رامىزان ئىنسانىيەتكە بېرىلگەن ئىلاھى بىر قەرىزدۇر

سىز رامىزاندىن نېمىنى كۈتكەن بولسىڭىز، ئۇنىڭغا ئېرىشىسىز.
رامىزاننى « غىزالىنىش ئېيى » دەپ قارايدىغانلار ئوزۇقلىنىدۇ. رامىزاننىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغىنى قىزىرىپ پىشقان نانلار، تاتلىق- تۈرۈملەر، گۆش گىردىلەر، گۆشلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق قارايدىغانلار، رامىزاندىن سەمىرىگەن ھالدا چىقىدۇ. رامىزانغا « پەرھىز تۇتۇش ئېيى » نەزرى بىلەن قارايدىغانلار ئورۇقلاش ئۈچۈن پەرھىز تۇتقان بولىدۇ. رامىزاننىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ يېنىك ۋۇجۇت، تېخىمۇ زىلۋا بىر بەدەندۇر.

رامىزانغا مەشرەپ كۆزى بىلەن قارايدىغانلار، سايىۋەنلەر ئاستىدىكى كۆڭۈل ئېچىش يەرلىرىدە ئوينىۋالغانغا ئوخشاش رامىزاندىن ھۇزۇرلىنىدۇ. داقا – دۇمباق، ناغرا – سۇناي، ئۇسۇل – تاماشا بىلەن كۈتىۋېلىشقان رامىزاندىن ئاخىرىدا ئۇلارغا قالدىغىنى ھۇزۇر ۋە ھالاۋەتتۇر.

رامىزاننى قۇرئان ۋەھىي بىزگە ھەدىيە قىلغان ئىلاھى قەرىز دەپ بىلىدىغانلار، رامىزاننى « ساپالىق ئىنسان »  بولۇپ چىقىشنىڭ تېپىلماس بىر پۇرسىتى دەپ ئەتىۋارلايدۇ. ساپالىق ئىنسان، يەنى ئاشخانا، ياتاقخانا، تەرەتخانا ۋە ئىشخانىغىلا باغلىنىپ قېلىشقا رازى بولمىغان ئىنساندۇر. باھاسى ئەمەس، قىممىتى بولغان ئىنساندۇر…
يۈرەكىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشايدىغان، ئەقىلنىڭ خاراپ بولغان يېرىنى تۈزەيدىغان، ئىچكى دۇنيانىڭ ئۆتمۈ – تۈشۈك بولۇپ كەتكەن يەرلىرىنى ئېتىدىغان، زېھنىيەتنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى رېمىنۇت قىلىدىغان، ئىرادىنىڭ يوقاپ كەتكەن قىسمىنى تاپىدىغان، شەخسىيەتىنىڭ كەمتۈك بوپقالغان يەرلىرىنى تولۇقلايدىغان… بىر پۇرسەتتۇر رامىزان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئىنساندا مەۋجۇت. ئىنسان، « نىسيان »دۇر، يەنى « ئۇنتۇغاق مەخلۇق ». ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇيدۇ، ئورنىنى ئۇنتۇيدۇ، قىممىتىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئىسلىشىدۇ، تاتلىشىدۇ، كىرلىنىدۇ، شورلىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنساننىڭمۇ بىر يىللىق تەكشۈرۈشكە ئىھتىياجى بار. بولۇپمۇ، ئېچىرقاپ كەتكەن روھلار تويغۇزۇلمىسا، مەنىۋىي ئۆلۈملەر باشلىنىدۇ. ئىنسانغا قورسىقىنىڭ ئاچ ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدىغانلار ئېنزىملاردۇر. ئاشقازىنىنىڭ بوش قالغانلىقىنىڭ خەۋىرى بۇ ئېنزىملار ئارقىلىق مىڭىگە يەتكۈزىلىدۇ. ئىنسانلار ئاچ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە كىرىشىدۇ.

