ئىسلام بىلەن باشقا دىنلارنىڭ ئىبادەت چۈشەنچىسىدە قانداق پەرق بار؟
ئىسلامدا ئىبادە پەقەت ئاللاھ قىلا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تىن غەيرىگە ئىبادەت قىلىش، يەنى مەيلى پەيغەمبەر، ئالىم، ئەزىز ياكى شەيتان بولسۇن بۇلارغا ئىبادەت قىلغانلىق ئاللاھ نىڭ ھەققىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. ئىسلامدا ئىبادەتنىڭ خاراكتېرىنى نىيەت بەلگىلەيدۇ. نېيىتى خالس بولمىغان كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتى، كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئەسلى رۇھىغا قانچىلىك مۇۋاپىق بولۇشتىن قەتىئىينەزەر، ئۇ ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ. ئىسلامدا ھەجگە ئوخشاش مۇئەييەن زامان ۋە ماكاندا ئادا قىلىنىشى شەرت بولغان ئالاھىدە ئىبادەتلەردىن باشقا ئىبادەتلەر، بەلگىلىك ماكانغا مەھكۇم قىلىنغان ئەمەس.
خىرىستىيانلار چىركاۋدا ئىبادەت قىلىدۇ. مۇسۇلمان نامىزىنى ھەر يەردە ئادا قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ « يەر يۈزى ماڭا مەسجىد قىلىپ بېرىلدى » دېگەنىدى ( نەسائى 42/2 ). يەر يۈزىنىڭ ھەممە يېرى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەتخانا رولىنى ئوينايدۇ. ناماز ئوقۇيدىغان جاي پاكىز بولسىلا بولىدۇ.
خىرىستىيان مەزھەپلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىبادەتنى رۇھبان ( دىنى ئۆلىما – پوپ ) تەبىقىسىگە مەنسۇپ بولغان بىرى قىلدۇرىدۇ. لېكىن ئىسلام دىنىدا رۇھبان سىنىپى يوق بولۇپ، ناماز قىلدۇرۇش بەلگىلىك كىشىلەرنىڭ مونۇپۇللىقىدا ئەمەس. بىلىملىك ھەر مۇئمىن، ھەر مۇئىمىنگە ئىمام بولالايدۇ.   
ئىسلامدا ئىبادەتكە خاس كىيىم يوق. رۇھبان سىنىپى بولمىغاچقا، رۇھبان سىنىپىغا خاس بىر كىيىم شەكلىمۇ يوق. ئىماملارنى باشقا مۇئمىنلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان كېيىم، دىننىڭ ئەمەس، ئەنئەنىنىڭ مەھسۇلى.

ئۇبۇدىييەت دېگەن نېمە؟ ئىبادەت بىلەن ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟
كۈندىلىك ۋە بەلگىلىك شەكىلدە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەر « ئىبادەت » بولۇپ، ئىسلامدا ئىبادەت بەلگىلىك شەكىلدىنلا تەشكىل تاپمىغانلىقتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىمۇ بەلگىلىك شەكىلدىكى  « ئىبادەت » بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى ئىسلام  « ئىبادەت » دىنى ئەمەس، « ئۇبۇدىييەت » دىنىدۇر.  
ئۇبۇدىييەت – « پەقەت ئاللاھ قىلا بەندە بولۇش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئاندا ئاللاھ: « مەن كۆرۈندىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان ئىرادىلىك مەخلۇقلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم! » ( 51:56 ) دەيدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا مەلۇم بولغىنىدەك، مۇسۇلمانلارغا « رۇھبان ( ماكانغا مەھكۇم بولغان ) ھاياتى » تەۋسىيە قىلمىغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭ مەنىسى ئىشلەش، يەپ – ئىچىش قاتارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلەرنىمۇ « ئىبادەت »كە ئايلاندۇرۇش بولۇپ، بۇ ھاياتنى ئاللاھ نىڭ رەھبەرلىكىدە ياشاشنى غايە قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. كىشى ھاياتىنىڭ مەنىسى ۋە مەقسىتى ئاللاھ بولىشى كېرەك. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋاقىتتا، ئۇ كىشىنىڭ خىزمەت، يېمەك – ئىچمەككە ئوخشاش كۈندىلىك نۇرمال پائالىيىتى « بەندىلىك »نىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىدۇ.

ئىسلامدىكى ئاساسلىق ئىبادەتلەر قايسى؟
قۇرئانغا كۆرە، ئىسلامدا ئىبادەتلەرنى بەلگىلىك سانلىق مىقدارغا مەھكۇم قىلغىلى بولمايدۇ. قۇرئاننىڭ بارلىق ئەمىرلىرىگە بوسۇنۇش ۋە چەكلىگەنلىرىدىن ئۆزىنى تارتىشمۇ « ئىبادەت » دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭغا ھالال يولدىن رىزىق تېپىش ئۈچۈن دۇرۇستلۇق بىلەن ئىشلەش ۋە قىممەت يارىتىشمۇ كىرىدۇ.
ئىسلامنىڭ ئىبادەتلەر زەنجىرىدە شۇ بەش تۈرلۈك ئىبادەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ:
1. ناماز ئوقۇش. شەرتلىرى، ۋاقىتلىرى ۋە شەكلى ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىبادەت.
2. زاكات بېرىش: تەڭ بەھرىمان بولۇش ئاساس قىلىنغان، مال – مۈلكنى پاكلاش خاراكتېرلىق ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت.
3. روزا تۇتۇش: مەسئۇلىيەت ئېڭى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يىلدا بىر كۈندۈزى يەپ – ئىچىشتىن توختاش.
4. ھەجگە بېرىش: ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق پايدىسى ئۈچۈن جەم بولۇش مەقسىتىدە، ئادەم بالىلىرى يەر يۈزىدە تۇنجى قېتىم سالغان « تۇنجى ئۆي » بولغان كەبىنى زىيارەت قىلىش.
5. جىھاد قىلىش: جىھاد ئىنسانىيەت قوبۇل قىلغان ئورتاق ھەقىقەت ( مەئرۇف )لارنى كېڭەيتىش، قوبۇل قىلغان ئورتاق خاتا ( مۇنكەر )لارنى ئازايتىش ئۈچۈن « قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانغا ( قولىدىكى ئىمكانلارنى / نېمەتنى )باشقۇرۇشنى، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەمىر قىلىنغان. ناماز ۋاقىت ۋە بەندەننى؛ زاكات مال – مۈلۈكنى؛ ھەج جامائەت / گۇرۇپپىنى؛ روزا شەھۋەتنى؛ جىھاد غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقنى قانداق باشقۇرۇشنى، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگىتىدۇ.
« قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » كىتابىدىن

« قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » كىرىش سۆزى ۋە ئەپكىتابى ھەم ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش