بەزى تارىخچىلار، نەبەۋى خىلاپەتنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە ئېغىر يارا ئېلىشىغا ۋە خىلاپەت چۈشەنچىسىدە ئېغىپ كېتىشنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ سۈپىتىدە، شام ۋالىيسى ھەزرىتى مۇئاۋىيەنىڭ 12 يىل بۇ رايۇندا ناھايىتى كەڭ ھوقوققا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە جەم بولغاندا، نارازلىق پىكرى مەيداندىن ھالقىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغانىدى. مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولغانلارنىڭ غەيرىتى بىلەن ئىسلامدا تۇنجى پىتنە قوپتى ۋە خۇلەفائى راشىدىننىڭ ئۈچىنچىسى ۋە ساھابىلارنىڭ مۆتىۋىرى بولغان ھەزرىتى ئوسمان، خىلاپەت خىزمىتى ئۈستىدە، ھەمدە قۇرئان ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا پاساتچىلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىندى. گەرچە ھەزرىتى ئەلى ۋە زەيد بىن سابىت قاتارلىق ساھابىلەر قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئىسلام سىياسەت تارىخىدا بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغان بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى.

بۇنىڭدا ھەزرىتى ئوسماننىڭ، ئىسيانچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەكلىپگە قارىتا، ئۈممەت ئارىسىغا قان ۋە نەپرەت كىرمىسۇن دېگەن ئاليجاناپلىق بىلەن « ئەممەل قاتىل؟ فەلا! ( ئۇرۇشمۇ؟ ياق! )… » دېيىشنىڭ رولىمۇ چوڭ بولغانىدى. ئىسياننىڭ تۇنجى كۈنلىرىدە ھەزرىتى ئوسماننىڭ مۇنبەرگە چىقىشىنى راۋى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:

« ئوسمان كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا چىقتى. مۇنبەردە ئولتۇرۇپ يىغلىدى ۋە كىشىلەرمۇ يىغلاشقا باشلىدى. ھەتتا ئوسماننىڭ ساقىلىغا قارىسام، كۆز يېشى بىلەن ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: ئاللاھىم ساڭا تەۋبە قىلىمەن. ( ئۇ كىشىلەرگە يۈزلىنىپ ) ئەگەر ماڭغا بىر پۇرسەت يەنە بېرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن رازى بولىدىغان ياخشى بىر بەندە بولاتتىم. سىلەر بىلەن ئارامدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلايتتىم. سىلەرمۇ ( خەلىپە قونالغۇسىغا ) ئۆيۈمگە خالىغىنىڭلارچە كىرىپ چىقاتتىڭلار. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى سىزلەردىن قاچمايمەن ۋە سىلەرنى رازى قىلاتتىم. مەرۋان ۋە ھەمرالىرىنى يىراقلاشتۇرغان بولاتتىم ».

ئۆيىگە كىردى ۋە ھەمەن ئارقىسىدىن مەرۋان كىردى. توختىماي ئۇنى كۈشكۈرتتى. باشتىن ئاياغ ئوڭتەي- توڭتەي قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ۋەدىلىرىدىن ۋاز كەچكۈزدى. كىشىلەر ئۈچ كۈن ساقلىدى. ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئوسمان خىجالەتتىن كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا چىقالمىدى (تابارىدا ۋەقەنىڭ داۋامى مۇنداق بايان قىلىدۇ: « ھەزرىتى ئوسمان دېدىكى: مەن ئۇتانغانلىقىم تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا چىقالمىدىم. چىقىپ ئۇلار بىلەن سۆزلەشكىن. مەرۋان ئىشىك ئالدىغا چىقتى. ئىشىك ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئاياق باسقىدەك يەر قالمىغان ئىدى. مەرۋان ئۇلارغا مۇنداق دېدى: « نېمە بولدۇڭلار؟ خۇددى بۇ يەرگە بولاپ – تالاش ئۈچۈن كەلگەندەكلا، چىرايىڭلار تۈرلۈپ كېتىپتۇ. خۇددى ھەممىڭلار بىر – بىرىڭلارنىڭ قۇلىقىدىن سۆرەپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندەك تۇرىسىلەر. سىلەرنىڭ نېمە كويدا ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. سىلەر سەلتەنەتىمىزنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭلار. دەرھال كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭلار. ئەگەر ئۈستىمىزگە كېلىدىغان بولساڭلار، ئاغزىمىدىن چىقىدىغان بىر بۇيرۇق سىلەرگە دۇنيانى زىندان قىلىدۇ، كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەلمەيسىلەر. كەمتۈك ئەقلىڭلار بىلەن قۇلاق كەستىلىك قىلماڭلار، كەلگەن يېرىڭگە قايتىش! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز قولىمىزدىكىنى قوغداشتىن ئاجىز كەپقالغىنىمىز يوق. « تابەرى »، تارىخ، 4 – باپ 363 – 362 – بەت ). شۇنىڭدىن كېيىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ۋەقە يۈز بەردى، ئىسيانچىلار ھەزرىتى ئوسماننى قەتلى قىلدى.

