زۇھا سۈرىسى

بۇ سۈرە « سەھەرنىڭ يوپيورۇق ۋاقتى، چاشگاھ ۋاقتى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « زۇھا » ئىسمىنى 1 – ئايەتتىن ئالغان:

« سەھەرنىڭ يوپيورۇق ۋاقتىنى تەمسىل قىلغان چاشگاھ ۋاقتى شاھىت بولسۇن! » ( 1 ).

قۇرئاندا « چاشگاھ ۋاقتى » ئادەتتە « ئاخشام »نىڭ زىتتى سۈپتىدە ئىشلىتىلىدۇ. سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەتتىكى « چاشگاھ ۋاقتى » ئارقىلىق، جاھىلىيەت كېچىسىگە خاتىمە بەرگەن كۈندۈز سەھىرى نەزەردە تۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن. زۇھا سۈرىسىمۇ، لەيل، فەجر ۋە ئەسرگە ئوخشاش ئىسىملىرى زاماننىڭ پارچىلىرىنى ئىپادىلىگەن سۈرىلەر كاتېگورىيسىگە كىرىدۇ.

سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرىدۇر.

سۈرىنىڭ 3 – ئايىتىمۇ ئىشارەت قىلغاندەك، ۋەھىي جەريانىدا نورمال دەپ قارىلىشى كېرەك بولغان بىر توختاپ قېلىشنىڭ، بىنورمال ۋەياكى پۈتۈنلەي توختاپ قالدى دەپ ئەنسىرەش تۇيغۇسى پەيدا بولغان مەزگىلدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ باشتىن ئاخىر رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسى تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بىر سۈرە ئىكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلغاندا، مۇززەممىل – قەلەم سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالغان،  5  – قېتىمدا نازىل بولغان سۈرە دەپ قاراش مۇۋاپىق دەپ قارايمىز. بۇنى ھەزرىتى ئائىشەنىڭ قەلەم سۈرىسى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى كۈچلەندۈرمەكتە.

مەزكۇر سۈرە ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سۈرە رەسۇلۇللاھقا تەسەللى بېرىش بىلەنلا قالماستىن، ئۇنىڭغا كېلەچەك ھەققىدە خوشخەۋەر بېرىدۇ.

رىۋايەتلەر بۇ سۈرىنىڭ بىر ۋەھىي توختاش ( فەترەتى ۋەھىي ) ھادىسىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقى بايان قىلىدۇ. بۇ ھەقىقىي مەنىدە بىر « فەترەت » بولمىسا كېرەك. بۇنى دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان ۋەھىي بولغانلىقتىن، ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش رېتىمى ھەققىدە تەجرىبىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن پەيدا بولغان ئەندىشە دەپ قاراش لازىم. رەسۇلۇللاھ ئىككى ۋەھىي ئارىسىدىكى نۇرمال بىر توختاشنى، پۈتۈنلەي توختاپ قېلىش دەپ ئويلاپ قالغانلىقتىن ئەندىشە قىلغان بولۇپ، بۇ سۈرە بىلەن رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بېرىلگەن.

زۇھا، قوشمىقى دەپ قارالغان ئىنشىراھ سۈرىسى بىلەن بىرلىكتە مۇھاتابىغا ئىلھام بەرگەن سۈرىدۇر.

سۈرىدە رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بېرىش بىلەنلا قالماستىن، ئۇنىڭغا كېلەچەك ھەققىدە خوش بىشارەت بېرىلىدۇ. بۇ سۈرىمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان سۈرىلەرگە ئوخشاش رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

سۈرە ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلەك قەسەم ۋە خوشخەۋەرلەردىن تەشكىل تاپقان ( 1 – 5 ). ئىككىنجى قىسمىدا ( 6 – 8 – ئايەتلەر ) رەسۇلۇللاھنىڭ رىسالەتتىن بۇرۇنقى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بايان قىلىنغان. ئۈچىنچى قىسمىدا، رەسۇلۇللاھنى تەربىيىلەش مەقسەت قىلىنغان ئايەتلەر يەر ئالغان ( 9 – 11 – ئايەتلەر ).

سۈرە، جاھالەت قاراڭغۇلىقىغا خاتىمە بەرگەن ۋەھىينىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان سەھىرىنى ۋە ئۇ سەھەردىن خوش بىشارەت بەرگەن كېچىنى شاھىت قىلىپ، « رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، سەندىن رەنجىپ قالىغىنىمۇ يوق » ( 3 ) ۋە بۇ خوشخەۋەرنىڭ كېلەچەكتە رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى كاپالەت، ئۆتمۈشتە ئۇنىڭغا قىلىنغان ئىلاھىي ئىكراملاردۇر:

ئۇنىڭغا بىر چاغلاردا يېتىم، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان ۋە مۇھتاج ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئەسكەرتىلىدۇ:

أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآَوَى (6) وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَى (7) وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَى (8)

« ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟ قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ سېنى يوقسىز بىلىپ ( كىشىلەردىن ) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ » ( 6 – 8 ).

ئۈچىنچى قىسىمدا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن نېمەتلەرنىڭ شۈكرىسىنىڭ دەل شۇ نېمەتنىڭ جىنسىدىن بولىدىغانلىقى ئىما قىلىنىپ، ئاجىز، يېتىم – يېسىرلارنى ھىمايە قىلىش، مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشقا بۇيرۇلۇپ، رەببىنىڭ ھىدايىتى ۋە نېمىتىگە قانداق شۈكۈر قىلىش ئۇسلۇبى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئارقىلىق بارلىق خىتاپ قىلىنغۇچىلارغا ۋەز – نەسىھەت قىلىنغان:

فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ (9) وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ (10) وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ (11)

« ئۇنداقتا يېتىمنى خارلىما. ھەر ئەھۋالدا ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارغا قوپاللىق قىلما. ھەر دائىم رەببىڭنىڭ ( ساڭا ئاتا قىلغان چەكسىز ) نېئمىتىنى تىلىڭدىن چۈشۈرمە » ( 9 – 11 ).

بۇلار ئارقىلىق ھەممىمىزگە، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن مىسلىسىز بىر نېمەتتۇر، سىلەر بۇ بۈيۈك نېئمەتنى ئۇنۇتماڭلار! دېمەكتە.