2.2 . « ئۇل تەشكىل قىلغۇچى ۋەسىقە » سۈپىتىدە قەدەر رىسالىسى

 بىر ئۇل تەشكىل قىلغۇچى ۋەسىقە بولغان قەدەر رىسالىسى، « مەخسۇس تېما تەپسىر » تۈرلىرىگە ئائىت تۇنجى يىرىك ئەسەردۇر. رىسالىدە ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە ئىنساننىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيەتلىرى، توقسانغا يېقىن ئايەت ئارقىلىق ئىزاھلانغان. رىسالىنىڭ، قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان، قۇرئان ئۇسلۇبى بىلەن ئۇسلۇبلانغان بىر كىشىنىڭ قولىدىن چىققانلىقى ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رىسالە كالام ئىلمىنىڭ ئۇلىنى سالغان ۋەسىقە بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. شاھىت تۇرغۇزۇلغان 90 ئايەتتىن 10 – 12 ئايەت، قەدەرچى / جەبىرچى مۇئارىز (قارشى ئېقىم)لار بىلەن ھەسەن ئەلبەسرى ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپ تېمىسى ( مىمما يۇنازىئۇنە / يۇجادىلۇنا فىھ ) بولۇپ، ئىمام ئەلبەسرى رىسالىسىدە خاتا چۈشۈنۈلگەن ئايەتلەرنىڭ توغرا بولغان تەفسىرىنى بايان قىلىدۇ.

خەلىپىگە رەسمى بىر خىتاپ سۈپىتىدە يېزىلغان رىسالە، « ئىنسانلار » دەپ خىتاپ قىلغان نامەلۇم كىشىلەر ئۈچۈن كەسكىن بىر رەدىيەدۇر. ئايەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئوقلار جان يېرىغا سانجىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم. رىسالە، ئوچۇق ئىسىم بىلەن ئاتىماسلىق نوقتىسىدا، قۇرئان ئەدەپ – ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن. مۇئەللىپ رىسالىسىدە مۇئارىزلارنىڭ ئالاھىدىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، « ئۇلار بىلمەس جاھىل ئادەملەر ( جۇھھال )، ئۇلار زالىملاردۇر ( ئەز زالىمۇن )، ئۇلار خاتا ئىش – ھەرىكەت قىلغانلاردۇر ( ئەل مۇھتىنۇن ) ۋە ئۇلار باتىل تەرەپدارلىرىدۇر ياكى بىكار قىلىۋەتكەنلەردۇر ( ئەل مۇبتىلۇن ) » دەپ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. نېمىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى ھەر خىل نوقتىدىن ئىزاھلاش مۇمكىن. بۇنىڭغا « ھۆر ئىرادە ۋە ئىنساننىڭ ئەخلاقى مەسئۇليىتىنى بىكار قىلىۋاتكەن ئىدى » دەپ ئىزاھات بېرىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ، « ئەلمۇبتىلۇن » تەبىرنى، ئەجنەبىلەرنىڭ تىلىدىكى نىگىلىزم مەنىسىدە ئىشلىتىدۇ.

رىسالىدە، كالام ئىلمىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان كالام كىتاپلىرىدا كەڭ دائىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئاساسسىز، ئىدىئولوگىيىچى – جىدەلچى تىل ئىپادىلىرى كۆرۈنمەيدۇ. رىسالىدىكى مەنتىق « سەن ياخشى خىسلەت ئارقىلىق ( يامان خىسلەت )كە قارشى تۇرغىن، ( شۇنداق قىلساڭ ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گۇيا سىرداش دوستتەك بولۇپ قالىدۇ » ( فۇسىلەت، 34 ) ئايىتىنىڭ تەدبىقىنىڭ نەمايەندىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. مۇئەللىپ بارلىق تىرىشچانلىقىنى ھەقنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. مەقسىتى باغۋەننى دۇمبالاش ئەمەس، بەلكى ئۈزۈم يېيىشتۇر. بۇ سەۋەپتىن ئۆزى سۆزلىمەي قۇرئاننى سۆزلىتىدۇ، ئايەتلەرنى ئارقا – ئارقا تىزىدۇ، كۆپ يەرلەردە سۆز قاتمايدۇ. ئۇنىڭ خىتاپ قىلغۇچىلىرىغا بىرلا تەلىپى بار، ئاللاھ نىڭ سۆزىنى ھەر قانداق سۆزدىن ئۈستۈن تۇتۇش.

