ئاللاھ بەندىلىرىنى مەجبۇر قىلمىغان، ئەكسىچە مەسئۇل قىلغان

 

ئىرادىنى بىكارغا چىقىرىدىغان ھەر قانداق قەدەر چۇشەنچىنىڭ ئاخىرى بېرىپ توختايدىغان يېرى « مەسئۇليەتسىزلىكتۇر ».

مەسئۇليەتسىزلىك ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

  1. ئىرادىسىز مەسئۇليەتسىزلىك. بۇ خىل مەسئۇليەتسىزلىك جازاغا تارتىلمايدۇ. ساراڭنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكى بۇ كاتىگورىيەگە كىرىدۇ. ساراڭ ئەقلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئۇيقىدىكى ئادەمنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكىمۇ بۇنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇخلاۋاتقان بىر كىشىنىڭ باشقا بىر كىشىنىڭ ئۇستىگە چۈشۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولسا ئۇ كىشىنى قاتىل دېگىلى بولمايدۇ، جازاغا تارتقىلىمۇ بولمايدۇ. ئەقلى قابىليىتى تەرەققىي قىلمىغان بىمار سادىر قىلغان جىنايىتى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ.
  2. ئىرادىگە ئىگە مەسئۇليەتسىزلىك. بۇ خىلدىكى مەسئۇليەتسىزلىك جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ، جازالىنىدۇ. يەنى ئىرادىسى ۋە ئەقلى – ھۇشى جايىدا بولغان ئادەم جاۋاپكارلىققا ئىگە، بۇ ۋەجىدىن ئۇ مەسئۇليەتسىزلىك قىلالمايدۇ. ئەگەر مەسئۇليەتسىزلىك قىلسا جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. مەسئۇليەتنىڭ دىنى تىلىدىكى ئىپادىسى « تەكىلپ » بولۇپ، دىننىڭ بارچە ئەمىر – پەرمان ۋە چەكلىمىللىرى « تەكلىپ » دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارغا شەرىئى نوقتىدىن تەكلىپ قىلىنغان ھەر قانداق ئاقىل – بالىغ ئىنسان « مۇكەللەپ » دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ دىنى تىلىدىكى ئىپادىسى « جاۋاپكار »دۇر.

ئىمام ئەلبەسىرى ئېيتىدۇكى: « ئۇ ( ئاللاھ )، ئەگەر سىلەر مۇنداق قىلساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە مۇنداق قىلىمەن » دېگەن ۋە ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى ياكى مۇكاپاتىنى بەرگەن. ئاللاھ بۇنداق دېيىش ئارقىلىق بەندىلىرىنى ئالدىنئالا بېكىتىۋەتكەن ئەمەل قېلىپلىرىغا مەھكۇم ۋە مەجبۇر قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەمەل قىلىشتا ئەركىن – ئازادە قويىۋەتكەن. ئىنسانلارغا ئىرادە بەرگەن بولۇپ، ئاللاھ، ئىرادىسى بىلەن تاللىغان ئەمەللىرىدە ئىنسانلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ.

ئەگەر بەندىلىرىنى ئىش – ھەرىكەتلىرىدە ئەركىن – ئازادە قويىۋېتىشنىڭ ئورنىغا، ئالدىنئالا بەلگىلىۋەتكەن ئىش – ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇر ۋە مەھكۇم قىلغان بولسا ئىدى، بەندىلىرىدىن تەكلىپ، يەنى « مەسئۇليەت / جاۋاپكارلىق »كۆتۈرۋېتىلگەن بولاتتى. بەندىچىلىك مەسئۇلىيىتى ئەمەلدىن قالاتتى. ئىمان بىلەن ئىنكار، ھەق بىلەن باتىل، ساۋاپ بىلەن گۇناھ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، مەئرۇپ بىلەن مۇنكەر ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق پەرىق قالمىغان بولاتتى. ئاللاھ نىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇش بىلەن بويسۇنماسلىق ئوخشاش بولغان بولاتتى، ھەم ئېمتىھاننىڭمۇ زۆرۈرىيىتى قالمىغان، ئىرادە ۋە ئەقىل ئاتا قىلىشنىڭمۇ ھېچقانداق ھېكمىتى بولمىغان بولاتتى. بۇ ئەھۋالدا دۇئا قىلىشمۇ بىھۇدىلىك بولۇپ، ھەتتا دۇئا قىلىش ئاللاھ نىڭ قازايى – قەدىرنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلىق، ئۇنىڭغا رازى بولمىغانلىق ۋە قارشى چىققانلىق بولاتتى. ھالبۇكى، بىزدىن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ  دەل ئۆزى « ئاللاھ » تۇر. ئۇنداقتا دۇئا قىلىشىمىز بىلەن ئۆزگەرمەيدىغان ئىش بولسا، ئاللاھ نېمىشقا دۇئا قىلىشىمىز تەلەپ قىلماقتا؟ نېمە ئۈچۈن ئاللاھ « مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن » ( بەقەرە، 186 ) دەيدۇ؟ ئۇنداقتا بەندىسىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن پۈتىۋەتكەن قازايى – قەدەرىنى بۇزامدۇ؟ ئەگەر قەدەر، بەندىلەرنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئاساسەن بۇزۇلۇپ، يېڭىباشتىن يېزىلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا قەدەرچىلەر ئاللاھ قا بىرلا تەرەپتىن ئەمەس، بەلكى ھەممە تەرەپتىن بوھتان چاپلىغان بولمامدۇ؟

ئەلبەسرى كېيىنكى بۆلۈمدە، بۇ چۈشەنچىنىڭ ئاللاھ قا قايسى تەرەپلەردىن بوھتان چاپلىغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەپسىلى ھالدا ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇنداقلا قەدەرچى پوزىتسىيىنى « ئاللاھ قا ئېتىراز » دەپ باھالىماقتا ۋە بۇ سوئالنى قويماقتا: « بۇ نادانلار گۇرۇھى كىمگە ئېتىراز قىلىشۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشمايۋاتامدۇ؟ ئۇلار باشقا بىرىگە ئەمەس، دەل جانابى ئاللاھ قا ئېتىراز قىلىشىدۇ ».

ئىمام ئەلبەسرى، قەدەرچىلەرنىڭ ئاللاھ قا قىلغان ئېتىرازىنى ئايەتلەر بىلەن دەلىللىگەن. ئاللاھ  « ئۇلار نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟ » ( ئىنشىقاق، 20 ) دەپ سورايدۇ. بۇ سوئالغا قەدەرچى زېھنىيەت: « سەن ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، كۇفۇرنى ئۇلارغا قەدەر قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن » دەپ جاۋاپ بەرمەكتە. سۇبھاناللاھى ئەمما يەسىفۇن ( ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن تولىمۇ يىراق ۋە خالىيدۇر ) تەۋبە، ئەستەغفۇرۇللاھ!

نادانلار گۇرۇھىنىڭ ئاللاھ قا قىلغان ئېتىرازلىرىنى ئايەتلەرنى دەلىل قىلىپ پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.