4.1. قەدەر رىسالىسى ئىككى نۇسخىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
ئاپتۇر ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئەسەرى بولغان « قەدەر رىسالىسى »نىڭ، دۇنيادا مەلۇم بولغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولغان كۆپرۈلۈ نۇسخىسىنى (a)، ئۇنىڭ بىر قىسقىچە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۈچىنچى بىر شەخىس تەرىپىدىن خەلىپە ئابدۇلمەلىككە ئەۋەتكەن مەكتۇبى بولغان ئاياسوفا نۇسخىسىنى (b) ئىسمى بىلەن قىسقارتىپ ئاتايمىز.
ئالدى بىلەن (a) ۋە (b) نۇسخا توغرىسىدا ئېيتىشقا تېگىشلىك ئىككى ھەقىقەت بار:
- (a) ۋە (b) نۇسخا بىر – بىرىدىن ئايرىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە.
- (a) ۋە (b) ھەرگىزمۇ بىر – بىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى بولماستىن، ئەكسىچە پەرىقلىق ئىككى كىشىنىڭ قولدىن چىققان ئىككى ئايرىم مەكتۇپتۇر.
ھېلمۇت رىتتەرنىڭ قىلغان ئەجىرى ئالقىشلىنىشقا تېگىشلىك. لېكىن ئۇ بىرىنچى ھەقىقەتنى كۆرەلىگەن بولسىمۇ، ئىككىنجى نوقتىنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويغان بولسا كېرەك. بۇ سەۋەپتىن (b) نى (a) نىڭ كۆپەيتىلگەن بىر نۇسخسى دەپ قارىغان. بۇ قىسمەن جەھەتتىن توغرا. چۈنكى (b) نى ئاخىرىغا قىستۇرغان بىر قوشۇمچە ئىزاھات مەكتۇبى بىلەن ئەمىرى ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋانغا يوللىغان ئۈچىنچى شەخىس، ئەسلى نۇسخا بولغان (a) دىن نەقىل ئالغان. بىراق بۇ ھەقىقەت (b) نىڭ (a) نىڭ كۆپەيتىلگەن بىر نۇسخسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى (b) نىڭ مۇئەللىپى ئىلگىرى ئابدۇلمەلىككە ئەۋەتكەن مەكتۇبى بولغان (b) دا (a) نى ئېنىق ھالدا تىلغا ئالغان. بۇ سەۋەپتىن (b) نۇسخا (a) دىن ئۆزگىچە بىر مەكتۇپ بولۇپلا قالماستىن، (a) نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك بىر دەلىلدۇر.
يەنە بىر نوقتا، بۇ ئىككى نۇسخا ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقلەرنى مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
- (a) دا، تېكىسىت ئەسلىدىكى ھالىتى بىلەن باشلانماقتا:
« سەلامۇن ئەلەيكە يا ئەمىرەلمۇئمىين ( ساڭا سالاملار بولسۇن ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى )! » شەكلىدە باشلانغان ۋە يەنە ئەسلى مۇۋاپىق شەكلىدە ئاخىرلاشقان. يەنى باش ۋە ئاخىرى بولغان بىر پۈتۈن ئەسەردۇر. مەسلىەن، « ۋە ھازا جەۋابۇ ما سەئەلتەنى ئەنھۇ قەد بەييەنتۇھۇ ۋە ئەۋزەھتۇ ( مانا بۇ مەندىن سورىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىدۇر، ئۇلارغا جاۋاپ بەردىم ۋە ئىزاھلىدىم ) ». بىراق (b) دىكى كىرىش قىسمى بۇنداق ئەمەس، ئاخىرلاشتۇرۇش بۆلۈمىمۇ يوق. (b) دا بۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىپنىڭ مۇقەددىمە قۇرلىرى يەر ئالىدۇ.
- (a) دا، ئاپتۇر ھەسەن ئەلبەسرى مۇھاتابى خەلىپە ئابدۇلمەلىككە ئۇدۇللا بىرىنچى شەخس ئالمىشى بىلەن خىتاپ قىلىدۇ: ئەھدەسىنا ( تۇنجى بولۇپ بىز سۆزى باشلىدۇق )، كەلامى ۋە كىتابى ( سۆزۇم ۋە مەكتۇبۇم )، بەييەنتۇھۇ ۋە ئەۋزەھتۇھۇ ( بايان قىلدىم ۋە ئىزاھلىدىم ). بىراق (b)دا، نەقىللەردىن باشقا جايلاردا،بۇ ئۇرغۇ ئەسلى تېكىستتىكىدەك زىچ ئىشلىتىلمىگەن.
