ياۋروپا
ياۋروپانى بىر تەك ۋۇجۇت دەپ قاراش مەنتىقىلىق ئەمەس. ياۋروپا بىرلىكى قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىرلىكتىكى دۆلەتلەر يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۆزى ئىدارە قىلماقتا، ئارىلىرىدا مەسىلىلەر ۋە تالاش – تارتىشلار مەۋجۇت. ياۋروپا دەپ ئاتالغان بىر رايون بار، ئەمما تۆت ياۋروپا بار دەپ ئېيتىلسا تېخىمۇ مەنتىقىلىق بولىدۇ ( جۇغراپىيە نوقتىسىدىن ياۋروپالىق دەپ قارىلىدۇ، لېكىن روسسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بۇ تىزىملىكنىڭ سىرتىدا قالىدۇ ).
- 1. ئاتلانتىك ياۋروپا – ئاتلانتىك ئوكيان ۋە شىمالىي دېڭىزدا قىرغىقى بولغان ۋە ئۆتكەن بەش ئەسىر بويىچە چوڭ كۈچلەر بولغان دۆلەتلەر.
- ئوتتۇرا ياۋروپا – چوڭ دۆلەتلەردىن گىرمانىيە ۋە ئىتالىيە بولۇپ، بۇلار 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە زامانىۋى دۆلەتلەر سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈپ چىقالىدى. 20 – ئەسىردە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىددىيىسى سەۋەبىدىن يۈز بەردى.
- شەرقىي ياۋروپا – 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا روس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە بۇ ئۇرۇ شتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى مىللىي كىملىكلىرىگە ئىگە بولغان بالتېق ۋە قارا دېڭىز ئارىسىدىكى دۆلەتلەر.
- رولى باشقىلاردەك مۇھىم بولمىغان ئىسكاندىناۋ دۆلەتلىرى.
20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئاتلانتىك ياۋروپاسى دۇنيانىڭ ئىمپېراتورلىق مەركىزى ئىدى. ئوتتۇرا ياۋروپالىقلار كېيىن كەلدى ۋە خىرىس قىلغۇچىلار سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. شەرقىي ياۋروپالىقلار قۇربانلار ئىدى. ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن پارچىلانغان ياۋروپا ئەڭ ھەل قىلغۇچ سوئالغا دۇچ كەلدى – ياۋروپا سىستېمىسىدا گىرمانىيەنىڭ ئورنى قانداق بولىدۇ؟ ئاتلانتىك ياۋروپا قۇرغان ئىمپېراتورلىق سىستېمىسىدىن چىققان گىرمانىيە، بۇ سىستېمىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى ۋە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىمەكچى بولدى. لېكىن، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا گىرمانىيە يېڭىلدى؛ شەرقتە سوۋېت ئىتتىپاقى، غەربتە ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە ئا ق ش تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قارمۇ قارشى تۇرۇش نوقتىسىدىن غەربىي گىرمانىيە ئا ق ش ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەت ئىدى. يېڭىدىن بىر گىرمانىيە ئارمىيىسى تەشكىللەش ھېچ شۈبھىسىز مەسىلە پەيدا قىلدى. ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ گىرمانىيە ئارمىيسىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن چىققانلىقىغا قارىغاندا، كۈچەيگەن بىر گىرمانىيە ئارمىيىسى يەنە 3 – دۇنيا ئۇرۇشىنى چىقارمايدىغانلىقىغا كىم كاپالەت بېرەلەيدۇ؟ بۇ سەۋەپتىن يېڭى گىرمانىيە ئارمىيسى ناتو ئەزاسى قىلىندى ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە ئامېرىكا قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. لېكىن، ئەسلى مەسىلە گىرمانىينىڭ ياۋروپاغا كىرگۈزۈلىشى ئىدى.
