كەلدى يەنە گۈل مەۋسۈمى

ئاشق تۇپراققا دېدىكى: ئاجايىپ ئىش، ئەتىرگۈل پۇرايسىنا! سېنىڭ ئەسلى ھىدىڭ بۇ ئەمەس، سەن بۇ پۇراققا قانداق ئېرىشتىڭ؟
تۇپراق دېدىكى: مەن بىر گۈلنىڭ تۇپرىقى. ئۇ خوشپۇراق مەندىن ئەمەس، گۈلدىن كەلدى. گۈلنىڭ توپىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ خۇش پۇرىقى ماڭا سىڭدى. شۇڭا گۈل پۇرايمەن.

يېقىنقى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت زېمىستاننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ گۈلىستاننى، « كەنەفىستان ( ھاجەتخانا ) » ھالىغا كەلتۈرۈپ سېسىتقانلارغا قارىماستىن يەنە رامىزان كېلىۋاتىدۇ. كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان، كوڭۈللەرگە ھوزۇر بەخش ئېتىدىغان گۈل پۇرىقى بىلەن رامىزان يەنە كېلىۋاتىدۇ. ئۇ، قۇرۇپ – قاغجىراپ كەتكەن يۈرەكلىرىمىزگە رەھمەت، بەرىكەت، ئىھسان، مۇھەببەت ۋە ھىدايەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ گۈلىستاننى كەنەفىستانغا ئايلاندۇرغانلار گۈلگە ۋە گۈلنى ئەسلىتىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە قارشى ئەڭ ئاخىرقى شىددەتلىك ھۇجۇمىنى بىر رامىزان ئېيىدا باشلىغان ئىدى.  بېراۋنىڭ ئۆيىگە ئىشىكىنى چىقىپ بېسىپ كىرىشكەن، مىلتىقلىرىنى ۋە كامېرالىرىنى ئۇلارغا بەللىگەنىدى. ئۇلار بۇ قەدىمى گۈلىستاننى ئىچ – ئىچىدىن نەپرەت ئۇرغۇپ تۇرغان گەندە كۆلچىكىگە ئايلاندۇرۇۋەتمەكچى بولغانىدى.

قارا باسقان يۈرەكلىرى، قارا ئەقلى، قاپقارا ۋىجدانلىرى ۋە قاپ – قارا يۈزلىرى بىلەن چۈشىمىزنى ۋە خىياللىرىمىزنى زۇلمەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سەپەرۋەر بولغانىدى. ھەتتا مىڭ يىل سۈرىدىغان ئۇرۇش ئېلان قىلىشقانىدى. بۇ گۈزەل گۈلىستانىمىزنى ئەندۇلۇس ( قەدىمقى مۇسۇلمان ئىسپانىيە )قا ئايلاندۇرۋېتىدىغانلىقىنى جار سېلىشقانىدى.

ئۇلارنىڭ بىر رامىزاندا كېلىشى، خۇددى رامىزاننى نىشانغا ئالغاندەكلا ئىدى. ئۇ شۇم ئۇرۇش، ماڭا خۇددى رامىزانغا ۋە رامىزاننىڭ ئىگىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغاندەك بىلىنگەن ئىدى. رامىزان ئېلىپ كەلگەن روھنى كىرىستقا مىخلاش ئۈچۈن بەزىلەر جان – جەھلى بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى. بارماقلىرىنى كۆزۈمىزگە چەللەپ، بىر گېستاپوچى باشلىقىدەك « ھەي سەن!… سەنمۇ! » دېگەن ۋاقتىدا، ئىچىمىزدىكى رامىزانغا سېغىناتتۇق. ئۇلار بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى گۇيا بىزگە ئەمەس، بەلكى ئىچىمىزدىكى « رامىزان »غا قاراتقانىدى.

