1. قەدەر رسالىسىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى

1.3. رىسالىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئويۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ قىممىتى

ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قەدەر رىسالىسىنىڭ كۆپرۈلۈ نۇسخىسى(a)، بىلىشىمىزچە دۇنيادا مەۋجۇت بولغان پەقەت بىرلا نۇسخا. بەكمۇ كونىراپ كەتكەن، بەزى جايلىرى يىرتىلغان بۇ ۋەسىقىدە ھەم ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان ( ياكى ئۇنىڭ نامىدىن يازغان ھەججاج )نىڭ مەكتۇبى، ھەمدە ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە جاۋاپ سۈپىتىدە يازغان مەكتۇپ تولۇق ئورۇن ئالغان.

ئۇنىڭدىن يېڭىراق ۋە يىرتىلمىغان ئاياسوفيا نۇسخىسى (b)، بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر تەرىپىدىن ھەججاجقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە شۈبھە بولمىغان بىر رىسالىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رىسالىنىڭ ئىچىدە ئەلبەسرىنىڭ قەدەر رىسالىسىدىن ئۈزۈندىلەر ئېلىنغان. ئەلبەسرىنىڭ ۋە ھەججاجنىڭ رىسالىلىرى سېلىشتۇرۇلغان ھالدا ئوقۇلغاندا، ئىككىنجىسى بىرىنچىسىنى تەستىقلايدۇ. يەنە كېلىپ ھەججاجنىڭ رىسالىسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەلبەسرىنىڭ رىسالىسىدىن بىر نۇسخىنى « ئەمىرۇل مۇئمىنگە ئەۋەتكەنلىكى » بايان قىلماقتا.

قەدەر رىسالىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، توغرا ۋە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ، ئەڭ ئاۋۋال شۇ سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋاپ تېپىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