تۆت ياۋروپا
1950 – يىللىرىدا ناتو بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادى گەۋدىسى قۇرۇلدى. ياۋروپا ئىقتىسادى گەۋدىسىدىن روياپقا چىققان ياۋروپا بىرلىكى، ئەسلىدە روھى كېسەلگە مۇپتىلا بىر مەۋجۇدىيەت بولۇپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى – ھۆكۈمرانلىقنى ئەزا دۆلەتلەرگە بېرىپ، پۈتۈنلەشكەن بىر ياۋروپا ئىقتىسادى يارىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ فېدىراتسىيە شەكلىدە بىرلىشىشىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، فېدىراتسىيە شەكلىدىكى ياۋروپا بىر مەركىزى ھۆكۈمەتتىن باشقۇرۇلىدۇ، مىللىي ھاكىمىيەت دائىرىسى ئىچكى مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن چەكلىنىدۇ، مۇداپىئە ۋە تاشقىي مۇناسىۋەت مەركىزى ھۆكۈمەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياۋروپا بۇ مەقسىتىگە ھازىرچە يېتەلمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر ئەركىن تىجارەت رايونى ۋە ئورتاق پۇل بىرلىكىنى بەرپا قىلدى، لېكىن بۇ پۇل بىرلىكىنى ئىشلەتمىگەن ئەزالىرىمۇ بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە بىر سىياسىي قۇرۇلما شەكىللەنمىدى، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئۆزىنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئىتتىپاق ئۈچۈن بىر مۇداپىئە ۋە تاشقى مۇناسىۋەت سىياسىتى بەرپا قىلالمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە سىياسىتى ناتو نىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ناتو ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى ( تەبىئىيكى ئا ق ش مۇ) ئەمەس. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپا بىر چىگىشلىك ئىچىدە. ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قالايمىقان ۋە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش قېيىن بولغان تەشكىللەر بار. ياۋروپا تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇرۇن بۇنداق چىگىشلىك ئۇرۇشقا سەۋەب بولاتتى. ئەمما، سابىق يۇگوسلاۋىيىدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرى ئۇرۇشنى خالىمايدۇ، بۇنى پەيدا قىلغۇدەك كۈچىمۇ يوق ئەسلىدە. ياۋروپانىڭ روھى ئۆزگۈرۈشى دەرىجىدىن تاشقىرى بولدى. 1945 – يىلىدىن بۇرۇن نەچچە ئەسىر بويىچە قەتلىئام ۋە ئۇرۇش نورمال ئەھۋال دەپ قارىلاتتى، 1945 – يىلىدىن كېيىن ئىتتىپاق تەشكىلىي ئورگانلىرى ئىچىدىكى چىگىشلىك ئارىدا سۈركىلىش چىقىشقىمۇ سەۋەپ بولمايدىغان بولۇپ قالدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۈزەكى كۆرۈنىشى ئاستىدا كونا ياۋروپا مىللەتچىلىكى ئۆزىنى بەزىدە كۆرسەتسىمۇ، بېشىنى بەك كۆتىرەلمەيۋاتىدۇ. بۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئىقتىسادى يىغىنلار ۋە مۇزاكىرىلەردە كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، فرانسىيە دېھقانلىرىنى ھەددىدىن زىيادە رىقابەتتىن قوغداش ياكى دۆلەت خام چوتى قىزىل رەقەملىرىنىڭ تەكشۈرۈلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيۋى سىياسەت نوقتىسىدىن كۆپ مىللەتلىك بىر ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىش قېيىن. شۇڭا ياۋروپانىڭ ئا ق ش ياكى جوڭگوغا ئوخشاش بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىش رىئاللىققا ماس كەلمەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغىچە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ۋە بىر ئىمپېرىيىۋى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان بىر مىللىي دۆلەتلەر توپى بولۇپ، بۇ مىللىي دۆلەتلەر يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆز ئالدىغا ئىگىدارچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، جۇغراپىيۋى سىياسى قارارلىرىنى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە قارىتا ئېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە مۇناسىۋەت ياۋروپا بىلەن دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا بولماي، ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا بىر چوڭ كۈچتەك ئەمەس، لاتىن ئامېرىكىدەك مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. لاتىن ئامېرىكىدا برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ، كۆپىنچە بىر – بىرىنى ئويلىشىدۇ.