پەقەت ئىنسان، روھىنىڭ ئاچ قالغانلىقىدىن، قورساق ئاچ قالغانلىقىدەك ئوڭاي خەۋەردار بولالمايدۇ. چۈنكى روھنىڭ ئېنزىملىرى يوقتۇر. كۆپىنچىسى روھىنىڭ ئاچلىقىدىن، مەنىۋى ئۆلۈمىدە سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدىمۇ بىخەۋەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

قۇرئاننىڭ بىر تەبىرى باردۇر: « ( ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان ( چىرىپ قالغان ) ياغاچلاردۇر » ( مۇنافىقۇن 4-ئايەت) .  قۇرئان بۇ ئاتالغۇنى نىفاققا ئوخشاش باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئىچى بوش، تېشى ئىچىدىنمۇ قىممەتلىك ھالغا كېلىپ قالغان، تېرەككە ئوخشاش ئىچىدىن چىرىپ كەتكەن ئىنسان تىپلىرى ئۈچۈن قوللىنىدۇ. ئۇلار كىيىۋالغان كىيىملىرى ئۆزلىرىدىن قىممەتلىك تىپتىكىلەر، ئىچىنى سېستىپ، سىرتىغا يىگۈزۈپ – كىيگۈزگەن ئاتالمىش ئىنسانلاردۇر.

رامىزان دەل، ئىنسان ئىچىنىڭ قۇرۇق بوپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىلاھى تەدبىرلەردىن پەقەتلا بىر تۈرىدۇر. ئىنسانلارغا بىر مۇددەت تاشقى دۇنياسىنى ئىچكى دۇنياسنىنىڭ كەينىگە قويۇشىنى تەربىيە قىلىدۇ. روھى كۈتۈنۈشنىڭ، بەدەنىي كۈتۈنۈشتىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۆگۈتىدۇ.

ئىجتىمائي جەھەتتىن رامىزان، ئىنساننىڭ ئىگە بولغانلىرىنىڭ ئەسلىدە ئاللاھ نىڭ ئۇنىڭغا ئېمتىھان ئۈچۈن ئامانەت قىلىپ بەرگەن بايلىق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ھەمبەھىرلىنىشنى بىلگەنلەر، بۇ سىناقتىن ئۆتەلىگەنلەردۇر. كۆڭلىنى رامىزانغا ئاچقانلار، قولىنى ۋە ئىشىكىنىمۇ يوقسۇللارغا ئاچىدۇ.

دېمەككى رامىزان، پۈتۈن بۇ تەرەپلىرى بىلەن ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئىلاھى قەرىزدۇر.
بۇ قەرىزنى كىملەردۇر خامان سورىغاندەك سورۇپ، ئىسراپ قىلىپ خەجلەپ تۈگەتسە، يەنە كىملەردۇر ئۇنى ئېلىپ ھەسسىلەپ ئاشۇرۇرىدىغان مەنىۋىي سەرمايە قىلىپ پايدىلىنىدۇ. يوقسۇللاشقان ئىچ دۇنياسىنى ئۇنىڭ بىلەن بېيىتىدۇ.

كىملىكىنى ۋە كىشىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، تېخىمۇ مەزمۇت تۇرىدۇ. تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار، ھەر رامىزاننى جامائىتىنىڭ يارىسىنى تېڭىش ئۈچۈن بىر سەپەرۋەرلىك زامانى دەپ بىلىشى كېرەك. پەقەت ئاچ ۋە يالىڭاچلارنىڭ ياردىمىگىلا ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا دىن ۋە ئىمان جەھەتتىنمۇ نامراتلىشىپ كەتكەنلەرگىمۇ ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئالدىرىشى كېرەك.
ئېتىقاد يوقسۇللۇقى، ماددى يوقسۇللۇقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ھەقسىز ياردەملەر ئالالىشىڭىز مۇمكىن. پەقەت دىن ۋە ئىمان يوقسۇللۇقىغا دۇچار بولغان بولسىڭىز، قايسى بىر خەلقئارالىق ئورگاننىڭ ئىشىكىنى قاقىسىز؟
ئېتىقاد نامراتلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت ئىمان، ئەخلاق ۋە پەزىلەت بايلىقى بىلەنلا يەڭگىلى بولىدۇ. رامىزان، شۇ بايلىقلارنىڭ مەنبەسىدۇر.