ياۋروپا رايونى

بۇ يەردە ياۋروپا دەپ تىلغا ئېلىنۋاتقان رايون، ئەلۋەتتە روسسىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان رايون بولۇپ، روسسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى غەربىي چېگرىسىدا ئىستونىيە، لېتونىيە ۋە لېتۋانىيە ۋە ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان بىلروسسىيە ۋە ئۇكرائىنا بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە روس ئىمپېرىيىسىگە تەۋە ئىدى. بۇ ئەللەرنىڭ ئۇ تەرىپىدە يەنە سابىق سوۋېت مۇستەملىكىسى بولغان پولشا، سلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىستان بار. روسلار ئۆزىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىلروس ۋە ئۇكرائىنانى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشقا مەجبۇر. بالتېق ئەللىرىمۇ مۇھىم، ئەمما ئۇلاردەك مۇھىم ئەمەس. روسلار كارپاتلاردا ۋە شىمالىي ياۋروپادا كۈچلۈك بولغان مۇددەتچە، شەرقىي ياۋروپادىن ھېچقانداق بىر خەۋپ كەلمەيدۇ. لېكىن، بۇ رايونلار ھەر دائىم قالايمىقانچىلىققا سەھنە بولىشى مۇمكىن.

روسلار ئۈچۈن بىلروس ۋە ئۇكرائىنا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دۆلەتلەر دۈشمەننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسە، مەسىلەن: ناتوغا ئەزا بولسا روسسىيە چوڭ تەھدىد ئاستىدا قالىدۇ. موسكۋا روسسىيە – بىلروس چېگرىسىغا تەخمىنەن ئىككى يۈز مىل يىراقلىقتا. ئۇكرائىنانىڭ بۇرۇنقى ئىسمى ستالىن گراد بولغان ۋولگوگرادقا بولغان يىراقلىقىمۇ ئىككى يۈز مىل ئەتراپىدا. روسسىيە ناپالىئون ۋە گېتلىرگە قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشتا زېمىنىنىڭ ئىچكىرلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بىلروس ۋە ئۇكرائىنا بولمىسا، زېمىننىڭ ئىچكىرلىكىنىڭمۇ بىر ئەھمىيىتى قالمايدۇ. لېكىن، ناتونىڭ روسسىيىگە قارشى تەھدىد پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاش ئەخمەقلىق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، روسلار بۇ مەسلىلەرنى يىگىرمە يىللىق دەۋرلەر سۈپتىدە ئويلىشىدۇ ۋە ئەخمەقلىق دېيىلگەن ئىشلارنىڭ قانچىلىك سۈرئەتتە مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ.

 

روسلار ئا ق ش ۋە ناتونىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە بالتېق ئەللىرىنى ئەزا قىلىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئا ق ش ئۇكرائىنانى ناتو ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، روسلار ئا ق ش ۋە ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتتى. ئۇكرائىنانىڭ ناتو ئەزاسى بولىشى، روسسىيىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. 2004 – يىلىدىكى رەڭلىك ئىنقىلابتا، ناتونىڭ ئۇكرائىنانى ئەزالىققا ئالىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان روسسىيە، ئا ق ش نىڭ روسسىيىنى دۇنيادىن ئايرىپ يوق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئا ق ش نىڭ بۇ مەسىلىدە نېمە ئويلايدىغانلىقى ۋە ناتو ئەزاسى ئۇكرائىنانىڭ روسسىيە ئۈچۈن تەھدىد تەشكىل قىلىپ – قىلمايدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

روسلار بۇ ئىشتا ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سالمىدى، لېكىن ئۇكرائىنادا پائالىيىتى كۈچلۈك بولغان جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنى ئىشقا سېلىپ، روسسىيە تەرەپتارى شەرقىي ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا تەرەپتارى غەربىي ئۇكرائىنانى بىر – بىرىدىن ئايرىپ، رەڭلىك ئىنقىلابنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. روسلار بۇنى ناھايىتى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلدى، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىتى قالايمىقانلاشتى. روسلارنىڭ كىۋنى نوپۇزى ئاستىغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرىشىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.