  1. ئەلبەسرىگە نىسبەت قىلىنغان ۋە تولىمۇ قەدىمقى بىر تېكىستنى كىم، نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق ئويدۇرۇپ چىقىرغان؟ شۇنداقلا ئويدۇرۇپ چىقارغان بۇ تېكىستنى كىم، نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق قىلىپ كۈنىمىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلىگەن بىر ۋەسىقىگە ئايلاندۇرىدۇ؟
  2. بۇلار شۇنداق بولغان ( ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ) دەپ پەرەز قىلىپمۇ تۇرايلى. ئويدۇرۇلغان بىر ۋەسىقىدىكى مەلۇماتلار قانداق بولۇپ ھەقىقىي ۋەقەلىك بىلەن بۇنچە ماسلىشىدۇ؟ ئۆز دەۋرىنىڭ تىل، تەپەككۇر ۋە خاراكتېرى بىلەن بۇ دەرىجىدە ئۇيغۇن بولغان بىر ئۇسلۇپ قانداقمۇ ماسلاشتۇرۇلىدۇ؟ ( بۇ ھەقتە بىر ئازدىن كېيىن توختىلىمىز ). دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسۇلىدىن تارتىپ خىتاپ شەكلىگە قەدەر ئىنچىكىلىك بىلەن توقۇپ چىقىلغان ساختىپەزلىكنى قانداق قىلىپ روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ؟ قۇشۇمچە قىلىپ شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇ دەۋردە قۇرئاندىكى ھەممە ئايەتلەرنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىلىرى تېخى بۈگۈنكىدەك قېلىپلاشمىغان ئىدى. بۇ ئەھۋال ئەلبەسرىنىڭ قۇرئاندىن نەقىل قىلغان دەلىلىرىدە ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، سۈرە بەقەرە 155 – ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى 156 – ئايەتنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە ئالىدۇ. زۈمەر سۈرىسىنىڭ 17 – ئايىتىنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى 18 – ئايەتنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە ئالىدۇ.
  3. ئىنتايىن قۇۋ بىر مۇتەزىلە مەنسۇبى ئىمكانسىز بولغان بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى دەپ پەرەزمۇ قىلايلى. تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك بىر تېمىدا، ھەسەن بەسرىدىن خېلىلا كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان مۇتەزىلەر ئېقىمىغا خاس بولغان « ئاللاھ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىنى يارىتىشنىڭ مەجبۇرىيەت ( سالاھ – ئەسسالاھ مەسىلىسى ) ئىكەنلىكى ۋە ئىلاھىي ئادالەت مەجبۇرىيىتىنىڭ ئەقلى ئاساسقا تايىنىشى » دېگەندەك مەسىللەرگە قارىتا نېمە ئۈچۈن ئىما يولى بىلەن بولسىمۇ ئورۇن بېرىلمەيدۇ؟ بۇنداق بىر تېكىستتە، ئادالەت، تەۋھىد ۋە ئەقىل ( بىر قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ ) قاتارلىق مەزھەپنىڭ ئاساسلىق ئاتالغۇلىرى، نېمە ئۈچۈن مۇتەزىلە ئۇسلۇبى بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ؟ بىر كىشى، ئۆزىنىڭ چۈشەنچە ئېقىمىنى قانداقمۇ بۇنچە ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ قالالايدۇ؟ رىسالىدە، نېمە ئۈچۈن مۇتەزىلەنىڭ ئاساسلىق ۋە سىستېمىلىق تەقدىر چۈشەنچىسى ھەققىدە ئەڭ كىچىك بىر ئىمامۇ يەر ئالمايدۇ؟
  4. بۇنىڭغىمۇ ماقۇل دەپ تۇرايلى، ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ. بۇ رىسالىدىن باشقا يەنە ئابدۇلمەلىك بىننى مەرۋان نامىدىن بىر رىسالە يېزىپ چىقىش ۋە ئۇنىمۇ ئۇسلۇپ، تىل ۋە چۈشەنچە جەھەتتىن ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ مەكتۇپنى بىر ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇپ، پەرىقلىق ئەسىرلەرگە ئائىت تارىخى مەنبەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ھەتتا، بىر پۈتۈككە ئايلاندۇرۇپ زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
  5. بۇ ئىمكانسىز ئىشمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى دەپ تۇرايلى. ئۇنداقتا، يەنە ھەججاج نامىدىن ئۈچىنچى بىر مەكتۇپ يېزىپ، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ رىسالىسىدىن ئۈزۈندىلەر ئېلىش ۋە ئاخىردا ئەمىرۇل مۇئمىنگە قارىتا مۇرەسسە خاراكتېرلىق بىر بۆلەك يېزىش كېرەك. بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى زامانىمىزدىن 1150 يىل ئىلگىرىگە قەدەر ئۇلاشتۇرۇپ، شۇ ۋاقىتتا يېزىلغان بىر ئەسەرنىڭ ئىچىدە قىلىپ كۆرسىتىش كېرەك.
  6. ھىلىيگەر ئۇ « ئويدۇرمىچى » كىشى يۇقىرقى ھەممە ئىمكانسىزلىقلارنىمۇ ھەل قىلدى دەپ تۇرايلى. بۇلار يەنە يېتەرلىك بولمايدۇ. تاكى ھىجىريە 3 – ئەسىرگە بېرىپ ئىبنى قۇتەيبىگە ئوخشاش دەسلەپكى دەۋر يازغۇچىسىغا، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ قەدەرىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇزۇش كېرەك. زامانىمىزدىن 12 ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان بىر كىتاپ بولغان ئەل كائبىنىڭ « ماقالات » ناملىق ئەسىرىگە كىرگۈزۈش لازىم. ھىجىريە 4 – ئەسىرگە قەدەر قايتىپ بېرىپ، ئىبنى نەدىمنىڭ « فېھرىست » سەرلەۋھىلىك ئەسىرىگە قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھىجىريە 5 – ئەسىرگە قەدەر قايتىپ بېرىپ ئابدۇلجاببارغا ۋە ئەلھاكىم ئەلجۇشەمگە قىسقىچە مەزمۇنىنى يازدۇرۇش كېرەك. 9 – ئەسىرگە بېرىپ ئىبنۇل مۇرتەزاغا كۆچۈرگۈزۈش كېرەك. ۋەھاكازالار…

يۇقىرقى بارلىق سوئاللارغا قانائەتلەنگۈدەك بىر جاۋاپ تاپماي تۇرۇپ، رىسالە توغرىسىدا شۈبھە پەيدا قىلىش، بۇنداق قىلغۇچىنىڭ پەقەتلا قارىغۇلارچە پەرزىگە ئاساسلانغان يامان غەرزىنى ۋە جاھالەت پاتقىقىدىكى جاسارىتىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس!