image

تەۋبە ۋە ئىستىغفار دېگەن نېمە؟ قانداق ئادا قىلىنىدۇ؟
تەۋبە، « يۈزلىنىش » دېگەنلىك بولۇپ، ئىنساننىڭ ئوربىتىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىچكى دۇنياسىنى، ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن ئوربىتىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىستىغفار، « ياراتقۇچىدىن مەغپىرەت تىلەپ، ئۇ گۇناھنى ئۆتكۈزمىگەن قاتارىدىن قىلىشنى تىلەش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
تەۋبە ۋە ئىستىغفار ئىككى باسقۇچلۇق ئاللاھ قا يۈزلىنىش ھەرىكىتى بولۇپ، تەۋبە – « خاتادىن ۋازكېچىش» باسقۇچىنى، ئىستىغفار – « توغرىنى تېپىش » باسقۇچىنى ئىپادىلەيدۇ.
قۇرئاننىڭ گۇناھ ھەققىدىكى تەلىم قىسقىچە مۇنداق: ھەر قانداق گۇناھ ياراتقۇچىنىڭ مەغپىرىتىدىن چوڭ ئەمەس. ھېچكىم ياراتقۇچىنىڭ رەھمىتىدىن / مەغپىرىتىدىنمۇ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم دەپ ئويلاپ قالماسلىقى كېرەك. گۇناھتىنمۇ چوڭ گۇناھ بولغان ئىككى نەرسە بار:
1. گۇناھىغا قارىتا پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە پۇشايمان قىلماسلىق.
2. گۇناھىنى ئەپۇ قىلىنمايدۇ دەپ قاراش.
گۇناھىغا پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە پۇشايمان قىلماسلىق، گۇناھلارنىڭ ئەڭ يامىنى. گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىنمايدۇ دەپ قاراش، ئاللاھ تىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىك بولىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىمىدە، ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا بولغان شەپقىتى، بىر ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان شەپقىتىدىنمۇ ئۈستۈن. ئىلاھىي شەپقەتنى تۆۋەندىكى ئايەت ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ:
« ( ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن ) ئېيتقىنكى، ( گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ( خالىغان ئادەمنىڭ ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر » ( 39:53 ).
تەۋبە ۋە ئىستىغفار سەمىمىي ۋە چىن يۈرەكتىن بولىشىنى شەرتى قىلىدۇ. ئىككىنجى قېتىم بۇ گۇناھنى ئۆتكۈزمەسلىككە نىيەت قىلىش ۋە ئىرادە باغلاش، گۇناھنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.