. بۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ تاللاش ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ يارىتىشى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە ئىنسانغا قەدىر – قىممەت قوشقان. ئىنساننى زاماننىڭ ئىلكىدىكى شەيئى بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، زاماننىڭ تىزگىنىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى قىلغان. ئىنسان بۇ ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە تارىخ يارىتىش شەرىپىگە ئېرىشكەن.

ئاللاھ ئۆز زاتىغا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر: « ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد ( بەرھەق ) يوقتۇر » ( ئالىئىمران، 18 ). بىراق ئۇ ئىنساننىڭمۇ ئۆزىگە گۇۋاھچى بولۇشىنى ئىرادە قىلغان، ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ يېنىغا ئىنساننىڭمۇ گۇۋاھلىقىنى قويغان.

سۆزنىڭ مېغىزى، رەببىمىزنىڭ سۆزىدۇر. بىز پانىلارنىڭ سۆزى پەقەت ۋە پەقەت باقى بولغان ئاللاھ نىڭ سۆزىنىڭ ئاستىغا يېزىلغان بىر ئىزاھاتقا ئوخشاشتۇر.

ئۇلۇغ ئاللاھ « مەن خالىغان كىشى ئىمان ئېيتىدۇ، مەن خالىغان كىشى كاپىر بولىدۇ » دېمىدى، ئەكسىچە « خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن » ( كەھىف، 29 ) دېدى.

ئۇلۇغ ئاللاھ « ھىدايىتىڭلار ۋە زالالىتىڭلار پىشانەڭلارغا پۈتىۋېتىلگەن » دېمىدى، « كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن ھىدايەت تاپقانلىقنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن ئازغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر » ( ئىسرا، 15 ) دېدى.

ئۇلۇغ ئاللاھ « دۇئا قىلساڭلارمۇ، قىلمىساڭلارمۇ پەرقى يوق، نېمىنى پۈتكەن بولسام شۇ بولىدۇ » دېمىدى، « ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن ( دۇئايىڭلارنى ) قوبۇل قىلىمەن » ( غافىر، 60 ) دېدى.

ئۇلۇغ ئاللاھ « سىلەر مەن پۈتكەن يولدا مېڭىشقا مەجبۇرسىلەر » دېمىدى، « خالىغان كىشى راۋۇرۇس يولدىن ماڭسۇن » ( تەكۋىر، 28 ) دېدى.

ئۇلۇغ ئاللاھ « بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەت مەن سىلەرگە پۈتىۋەتكەنلىكتىندۇر » دېمىدى، « ئۇ سىلەرنىڭ ئۆز قىلمىشىڭلاردىن بولدى » ( ئالىئىمران، 165 ) دېدى.

ئۇلۇغ ئاللاھ « بىز ھەر ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىنى ئۆز قازايى – قەدەرىگە باغلىق قىلدۇق » دېمىدى، دەل ئەكسىچە « ھەر ئىنساننىڭ قەدەرىنى ئۆز تىرىشچانلىقىغا باغلىق قىلدۇق » ( ئىسرا، 13 ) دېدى.

ئۇلۇغ ئاللاھ « مەن ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەرنى پۈتىۋەتكەن كىشىلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ » دېمىدى، « ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ » ( ئەسر، 3 ) دېدى.

بەزىلەر ئاللاھ نىڭ بىر سۆزىگە ئىشىنىپ، يەنە بىر سۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. « ئاللاھ نىڭ ھەر نەرسىنى يازغانلىقىغا ئىشىنىدۇ » ( ئەنئام، 59 )، بىراق « ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ » ( رەئىد، 59 )غا ئىشىنىشتە ئىككىلىنىدۇ. ئاللاھ نىڭ يېزىش قۇدرىتىگە ئىشىنىدۇ – يۇ، يازغىنىنى ئۆچۈرۋېتىش قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدۇ.

بەزىلەر ئاللاھ نى ھۆكمىنىڭ مەھكۇمى دەپ قارايدۇ، ھۆكمىنىڭ ھاكىمى دېيەلمەيدۇ.

بەزىلەر قەدەرچىلىككە باھانە – سەۋەپ سۈپىتىدە ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى ئۆزىگە دەلىل قىلىدۇ. بۇنداق قىلغانلار ئاللاھ نى ئۆزىنىڭ ئىلمى – مەلۇماتىغا مەھكۇم قىلىشقانلىقلىرىنى ھېس قىلىشمايدۇ.

