image

ئىسلامدا قەدەر / تەقدىر چۈشەنچىسى قانداق؟
قۇرئان ئوچۇق ۋە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر.
مەۋجۇدىيەت ئالىمىدە ھەر ئىش ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى بىر ئىش بولمايدۇ.
ئۇنىڭ بىر نەرسىنى تەقدىر قىلىشى، ئۇ نەرسىنى بىر « ئۆلچەم » بىلەن يارىتىپ، ئۇنىڭغا بىر « قانۇن، ئورۇن، ھال، زامان، ماكان ۋە مۇددەت » بەلگىلىشى بولۇپ، ئۇ خالىمىسا ھېچقانداق نەرسە بولمايدۇ دېگەنلىك، ئۇ ھەر نەرسىنى بىكاردىن بىكارغا شۇنداقلا ياراتمىغان دېگەنلىك بولىدۇ. ياراتقان ھەر نەرسىنى بىر « قەدەر – ئۆلچەم / مىزان » بىلەن يارىتىشمۇ ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ.
ئاللاھ كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمەيدىغان ئىرادىسىز مەۋجۇدىيەتنىڭ تەقدىرىنى، ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارغا
تەۋە قىلغان. ۋەھىي ئۇ قانۇنىيەتنى « ئاللاھ نىڭ سۈننىتى ( سۈننەتۇللاھ ) » دەپ ئاتايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت ۋەھىيلەردە كۆرسىتىلگەن قانۇن يولى بىلەنلا ئەمەس، تەبىئەتنىڭ قۇرئانىدا يېزىلغان قانۇنلار ئارقىلىقمۇ بىلدۈرگەن ( 41:53 ). ئاللاھ نىڭ سۈننىتىدە ھەرگىز بىر ئۆزگۈرۈش ۋە بۇزۇلۇش بولمايدۇ. ئىرادىسىز بىر مەۋجۇدىيەت تەۋە بولغان قانۇنىيەت سۈننەتتۇللاھتۇر.
ئىنسانغا ئوخشاش ئىرادىلىك بىر مەخلۇققا كەلسەك،
1. ئىرادىسى سىرتىدىكى ۋەقە ۋە ئەھۋاللار. ئىنساننىڭ «  د ن ئا » سى، « ر ن ئا »سى، قان گۇرۇپپىسى، گىن تۈزلىشى، رەڭگى، بويى دېگەندەك مەسلىلەر، ئىنساننىڭ ئىرادىسى سىرتىدا بولىدۇ. بۇلارمۇ خۇددى يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ نىڭ سۈننىتىگە ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
2. ئىرادىنىڭ دائىرىسىگە كىرگەن ۋەقە ۋە ئەھۋاللار. ئاللاھ ئىرادە بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ تەقدىرىنى، ئامانەت قىلغان ئىرادىگە مۇناسىۋەتلىك قىلغان. ئىرادىنىڭ ئۆزى ئاللاھ نىڭ تەقدىرى بولۇپ، ئىنسان ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغان ئىش – ھەرىكىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنى مەسئۇلىيەت ئىگىسى قىلغۇچى ئىرادىنى ئامانەت قىلىپ بەرگەن ئاللاھ بولۇپ، ئىرادە بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشلاردا، ئىنساننىڭ تەقدىرى ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ئىشلىتىشىنى خالىغان. شۇڭا ئۆزىنىڭ كۇللى (ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى ) ئىرادىسى ئىچىگە، ئىنساننىڭ جۈزئى ( ئازغىنە ) ئىرادىسىنى قويغان. كۇللى ھەرىكەتنىڭ ئىچىگە، ئىنساننىڭ جۈزئى ھەرىكىتىنىمۇ قويغان. بۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارىسىدا مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن ۋە ئىنساننى مۆتىۋەر قىلغان. ئىنساننى ۋاقىتنىڭ ئەسىرى بولۇپ قېلىشتىن قۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ ساھىبىغا ئايلاندۇرغان. ئىنسان بۇ سايىدە ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە تارىخ يارىتىش شەرىپىگە نائىل بولغان.
ئاللاھ كۇللى ئىرادە ساھىبى، ئىنسان جۈزئى ئىرادە ساھىبى. ئىنسانغا جۈزئى ئىرادىنى ئاللاھ بەرگەن. ئالەمدىكى ھەر نەرسە ئاللاھ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ ئىرادىسىز مەۋجۇدىيەتلەرگە « ئۆزگەرمەس تەقدىر »، ئىرادىلىك مەخلۇقلارغا « ئۆزگىرىشچان تەقدىر » بەلگىلىگەن.
