كافكازىيە

كافكازىيە روسسىيە ۋە تۈركىيە ئارىسىدىكى چېگرا رايون بولۇپ، تارىخ بويىچە ئىككى ئىمپېرىيە ئارىسىدا تالاش – تارتىشتا قالغانىدى. بۇ رايون سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلدىمۇ مەسلىلەر پەيدا قىلدى. كافكازلاردىن ئۆتكەن تۈركىيە – سوۋېت چېگرىسىنىڭ روسسىيە تەرىپىدە ھازىر مۇستەقىل ئەرمېنىيە، گرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيەتلىرى بار. كافكازلارنىڭ يۇقىرىسىدا روسسىيىنىڭ ئىچىگە قاراپ مۇسۇلمان داغىستان، ئەڭ مۇھىمى كوممۇنىزم گۇمران بولغاندىن كېيىن روسلارغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرى يۈز بەرگەن چېچەنىستان بار.

روسسىيە ۋە تۈركىيە چېگرىلىرى كافكازلادىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، مۇداپىئە جەھەتتىن ئىككى دۆلەت ھېچقانداق بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەيدۇ. رايوندىكى يەر شارائىتى مۇداپىئەنى خېلىلا ئاسانلاشتۇرىدۇ. ناۋادا روسلار كافكازلاردىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ شىمالغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئەھۋالى يامانلىشىدۇ. ئوكرائىنا ۋە قازاقىستان ئارىسىدا پەقەت بىر قانچە يۇز مىل مۇساپە بولغانلىقى ئۈچۈن، روسسىيە ستىراتېگىيلىك نوقتىدىن قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

روسلار مانا بۇ سەۋەپتىن چېچەنىستان مەسلىسىدە سۈلھى قىلىشقا يېقىنلاشمايدۇ. چېچەنىستاننىڭ جەنۇبىي شىمالىي كافكازىيىدە بولۇپ، ئۇ يەر قولدىن كەتسە روسسىيە قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. روسلار ئەسلىدە پۇرسەت تاپسىلا چېگرالىرىنى تېخىمۇ جەنۇبقا، گرۇزىيىگە قاراپ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەرمېنىيە روسسىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ،  بۇنىڭغا گرۇزىيىمۇ قوشۇلسا روسسىيە تېخىمۇ راھەت نەپەس ئالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن روسلار چېچەنىستاننى قول ئاستىدا تۇتۇشقا تىرىشىدۇ، گرۇزىيىنىڭ ئېلىنىشىنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئەزەربەيجاننى كونتىرول ئاستىغا ئېلىش روسلارغا ستىراتېگىيلىك بىر ئەۋزەللىك ئېلىپ كەلمەيدۇ، لېكىن روسلار ئىران بىلەن ئارىسىدا ئەزەربەيجاننىڭ ئارا رايون بولىشىنى خالايدۇ. روسسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى ئورنىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئا ق ش بىلەن يېقىن ئىتتىپاقداش بولغان گرۇزىيە، 2008 – يىلى 8 – ئايدىكى ۋەقەدە بولغاندەك روسلار ئۈچۈن جەلىپ قىلارلىق بىر ئوبىيكتىپ.

كافكازىيە

كىچىك دۆلەتلەر جايلاشقان تاغلىق رايونلاردا ھەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان مەسلىلەر بۇ رايوندىمۇ داۋام قىلماقتا. مەسىلەن: ئەرمېنىلەر تۈركىيىنى يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرمېىنلەرنى قەتلىئام قىلدى دەپ ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن روسسىيىدىن ياردەم كۈتمەكتە. ئەرمېنىيە – گرۇزىيە ئارىسىدا سۈركىلىش تۈگىگىنى يوق. ستالىن بىر گرۇز بولغان بولسىمۇ، گرۇزلار ئەرمېنىلەرنى ياقتۇرمىغاندەك، روسلارنىمۇ ياقتۇرمايدۇ. روسلارغا كۆرە، گرۇزىيە ھەم  ئا ق ش تەرەپتارى ھەم گرۇزىيە ئارقىلىق چېچەنىستانغا قورال – ياراق يۆتكىلىشىگە يول قويماقتا. ئەزەربەيجان ئەرمېنىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، بۇ سەۋەپتىن ئىران ۋە تۈركىيگە يىقىن تۇرىدۇ.

كافكازىيىدە ئەھۋال ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مەۋجۇد مەسلىلەرنى ھەل قىلىش قېيىن. سوۋېت ئىتتىپاقى 1. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاققا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. روسلار كۈنىمىزدە ۋە كەلگۈسىدە بۇ رايوندىكى مەسلىلەرنى كۆرمەسلىككە سېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بۇنداق قىلسا، كافكازلاردىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسلار، باشتا گرۇزىيىدىن تارتىپ پۈتۈن رايوندا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن، گرۇزىيە ئا ق ش ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ رايوندا بىر ئا ق ش – روس توقۇنۇشى چىقىشى مۇمكىن. چېچەن ئىسيانى داۋاملاشقان مۇددەتچە، روسلار جەنۇپقا كېڭىيىشكە، ئىسياننى باستۇرۇشقا ۋە ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىدۇ.

لېكىن، ئا ق ش ۋە تۈركىيە ئىشنىڭ بۇ شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ. ئا ق ش گرۇزىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ قالسا، بۇ رايوندىكى ئورنى ئاجىزلىشىدۇ. تۈركلەرگە كۆرە، بۇ ئەھۋالدا روسلار ئەرمېنىيىگە ياردەم قىلىدۇ ۋە روس ئارمىيسى تۈرك چېگرالىرىغا يىقىنلىشىدۇ. روسلار بۇ تىركىشىشكە توسالغۇ بولمايدۇ. كافكازىيە بىر توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.