بىلروسنى بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى قولاي. چۈنكى، سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاز تەرەققىي قىلغان دۆلەت بىلروس بولۇپ، دۆلەت مەركىزىي ھاكىم مۇتلەق بىر تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدۇ. دۆلەت باشلىقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا سادىق بولۇپ، بىر مەزگىللەردە روسسىيە بىلەن بىرلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇنداق بىر بىرلىشىشتە، شۈبھىسىزكى روسلارنىڭ شەرتلىرى كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئارىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بىلروسنىڭ ناتوغا ئەزا بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

بىلروس بىلەن ئۇكرائىنا ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە روسسىيىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىشى مۇمكىن. بۇ رىئاللىققا ئايلانسا، روسسىيە ياۋروپا بىلەن بولغان چېگرىسىنى ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىسىدىكى ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ. جەنۇبتا چېگرىسى كافكازىيدە قالسىمۇ، ئۇكرائىنا ساقلىنىپ قالىدۇ؛ شىمالىي ياۋروپا چېگرىسى پولشا ۋە بالتېق ئەللىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا شىمالدا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ قايسىسى ۋە ئېنىق چېگرىسى قەيەر بولىدىغانلىقى مۇنازىرىگە ئوچۇق تېما. ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن نازۇك رايون بالتېق ئەللىرى بولىدۇ.

روسسىيىنى ئىستىلا قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئەنئەنىۋى رايون، شىمالىي كارپاتلار بىلەن بالتېق دېڭىزى ئارىسىدىكى ئۈچ يۈز مىل كەڭلىكتىكى جاي بولۇپ، تۈز ۋە ئاسان ئۆتكىلى بولىدىغان بۇ رايوندا توسالغۇ سۈپتىدە  بىر قانچە دەريا بار. ياۋروپادىن كېلىدىغان ئىستىلا كۈچلىرى موسكۋا ياكى غەربىي شىمالدىكى ست. پېتېرسبۇرگقا بۇ تۈزلەڭلىكتىن شەرققە قاراپ ئوڭايلا ئىلگىرلىيەلەيدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتو دۆلەتلىرى چېگرىسى بىلەن ست. پېتېرسبۇرگ ئارىسىدىكى مۇساپە مىڭ مىلدىن ئارتۇق ئىدى. ھازىر بۇ مۇساپە تەخمىنەن يەتمىش مىل ئەتراپىدا. مانا بۇ روسسىيىنىڭ بالتېق ئەللىرى ھەققىدىكى ئەنسىزلىكىنىڭ سەۋەبى.  روسسىيە ھازىر بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

بالتېق ئەللىرى بىر چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ھەممىسى مۇستەقىل بولدى، كېيىن ناتوغا ئەزا بولدى. باشتا كۆرگىنىمىزدەك ياۋروپا ئەللىرى بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنالمىدى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى. روسلار ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلاتتى ۋە بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە ئۇچرىتالمايتتى. روسلار 1932 – يىللاردا ئاران ئۆرە تۇرىدىغان گىرمانىيىنىڭ 1941 – يىلى موسكۋاغا قىستاپ كەلگەنلىكىنى كۆردى. پولشا ۋە بالتېق ئەللىرىنىڭ ناتوغا ئەزا بولىشى بىلەن ناتو چېگرىسى روسسىيە مەركىزىگە بەكمۇ يىقىنلاشتى. كېيىنكى ئىككى ئەسىردە ئۈچ قېتىم ئىستىلاغا ئۇچرىغان بىر ئەل بولغان روسسىيە، ناتونىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر خەۋپ بولۇپ – بولمايدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا ئېھتىياتچان بولىدۇ.

روسلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يات ئەللەرنىڭ ئىستىلا ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان يول ۋە رايون، ئوڭايلا ئۆتكىلى بولىدىغان تۈزلەڭلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ زېمىنلار روسسىيىگە دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغان ئەللەرنىڭ قولىدا. بالتېق ئەللىرى روس ئىشغالىنى تېخى ئۇنۇتۇپ قالمىدى. پولشالىقلارمۇ روسلارنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشغالىنى ئۇنۇتۇپ قالمىدى. بۇ ئەللەر ھازىر ناتو ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنىقى سەپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا گىرمانىيە بار بولۇپ، روسلارمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ. روسلار بەلكىم ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىدىغاندۇ، لېكىن بۇ روسلارنى ساراڭ ياكى دۈشمەنسىز دېگەنلىك ئەمەس.

بۇ رايوندا توقۇنۇشلار بولىشى مۇمكىن. روسلار بىتەرەپ بىر بالتېق رايونىغا رازى. ئەمما ناتو ئەزاسى ۋە ئا ق ش گە يىقىن بىر بالتېق رايونى مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىن دېيىشىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئوتتۇرا ئاسيادىن چېكىندى، كافكازلاردا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلسىمۇ، بالتېق رايونىدىن چېكىنمەيدۇ. ناتوغا ئەزا بولغان بۇ ئۈچ ئەلگە مۇناسىۋەتلىك بىر تالاش – تارتىش شەرقىي ياۋروپادا ئەندىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ پوزىتيىسى ئىنىق ئەمەس ۋە روسسىيە تەسىرىنىڭ غەربكە قاراپ كېڭىيىش ئىھتىمالى ئاشىدۇ. روسسىيىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرى مۇھىم، لېكىن ئا ق ش خالىغان ۋاقىتتا ئۇ يەرگە چوڭ كۈچ ئەۋەتەلىگىدەك كۈچكە ئىگە.

روسسىيە بەلكىم بىلروس بىلەن بىر مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزىشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەت ئۇزۇن يىللاردىن بىر – بىرىگە سادىق بولدى ۋە بۇنى ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. بۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، روس ئارمىيسى پولشا چېگرىسىغا يىقىنلاپ كېلىشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋاقىتتا چوڭ مەسلىلەر ۋە بىر توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

پولشالىقلار ھەم روسلاردىن ھەم نىمىسلاردىن قورقىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەبىئىي مۇداپىئە سېپى يوق بولۇپ، ئىككى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ قورقىسى بىلەن ياشايدۇ. روسسىيە بىلەن ئارىسىدا كارپاتلار بولغان ۋە ئۇكرائىنا بىلەن چېگرىداش بولغان باشقا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئەكسىچە، پولشا خېيىم- خەتەرگە ئوچۇق شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان. روسسىيە ئەگەر بالتېق ئەللىرىگە يىقىنلىشىدىغان بولسا، پولشا ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، ئەلۋەتتە. پولشا نوپۇسى قىرىق مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، كىچىك دۆلەت ئەمەس. ئا ق ش نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكىنىگە قارىغاندا ئادەتتىكى بىر دۆلەت ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

پولشاغا بېرىلگەن ياردەم بالتېق رايونىنىڭ قالغان قىسمىغا يېيىلىشى مۇمكىن. روسلار ئۇكرائىنا ۋە بىلروس ياردىمى بىلەن پولشا چېگرىسىغا ۋە جەنۇبتا قارا دېڭىزغا كېلىشى، بالتېق ئەللىرىنى ئوتتۇرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن ۋە بۇلار 2010 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن.

روسلار بالتېق ئەللىرىدە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن ئۈچ خىل تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن. ئەڭ باشتا مەخپىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئا ق ش نىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگىنىگە ئوخشاش، روسلارمۇ بۇ ئەللەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا روسلارنى ياقىلايدىغان خادىملارنى ئىشلىتىدۇ. بالتېق ئەللىرى بۇ ئىشلارنى توسقان تەقدىردە، روسلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسىشقا باشلايدۇ، بولۇپمۇ تەبىئىي گازنى ئېقىشىنى توختىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى چارە، بۇ ئەللەرنىڭ چېگرالىرىغا ئەسكەر يىغىپ ئۇلارغا قارىتىلغان بېسىمنى ئاشۇرۇش بولىدۇ. پولشالىقلار ۋە بالتېق ئەللىرى روسلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرىنى، مۇئامىلە ئۆزگەرتىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇنداق ۋاقىتتا روھى بېسىممۇ ئاشىدۇ.