ئۇ قارا كۈنلەردە، ئۇلار ئۈچۈن رامىزان ئىدۇق؛ ھازىرمۇ ھەم ئەشۇنداق…

جېنىمىزدەك سۆيگەن، ئاسىرىغان ئىچىمىزدىكى رامىزاننى بەرسەك، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلىشمايدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق. ھەتتا بەزىلىرىمىز، يالماۋۇزنىڭ ئالدىغا بالىسىنى تاشلاپ بەرسە، ئۆزى قۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئەقىلسىز ئاتىلاردەك، ئىچىدىكى رامىزاننى ئۇ ئالۋاستىلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىشكەنىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزى پەقەت ئىچىمىزدىكى رامىزاندا ئەمەس ئىكەن. ئۇلار، ئەسلىدە پەردە ئارقىسىدا بولاڭچىلىق، تالان – تاراج قىلىشقا ئوخشاش باشقا ئىشلارنىمۇ  قىلاتتىكەن.

بۇ لەنەتتەككۈرلەر يۈزىدىن ئۇشبۇ مەزلۇم تۇپراقلىرىمىزغا يەنە رامىزان كەلمەسمۇ دەپ قورققان ئىدىم. ئەمما ئۇ رەنجىپ قالمىدى، يەنە كەلدى. بوينى پۈكۈك، كۆڭلى يېرىم، كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەن بولسىمۇ يەنىلا كەلدى. ھەر كەلگىنىدە، ئوزۇق – تۈلكىمىز، سەپەردە يولداش، ئېغىر كۈندە قېرىنداش، قېينچىلىقتا دوستىمىزغا ئوخشاش ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈمىت ئېلىپ كەلدى. ئۇنى قەھەتچىلىكتىكى ناندەك بۆلۈشتۇق. ئىچىمىزدىكى رامىزاننى ئۇنىڭ بىلەن باقتۇق. ئىككىسى ئۇچراشقىنىدا، سامانلىق باغ، زىندان گۈلىستانغا ئايلىناتتى. بەلكىم سىزمۇ بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەنسىز بۇ كۈنلەرنى.

ھەر رامىزاندىن كېيىن، « مۇشۇنىڭ بىلەن يەنە ئون بىر ئاي ماڭالايمىز! » دىيىشەتتۇق ۋە ماڭاتتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا پەقەت بىزنىڭ روزىنى تۇتمايۋاتقانلىقىمىز، روزىنىڭمۇ بىزنى تۇتىۋاتقانلىقىنى – مەھكەم، بېشى تىك، قۇۋۋەت بىلەن ۋە شەرەپلىك ھالدا… تۇتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتۇق.

ئەنە شۇ ۋاقىتتا، رامىزاننىڭ ئورۇقلىۋېلىش ياكى سەمىرىۋېلىش مەشرىپى ئەمەسلىكىنى بىلگەنىدۇق. ھەتتا رامىزاننى ئەشۇنداق تونۇشتۇرغانلارنىڭ بىزگە قانچىلىك يامانلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنىدۇق. رامىزاننىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن روھلارنى تويدۇرۇپ، تويغان ۋە تويغانسېرى ئازغۇنلۇققا مۇپتىلا بولغان ئىچىمىزدىكى ھايۋاننى ئاچ قويۇپ تەربىيە قىلىش دېگەن مەناغا كېلىدىغانلىقى ئەنە شۇ ۋاقىتتا بىلگەنىدۇق. ھەر رامىزاندا روھنىڭ ئەكسىگە قاراپ بوزۇلغان ئىنسانى مۇۋازىنىتىمىزنى دەرھال تەڭشىۋالاتتۇق.

بۇ كۆرۈنۈش، بىزنىڭ رامىزانغا ئەمەس، ئەكسىچە رامىزاننىڭ بىزگە ئېكرام قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. رامىزان مول نېئمەت بەخش ئېتىدۇ، ئەلۋەتتە.