- (a) نىڭ ھەجىمى، (b) نىڭ تەخمىنەن تۆت ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ (b) دا بولغان بولسىمۇ، (a) دا يەر ئالمىغان بىر بۆلۇم مەۋجۇت. بىراق (b) دا ئورۇن ئالغان بولسىمۇ (a) دا يەر ئالمىغان بۇ ئارتۇق بۆلۈم، (a) دا مەۋجۇت، ئەمما (b) دا ئورۇن ئالمىغان بۆلۈملەرگە سېلىشتۇرغاندا يوق ھېساپتا.
- (a) نىڭ ئاخىرىدا ئورۇن ئالغان رىسالىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى (b) دا ھېچ تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ بۆلۈمدە ئەلبەسرى بىۋاستە قەدەرچى / جەبىرچىلەرنى قامچىلايدۇ ۋە « قارا قوساقلار » دەپ ئاتايدۇ. ھەمدە بۇ گۇرۇھنى ئايەتلەر بىلەن ئوق يامغۇرغا تۇتىدۇ. (b) دا بۇلارنىڭ ئورنىغا ئەمەۋى دۆلەت ئەربابىنىڭ « رىسالە »نى خەلىپىگە تەقدىم قىلىش جۈملىلىرى يەر ئالغان.
- (a) نى (b) دىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئۈچىنچى شەخىسكە ئائىت بولغان تۆۋەندىكى قۇرلار، (a) دا يەر ئالمىغان:
« ئۇ (ھەسەن) مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە، ئىنسانلار تەقدىرنى ئىنكار قىلغان بىر مەزگىلدە، بۇ مەسىلىگە دائىر گەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى: » بىدىئەت پەيدا قىلغۇچىلار دىنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىش قىلغان ۋاقىتلىرىدا، مەن ئۇلار ئويدۇرۇپ چىقارغان كۆز – قاراشقا قارشى، ئاللاھ نىڭ كىتابىنى ئەسلەتتىم «. ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئىنكار قىلمىغان، ئەكسىچە قۇرئان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە تەستىق قىلغان، مەلۇم بولغان دەلىللەرنىمۇ تىلغا ئالدى. ھەسەننىڭ رىسالىسىدە، ئاللاھ نىڭ كىتابىدىن قالسىلا بۇ مەسىلىگە دائىر شىپالىق دەلىللەر مەۋجۇتتۇر. « ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئوقۇپ باقسۇن ۋە ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلسۇن دەپ ھەسەن بەسرىنىڭ رىسالىسىدىن بىر نۇسخا سىزگە ئەۋەتىلدى. ئاللاھ تائالا ھىدايىتىڭىزگە ھىدايەت، ئىلمىڭىزغا ئىلىم قاتقاي. رىسالىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئويلۇنۇڭ، ئۆزىڭىز ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى نېمىنى تەقەززا قىلسا، ئۇنى ئۆز ئىدراكىڭىز ۋە ئەقلىڭىز بۇيىچە مۇلاھىزە قىلىپ شۇ ئاساستا ئىش كۆرگەيسىز. رىسالىگە قارىتا شۈبھىدە بولمىغايسىز. چۈنكى بۇ رىسالە، ئاللاھ نىڭ ئادالىتىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويغان ۋە ئەقىل يۈرگۈزىدىغان بىرى ئۈچۈن روشەن نەسىھەتتۇر ».