بۇ ۋەقە بىلەن ئىسلام سىياسەت تارىخىدە بۇرۇن ھېچ سورالمىغان سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇلاردىن بەزىلىرى: ئۈممەتنىڭ سايلىشى – بەيئىتى بىلەن سايلانغان خەلىپىنى ۋەزىپىسىدىن  ئېلىپ تاشلىغىلى بولامدۇ؟ قىلىچ ئارقىلىق خەلىپىنى تەخىتتىن چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟… بۇلار سىياسىي پەلسەپىسىگە ئائىت سوئاللار ئىدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئىنسانلار زېھنىدە قالدۇرغان ئىزلىرى، كېيىن پەيدا بولىدىغان سىياسىي مەزھەپلەرنىڭ ئاساسى ئاساسىغا ئايلاندى.

ھەزرىتى ئوسمان ئەگەر بىر خەلىپە ئەمەس، بەلكى بىر سەلتەنەتچى زوراۋان، بىر پادىشاھقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان بولسا، شۈبھىسىز، ئىسيانچىلارنى يوقۇتۇش يوللۇق ياكى يولسىز تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ھاكىمىيەتنى قولىدا ساقلاپ قالغان بولاتتى.

««««««««««»»»»»»»»»»»

تەرجىماندىن:

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، يېقىندىن بېرى خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى كىتاپنىڭ تەرجىمىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرالمىدىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

دېمىسىمۇ كۈنلۈك تەرجىمىلەرنى قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ خىزمەت ۋە ئائىلە ھاياتىدىكى ئالدىراش ۋاقىتلىرىدىن ئالاھىدە زامان ئايرىپ، ھايات كىتابىم تورى ئوقۇرمەنلىرىغا گۈلدەستە تېزىش ئۈچۈن ئۈزلىكسىز ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇلارغىمۇ كۆپتىن كۆپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئىنشا ئاللاھ پات يېقىندا تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » ۋە « ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قەدەر رىسالىسى ۋە ئۇنىڭ شەرھىسى » ناملىق ئىككى كىتاپنىڭ تەرجىمىسى تولۇق تۈگەيدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئېلكىتاپ ۋە ئەپكىتابى نۇسخىسى بىلەنمۇ يۈ\ كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇش قىلىمىز.

ئاللاھ خالىسا رامىزان ئېيىغا ھازىرلاپ قويغان « رامىزان رىسالىسى » ۋە « قۇرئانغا كۆرە ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى » تەفسىرىگە تۇتۇش قىلىنىدۇ. ئۇ چاققۇچە بەلكىم « ئاتاش رىسالىسى » مۇ تەييار بولۇپ قالغۇسى.

شۇڭلاشقا سز قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئەگەر تۈركچە بىلسەڭلار، مېنىڭ تەرجىمەمگە قاراپ ئولتۇرماستىن « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » ئەسىرىنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.

چۈشۈرۈش ئادرىسى: ئىماملار-ۋە-سۇلتانلار

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/04/ئىماملار-ۋە-سۇلتانلار.pdf

 

ھۆرمەت بىلەن

ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

2015 – يىل 26 – ئاپرېل