ئىسلامى تەۋرىنىش

 ئا ق ش – سوۋېت سۈركىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەتراپىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سوۋېت تەسىر دائىرىسىگە يېقىن ئۈچ رايون بار ئىدى. ياۋروپا قىسمى، نورۋىگىيىدىن گىرمان – چېخ چېگرىسىغا تۇتاشقان بولۇپ، ئاسيا قىسمى ياپۇنىيىدىن جوڭگوغىچە سوزۇلغان ئالېئۇتېنگىچە تۇتىشاتتى. ئۈچىنچى رايون شىمالىي ئافغانىستاندىن يۇگوسلاۋىيگىچە سوزۇلغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا، ئۇنىڭ بۇ ئۈچىنچى رايونغا بولغان تەسىرى چوڭ بولدى. باشتا يۇگوسلاۋىيە پارچىلاندى، قالايمىقانچىلىق ھەممە ساھەگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى ۋە بۇ چېگرالارغا يېقىن بولمىغان دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە تارتىپ كىردى.

يۇگوسلاۋىيىدىن قالسا ئافغانىستان ۋە پاكىستانغىچە سوزۇلغان رايون، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بويىچە ئاساسەن دېگۈدەك يېپىق ھالەتتە ئىدى. بۇ يەردە ئىراننىڭ ئامېرىكا تەرەپتارى بىر دۆلەتتىن سوۋېتلەر ۋە ئامېرىكىغا قارشى بىر دۆلەتكە ئايلىنىش، روسلارنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشى ياكى ئىران – ئىراق ئۇرۇشىغا ئوخشاش كىچىك دائىرىلىك ھەرىكەتلەر بار ئىدى. لېكىن، بۇ رايون قىزىقارلىق بىر شەكىلدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي بىتەرەپ ھالدا تۇردى. بۇ يەردە قانچىلىك دەرىجىدە ئىچكى ئۇرۇش بولىشىدىن قەتىئىينەزەر، ھېچبىر ۋاقىت چوڭىيىپ كەتمىدى ۋە چېگرا ھالقىغان بوھرانلارغا ئايلانمىدى.  11

سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا، رايوننىڭ تەڭپۇڭلىقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇ يەردە مۇسۇلمانلار ئېغىر سالماقتا بولۇپ، دۇنيادىكى ئۈچ مۇسۇلمان رايوننىڭ بىرسى بۇ رايۇندا ئىدى. بۇلار شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسيادىكى مۇسۇلمان رايونلىرى ۋە يۇگوسلاۋىيىدىن ئافغانىستانغا ۋە جەنۇبتا ئەرەب يېرىم ئارىلىغا سوزۇلغان كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك، بىر – بىرىگە قەتىئىي ئوخشىمايدىغان تۈزۈلۈشكە ئىگە ( تۆۋەندىكى خەرىتىگە قاراڭ )بولۇپ، بۇ يەر كۆپ ساندا سەزگۈر مەسلىگە ئىگە يىگانە بىر رايون ئەمەس. پەقەت سوۋېت مۇھاسىرىسىنىڭ جەنۇبىي سېپى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەكىلدە قارالماقتا.

12

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى چېگرىسىنىڭ بۇ مۇسۇلمان رايون بويىچە سوزۇلغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش بەكمۇ مۇھىم. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان دۆلەتلەردىن ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئاساسەن دېگۈدەك مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلەر بولۇپ، چېچىنىستانغا ئوخشاش روسسىيە فېدىراتسىيسىنىڭ مۇسۇلمان پارچىسىمۇ بار.

بۇ رايون تارىخ بويىچە داۋالغۇش ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنغا ئوخشاش ئىمپېراتۇرلاردىن ئىنگىلىزلارغىچە ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستىلا ماكانى ۋە چوڭ تىجارەت يولى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ رايون ھەرۈدائىم جۇغراپىيۋى سىياسەتنىڭ پارتىلاش نوقتىسى بولغان بولۇپ، پەقەت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، پىلىك ئوت ئالمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا، ئىتتىپاقتىكى ئالتە مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەت تۇيۇقسىز مۇستەقىل بولدى. جەنۇبتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھامىيلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى ( ئىراق ۋە سۈرىيە )  ياكى دۈشمەنلىرىدىن ( سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا باسرا قولتۇقىدىكى دۆلەتلەردىن ) قۇتۇلدى. ھىندىستان ھامىيسىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە پاكىستان بىردىنلا ھىندىستان تەھدىدىدىن مەلۇم مەزگىللىك بولسىمۇ قۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. بارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىدا ئۆزگۈرۈش بولدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى 1992 – يىلى كافكاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىكىنىپ چىقتى. بۇ يەردە ياشايدىغان خەلقلەر نەچچە ئەسىردىن بۇيان مۇستەقىل بولالمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلىش ئەنئەنىسى يوق ۋە خېلى كۆپ تەرەپتىن ئىقتىسادنىڭ رولىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتى ئازالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، 1991 – يىلىدىكى چۆل بورىنى ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئافغانىستانغا ئوخشاش يەرلەرگە زېھىن سەرپ قىلىشنى كېرەكسىز دەپ قارالدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا مەنپەئىتى ئۈچۈن ھېچقانداق ستىراتېگىيلىك خەۋپ قالمىدى ۋە بۇ رايون ئۆزلىكىدىن تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

رايوننى، بولۇپمۇ ئافغانىستاننى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتۈشنىڭ ھاجىتى يوق. يۇگوسلاۋىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ شامىلى بۇ رايونغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى. 1970 – يىللارنىڭ ئاخىرىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغىچە بولغان زامان ئىچىدە، ئا ق ش ئافغانىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان بىر كۈچنىڭ شەكىللنىشىدە ياردەمچى بولدى. ئا ق ش ئارمىيسىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ھەرخىل تاكتىكلار بىلەن تەربىيلەنگەن بۇ كىشىلەر 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردە ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى بىر قانچە باسقۇچتا ئا ق ش غا قارشى ئىشلەتتى. ئا ق ش بۇ رايوندا ئىزچىل تۈردە ئىز قوغلاپ زەربە بەردى ۋە باشتا ئافغانىستان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراق ۋە پۈتۈنلەي بۇ رايونغا كىردى.