كېيىنكى زامانلاردا روس ئارمىيسىنىڭ ئاجىزلىقى توغرىسىدا جىق گەپ بولدى، ئەسەرلەر يېزىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە راست ئىدى. ئەمما، ھازىر ئالدىمىزدا يېڭى رىئاللىقلار بار. ئارمىينىڭ بۇ ئاجىز ھالى 2000 – يىلىدا ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى ۋە 2015 – يىلىدا ئاجىز ھالىتى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلىدۇ. شەرقىي شىمالىي ياۋروپادا يۈز بېرىدىغان توقۇنۇش ھازىرلا باشلىمايدۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر كۆرەش بولىدۇ. بۇ جەرياندا روس ئارمىيسىمۇ كۈچلىنىدىغانغا پۇرسەت تاپىدۇ. روسسىيە 1990 – يىللاردا ئىلغار ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى ۋە 2010 – يىلىدا رايوننىڭ ئەڭ كۈچلۇك ئارمىيسىگە ئىگە بولىشى مۇمكىن. 2015 – 2020 – يىللىرىدا بۇ رايوندا كۈچ ئىشلەتمەكچى بولغان ھەر ئارمىيگە، ھەتتا ئامېرىكا ئارمىيسىگە خىرىس قىلغۇدەك ھالغا كېلىشى مۇمكىن.

بۇ ئەھۋالدا روسسىيىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى قوغداشقا قادىر بولالمايدىغان ئەللەر ۋە ئا ق ش نىڭ كۈچىدىن ياردەم تاما قىلىدىغانلار ناتو كۈچلىرى بولىدۇ. ئالدىدا بايان قىلىنغاندەك، ئا ق ش نىڭ ياۋرو – ئاسيا سىياسىتى، رايوندا ھاكىمىيەت تىكلىمەكچى بولغان كۈچلەرنى توساشنى ئاساس قىلىدۇ. جوڭگو ياكى ياۋروپا ئەللىرى پارچىلىنىپ ئاجىزلىسا، ئا ق ش ئومۇمىيۈزلۈك بىر ئۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. روسلارنىڭ يەرشارىۋى كۈچلىنىشىنى توساش ئۈچۈن، پولشا ۋە بالتېق ئەللىرى ئارقىلىق روسلارنىڭ دىققىتىنى بۇ رايونلارغا بۇراشقا تىرىشىدۇ.

ئا ق ش بۇ ئەللەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى – تېخنىكا بېرىشنى ئىشقا سالىدۇ. 2020 – يىلىغىچە بولغان بۇ مەزگىلدە بۇ چارە كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى ئۇرۇش تېخنىكىلىرى تېخىمۇ كىچىك ۋە كۈچلۈك ئارمىيە بولۇشنى زۆرۈر قىلىدۇ. كىچىك دۆلەتلەر ئىلغار تېخنىكا بىلەن كۈچلۈك قوراللىق كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. ئا ق ش بۇ شەكىلدە پولشا ۋە بالتېق دۆلەتلىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى روسلارنى توسالىغۇدەك ھالغا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر روسلارنى توسماقچى بولسا، ئەڭ توغرا يول بۇ بولىدۇ. كافكازىيىدە گروزىيىمۇ روسلارغا قارشى بىر دۆلەت بولۇپ، ئا ق ش بۇ رايونغا ئارلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما، ياۋروپا بۇ مەسىلىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئا ق ش كۈچى روسلارنىڭ بىۋاستە ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. روسلار ئا ق ش غا ياۋروپانىڭ سىرتىدا، دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا بېسىم قىلىشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، چېگراداش سلوۋاكىيە ۋە بۇلغارىستانغا ئوخشاش ئەللەرنى بىسەرەمجان قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئەھۋالدا توقۇنۇش روسسىيە بىلەن باشقا ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدىكى چېگرالارغا تۇتىشىشى مۇمكىن.