ئاللاھ ئۆز زاتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

وَهُوَ الْخَلَّقُ الْعَل۪يمُ

« ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر » ( ياسىن، 81 ).

بەزىلەر ئۇنىڭ ھەممىنى بىلگۈچى ئالىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، بىراق « ھەر دائىم يارىتىپ تۇرغۇچى » خەللاق ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنمەيدۇ. خەللاق دېگەنلىك: يارىتىش ئىشىدىن بىر دەم بولسىمۇ قولىنى ئۈزمىگەن دېگەنلىكتۇر.

خەللاق دېگەنلىك:يارىتىش ئىشىنى زاتىغا ھۆنەر قىلغان دېگەنلىكتۇر.

خەللاق دېگەنلىك: ئىنسان كىشىلىكىنىڭ ھەر ۋاقىت يېڭىدىن يارىتىلغانلىقىنى ئىنسانغا خەۋەر بېرىش دېگەنلىكتۇر. ئىنساننىڭ « ئۆزىنى ئۆزگەرتىش قابىليىتىنى » ( رەئىد، 11 ) ئىنسانغا ئەسلىتىپ تۇرۇشتۇر. دېمىسىمۇ ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ « ئىككى كۈنى ئوخشاش بولغان كىشى زىيان ئىچىدىدۇر » دېگەن سۆزى، خەللاق ئىسمىنىڭ سىرىغا بىلىپ يەتكەن بىر ئەقىلنىڭ چىقارغان يەكۈنىدۇر.

ئاللاھ نىڭ خەللاق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش، ئاللاھ نىڭ ھەممە نەرسىنى يېزىپ پۈتىۋېتىپ، ئاندىن بىر چەتكە چىقىپ ھەر نەرسىدىن قول ئۈزگەنلىكى چۈشەنچىسىنى رەت قىلغانلىقتۇر. چۈنكى: « ئاللاھ ھەر ۋاقىت ھاياتقا ۋە مەۋجۇدىيەتكە ئاكتىپ ئارلىشىدۇ ( يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ ) » ( رەھمان، 29 ).  ئاللاھ نىڭ خەللاق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش، ئاللاھ ئىرادە، ئەقىل ۋە ۋىجدان ئاتا قىلغان ئىنسان ھاياتىنىڭ دەل ئىچىدە ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقانلىقتۇر. بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش، بەندىنىڭ ئىرادىسى بىلەن روياپقا چىققان ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ، خەللاق بولغان ئاللاھ نىڭ كېيىنكى باسقۇچتا يارىتىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشتۇر. بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش پەيتكە مەھكۇم بولماسلىقتۇر. بۇ پەيت مەيلى ئۆتمۇش ياكى بۈگۈن ۋەياكى كەلگۈسىگە مەنسۇپ بۇلۇشتىن قەتئىينەزەر ھېچبىرىگە مەھكۇم بولماسلىقتۇر. نەپسىگە قاراپ « ئەگەر سەن قىلساڭ، خەللاق بولغان ئاللاھ سېنىڭ ھەرىكىتىڭگە مۇناسىپ بىر يارىتىش بىلەن ھاياتقا داخىل بولىدۇ، يارىتىشىنى يېڭىلايدۇ » دەپ ئىمان ئېيتىشتۇر.

چۈنكى ئاللاھ، ئەقىل ۋە ئىرادە بىلەن ئېمتىھان قىلغان ئىنساننىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ:

« ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ » ( نەجم، 39 ).

ئى ئىنسان !

ئاللاھ ساڭا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرغان ئىرادىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئەمگىگىڭنى قەدىرلەيدۇ.

ئۇنداقتا سەنمۇ ئۆز ئىرادەڭگە ھۆرمەت قىل، ئۆز ئەمگىكىڭگە ھۆرمەتسىزلىك قىلما! ھۆرمەتسىزلىك قىلمىغىنكى، نەمرۇتلارغا، پىرئەۋىنلەرگە، ئەبۇ لەھەبلەرگە قىسقسى زالىملارغا ۋە دېكتاتۇر ھاكىميەتلەرگە باھانە بولۇپ بەرمىسۇن .

ئەمگىكىڭگە ھۆرمەتسىزلىك قىلساڭ، ئاللاھ قا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىسەن. چۈنكى سەن ئاللاھ نىڭ بىۋاستە ئەجىر سىڭدۈرگەن ئەمگىكىسەن.