ئىنسانغا ئىرادىنىڭ بېرىلىشىمۇ ئاللاھ نىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن بولغان. ئىنسان ئىرادىسىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئاللاھ نىڭ تەقدىرىگە كۆرە ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن، ئىرادىسى دائىرىسىگە كىرگەن ھەر مەسىلىدە ئىنساننىڭ تەقدىرى تاللاش بولىدۇ. ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا تاللاش قابىلىيىتىنى بىلدۈرىدىغان ئىرادىنى بەرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ، ئاندىن ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ نىڭ تاللىغانلىقىنى ئېيتىش ئەھمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئاللاھ نىڭ تەقدىرىنى ئىنكار قىلغانلىق.
ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى چەكسىز ۋە شەرتسىز، ئىنساننىڭ ئىرادىسى چەكلىك ۋە شەرتلىك بولىدۇ. ئىنساننىڭ چەكلىك ۋە شەرتلىك ئىرادىسى، ھەرگىزمۇ ئاللاھ نىڭ چەكسىز ۋە شەرتسىز ئىرادىسى سىرتىدا، ئۇنىڭغا پاراللىل، ئۇنىڭدىن مۇستەقىل بىر ئىرادە ئەمەس. ئىنساننىڭ چەكلىك ئىرادىسى، ئاللاھ نىڭ چەكسىز ئىرادىسى ئىچىدە بولىدۇ. شۇڭا قۇرئان : « پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر » ( 76:30 ) دەيدۇ.
ئاللاھ ئىنساننىڭ تاللىشىنى خالىغان. ئىنسان ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغان ئىش – ھەرىكىتىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىنساننى ئىش – ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇشتىن خالىي قىلىپ، ئۆزىگە باشقا بىر ئىرادە تەرىپىدىن ئالدىن بەلگىلەنگەن رولنى مەجبۇرىي ئوينايدىغان ئارتىس دەپ قارايدىغان چۈشەنچىنى قۇرئان رەت قىلىدۇ. بۇنداق چۈشەنچە، ئىنساننىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى گۇمران قىلىدۇ. ئەخلاقى مەسئۇلىيەت، ئەخلاقلىق مۇئامىلىنىڭ ئۇلى. بۇ ئۇل يېقىلسا، ئىنساننىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشقان ھالدا ئىش – ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.  شۇنىڭدەك مۇكاپات ۋە جازانىڭ، جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ بىر ئەھمىيىتى قالمايدۇ. بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا، « ئاخىرەتكە ئىمان » نىڭ ئاساسىمۇ يوق بولىدۇ.  
ئىنسان، تاللاشنى ئىرادىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. لېكىن، ئىرادىنى تاللاش – تاللىماسلىق، ئىنساننىڭ ئىختىيارىغا بېرىلمىگەن. ئاللاھ، ئىنساننىڭ ئىرادىلىك بىر مەخلۇق بولىشىنى خالىغان. ئىنسان « ئىنسان » ئىسمىنى ئىرادىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئالغان.
ئىلاھىي ئىرادە، ئىنساننىڭ بىر ئىرادىلىك مەخلۇق بولىشىنى خالىغان. ئىنسان ئىككى نەرسە ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن ئىرادىلىك ياكى ئىرادىسىز بولۇشنى تاللاش ھەققى ئىنسانغا بېرىلمىگەن. بۇ مەسىلىدە تاللاش ۋە خالاش ھەققىنى ئاللاھ ئىشلىتىپ، ئىنسانغا ئىرادە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلاردا ئىرادە ئىنساننىڭ تەقدىرى بولغان. ئىرادە ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە ئىنسان بۇ تەقدىردىن، ئىختىيارى تاللاشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدۇ. تاللاش ئىنساننىڭ تەقدىرىدە بار، شۇڭا ئىنسان تاللاشقا مەجبۇر. ئۇنداقتا، ئىنساننىڭ تاللاش ئىقتىدارىنى يوق دەپ قارىغان ھەر چۈشەنچە، ئىرادىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. « پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر » دېگەنگە ئوخشاش ئايەتلەرنى مۇشۇنداق چۈشىنىش كېرەك.