ئا ق ش ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغىنىدەك، جىھادچىلارنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتتى ۋە كېيىنكى مەزگىلدە ئۆز پەيدا قىلغان بۇ كۈچنى يوقۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ، مەسىلىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى بولۇپ، تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشى بىلەن بۇ رايوندا تەرتىپنى ساقلىغان مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئىدى. ئەل قائىدە مەۋجۇت بولسۇن ياكى بولمىسۇن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدىكى ۋە جەنۇبىدىكى مۇسۇلمانلار تىنىچ ئەمەس بولۇپ، يۇگوسلاۋىيىدىكىدەك پارچىلىنىش باسقۇچىغا كىرگەنىدى. بۇ يەردە مۇقۇملىقنى ساقلىيالايدىغان بىردىنبىر كۈچ ئا ق ش. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى قۇسۇرسىز بىر بورانغا ئوخشاش ئاۋسترىيە چېگرالىرىدىن ھىندىقۇش تاغلىرىغىچە بولغان رايونلار تەۋرەپ كەتتى. ئا ق ش بۇ رايوننى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاخىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا بىر ئەھۋال بار. بولۇپمۇ نۇپۇس ھەرىكىتى ئاساسىدا بۇ مەسىلىنى كېيىنكى بابتا مۇنازىرە قىلىمىز. مۇسۇلمانلار ئالىمىدە ناھايىتى ئېغىر ئىچكى ھوزۇرسىزلىق بار ئىدى. ئسلام ئەنئەنىچىلىرى ئەنئەنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرگە قارشى تۇرىۋاتاتتى. بولۇپمۇ، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائي ئورنى مەسىلىسى بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەردىن بىرسى ئىدى. مۇتەئەسسىپلەر بىلەن يېڭىلىقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش رايون خەلقىنىڭ بىرلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. ئا ق ش يېڭىلىقچى ھەرىكەتنىڭ ئارقا تېرىكى دەپ قارالدى. بۇ، ۋەزىيەتنىڭ ئوچۇق ۋە يۈزەكى بىلىنىشى بولۇپ، كۆرگىنىمىزدەك يۈزەكى قاراشتا بىلگىلى بولمايدىغان، ئاستىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ چوڭ ئىش بار. ئائىلە قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، يېڭىلىققا قارشى تىركىشىش ۋە 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

كەڭ دائىرىلىك جۇغراپىيۋى سىياسەت نوقتىسىدىن قارىغاندا، 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر بولغان ئا ق ش – جىھادچىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش باشلانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بوش قالغان دەۋر بىلەن تۈگىدى. ئەگەر زەپەر قازىنىش خەلىپىلىكنىڭ، بىر ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ قايتا قۇرۇلىشى بولىدىغان بولسا، جىھادچىلار مەغلۇپ بولدى. ئىسلام دۇنياسىدىكى پارچىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن غايەت زور كۈچ كېتىدۇ. ئا ق ش ئاسان مەغلۇپ بولىدىغان بىر دۆلەت ئەمەس. قالايمىقانچىلىق ھەرگىزمۇ بىر رادىكال ئسلام زەپىرى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ.

بۇ دەۋر ھەقىقەتەن تىنچسىز. ئىسلام دۇنياسىدىكى مىللىي ۋە دىنىي بۆلۈنىشلەر سەۋەبىدىن، ئا ق ش بۇ رايوندىن قوغلاپ چىقىرىلىشى، بۇ رايوندا ھېچقانداق سىياسىي تايانچى بولمىغان بىر قۇرۇلمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىسلام دۇنياسى مىڭ يىلدىن بېرى پارچىلانغان، مۇقىمىسىز بولۇپ، قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە بىرلىشىشى بەك قېيىن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ رايوندا ئامېرىكا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىمۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ يەرشارى خاركتېرلىق كۈچ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خۇددى ۋېتنام ئۇرۇشىدىكىدەك ئۆتكۈنچى بىر ۋەقە بولىدۇ، خالاس.

ھازىر ئا ق ش –  جىھادچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش شىددەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە ۋە مەسلىنىڭ ئاستىدا ياتقان نىگىزلىك مەسىلە نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا. تەسىرى بار كىشىلەر دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ توقۇنۇشنىڭ بىر ئەسىر بويىچە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن سۆز قىلىشماقتا، لېكىن بۇ كىتابنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان يىگىرمە يىللىق نوقتىدىن قارىغاندا، ئا ق ش – جىھادچىلار توقۇنىشى 2020 – يىلىغىچە ئاخىرلىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بەرگەنلەر كېلەچەك ئۈچۈن چوڭ بىر تېما ئەمەس، ئەسلىدە. ئەگەر بىز ئا ق ش كۈچىنىڭ يۇقىرىغا قاراپ ماڭىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، بۇ ئەھۋالدا 2020 – يىلى ئا ق ش نى تېخىمۇ قېيىن كۆرەشلەر كۈتمەكتە.