ئىمام ئەلبەسرى، ئىنساننىڭ ئەخلاقى مۇئامىلىسىنىڭ تېگىدە، مەسئۇليەتچانلىق ھېس -تۇيغۇسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئىش -ھەرىكەتلىرىدىكى ئەخلاقى مەسئۇلىيەتنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ھەر قانداق چۈشەنچىنىڭ، ئەخلاق ۋە ئىماننى تېگى – تەكتىدىن چىرىتىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئىنسان، قىلمىشلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغان ئەھۋاللاردا چەك – چېگرا تونۇمايدىغان ۋەھشى بىر مەخلۇققا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆز جىنىسلىرىغا نىسبەتەن تەھدىتكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رىئال تەجرىبىلىرىدىن تونۇپ يەتكەن ئىدى. يەزىد بىننى مۇئاۋىيە، زىياد بىننى ئەبھى، ئۇبەيدۇللاھ بىننى زىياد، ھەججاج بىننى يۈسۈف، ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان، بۇسىر بىننى ئەرتاد قاتارلىقلار بۇنىڭ ئەڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى ئىدى. دەل بۇ سەۋەپتىن، ھەسەن ئەلبەسرى « ئىمان دېگەن نېمە؟ » سوئالىغا « سەبىر ۋە كەڭ قورساقلىق » دەپ جاۋاپ بەرگەن ۋە سەبىر  – « ئاللاھ قا قارشى گۇناھ – مەسىيەت توغرىسىدا چىداملىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتە كەڭ قورساق بولۇش » دەپ ئىزاھلىغان.

بۇ ئىزاھاتقا ئاساسەن ئەلبەسرى، « ئىمان دېگەن نېمە؟ » سوئالغا « ئىمان مەسئۇلىيەتتۇر » دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. ئىلاھىي چەكلىمىلەرگە نىسبەتەن سەبىر ۋە ئىلاھىي ئەمىرلەرگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇش دېگەنلىك، « بەندىلىك مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەت تەۋسىيە، تەۋسىيە كۈلپەت » دېگەن ئىپادىنىڭ پەرقلىق بىر شەكلى ئىدى.

ئەلبەسرىنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرگەن نەرسە، قەدەرچى / جەبىرچىلەرنىڭ قۇرئاننىڭ مۇنازىرىسى نوپۇزىنى، ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزلىرىنى تەستىقلاش ئۈچۈن سۈيئىستىمال قىلغانلىقى ئىدى. ئەلبەسرىنىڭ مۇخالىپلىرى، ئىلاھىي ۋەھىينىڭ ئايەتلىرىدە قەدەر / تەقدىرنىڭ پەقەتلا فىزىكىلىق جەھەتتىنلا ئەمەس، ئەخلاقى ۋە پىسخىلوگىيلىك جەھەتتىنمۇ تولۇق ۋە ئۈزۈل – كېسىل مەجبۇرىيەت ( پۈتۈۋېتىلگەن ) ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىشەتتى. ئۇ بۇنداق چۈشەنچىنىڭ قۇرئاننىڭ مەقسىتى بىلەن تامامەن زىت ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنەتتى.

ھەممىدىن مۇھىمى، قەدەر رىسالىسى قۇرئان بەرپا قىلغان ئىسلام ئەقىلنى، رىۋايەت كۈلتېرى تېخى بۇلغىمىغان بىر زاماندا، مۇسۇلماننىڭ قانداق چۈشۈنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۆرنەك ۋەسىقىدۇر.

رىسالە بىزگە، تابىئىنلار ئىچىدە دىرايەت ۋە ئەقلىيەت ئېقىمىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى، ھەمدە بۇ ئېقىمنىڭ ئەسلى كۈچىنى قۇرئاندىن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.