روسلارنىڭ ئاساسىي ستىراتېگىيىسى – ناتونى پارچىلاش ۋە شەرقىي ياۋروپانى ئايرىش بولىدۇ. بۇ ستىراتېگىيىدىكى ھالقىلىق دۆلەتلەر گىرمانىيە ۋە فرانسىيە بولۇپ، بۇلار روسسىيە بىلەن ئارىسىدا مەسىلە پەيدا بولىشىنى خالىمايدۇ، بولۇپمۇ گىرمانىيە روسلارنىڭ تەبىئىي گېزىغا مۇھتاج. نىمىسلار بۇ بېقىندىلىقنى ئازايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇ مەسىلىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىدۇ. لېكىن، تەبىئىي گازغا بولغان بېقىندىلىقى داۋاملىشىدۇ. روسلار بۇ ئەھۋالدا، ئا ق ش نىڭ ئۆزىگە قارشى گىرمانىيدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تالاش – تارتىشنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. لېكىن، گىرمانىيە بىلەن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، پولشا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارا دۆلەت. بالتېق ئەللىرىمۇ بۇ تالاش – تارتىشقا ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئا ق ش ئۇلارغا پەقەت روسسىيىگە قارشى باش كۆتەرگەن ۋاقىتلىرىدا ئاندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. روسسىيە بىتەرەپ تۇرۇش ۋە ئارمىيلىرىنى كۈچلەندۈرمەسلىك شەرتى بىلەن، بۇ دۆلەتلەرگە كەڭ دائىرىلىك فېدىراتسىيە ھالىدىكى بىر بالتېق ئاپتونۇمىيسى ۋە پولشاغا بىخەتەرلىك ھەققىدە كاپالەت بېرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ۋاستىسى بولغان ئۇرۇش نىمىسلار ۋە فرانسىزلارنى قىزىقتۇرمايدۇ.

بۇ تالاش – تارتىش مۇمكىن، لېكىن مېنىڭچە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئا ق ش شەرقىي ياۋروپادا روسلارغا قارشى يەنە مەسىلە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ناتونىڭ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن نىمىسلار ئۆزلىرى خالىمىغان ھالدا بۇ مەسىلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پولشا، بالتېق ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئۈچۈن ناتونىڭ ياردىمىنى توسىشى مۇمكىن. گىرمانىيە چوڭ بىر دۆلەت. روسلارمۇ ناتو ياردىمىنىڭ توختىشى بىلەن پولشا ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئارقىغا چىكىنىشىنى كۈتىدۇ.

ناۋادا ۋەزىيەت بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، پولشا يەنە روسسىيە بىلەن گىرمانىيە ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالسا، ئا ق ش غا بولغان بېقىندىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئا ق ش روسلارنى توساش ۋە ياۋروپانى پارچىلاپ ئاجىزلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قالسا، شەرقىي ياۋروپاغا بېرىدىغان ياردىمىنى كۈچەيتىدۇ. 2015 – يىلىدا سابىق سوۋېت مۇستەملىكىلىرى ۋە بالتېق ئەللىرىدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر قۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. غەربىي ياۋروغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، يوقۇتۇپ قويىدىغان نەرسىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدىغان ۋە ئا ق ش قوللىغان بۇنداق بىر قۇتۇپ چوڭ دېنامىزمغا ئىگە بولىدۇ.

روسلار دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا ئا ق ش غا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ، ياۋروپا رايونىدا ئا ق ش غا توسالغۇ بولۇشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، ئىسرائىل – پەلەستىن ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقاندا، روسلار ئەرەبلەرگە بولغان ھەربىي ياردىمنى كۈچەيتىدۇ. روسلار نورمالدا ئا ق ش غا قارشى كۈچلەرگە بولغان ياردىمنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 2015 – يىلدا بىر زىددىيەت پەيدا بولىشى ۋە 2020 – يىلدا چوڭىيىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش چىقىشنى خالىمايدۇ ۋە ئارىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە ئىزدىشىدۇ.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەسىلە 2020 – يىلىدا بىر دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، لېكىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك كەڭ دائىرىدە بولمايدۇ.

