ئىسلام دۇنياسى
ئالدىنقى بابلاردا ئىسلام دۇنياسىدىكى چاك سىزىقى ياكى توقۇنۇش نوقتىسى توغرىسىدا توختالغانىدۇق. ئىسلام دۇنياسىدىكى بوھران ھازىرچە تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئىش ھەقىقىي رەۋىشتە ئىزىغا چۈشمىدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ۋەزىيەت بىر ئىسلام دۇنياسى ئىسيانىغا ئايلانماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بىر ئىسلام دۆلىتى بۇ ۋەزىيەتتىن ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ رايون خاراكتېرلىق بىر كۈچكە ئايلىنىشقا ئۇرنىشى مۇمكىن. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ ھېسابلانغان ھىندونېزىيە بۇنى باشقا ئېلىپ چىققىدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس. پاكىستان ئىككىنجى ئەڭ چوڭ ئىسلام دۆلىتى بولۇش بىلەن بىرگە، بىردىنبىر ئاتوم بومبىسىغا ئىگە ئىسلام دۆلىتى. لېكىن، ئافغانىستان ئىچكى جەھەتتىن بىر قانچىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، غەربتە ئافغانىستان، شىمالدا جوڭگو ۋە روسسىيە، شەرقتە ھىندىستان بىلەن قورشىلىپ تۇرغاچقا، پاكىستاننىڭ چوڭ كۈچكە ئايلىنىشى ناھايىتى قېيىن. ئىچكى مالىمانچىلىق ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن پاكىستان ئىسلام دۆلەتلىرىگە باش بولالمايدۇ.
باشقا ئىسلام ئەللىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. بۇلاردىن ئەڭ چوڭى 80 مىليون نوپۇسى بولغان مىسىر بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا 71 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈركىيە بار. ئىران 65 مىليون نوپۇسقا ئىگە.
بۇ ئۈچ دۆلەت ئىچىدە تۈركىيە يىللىق 660 مىليارد دوللارلىق كىرىمى بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتە دۇنيادا 17 – ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىراننىڭ 300 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، 29 – ئورۇندا، مىسىر تەخمىنەن 125 مىليارد دوللارلىق كىرىمى بىلەن 52 – ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيە ئىقتىسادى كېيىنكى بەش يىلدا 5 بىلەن 8 % ئارىسىدا ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ رەقەم چوڭ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىران ئىككى يىللىق تۇرغۇنلىقتىن كېيىن، كېيىنكى بەش يىلدا يەنە 6% دىن يۇقىرى ئىقتىسادى ئېشىش كۆرسەتتى، مىسىر ئىقتىسادىمۇ بۇ نىسبەتتە ئېشىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ناھايىتى تىز كۈچىيىۋاتىدۇ، لېكىن تۈركىيىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. ياۋروپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۈركىيە ھازىرمۇ ئەڭ چوڭ يەتتىنچى ئىقتىسادى كۈچ بولۇپ، خېلى كۆپ ياۋروپا ئەللىرىگە قارىغاندا ئىقتىسادى تىز ئېشىۋاتىدۇ.
ئىقتىسادىنىڭ چوڭ بولىشى ھەممە جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە ئىراننىڭ پوزىتسىيىسى مۇشتۇمزور شەكىلدە بولۇپ، بۇنى ئەسلىدە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاجىز نوقتىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىران ئەرەب دۆلىتى ئەمەس، دۆلەت تۈزۈمىنى ئا ق ش، سۈنئىي مەزھىبىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئىرانغا قارشى ئەرەبلەردىن قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ھەيۋىسى بار قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئا ق ش ئىراننى خەتەرلىك بىر ئىسلام دۆلىتى دەپ قارايدۇ.
باسرا قولتۇقى ۋە ئىراق سەۋەبىدىن، ئىران بىلەن ئا ق ش نىڭ مەنپەئەتلىرى توقۇنۇشىۋاتىدۇ. ئىران بۇ رايوندا ئىقتىسادى بىر كۈچ بولۇشقا تىرىشىشى بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئا ق ش نىڭ مۇقەررە بىر ھۇجۇمىغا قارشى تەييار ھالەتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى بۆلۈشىگە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىران ۋە ئا ق ش دائىم سۈركىلىشىپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئا ق ش ھازىرچە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئىران ھازىرچە رايون خاراكتېرلىق بىر كۈچ بولغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس، كۈچىنى داۋاملىق بۆلۈشكە مەجبۇر. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق كۈزىتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، رايون خاراكتېرلىق بىر كۈچكە ئايلىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
ئۇنىڭدىن باشقا جۇغراپىيلىك ئورنى جەھەتتىن ئىران رايوننىڭ بىر چىتىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە ئافغانىستان بار، بۇ يەردە ئۇنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتى يوق. شىمالدا روسسىيە بولۇپ، بۇ تەرەپكە قاراپ كېڭىيەلمەيدۇ. ئىراققا قاراپ كېڭىيىش سىياسىتى ئۇنى ھەم ئەرەب ئەللىرى ھەم ئا ق ش بىلەن قارمۇ قارشى قىلىپ قويىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىراننىڭ كېڭەيمىچىىك سىياسىتى يۈرگۈزىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭغا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.