شۇنى ياخشى بىلىڭكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ( سالاتۇ سالام ئۇنىڭغا بولسۇن ) ساھابىسى بولغان ئىلگىرىكى نەسىللەر ئىچىدىكى ئالىملاردىن ئىلىم ئالغانلار ئارىسىدا، ھەسەندىنمۇ بەكرەك ئاللاھ نى ياخشى بىلىدىغان، ئاللاھ نىڭ دىنىدا چوڭقۇر مەلۇماتى بولغان، ئاللاھ نىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چۈشۈنەلەيدىغان باشقا كىشى قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىسلامنى ئۆزلەشتۈرگەن، دىندا ئىشەنچلىك، ئەمىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرىدۇر. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ساۋابىنى ئاللاھ تائالادىن ئۈمىد قىلغان رەۋىشتە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغايسىز ». ئەلبەسرىنىڭ رىسالىسىنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە تەقدىم قىلغان بۇ قۇرلاردىن ئوچۇق ھالدا، رىسالە مۇئەللىپىنىڭ بېشىغا بىرەر خاپىلىق يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەجھۇل ئۈچىنچى شەخسنىڭ بۇ قۇرلار بىلەن خەلىپىگە يالۋۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
(a) دا ئورۇن ئالمىغان بۇ قوشۇمچە ئىككى نوقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ:
1). (b) نۇسخىسى، رىسالىنىڭ ئەسلى بولغان (a) نىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.
2). (b) نۇسخىسى، ئەسلى بولغان (a) نۇسخىسىنى ئابدۇلمەلىككە تەقدىم قىلغان ئۈچىنچى شەخىسنىڭ قولىدىن چىققان.
- (b) دا (a ) نىڭ تۆتتەنبىر قىسمى كۆچۈرۈپ ئېلىنغان. رىسالىنى خەلىپىگە تەقدىم قىلغان ئۈچىنچى شەخىس (b)نىڭ يازغۇچىسىدۇر. ئۇ مەكتۇبىدا (a) دىن ئالتە بۆلۈمنى ئۈزۈندە قىلىپ ئالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە (b) دا ئورۇن ئالغان ئۈزۈندىلەرنىڭ تەرتىۋى (a) دىكىدىن پەرىقلىق. مەسىلەن، (a)دا كىرىش قىسمىدا يەر ئالغان بۆلۈم (b) دا ئاخىرىدا ئورۇن ئالغان. ئېلىنغان بۇ ئۈزۈندىلەردە رىسالە مۇئەللىپى ھەسەن ئەلبەسرى ئۈچۈن ئەندىشە قىلغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياقىسىنى ئابدۇلمەلىكتىن قۇتقۇزۇشقا يەڭ ئىچىدە ياردەم قىلىماقتا. ئەمەۋى دۆلەت ئەربابىنىڭ رىسالىسىنىڭ، يەنى (b) نۇسخىسىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويغان ھەسەن ئەلبەسرىنى ئاقلايدىغان ۋە مۇرەسسەلەشتۈرۈش خاراكتېرىدىكى جۈملىلەر بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.
- (b) نىڭ ئاخىرىدا ئورۇن ئالغان ئاقلاش خاراكتېردىكى جۈملىلەردە (a) نىڭ بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسنىڭ، (b) نى يازغان ئۈچىنچى شەخىس تەرىپىدىن ئىلگىرى خەلىپىگە ئەۋەتىلگەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنغان ( ۋەقەد بۇئىسە ئەلەيكە يا ئەمىرەلمۇئمىنىيىن نۇسخاتۇ كىتابىل ھەسەن – ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمرى! ھەسەننىڭ مەكتۇبىنىڭ بىر نۇسخىسى ئىلگىرى سىزگە ئەۋەتىلگەندى ). يەنە بىر مەسىلە، ھەججاجنىڭ خەلىپىگە ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئەسلى مەكتۇبىنى ئەۋەتمەستىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن بەزى ئۈزۈندىلەر ئېلىپ يېزىلغان ئۆزىنىڭ مەكتۇبىنى ئەۋەتىش بىلەن كۇپايىلەنگەنلىكى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. لېكىن يۇقىرىقى جۈملە ئابدۇلمەلىككە يېتىپ بارغان رىسالىنىڭ بىر ئەمەس، ئىككى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىرسى باشتا ئەۋەتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئەلبەسرىنىڭ رىسالىسى، يەنە بىرسى ھەججاجنىڭ مەكتۇبى.
يۇقىرىقى مەلۇماتلار شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، كۆپرۈلۈدىكى رىسالە (a)، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ « قەدەر رىسالىسى »نىڭ ئەسلى نۇسخىسىدۇر. ئاياسوفيادىكى رىسالە (b)، (a) نىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمەۋى دۆلەت ئەربابىنىڭ خەلىپىگە يازغان رىسالىسىدۇر.