روسلار بۇ مەزگىلگىچە ياۋرو – ئاسياغا ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىدە كۈچلىنەلمەيدۇ ۋە دۇنياغا بىر خەۋپ تەشكىل قىلالمايدۇ. لېكىن، بۇ بىر رايون خاراكتېرلىق مەسىلىگە ئايلىنىشى ۋە ئا ق ش نىمۇ ئارلىشىشقا مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا روس چېگرالىرىدا سۈركىلىشلەر بولىدۇ، ئەمما ئا ق ش سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىدەك روسسىيە ئەتراپىدا بىر چەمبەر شەكىللەندۈرمەيدۇ ياكى بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئېنىرگىيە ئىھتىياجىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى روسسىيىدىن قامداۋاتقان ياۋروپا قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ، ئەلۋەتتە.  ئا ق ش ستىراتېگىيسىمۇ ھىدروكاربون ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە مەزكەزلىشىدۇ ۋە باشقا ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. روسسىيە يېڭى سانائەت يارىتىشنى تاشلاپ، مەۋجۇت سانائەت بىلەن قانائەتلىنىشكە تىرىشىدۇ ۋە نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسسىيىنىڭ كەلگۈسىدە يېڭى تېخنىكا يارىتىش ئىھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن.

ئەمما، روسلار ھەممىدىن بەكرەك قوللىق كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئۆتكەن ئىككى ئەسىردىكىدەك ھەربىي تېخنىكا تەتقىقاتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىدۇ. مەۋجۇت قورل – ياراق سانائىتىنى چوڭايتىپ، ھەربىي ئىشلار ساھەسىگە كىرمەيدىغان، لېكىن ئەھمىيەتلىك تېخنىكا ساھەسىدە ئا ق ش ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قالماسلىققا تىرىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئېنىرگىيە ئىكسپورتىدىن قىلغان كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ مەقسەتتە سەرپ قىلىدۇ. يەنى تېخنىكا يارىتىشقا سەرپ قىلماي، ھەربىي راسخوتنى كۆپەيتىدۇ.

روسسىيە تەخمىنەن 2010 – يىلىغىچە كۈچ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، لېكىن باشقىلار تەرىپىدىن بەك كۆزگە ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭغا پارچىلانغان، ئىقتىسادى بىر ئىزىدا تۇرۇپ قالغان ۋە ھەربىي كۈچى ئاجىز بىر دۆلەت سۈپىتىدە قارايدۇ. 2010 – يىللاردا  چېگرالاردا مەسلىلەر ئېغىرلاشسا، خوشنا ئەللەر ئەنسىزلىك ھىس قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما چوڭ دۆلەتلەر يەنىلا روسسىيىنى كۆزگە ئېلىپ كەتمەيدۇ.

ئا ق ش ئادەتتە باشتا دۈشمەنلىرىنى ئانچە كۆزگە ئېلىپ كەتمەيدۇ، كېيىن ھەددىدىن زىيادە دىققەت بىلەن كۆزىتىشكە باشلايدۇ. ئا ق ش 2010 – يىللاردا روسسىيىگە قايتىدىن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىشى، پوزىتسىيىسىدە ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن. ئەمما  نورمال ئەھۋالدا قەتىئىي ۋە مەنتىقىلىق بىر تاشقى سىياسەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەندىشىسى داۋالىشىدۇ، ئەمما ئۇرۇشقا كىرمەي باشقا يوللار بىلەن روسسىيىنى توساش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ.