روسسىيە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ياۋروپا ئۈچۈن ستىراتېگىيلىك بىر خەۋپكە ئايلىنىشى مۇمكىن. روسسىيىنىڭ مەقسىتى ياۋروپانى ئىستىلا قىلىش ئەمەس، پەقەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى نوپۇزى ئاستىدىكى زېمىننى قايتۇرۋېلىش بولۇپ، بۇ روسسىيە ئۈچۈن تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە مۇداپىئە ساھاسىنى كۈچلەندۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ھازىر ياۋروپا ئاپپاراتلىرىغا تەۋە بولغان ئۈچ بالتېق دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى روسسىيىنىڭ كېڭىيشىنى تەبىئىي ھالدا توسۇشقا ئۇرنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ياۋروپانىڭ قالغان قىسمىنىڭ، بولۇپمۇ گىرمانىيىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىنى ئۆزىگە تارتماقتا. نىمىسلار ھازىرچە ئۆزلىرى بىلەن روسسىيە ئارىسىدا بىر ئارا رايوننىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى خاتىرجەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش بىلەن ئاۋارە. ئۇنىڭدىن باشقا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى نىمىسلاردا ھازىرمۇ بار. شۇڭا ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن زىيادە، بىرلەشكەن ياۋروپانىڭ بىر پارچىسى سۈپتىدە پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ. گىرمانىيىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەستەك تۇرىدۇ. گىرمانىيە جۇغراپىيۋى سىياسىي ئورنى سەۋەبىدىن مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش توغرىسىدا چىڭ تۇرۋېلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. گىرمانىيە 1914 ۋە 1939 – يىلى جۇغراپىيۋى سىياسىي خەۋپلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قەتىئىيلىك بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتتى. لېكىن، ھەر ئىككى قېتىملىق ھەرىكىتى پالاكەت بىلەن ئاخىرىلاشتى. نېمىس مۇلاھىزلىرىگە كۆرە، چوڭ بىر ئىتتىپاقتىن ئايرىم ھالدا، ئۆز ئالدىغا سىياسىي ۋە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش گىرمانىيىگە چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئاتلانتىك ياۋروپا گىرمانىيىنى روسسىيىگە قارشى ئارا رايون دەپ قارايدۇ ۋە بالتېق رايونىدىكى خەۋپلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسسىيىگە قارشى نىمىسلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئەڭ يۇقىرى ئىھتىمال شۇكى، گىرمانىيە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ، ئا ق ش چەكلىك ھەرىكەتتە بولىدۇ ۋە روسلارمۇ روسسىيە بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى زېمىندا مەۋجۇدلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. لېكىن، خەتەرلىك بىر سىنارىيىگە كۆرە، روسسىيە نوپۇزى ئاستىدىكى بالتېق رايونىدا پولشا خەۋپ ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن ۋە گىرمانىيىمۇ بۇ ۋەزىيەتنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن، بالتېق رايونىنى قوغداپ، گىرمانىيە بىخەتەرلىكىنىڭ تايانچى بولغان پولشا مەسلىسىدە ئاقىلانە بىر سىياسەت بەلگىلىشى مۇمكىن. گىرمانىيە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە روسسىيىمۇ بۇ رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشنى خالىمغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەتنىڭ كارپاتلار ۋە پولشادىكى نوپۇزىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بىر – بىرى بىلەن تىركىشىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.
بۇ ۋەزىيەتتە گىرمانىيە مەجبۇرىي ھالدا ئۇرۇشقاق ئۆتمىشىدىن ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىن پەرقلىنىشى مۇمكىن. باشقا ياۋروپا ئەللىرى بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئۇرنىۋاتقاندا، گىرمانىيە ئەنئەنىۋى كۈچ سىياسىتىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. بۇنداق بولۇپ قالسا، تەسىرى ۋە ئاكتىپ كۈچلىرى ئاشىدۇ ۋە روھى ھالىتى ئۆزگۈرىدۇ، بىرلەشكەن گىرمانىيە يەنە كۈچلۈك ھالغا كېلىدۇ. مۇداپىئە مەقسىتىدە باشلىغان بىر ھەرىكەت كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى ئېھتىمالى بار.
ئەمما بۇ ئىھتىماللىقى ناھايىتى ئاجىز بىر سىنارىيە. ئومۇمىي قاراشقا كۆرە، گىرمانىيە روسسىيىنى يەنىلا بىر خەۋپ دەپ قارايدۇ. پولشا ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىنى ئۆزىنىڭ نوپۇزى ئاستىدىكى ئىتتىپاقداشلار ۋە روسسىيىگە قارشى بىر قالقان دەپ قارايدۇ. بۇ ۋەزىيەت روسلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە، بالتېق ئەللىرىنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشىغا، پولشانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەۋپكە تەۋەككۇل قىلالىشىغا ۋە ئا ق ش نىڭ سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە. تەبىئىيكى، گىرمانىيە سىياسىتىنىڭ رولىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
ياۋروپا ھازىرغىچە يوقۇتۇپ قويغانلىرىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى ۋە ئىنكاسسىز ۋەزىيەتتە. لېكىن، ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن كۆچلەر ياكى روسسىيىنىڭ بۇرۇنقى ئىمپېرىيىنى قايتىدىن قۇرۇش ھەرىكىتى، كونا چاك سىزىقىنى ( توقۇنۇش لىنيىسىنى ) ھەر خىل شەكىللەردە پائالىيەتكە ئۆتكۈزىشى مۇمكىن.