image

ئىنفاق دېگەن نېمە؟
قۇرئان زاكاتتىن باشقا يەنە، ئىفاق ۋە سەدىقە ھەققىدە توختىلىدۇ. ئىنفاق، مۇئمىن كىشىنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئادا قىلغان، مەجبۇرىي بولمىغان ھەر خىل بەھرىمان بولۇش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىنفاق تۈرلىنىپ چىققان نەفەقا سۆز تومۇرى « قولدىن چىقىپ كەتتى، تۈگىدى، ئاخىرىلاشتى » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئىنفاق ئاتالغۇ سۈپىتىدە « پايدا يەتكۈزىدىغان بىر نەرسىنى شۇنىڭغا مۇھتاج كىشى بىلەن بەھرىمان بولۇش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. سۆزنىڭ ئۆتۈملۈك بولىشى، بىر « باشقا »سى بولماي تۇرۇپ، بۇ ئىبادەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قۇرئان ئىنفاق ئۈستىدە كۆپ توختىلىدۇ. مۇئمىنلەرنى ئىنفاققا قىزىقتۇرىدۇ. قۇرئان ئىنفاقنىڭ جەننەتكە، پىخسىقلىقنىڭ جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان بىر يول ئىكەنلىكىنى بۇ ئايەت بىلەن ئىپادىلەيدۇ:
(پۇل ـ مېلىنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق ( ئاللاھ قا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھالدا ھەرىكەت ) قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك [5ـ6]، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز [7]. بېخىللىق قىلىپ (اﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك [8ـ9]، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز [10] ( لەيل ).
قۇرئان ئىنفاقنى نىفاققا قالقان سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ. مەيلى موللۇقتا ياكى يوقسۇللۇقتا بولسۇن ئىنفاق قىلىشقا بۇيرىيدۇ. قۇرئاننىڭ ئىنفاق – نىفاق قارمۇقارشىلىقى ناھايىتى ئېنىق. قەلبىدە نىفاق بولغانلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ:
ئېيتقىنكى، « ( ئى مۇناپىقلار جامائەسى! ) سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا ئىنفاق ( قانچىلىك پۇل – مال سەرپ قىلساڭلارمۇ ) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار » ( 9:53 ).
ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە مۇناپىقلارنىڭ ئىنفاقلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقىدىكى سەۋەپلەر مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى / ئىنفاقلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خوش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، ( پۇل – مېلىنى ) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ ( 9:54 ).  
ئەمەلىيەتتە ئاللاھ ئۈچۈن بېرىش، بېرىش ئەمەس ئەكسىچە ئېلىشتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئۈچۈن بەرگۈچىلەر، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىش تۇيغۇسى بېرىلگەنلەردۇر. ئاللاھ ئۇلارغا بېرىشنى ئاتا قىلغان. تەڭ بەھرىمان بولۇش ياخشىلىق قىلىشتۇر. ياخشىلىق قىلىش كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان بولۇپ، بۇ ياخشىلىق قىلىشنىڭ تۇنجى مۇكاپاتى. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ئالاھىدە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى قايتا – قايتا تەكرارلىماقتا. ئاللاھ بىر نەرسە تەلەپ قىلغان بولسا قىلچە ئىككىلەنمەي بەر، چۈنكى ئاللاھ سەندىن ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ساڭا بېرىش ئۈچۈن سەندىن ئالىدۇ. ھەزرىتى ئىبراھىمدىن ئىسمائىلنى تەلەپ قىلدى، ئىسمائىلغا قوشۇپ ئىسھاقنى بەردى.
سەدىقە بەندىنىڭ ئاللاھ قا بولغان ساداقىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىگە بولغان مال – دۇنيا ۋە ياخشىلىقلارنى باشقىلار بىلەن چىن دىلىدىن تاماسىز ھالدا بەھرىمان بولىشىدۇر.
ئىنفاقنىڭ رامىزان ئېيىغا خاس بولغان قىسمى فىتىر دەپ ئاتىلىدۇ. فىترەت سەدىقىسى، باي بولسۇن – بولمىسۇن ھەر ئىنساننىڭ « مەۋجۇت بولۇش » ئىنفاق مەسئۇلىيىتى بولغانلىقى مۇشۇنداق ئاتالغان. 

