تەھرىم سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىگە « ھارام قىلىش، ھارام دەپ بىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تەھرىم » ئىسمى بىرىنچى ئايەتكە ئاساسەن قويۇلغان:
« ئى نەبى! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 1 ).
ئايەتتىن مەلۇم بولغاندەك ھالالنى « ھارام دەپ بىلگۈچى » رەسۇلۇللاھ بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن رەببى ئۇنىڭغا ئازار تۈسىنى ئالغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى.
سۈرە، سۈرىنىڭ ئۈچتەنبىرىنى تەشكىل قىلىدىغان بىرىنچى بۆلىكى سەۋەبىدىن « نەبى سۈرىسى » دەپ ئاتالغان. چۈنكى سۈرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچتەنبىر قىسمى رەسۇلۇللاھنىڭ كىشىلىكىنى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ يارقىن دەلىلى 1 – ۋە 9 – ئايەتتىكى « ئى نەبى! » شەكلىدە بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلىنىشىدۇر.
سۈرە « مۇتەھاررىم » دەپمۇ ئاتالغان.
سۈرە، مەدىنىدە نازىل بولغان ئاخىرقى سۈرىلەردىن بىرى بولۇپ، سۈرىنى تەشكىل قىلغان ئۈچ بۆلەك مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقتىن، پەرقلىق زامانلاردا نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار توغرا ئەمەس. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش ۋاقتىنى ئېنىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش تەس.
« ئاللاھ سىلەرگە ( كەففارەت ) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بىلدۈرگەنىدى » ( 2 ) ئايىتىنىڭ، مائىدە 89 – ئايەتنى ئىما قىلىۋاتقانلىقى نەزەرگە ئېلىنغاندا، سۈرىنىڭ مائىدە سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. تۇنجى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. بۇ تەخمىنەن ھىجرەتنىڭ 8 ياكى 9 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. نازىل بولۇش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرمۇ بۇ تارىخنى توغرىلايدۇ.
ھەزرىتى ئوسمان ۋە ئىبن ئابباس تەرتىپلىرىدە سۈرىنىڭ تەغابۇن سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلىشى مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇرىدۇ. چۈنكى تەغابۇن سۈرىسى مەزكۇر سۈرىدىن خېلى بۇرۇن نازىل بولغان. بىزنىڭ ئىزاھاتلىق تەرتىۋىمىزدە ھۇجۇرات – تەۋبە سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالماقتا.
سۈرىنىڭ مەقسىتى ئۆرنەك ئىنسان تىپى بەرپا قىلىش بولۇپ، سۈرىدە رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنىڭ مىسسيونى / رولى ئەسلىتىلىدۇ. بۇ مىسسيون ئارقىلىق بارلىق ئىش – ھەرىكىتىنىڭ ئىلاھىي نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ ( 1 – 2 ). رەسۇلۇللاھ ئالغان بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشلار، قالغان ئۆمرىنىڭ ئىلاھىي نازارەتتىن غەلبىلىك ئۆتكەنلىكى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. سۈرىدە « شەخسى ھايات » چۈشەنچىسى، تارايتقىلى بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە كىچىكلىتىلگەن. قۇرئانغا رەسۇلۇللاھنىڭ قول تىقمىغانلىقىغا دەلىل سۈپىتىدە تەھرىم 1 – 3 ۋە ئەھزاپ 37 – ئايەتلەر يېتەرلىكتۇر. بۇ « رەسۇلۇللاھنىڭ مەخپىي – يوشۇرۇن ئىشلىرى يوق » دېگەنلىكتۇر.
ئاللاھ، رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىنىمۇ « ئۆرنەك بەرپا قىلىش » دائىرىسى ئىچىگە ئالغان ( 3 – 4 ) بولۇپ، نەبىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئادەتتىكى ئاياللاردەك مۇئامىلىدە بولالمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ( 5 ). سۆز بۇ نوقتىغا كەلگەندە ھەر دەۋرنىڭ مۇئمىنلىرىگە ئومۇمىي بىر چاقىرىق قىلىنىدۇ. بۇ چاقىرىق، ئائىلىنىڭ مەركىزى بولغان ئۆيلەرنى جەھەننەم ئەمەس، جەننەتنىڭ بىر تارمىقىغا ئايلاندۇرۇش چاقىرىقىدۇر:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ
« ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار! » ( 6 ).
ھەقىقىي ياخشى، ياتقان ياخشى ئەمەس، بەلكى يامانلىق بىلەن ئاكتىپ كۆرەش قىلغان ياخشىلاردۇر. بۇ سەۋەپتىن سۈرە رەسۇلۇللاھقا بىۋاستە ھالدا خىتاپ قىلىپ، ئۇنى ئاكتىپ ياخشىلاردىن بولۇشقا بۇيرىيدۇ ( 9 ).
سۈرىدە ھەزرىتى نۇھ ۋە ھەزرىتى لۇتتىن ئىبارەت ئىككى رەسۇلنىڭ ئاياللىرى « ئىبرەتى ئالەم » سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ( 10 ) بولۇپ، بۇ ئارقىلىق « ياخشى كىشىنىڭ يېقىنى بولۇش، ياخشى بولغانلىقىنىڭ كاپالىتى ئەمەس » دېيىلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ، ئايالى سەۋەبىدىن بىتەلەي بولغان ھەر دەۋرنىڭ مۇئمىن ئەرلىرىگە بىر تەسەللىيدۇر. ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە كەلگەن ياخشى ئۆرنەكلەر، ئاكتىپ كۆرەشنىڭ يارقىن ئۈلگىلىرى بولۇپ كەلگەنىدى. پىرئەۋننىڭ مۇئمىن ئايالى ئاسيە ۋە ھەزرىتى مەريەم ھەر دەۋرنىڭ مۇئمىن خانىملىرىغا « مىسالى مۇئمىنە » سۈپىتىدە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئاسيە ئۆرنىكىمۇ يولدىشى سەۋەبىدىن بىتەلەي بولۇپ قالغان ھەر دەۋرنىڭ مۇئمىن خانىملىرى ئۈچۈن بىر تەسەللىيدۇر ( 11 – 12 ).