بۇ نوقتىدا چاك لېنىيىسىنىڭ ئورنى مۇھىم، ئەلۋەتتە. روسسىيىنىڭ ئىنكاسلىرى كىچىك كىرىزلەر شەكلىدە بولسا، روسلار ئوتتۇرا ئاسيا بىلەن كافكازىيىنى ۋە مولدىۋېيىنىمۇ نوپۇزى ئاستىغا ئالالايدۇ. لېكىن، بالتېق ئەللىرىنى ياكى كارپاتلارنىڭ غەربىنى نوپۇزى ئاستىغا كىرگۈزەلمەيدۇ. ئەگەر روسسىيە بالتېق ئەللىرىنىمۇ نوپۇزى ئاستىغا ئالسا، سېرىبىيە، بۇلغارىستان ۋە گرىتسىيە قاتارلىق بالقان ئەللىرىدىن ئىتتىپاقداش تاپىدۇ ياكى سلوۋاكىيىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ياۋروپا ئەللىرىنى ئۆزىگە تارتالىسا، ئا ق ش بىلەن ئارىسىدىكى رىقابەت چوڭىيىشى ۋە قورقۇنچ ھالغا كېلىشى مۇمكىن.

ئەمما بۇ ئۇ دەرىجىدە ئەندىشە پەيدا قىلغۇچى مەسىلە قاتارىدا كۆرۈلمەسلىكى لازىم. مۇتەخەسىسلەرگە كۆرە ناۋادا بىر توقۇنۇش بولۇپ قالسا، روس ئارمىيسى كۈچلۈك ئا ق ش ئارمىيسىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ۋە قىسقا مۇددەتتە ئاجىزلايدۇ. ياۋروپانىڭ قالغان قىسمى قانداق بولىشىدىن قەتىئىنەزەر، پولشا، چېخ جۇمھۇرىيىتى، ۋېنگىرىيە ۋە رۇمىنىيە روسلارغا قارشى تىركىشىدۇ ۋە ئا ق ش بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىشىدۇ. بۇ قېتىم چېگرا لېنىيىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا بولغاندەك گىرمانىيىدە بولمايدۇ، بەلكى كارپات تاغلىرىدا بولىدۇ. پولشانىڭ شىمالىي تۈزلەڭلىكلىرى ئاساسىي توقۇنۇش مەيدانى بولىدۇ، لېكىن روس ئارمىيسى ئۇ جايلارغىچە كېلەلمەيدۇ.

بۇ توقۇنۇشنىڭ ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى يەنە ئوخشاشلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقىنىڭ تەسىرى ئا ق ش ئۈچۈن يېنىك بولىدۇ. ئاخىرقى سۈركىلىش ئوتتۇرا ياۋروپادا يۈز بەردى، كەلگۈسىدىكىسى تېخىمۇ شەرقتە باشلىنىدۇ. ئاخىرقى سۈركىلىشتە جوڭگو باشتا روسسىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى، لېكىن بۇ قېتىم سۈركىلىشنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. روسسىيە ئۆتكەن قېتىم كافكازىيىنى كونتىرول قىلغانىدى. لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، رايوندا شىمالغا قاراپ بىر ئا ق ش ۋە تۈركىيە بېسىمى بولىدۇ. ئۆتكەن قېتىم روسسىيە نوپۇسى كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر نوپۇسى ئازايدى ۋە بۇ ئازىيىش داۋاملىشىدۇ. بولۇپمۇ، جەنۇبتىكى ئىچكى بېسىم سەۋەبىدىن روسسىيە دىققەت ئىتىبارىنى غەربتىن تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە ئۇرۇشنى خىيالىغا كەلتۈرەلمىگىدەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. روسسىيە 1917 – يىلىدا ۋە 1991 – يىلىدا قايتىدىن پارچىلاندى. روسسىيە قوراللىق كۈچلىرى 2020 – يىلىدىن قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم گۇمران بولىشى مۇمكىن.

 

************************************************

 

ۋاقىتنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ كىتاپنىڭ كۈنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بابلىرى تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. قالغان قىسىملىرىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە قىزىققۇچىلارنىڭ خەن تىلىدىكى تەرجىمىسىگە مۇراجەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تەرجىمە جەريانىدا كۆرۈلگەن ئىپادىلەشتىكى خاتالىقلار ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سورايمەن.