تەڭ بەھرىمان بولۇش ئەخلاقى قانداق بولىدۇ؟
قۇرئان بىر ئىنفاق ئەخلاقى بەرپا قىلىدۇ. بۇ مەسىلە قۇرئانغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك جەريانىدا، ئەڭ باشتا نازىل بولغان ئايەتلەر ئىچىدە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە ( يەنى بىر كىشىگە بىرەر نەرسە سوغا قىلساڭ / ياخشىلىق قىلساڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك ئېلىشنى تەمە قىلما ) ( 74:6 ).
پۇل ـ مېلىنى اﷲ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ [262]. ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. اﷲ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ [263] ( بەقەرە ).
ئىنفاق ئەخلاقى بىلەن ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان باشقا بىر ئەخلاقىي مەسىلە « ئاچ قېلىش ئەندىشىسى » ئىدى. ئاچلىق تەبىئىي بىر ئەھۋال، لېكىن ئاچ قېلىش ئەندىشىسى بىر ئەخلاقىي مەسىلە. ئاچ كىشىنى بىر نان تويدۇرىدۇ، لېكىن ئاچلىق ئەندىشىسگە گىرىپتار بولغۇچىنى دۇنيادىكى تونۇرلارنىڭ ھەممىسى جەمى بولسىمۇ تويغۇزالمايدۇ. ئىنفاق ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت بىلەن بىرگە نازىل بولغان تۆۋەندىكى ئايەت، بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ:
شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ؛ اﷲ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. اﷲ نىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [268] ( بەقەرە ).   
قىلغان ياخشىلىقىنى داۋراڭ قىلماسلىقمۇ ئىنفاق ئەخلاقى قاتارىدىن:
سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر [271] ( بەقەرە ).

ئىنفاق بىلەن ئۆسۈم ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت بارمۇ؟
ئۆسۈم بەدەلسىز ئېلىش، ئىنفاق تاماسىز بېرىش بولۇپ، ئۆسۈم پۇلدارنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى شوراشىدۇر. ئىنفاق، پۇلدارنىڭ مال – مۈلكىنى يوقسۇللار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولىشىدۇر.
ئىنفاقنىڭ، قول – ئىلكىدە بولغان ھەر مۇئمىنگە پەرز قىلىنغان قىسمىغا زاكات دېيىلىدۇ. قۇرئان ۋەھىي، زاكات ئەمرى بىلەن ئۆسۈمنىڭ ھارام قىلىنىشى ئارىسىدا تەتۈر تاناسىپلىق بىر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىدۇ. ئۆسۈم ھارام قىلغان بىر ئىقتىسادىي تۈزۈم، زاكاتنى پەرز قىلماستىن، ئىقتىسادىي ئادالەت بەرپا قىلىشتەك نىشانىغا يېتەلمەيتتى. چۈنكى ئۆسۈمنىڭ ھارام قىلىنىشى، تەۋھىد كەلىمىسىدىكى لا ئىلاھە ئىنكارنى تەمسىل قىلسا، زاكات ئەمرى بۇ تەۋھىد كەلىمىسىدىكى ئىللەللاھ ئىسپاتىنى تەمسىل قىلماقتا. بۇ ئىككىسى بىر بىرنىڭ تەقەززاسىدۇر.