سۇئال: ئابدۇلمەلىكتىن ئىبارەت دېكتاتۇر بىر ھۆكۈمدارنىڭ ھوزۇرىدا شۇنچە يۈز خاتىرىسى بار ئەمەۋى دۆلەت ئەربابى، يەنى (b) نۇسخىنى قەلەمگە ئالغان ئۈچىنچى شەخىس كىم؟
جاۋاپ: بارلىق مەلۇماتلار بۇ سوئالغا پەقەت بىرلا جاۋابنى، يەنى ئابدۇلمەلىكنىڭ ئېراق ئومۇمىي ۋالىسى ھەججاج بىننى يۇسۇف ئەسسەقافىنى ئىشارەت قىلماقتا. ئىبنۇل مۇرتەزامۇ بۇ قاراشتا بولغان بولسا كېرەككى، « ئەلمۇنىيە » ناملىق ئەسرىدە ھېچ ئىككىلەنمەستىن بۇ مەكتۇپنىڭ مۇئەللىپىنىڭ ھەججاج ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. يەنى، « ئىننەل ھەججاجە كەتەبە ئىلەل ھەسەنى – ھەججاج ھەسەنگە يازدى ».
ئەگەر ئەھۋال بۇنداق بولسا، بۇنىڭغا ئاساسەن رىسالىنىڭ يېزىلغان يىلىنى تەخمىن قىلىپ بىكىتەلەيمىز. رىسالە ھىجرى 70 – 80 – يىللىرى ئارىسىدا يېزىلغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەججاج 75 – يىلى ئېراققا ۋالى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ ۋالى بولغاندا ھەسەن ئەلبەسرى 55 ياشتا بولۇپ، بەسىرەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك خاتىبى ئىدى. شۆھرىتى ھەر تەرەپكە تارقىغان، تونۇلغان مەزگىلى ئىدى. ئۇنىڭ ئىلىم نوپۇزىنىڭ تەسىر دائىرىسى پەقەتلا كوچىدىكى كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆز دەۋرىنىڭ بارلىق ئالىم ۋە يېتەكچىللىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. بۇنى ئىبنى ئەشئاس قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ئالىملار ۋە مويسىپىتلارنىڭ قوزغىلاڭنىڭ غەلبە قىلىشىنى ھەسەن ئەلبەسرىگە باغلىق دەپ قاراپ، قوزغىلاڭ باشلامچىلىرىدىن بىر ئامال قىلىپ ئۇنى قوزغىلاڭغا قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن بىلىۋالالايمىز.
ھەججاج زالىم بولۇش بىلەن بىرگە، قاقۋاش بولۇپ كەتكەن قۇۋ سىياسەتچى ئىدى. ئۇنىڭ ئېراققا ۋالى بولغان دەسلەپكى يىللىرىدا، ئەلبەسرىنىڭ دوستلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئەلبەسرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ دەسلەپكى ۋە كېيىنكى مەزگىلدە ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلمىغانلىقىنى سىياسىي ئىپادىللىرىدىكى پەرىقلەردىن كۆرۈۋالالايمىز. ھەتتا مەسئۇدى ۋە ئىبنى ھاللىقانغا ئاساسلانغان ھالدا، دەسلەپتە بۇ ئىككى زات ئوتتۇرىسىدا بىر دوستلۇق مۇناسىۋەتىنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتالايمىز.
بۇ مۇناسىۋەت بەلكىم مابەدنىڭ 80 – يىلدىكى قەتلى قىلىنىشىدىن كېيىن بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن. بارلىق رىۋايەتلەر بىر يەرگە جەم قىلىنغاندا بۇ نەتىجە چىقىدۇ. ئەگەر بۇ مۇلاھىزىمىز توغرا بولسا، بۇ يىپ ئۇچى بىزگە رىسالىنىڭ تەخمىنەن ھىجرى 75 – 80 – يىللىرى ئارىسىدا قەلەمگە ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى ھەججاج ۋەلى نېمىتى ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا، ئەلبەسرىگە كېپىل بولالىغۇدەك دەرىجىدە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. كىم بىلىدۇ، بەلكى بۇ ئۇسلۇب بىلەن ئەلبەسرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ۋە ئۆزىگە بېقىندى قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ ئىمام ئەلبەسرىنى ئۆزىگە بېقىندى قىلالمىغانلىقى ئايان.