چۈنكى ئۇ بىر ساماۋى داستىخان بولغان ۋەھىينىڭ، ئىنسانلارنىڭ زۇلمەت باسقان ئۇپۇقىنى يۇرۇتقان تولۇن ئاينى تەمسىل قىلىدۇ. ئۇ، قۇرئان ۋەھىينىڭ توغۇلغان ئېيى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇتلىنىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئوچۇق: رامىزان جىمى بەرىكىتى، مۇقەددەسلىكى، ھېكمىتىنى ۋەھىيدىن ئالىدۇ.

ئۇنداق بولغاندا، ۋەھىيسىز بىر رامىزاننى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. رامىزاننىڭ سەۋەبى بولغان ۋەھىيدىن يۈز ئۆرۈگەن ھالدا قانداقمۇ بىر رامىزاننى ئېھيا قىلىش مۇمكىن بولسۇن؟! رامىزاننىڭ ھېكمىتى بولغان قۇرئان بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ، رامىزاننىڭ پەيزىنى قانداقمۇ سۈرگىلى بولسۇن؟ رامىزاننىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئىلاھى خوش- خەۋەر بىلەن بىر گەۋدە بولۇش تىرىشچانلىقىمىز، ئۇنىڭ سىماسى بولغان رامىزاننى چۈشىنىپ يېتىشىمىزنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.
ئۇنداقتا، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بىر سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلايلى! رامىزاننى ئۇنىڭغا جان – جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقان روھى قارا كىشىلەرگە قارشى، قۇرئان بىلەن ئىچقۇيۇن – تاشقۇيۇن بولۇپ، قۇرئان بىلەن تېخىمۇ سەمىمىي مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ بىلەيلى. شۇنى ئېنىق كۆرىسىزكى، قۇرئانغا قانچە يېقىنلاشسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، سىزگە تېخىمۇ كۆپ پىچىلدايدۇ. خۇددى ئۇرۇق بىلەن تۇپراق، بارماق بىلەن تىرناققا ئوخشاش ئىككى ئايەت بىر – بىرىگە زىچ كىرىشىپ كېتىدۇ. ئىككىسىنى بىر- بىردىن جۇدا قىلماقچى بولغانلار، مانا بۇ ۋاقىتتا پەرىشان بولىدۇ.

رامىزان بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ۋەسىلىسى بولغان ۋەھىي بىلەن تونۇشمىساق بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، بولمايدۇ. پەقەت ھەر نەرسىنىڭ بىر سەۋەبى بولغاندەك، ۋەھىينىڭمۇ بىر سەۋەبى بار. ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، قۇرئاننىڭ ۋەسىلىسى بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ، قۇرئان بىلەن تونۇشۇش مۇمكىن ئەمەس. قۇرئاننىڭ ۋەسىلىسىنى بىلدىغانسىز: ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت / سۆيگۈنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.

بۇ رامىزان، رەسۇلۇللاھمۇ كۆڭۈل سارىيىڭىزغا مېھمان بولىشى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭىز كېرەك.

شۇنداق، بىلىمەن، ئەتراپىمىزدا يۈرگەن « مانا بۇ رەسۇلىمىز » دەپ تونۇشتۇرۇلىۋاتقان بىردىن كۆپ ئوبراز ( پوترېت ) غا قاراپ، «قايسى رەسۇلۇللاھ بىلەن؟» سوراپ سورىشىڭىز مۇمكىن. يەنى:

پەرىشتىلەشتۈرۈلگەن رەسۇلۇللاھ تەسەۋۋۇرىمۇ؟ « پوچتىكەش » ياكى « خەۋەرچى » سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان رەسۇلۇللاھ تەسەۋۋۇرىمۇ؟ ۋەياكى قۇرئان تونۇشتۇرغان رەسۇلۇللاھ بىلەنمۇ؟

جاۋابى ناھايىتى ئېنىق: ئەلۋەتتە، بىزگە قۇرئان تونۇشتۇرغان رەسۇلۇللاھ بىلەن تونۇشۇپ چىقىش كېرەك!