مىسىر ئەرەب دۇنياسىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، تارىختىن بۇيان شۇنداق بولۇپ كەلگەن. بۇ ۋەزىيەت جامال ئابدەل ناسىرنىڭ ھوقوقنى قولغا ئېلىشى بىلەن شەكىللەندى. لېكىن، ئەرەب ئالەمى پارچىلانغان بولۇپ، مىسىرمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن قارمۇ قارشى ۋەزىيەتتە. 1978 – يىلىدىكى كامپ دېيۋىد ئىسرائىل كېلىشىمىدىن كېيىن مىسىر كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى توختاتتى، بۇ سىياسەت ئەسلىدىمۇ نەتىجە قولغا كەلتۈرەلمىگەنىدى. ئىقتىسادى، نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقى ۋە بېكىنمىچىلىك ھالىتى بىلەن مىسىرنىڭ رايون خاراكتېرلىق بىر كۈچكە ئايلىنىشى ناھايىتى قېيىن. بۇ رايون تۈركىيە، ئا ق ش ياكى روسسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىشى مۇمكىن.
تۈركىيە باشقىچە بىر دۆلەت. ئۇ پەقەت چوڭ ۋە زامانىۋى دۆلەت بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ رايوننىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى كۈچ بولۇپ، ئىراندىنمۇ چوڭ ئىقتىسادى بار ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ زامانىۋى ئىقتىسادى دېيىشكە بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسيا ئارىسىدا قالغان زېمىنغا ئىگە.
تۈركىيە بېكىنمە ھالدىكى دۆلەت ئەمەس، ئۇ كۆپ تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئەڭ مۇھىمى ئا ق ش بىلەن دوست بولۇپ، ئا ق ش خەۋپىدىن خالى. بۇ سەۋەپتىن كۈچىنى ئا ق ش غا قارشى مۇداپىئەلىنىشكە سەرپ قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. چوڭىيىۋاتقان ئىقتىسادى بىلەن بۇرۇنقى رولىغا قايتىش، رايوندا تەسىرى چوڭ بىر كۈچكە ئايلىنىش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى.
تۈركىيە، 1 – دۇنيا ئۇررشىغىچە چوڭ بىر ئىمپېرىيە ئىدى. ئىمپېرىيە گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغان لائىك ( دىن بىلەن ھاكىميەت ئايرىۋېتىلگەن ) بىر دۆلەت سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈركىيە 1918 – يىلىغىچە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك مۇسۇلمان دۆلىتى ئىدى. ئەڭ كۈچلەنگەن 14 – 16 ئەسىر ئارىسىدا ناھايىتى كېڭەيدى ۋە راۋۇرۇس كۈچلەندى.
تۈركىيە، 16 – ئەسىردە شىمالىي ئافرىقا، شەرقى ئاق دېڭىز، شەرقى جەنۇبىي ياۋروپا، كافكاسيا ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ھاكىمىيىتى ئاستىقا ئالغان چوڭ بىر ئاق دېڭىز كۈچىگە ئايلاندى.
تۈركىيە، خەلقى مۇسۇلمان ئەمما دۆلەت تۈزۈمى لائىك بولۇپ، بۇ تۈزۈمنى ئىچكى ۋە تاشقى خەۋپلەردىن قوغدايدىغان كۈچلۈك ئارمىيگە ئىگە بىر جۇمھۇرىيەت. كۈنىمىزدە تۈركىيەدە ئوڭچى بىر ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىدا. لېكىن، ئا ق ش نىڭ 2003 – يىلىدا ئىراققا كىرىشىدىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىدىكى چىچىلاڭغۇ ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادى كۈچى بولغان تۈركىيە كۆزىمىزگە چىلىقىدۇ.