يوقلۇقتا بېرەلمىگەنلەر، مولچىلىقتا ھەرگىز بېرەلمەيدۇ. قۇرئان ئۆسۈمنىڭ ھارام قىلىنىشى بىلەن زاكاتنىڭ پەرز قىلىنىشىنى يان – يانغا قويۇپ بايان قىلىدۇ ( 30: 38،39 ). بۇ ئارقىلىق دېيىلمەكچى بولغان نەرسە شۇ: پۇلغا / مال – مۈلۈككە ئىگە بولساڭلار، ئۇنى ئۆسۈم بىلەن ھەقسىز شەكىلدە  ئەمەس، ئىنفاق ۋە زاكات ئارقىلىق ھالال يول بىلەن كۆپەيتىشنى ئارزۇ قىلىڭلار. چۈنكى « كۆپىيىش » مەنىسىدىكى رىبا ( ئۆسۈم ) پۇل، مالنىڭ سانىنى ئاشۇرىدۇ، ئەمما رۇھىنى، يەنى بەرىكىتىنى ئۇچۇرۋېتىدۇ. تىرىك مال – مۈلۈك ساھبىنى توشۇيدۇ، ئۆلۈك مال – مۈلۈكنى ساھىبى يۈدۈپ يۈرىيدۇ. ئۆسۈمنىڭ ئەكسىچە، يىلتىز مەنىسى « كۆپىيىش » بولغان زاكات، كۆرۈنۈشتە مالنىڭ مىقدارىنى ئازايتقان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بەرىكىتىنى ئاشۇرىدۇ. 

مال – مۈلۈكنى يوقسۇللار بىلەن بىرگە بەھرىمان بولۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئىنفاقنى چۈشۈنۈش ۋە ھەزىم قىلىش، ۋەھىي بەرپا قىلغان بىر مال – مۈلۈك تەسەۋۋۇرىغا ئىگە بولۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. تەۋھىد ئېتىقادى، بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ئارقا تېرىكى. « مۈلۈك كىمنىڭ؟ » سۇئالىغا قۇرئاننىڭ بېرىدىغان جاۋابى ناھايىتى ئېنىق: ئاللاھ نىڭ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ مۈلۈكتىكى ھەسسىسىگە نېمە دەيمىز؟ بۇ ھەسسنىڭ ئىنسانغا ئامانەت قىلىپ بېرىلگەنلىكى بىر ھەقىقەت. چۈنكى، ئىنسان بۇ دۇنياغا ساھىپ بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، شاھىت بولۇش ئۈچۈن كەلگەن. مال – دۇنيانى ئىمانغا شاھىت قىلىش كېرەك. بۇ، مال – دۇنياغا مۈلكىيەت نەزىرى بىلەن ئەمەس، ئامانەت كۆزى بىلەن قاراش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
قۇرئان مال – دۇنيا مەسىلىسىدە ھەددىدىن ئاشقان ئىككى خىل مۇئامىلىنى رەت قىلىدۇ. بۇلاردىن بىرسى « مۇتلەق مۈلكىيەت » چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان كاپىتالىزم؛ يەنە بىرسى ھەر خىل دۇنيالىق ۋە مال – مۈلۈكنى گۇناھنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدىغان پېقىرزم. مال – مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ دەپ قارايدىغان كوممۇنىزم مال – دۇنيا چۈشەنچىسىدە ماھىيەت جەھەتتىن كاپىتالىزم بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. ئۇ ئوخشاشلىق ھەر ئىككىسىنىڭ مال – مۈلۈكنىڭ ئامانەت ئەمەس، ئەكسىچە مۈلكىيەت ئىكەنلىكى چۈشەنچىسىگە ئىگە بولىشى بولۇپ، مال – مۈلۈك شەخسكە تەۋەمۇ ياكى ئومۇمغىمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ باشقا بىر تەرىپى. 
قۇرئان بەزى مىستىك نەسىھەتلەر ۋە ھىند پېقىرزمنىڭ دۇنيا ۋە دۇنيالىق نەرسىلەرنى « گۇناھ، پاسكىنا نەرسىلەر » دەپ قارايدىغان چۈشەنچىسىنى رەت قىلىدۇ. خىتاپ قىلىنغۇچىسىغا مال – دۇنيا ھەققىدە ئوتتۇرا ھال يولنى كۆرسەتكەن شۇ دۇئانى ئۆگىتىدۇ:
پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن! ( 2:201 ).
زاكاتتىن تارتىپ تەشەببۇس قىلىنغان باشقا خەيىر سەدىقىلەرگە قارىتا قۇرئان كۆرسەتكەن سەۋەپ: مال – مۈلۈك ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمىسۇن ( 59:7 ).
بۇ ئايەت ئاللاھ نىڭ، مال  – مۈلۈكنىڭ مەلۇم كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالماسلىقىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.